مەنبە:تەڭرىتاغ ئويغۇر تورى 2010-يىلى9-ئاۋغۇست
كۆپ ساندىكى جۇڭگولۇق ‹‹شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى›› بىزدىن ناھايىتى يىراق جايدىكى ھەربىي تەشكىلات، دەپ قاراۋاتقاندا، بۇ تەشكىلات ئۇرۇش تەييارلىقى سۈپىتىدە ياساۋاتقان تاشيول ئېلىمىز چېگرىسىغا ئۈن – تىنسىز يېقىنلاشماقتا! مۇخبىر يېقىندا ئافغانىستاننىڭ بەدەخشان ئۆلكىسىدە زىيارەتتە بولۇش داۋامىدا بۇ ئەھۋالنى بايقاپ ھەيران قالدى. بەدەخشان ئافغانىستاننىڭ ئېلىمىز بىلەن چېگرىلىنىدىغان بىردىنبىر ئۆلكىسى، دۇنياغا مەشھۇر ۋاخان كارىدورى دەل مۇشۇ جايدا. ش ئا ئە ت بۇ تاشيولنى ياساپ نېمە ئىش قىلىدۇ؟ ش ئا ئە ت بۇلتۇر ‹‹جۇڭگو يولى››نى ئېچىپ، يېقىن ئارىلىقتىن ئارقا سەپ تەمىناتىغا ئېرىشىش ئارزۇسىنى بىلدۈرگەندە، ئېلىمىز رەت قىلغانىدى. ئافغانىستان ھۆكۈمىتىمۇ ئېلىمىز ھۆكۈمىتىدىن ۋاخان كارىدورىنى ئېچىشنى كۆپ قېتىم ئۈمىد قىلغان بولسىمۇ، ئەزەلدىن ئېنىق جاۋابقا ئېرىشمىگەنىدى. شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئالىمى پەن جىپىڭ 22 – ئىيۇل مۇخبىرغا: ئامېرىكىلىقلار ئىزچىل ۋاخان كارىدورىدا قاتناش لىنىيەسى ئېچىشقا تىرىشىۋاتىدۇ، ئېلىمىز بۇنىڭدىن ئىنتايىن ئېھتىيات قىلىشى، ئافغانىستاننىڭ توزىقىغا چۈشۈپ ‹‹بۆرىنى قوتانغا باشلاپ كىرىش››تىن ساقلىنىشى كېرەك، دېدى.
جۇڭگو چېگرىسىغا يېقىن جايدىكى تاشيول
بۇ يىل 6 – ئايدا مۇخبىر كابۇلدىن ئاپتوموبىل بىلەن باغران ئۆلكىسى قاتارلىق جايلاردىن ئۆتۈپ، بەدەخشان ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى فىزابادقا كېتىۋاتقاندا، ياسىلىۋاتقان يۇقىرى دەرىجىلىك بىر تاشيول ئۇنىڭدا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى، بۇ تاشيولنىڭ باغران ئۆلكىسىدىن بەدەخشان ئۆلكىسىنىڭ كاسار رايونىغىچە بولغان بۆلىكى پۈتۈنلەي ياسىلىپ بولغانىدى، بۇ يول ئافغانىستاننىڭ شىمالىي ئۆلكىسىنىڭ ئارقىدا قالغان ئىقتىسادىي ئەھۋالى بىلەن روشەن پەرقلىنەتتى. كاسار رايونىدىن فىزابادقىچە زامانىۋى زاۋۇت ياكى باشقا كارخانىلار يوق دېيەرلىك بولۇپ، كۆۋرۈكلىرىدىن باشقا جايلىرى ياسىلىپ بولغان بۇ يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيول ئافغانىستاننىڭ شەرقىي شىمال رايونىدىكى كۆزگە ئەڭ چېلىقىدىغان زامانىۋى قۇرۇلۇش بولۇپ قالغانىدى. بۇ تاشيولنىڭ ئاسفالىت قەۋىتىنىڭ قېلىنلىقى 250 مىللىمېتىر بولۇپ، يول ياقىسىغا پۈتۈنلەي چاسا شەكىللىك چوڭ سېمونت خىش ئىشلىتىلگەن، تاغ تەرەپتىكى ئېھتىيات قىرى تاشتاختا بىلەن پۇختىلانغانىدى.
بەدەخشان ئۆلكىلىك ساقچى نازارىتىنىڭ نازىرى ئاقنۇر جىندوز: بۇ تاشيولدىكى كۆۋرۈكلەرنىڭ كۆتۈرۈش ئىقتىدارى 60 توننىدىن ئاشىدۇ، ئېغىر تىپتىكى تانكا ۋە يۈك ئاپتوموبىللىرى بىمالال ئۆتەلەيدۇ››، – دېدى.
شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان بۇ يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيولنىڭ بەدەخشان ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى فىزابادتا ئاياغلاشماستىن، ۋاخاننىڭ پانجا بازىرىغا تۇتىشىدىغانلىقىدىن مۇخبىر بەكلا ھەيران قالدى. چۈنكى، پانجا بازىرى ۋاخان كارىدورىغا كىرىشتىكى ئەڭ ئاخىرقى چوڭ بازار بولۇپ، ئېلىمىزگە تەخمىنەن 200 كىلومېتىر كېلەتتى.
بەدەخشان ئۆلكىسىدە تۇرۇشلۇق قىسىمنىڭ قوماندانى: ئامېرىكا خەلقئارا تەرەققىيات مەھكىمىسى مەبلەغ چىقارغان، ئامېرىكا LPG شىركىتى ھۆددىگە ئالغان بۇ يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيولنى ھىندىستان ئىشچىلىرى ياساۋاتىدۇ، كورىيەلىك تېخنىكلار يېتەكچىلىك قىلىۋاتىدۇ، دېدى. بۇ يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيولنىڭ نېمە سەۋەبتىن ياسالغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالغا بەدەخشان ئۆلكىسىنىڭ ۋە ئامېرىكا تەرەققىيات مەھكىمىسىنىڭ ئەمەلدارلىرى بىردەك ‹‹خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش›› ئۈچۈن، دەپ جاۋاب بەردى.
ۋەھالەنكى، بۇ تاشيولدا مۇخبىر ئولتۇرغان ئاپتوموبىل ۋە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ ماڭغان ئۈچ ساقچى ئاپتوموبىلىدىن باشقا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى يوق، دېيەرلىك ئىدى، ئېشەككە مېنىپ كېتىۋاتقان ئافغانىستانلىق يەرلىك پۇقرالار ئاندا – ساندا ئۇچراپ قالاتتى. بەدەخشان ئۆلكىسىدە زاۋۇت بولمىغاچقا، بۇ يولنىڭ ‹‹زاپاس يول›› ئىكەنلىكى ئېنىق ئىدى. جىندوز بۇ يولنى بەدەخشان ئۆلكىسىدە تۇرۇۋاتقان 1000دىن ئارتۇق گېرمانىيەلىك ئەسكەر ۋە 40تىن ئارتۇق قازاقىستانلىق ئەسكەرنىڭ ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ش ئا ئە ت ‹‹جۇڭگو يولى›› ئاچماقچىمۇ؟
ئۇرۇش تەييارلىقى تاشيولى ئاساسلىقى قىسىملار ھەربىي ئەشيالارنى يۆتكەشتە ئىشلىتىدىغان تاشيولنى كۆرسىتىدۇ. ھازىر دۆلەتلەر مەخسۇس ئۇرۇش تەييارلىقى تاشيولىنى ئانچە ياساپ كەتمەيدۇ، بەلكى، ئۇرۇش ۋاقتىدا ئارمىيە ۋە خەلق تەڭ ئىشلىتىدىغان تاشيولنى ئىشلىتىدۇ. لېكىن، ئىقتىسادى ئارقىدا قالغان ئافغانىستان ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇنداق تاشيول ھازىر ھەربىي ئىشلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئافغانىستان ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتى، ھازىر ش ئا ئە ت ئافغانىستانغا ئارقا سەپ تەمىناتى ۋە قورال يەتكۈزۈپ بېرىشتە ئاساسلىقى پاكىستان يولىغا تايىنىدۇ، ش ئا ئە ت نىڭ %80تىن كۆپ ھەربىي ئەشياسى پاكىستاننىڭ پىشاۋۇر شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى كىبېرتاغ ئېغىزى ئارقىلىق ئافغانىستانغا توشۇلىدۇ. بۇ يولدا تالىبانلارنىڭ ھۇجۇمىغا كۆپ ئۇچرايدىغان بولغاچقا، ش ئا ئە ت باشقا يول ئېچىشقا ئۇرۇنغان.
ش ئا ئە ت بۇ يىل 1 – ئايدا قازاقىستان بىلەن ھەربىي ئىشلار كېلىشىمى ئىمزالاپ، ش ئا ئە ت قىسىملىرىنىڭ ئافغانىستانغا كىرىشى ئۈچۈن، ياۋروپانى تۇتاشتۇرىدىغان، رۇسىيە ۋە نۇرغۇن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلىتىدىن ئۆتۈپ ئافغانىستانغا بارىدىغان ‹‹شىمال تەمىنات لىنىيەسى›› نى ئاچتۇق، دەپ جاكارلىدى. رۇسىيە ‹‹مۇستەقىللىق›› گېزىتىنىڭ 19 – مارتتىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكا ئارمىيەسى تىرانسىپورت قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى ماك ناب: ئامېرىكا شىمال تەمىنات لىنىيەسىنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇپ، رۇسىيەنىڭ يىراق شەرق رايونى ۋە سىبېرىيە رايونىنى بۇ لىنىيەگە كىرگۈزۈشكە تەييارلاندى. شىمال تەمىنات لىنىيەسى پاكىستاننىڭ قاتناش – تىرانسىپورت لىنىيەسىنىڭ ئورنىغا دەسسەتكىلى بولىدىغان ھەل قىلغۇچ ئىستراتېگىيەلىك لىنىيە، دېدى.
ش ئا ئە ت نىڭ ‹‹جۇڭگو يولى›› ئاچماقچى بولغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە تارقالغان. بەزى شياڭگاڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە: ۋاشىنگتون ئافغانىستاندا تۇرۇۋاتقان قىسىملىرىغا تەمىنات يەتكۈزۈپ بېرىشكە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، بېيجىڭ بىلەن جۇڭگو – ئافغانىستان چېگرىسىنى ئېچىۋېتىش توغرىسىدا كېڭەشتى، لېكىن، جۇڭگو ئېنىق جاۋاب بەرمىدى، دېيىلدى.
پاكىستاندا تۇرۇشلۇق تەكلىپلىك مۇخبىر جۇ رۇڭ مۇنداق قارىدى: ئېلىمىز ۋاخان يولىغا ئېنىق پوزېتسىيە بىلدۈرمىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە، بەدەخشاش ئۆلكىسى تاجىكىستان بىلەنمۇ چېگرىلىنىدۇ، شۇڭا، ش ئا ئە ت بۇ تاشيولنى ياساشتا تاجىكىستاندىن بەدەخشان ئۆلكىسىگە بېرىش ئارقىلىق، ئافغانىستاننىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى ئامېرىكا ئارمىيەسىگە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى يەتكۈزۈشنى ئويلاشقان بولۇشىمۇ مۇمكىن.
جۇڭگومۇ ۋاخانغا تۇتىشىدىغان تاشيول ياساۋاتىدۇ
ئېلىمىزمۇ ۋاخانغا تۇتىشىدىغان تاشيول ياساۋاتىدۇ. مۇخبىر 15 – ئىيۇل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى ۋاخان كارىدورىغا يەنە بىر قېتىم باردى. ئامېرىكىلىقلار ياساۋاتقان ۋاخان كارىدورىغا تۇتىشىدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيولغا سېلىشتۇرغاندا، جۇڭگو – پاكىستان تاشيولىدىن ۋاخان كارىدورىغا تۇتىشىدىغان تاشيول بەكلا ئاددىي ئىدى، پەيىك چېگرا مۇداپىئە ساقچىخانىسىغا تۇتىشىدىغان يولغا شېغىل قۇيۇلغانىدى، بۇ يولدىن بىر يۈك ئاپتوموبىلىلا ماڭالايتتى. لېكىن، ھازىر بۇ يول كېڭەيتىپ ياسىلىۋاتقاچقا، چوڭ يۈك ئاپتوموبىلى ۋە چىڭداش ماشىنىلىرى ئۇياقتىن – بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇراتتى. يەرلىك چارۋىچىلاردىن ئاڭلىشىمچە، ياسىلىۋاتقان بۇ يول دۆلەت مۇداپىئەسى ئۇرۇش تەييارلىقى تاشيولى ئىكەن.
بەزى ھەربىي مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق قارىدى: ۋاخان كارىدورىغا يېقىن جايدا تاشيول ياساش ئافغانىستان ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ۋە ش ئا ئە ت قىسىملىرىنىڭ مۇشۇ جايغىچە ئورۇنلىشىشىغا پايدىلىق بولۇپ، ش ئا ئە ت نىڭ ئېغىرتىپتىكى تانكىلىرىنىڭ جۇڭگو – ئافغانىستان چېگرىسىغا يېقىن جايغا كېلەلەيدىغانلىقىدىن، ئوبيېكتىپ جەھەتتە جۇڭگونىڭ چېگرا رايون ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
مەنبەسى ؛مەنبە:تەڭرىتاغ ئويغۇر تورى 2010-يىلى9-ئاۋغۇست