ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
مەلۇم بىر يېزىدا بىر قىز بولغانكەن .ئۇ قىز بەكمۇ چىرايلىق ھەم ئەخلاقلىق دىندار قىز ئىكەن. ئۇ قىزنى شۇ يېزىدىكى بىر يىگىت ياخشى كۈرۈپ قاپتۇ.
ئۇلار توي قىلىپتۇ. ئۇ يىگىت قىزنى بەكلا ياخشى كۇرىدىغان بولغاچقىمۇ ئىشقىلىپ بەكلا كۇنلەيدىكەن. ھەتتا سىرتلارغىمۇ ھەرگىز يالغۇز چىقامايدىكەن. قىز بۇنىڭغا خۇشال ئىكەن. چۇنكى ئۇ قىز كۇنلەمچىلىكى يوق ئەر نىڭ ئىمانى ئۇرۇق دەپ ئاڭلىغانىكەن.
ئۇلار شۇنچىلىك بەختلىك ئۇتۇپتۇ. كۇنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ يىگىتنى ھاشارغا ئەچىقىپ كىتىپتۇ. ئۇ ھاشارغا بېرىپ 3.كۇنىسى كىچىسى مۇنداق چۇش كۇرۇپتۇ. ئۈيىگە بىر سېرىق چاشقان كىرىپ تېمىنى تىشىپ ئۇيىگە كىگۇدەكمىش. ئاندىن ئۇيىدكى ئاشلىق بار تاغارنى تىشىۋېتپ كىتىپتىمىش.... ئۇ بۇ چۇشىدىن ئويغۇنۇپلا بۇ چۇشىنى دوسلىرىغا دەپتۇ. دوسلىرى بۇ چۇشكە تەبىر بىرىپ <ئۈيۈڭگە يات ئەر كىرىپتۇ سەن سېكىتاردىن رۇخسەت ئېلىپ تىزدىن ئۇيۇڭگە قايتقىن > دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يىگىت سېكىتاردىن رۇخسەت ئېلىپ بىر تىراكتۇرغا ئېسىلىپ كىتىپتۇ. ئۇ مەھەللىسىگە كىچىسى كىرىپتۇ. ۋە ئۇيىگە كەپتۇ ئىشك ئىچىدىن تاقاقلىق ئىكەن ئۇ ئۆيدە نىمىش بولغىنىنى بىلىش ئۇچۇن تامدىن سەكرەپ كىرىپتۇ. ۋە ئايالى ياتقان ئۆيگە كىرىپتۇ. ۋە بىر خورەك ئاۋازىنى ئاڭلاپتۇ. قارىغۇدەك بولسا بىر ئەركىشى ئايالى ياتقان ئۆينىڭ بىر بۇرجىكىدە يېتىۋاتقان ئىكەن. شۇئانلا ئۇ يىگىتنىڭ قاتتىق ئاچچىقى كىلىپ ھويلىسىدىكى بىر پالتا بىلەن ياتقان ئادەمنىڭ بېشىغا،مىڭىسىگە ، قۇرسىقىغا ئۇرۇپتۇ . ئايالىنىڭ سۆزلىرىگىمۇ قۇلاق سالماپتۇ. ئۇ ئادەم ئۇلۇپتۇ. چىراقنى ياندۇرۇپ قارىغۇدەك بولسا ئۇ ئادەم ئايالىنىڭ بىر تۇققان قېرىندىشى ئىكەن. ئۇ يىگىت بۇنى كۇرۇپ قېتىپلا قەپتۇ. ....
مۇشۇنداق قىلىپ ئۇ يىگىتنىڭ بەخىتلىك ئائىلىسى بۇزۇلۇپتۇ . ئۇ يىگىت ئاخىرقى ئۆمرىنى تۇرمىدە ئۆتكۇزۇپتۇ.
مانا بۇ زىيادە كۇنلەمچىلىكتىن كەپ چىققان پاجىئە.