سۆيۈپ ئوينار لەۋلىرىڭنى مەڭزىڭنى ،
سىلاپ ئوينار چاچلىرىڭنى بوينۇڭنى .
ئەركە شامال ھەتتا تىخى ئەيمەنمەي ،
قۇچۇپ ئوينار سىنىڭ پىنھان قوينۇڭنى.
ئاناڭمۇ-يا،سىڭلىڭمۇ ئۇ؟ ئەي زىبا ،
ياكى ساڭا سىر ساقلىماس دىلرەبا .
يىتىپ كەلسە سەلكىن شامال سەن قوينۇڭنى ئاچىسىنا ئەجىبا
ئادەم،ھاۋا ئەۋلادىدىن تۇرۇقلۇق ،
شامالچىلىك يۈزۈم يوقمۇ ئالدىڭدا؟
ئوغرى شامال دائىم مىھمان بولۇركەن،
ماڭا چۇشلۇق ئورۇن يوقمۇ قوينۇڭدا؟؟
بۇ شئېر ئاتاقلىق شائېرىمىز تاھىر تالىپ ئەپەندىنىڭ شئېرى .
[ بۇ يازمىنىsirik 2011-06-06 22:24قايتا تەھرىرلىدى ]