1پوپ بىلەن مۇسۇلماننىڭ دىئالۇگى
سەئۇدى ئەرەبىستانلىق بىر بالا ئامېرىكىدا ئوقۇيدىكەن، ئامېرىكىدا بىر تەرەپتىن ئوقۇشىنى ئوقۇغاچ، يەنە بىر تەرەپتىن ئىنسانلارنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىدىكەن. بۇ بالا بىر كۈنى بىر خرىستىئان بالا بىلەن تونۇشۇپ قاپتۇ، كۈن ئۆتكەنسېرى ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئالاقىسىمۇ خېلى قويۇقلىشىپ قاپتۇ. مۇسۇلمان بالا ئولتۇرسا- قوپسا خرىستىئان تونۇشىنىڭ مۇسۇلمان بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىكەن ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننى قىلىدىكەن.
بىر كۈنى بۇ ئككى بالا مەھەللە ئايلىنىۋېتىپ بىر چېركاۋنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ قاپتۇ. بۇ ئەسنادا خرىستىئان بالا مۇسۇلمان ئاغىنىسىدىن ئۆزى بىلەن بىللە چېركاۋغا كىرىشنى ئۆتۈنۈپتۇ، مۇسۇلمان بالا باشتا ئۇنىماپتۇ، لېكىن ئاخىرى خرىستىئان ئاغىنىسىنىڭ قاتتىق تەلىۋىگە ئامالسىز ماقۇل بوپتۇ.
نەتىجىدە بۇ ئىككى بالا بىرلىكتە چېركاۋغا كىرىپ ئۈستەللەرنىڭ بىرىدە ئولتۇرۇپتۇ، بىرئاز جىمجىتلىقتىن كېيىن پوپ كىرىپ چېركاۋدىكىلەرگە بىر قاراپ چىقىپ: «ئارىمىزدا بىر مۇسۇلمان كۆرۈنىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ چىقىپ كېتىشى لازىم» دەپتۇ. ھېلىقى مۇسۇلمان بالا مىدىرلىماي ئولتۇرۇۋىرىپتۇ. پوپ سۆزىنى بىرقانچە قېتىم تەكرارلاپتۇ، مۇسۇلمان بالا ئاۋۋالقىدەكلا ئولتۇرۇۋىرىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن پوپ: «ئۇنىڭ چىقىپ كېتىشى لازىم، ئۇنىڭ بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئېلىنىدۇ، ئۇنىڭغا ھېچكىم چېقىلمىسۇن» دەپتۇ.
مۇسۇلمان بالا بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئورنىدىن تۇرۇپ چىقىپ كېتىشكە مېڭىپتۇ، لېكىن ئىشىك ئالدىغا بېرىپ توختاپ تۇرۇپ پوپتىن: «مېنى قانداق تونۇدۇڭ؟» دەپ سوراپتۇ. پوپ: «مۇسۇلمانلارنىڭ يۈزلىرىدە نىشانى بار» دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ مۇسۇلمان بالا ئىشىك تەرەپكە بۇرۇلۇپ چىقىپ كەتمەكچى بولۇپتۇ. بۇ ئارىدا پوپ بۇ مۇسۇلمان بالىدىن بىر قانچە سوئال سوراپ يىڭىۋېتەي دېگەن مەقسەتتە ئۇنىڭغا: «توختا! مەن سەندىن سوئال سورايمەن» دەپتۇ. مۇسۇلمان بالا بۇنىڭغا ماقۇل بوپتۇ. :
پوپ: «ئۇنداق بولسا مېنىڭ سەندىن سورايدىغان يىگىرمە ئالتە سۇئاللىم بار، سېنىڭ ھەممە سوئاللىمغا جاۋاب بېرىشىڭ لازىم» دەپتۇ. بىزنىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشىمىز كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ: «خالىغىنىڭىزنى سوراڭ» دەپتۇ. شۇنداق قىلىپ پوپ بىلەن مۇسۇلمان بالىنىڭ ئارىسىدا تۆۋەندىكى سۇئال-جاۋاپلار باشلىنىپتۇ |
1-سۇئال: ئىككىنچىسى يوق بىر؟
جاۋاپ : – ئاللاھ !
2-سۇئال: ئۈچىنچىسى يوق ئىككى؟
جاۋاپ: – كېچە بىلەن كۈندۈز.
3-سۇئال: تۆتىنچىسى يوق ئۈچ؟
جاۋاپ: – مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ خىزىر ئەلەيھىسسالامغا ئېيتقان ئۆزرىلىرى.
4-سۇئال: بەشىنچىسى يوق تۆت؟
جاۋاپ: – تەۋرات، ئىنجىل، زەبۇر ۋە قۇرئان كەرىم.
5-سۇئال: ئالتىنچىسى يوق بەش؟
جاۋاپ: – بەش بەش ۋاخ ناماز.
6-سۇئال: يەتتىنچىسى يوق ئالتە؟
جاۋاپ: – ئاللاھ كائىناتنى ياراتقان ئالتە كۈن.
7 -سۇئال: سەككىزىنچىسى يوق يەتتە؟
جاۋاپ: – يەتتە قات ئاسمان.
8-سۇئال: توققىزىنچىسى يوق سەككىز؟
جاۋاپ: – ئەرشىنى كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان سەككىز پەرىشتە.
9-سۇئال: ئونىنچىسى يوق توققۇز؟
جاۋاپ: – مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ توققۇز مۆجىزىسى.
10-سۇئال: كۆپەيتىشنى قوبۇل قىلىدىغان ئون؟
جاۋاپ: – ياخشى ئەمەلدۇر. ئاللاھ تەئالاھ ئۇنى كۆپەيتىدۇ.
11-سۇئال: ئون ئىككىنچىسى يوق ئونبىر؟
جاۋاپ: – يۇسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر تۇغقانلىرى.
12-سۇئال: ئون ئۈچىنچىسى يوق ئون ئىككى؟
جاۋاپ: – مۇسا ئەلەيھىسسالام ھاسىسى بىلەن تاشقا ئۇرغاندا تاشتىن ئېتىلىپ چىققان ئون ئىككى بۇلاق.
13-سۇئال: ئون تۆتىنچىسى يوق ئون ئۈچ؟
جاۋاپ: – يۇسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ 11 بىر تۇغقىنى ۋە ئاتا- ئانىسى.
14-سۇئال: نەپەس ئالىدۇ جېنى يوق؟
جاۋاپ: – تاڭنىڭ يورۇشى.
15- سۇئال: ئىگىسى بىلەن ماڭغان قەبىر؟
جاۋاپ: – يۇنۈس ئەلەيھىسسالامنى يۇتۈپ كەتكەن بېلىق.
16- سۇئال: يالغان ئېيتقان ۋە جەننەتكە كىرگەن كىشىلەر؟
جاۋاپ: – يۇسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر تۇغقانلىرىدۇر. بۇلار دادىسى ياقۇب ئەلەيھىسسالامغا يالغان ئېيتقان، كېيىن ياقۇب ئەلەيھىسسالام بۇلارغا مەغپىرەت تەلەپ قىلغان.
17- سۇئال: ئاللاھ ئۆزى ياراتقان ۋە ئۆزى ياخشى كۆرمىگەن نەرسە؟
جاۋاپ: – ئېشەكنىڭ ئاۋازى.
18- سۇئال: ئاللاھ ئاتا- ئانىسىز ياراتقان شەيئىلەر؟
جاۋاپ: – ئادەم ئەلەيھىسسالام، پەرىشتىلەر ۋە سالىھ ئەلەيھىسسالامنىڭ تۆگىسى.
19- سۇئال: ئوتتىن يارىىتلغان كىشى؟
جاۋاپ: – ئىبلىس
20- سۇئال: ئوت بىلەن ھالاك قىلىنغان كىشى؟ .
جاۋاپ: – ئەبۇ جەھىل ۋە ئۇنىڭ تەرەپتارلىرى.
21- سۇئال: ئوتتىن ساقلانغان كىشى؟
جاۋاپ: – ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام.
22- سۇئال: تاشتىن يارىتىلغان نەرسە؟ :
جاۋاپ: – سالىھ ئەلەيھىسسالامنىڭ تۆگىسى. ,
23- سۇئال: تاش بىلەن ھالاك بولغانلار؟
جاۋاپ: – ئەسھابۇلفىيل.
24- سۇئال: تاش بىلەن ساقلانغانلار؟
جاۋاپ: – ئەسھابۇلكەھىف.
25- سۇئال: ئاللاھ ئۆزى يارىتىپ ئۆزى چوڭ سانىغان نەرسە؟
جاۋاپ: – ئاياللارنىڭ ھىيلىسى.
26- سۇئال: بىر دەرەخ بار، ئۇ دەرەخنىڭ 12 پۇتىقى بار، ھەر پۇتاقتا 30 دىن شاخ بار، ھەر شاختا 5 دىن مېۋە بار، مېۋىنىڭ ئۈچى سايىدا، ئىككىسى ئاپتاپتا. بۇ نېمە؟
جاۋاپ:- دەرەخ بىر يىلدۇر، ئون ئىككى پۇتىقى ئون ئىككى ئايدۇر، ھەر پۇتاقتا 30 دىن شاخ دېمەك ھەر ئايدا ئوتتۇز كۈن بار دېمەكتۇر، ھەر شاختا بەشتىن مېۋە بار، ئۈچى سايىدا ئىككىسى ئاپتاپتا دېگەن گەپ بىر كۈندە بەش ۋاخ ناماز بار، ئۈچى قاراڭغۇلۇقتا ئوقۇلىدۇ، ئىككىسى يورۇقلۇقتا ئوقۇلىدۇ، دېگەن بولدۇ. '
مۇسۇلمان بالا سوئاللارغا ھېچ دۇدۇقلاپ قالماستىن جاۋاب بەرگەندىن كېيىن پوپ ۋە چېركاۋدىكى پۈتۈن خرىستىئانلار بۇ بالىنىڭ ھۇشيارلىقىغا ھەيران قاپتۇ. بۇ بالا چىقىپ كېتەي دەپ تەمشىلىۋېتىپ پوپتىن بىر سوئال سوراشنى تەلەپ قىپتۇ، پوپ ماقۇل بوپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ياش مۇسۇلمان پوپتىن: «جەننەتنىڭ ئاچقۇچى نېمە» دەپ سوراپتۇ. پوپ بۇ سوئالنى ئاڭلاپ گاڭگىراپ قاپتۇ، تىل چاينىغىلى باشلاپتۇ، رەڭگى ئۆزگىرېپتۇ ۋە قورقۇنچىسىنى يوشۇرالماپتۇ.
چېركاۋدىكىلەر پوپتىن بالىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىپتۇ ۋە: «سەن بۇنىڭدىن يىگىرمە ئالتە سوئال سورۇدۇڭ،ئۇ ھەممە سوئالىڭغا جاۋاب بەردى، ئەمدى ئۇ سەندىن بىر سوئال سورىسا جاۋاب بېرەلمەمسەن؟» دەپتۇ. پوپ: «جاۋاب بېرەلەيمەن، لېكىن سىلەردىن قورقىمەن» دەپتۇ. ئۇلار: «سېنى ھېچنېمە قىلمايمىز، بۇ سوئالىنىڭ جاۋابى نېمە بولسا قورقماي دېگىن» دەپتۇ. پوپ ئۇلاردىن ئامانلىق ۋەدىسى ئالغاندىن كېيىن سوئالغا مۇنداق دەپ جاۋاب بېرىپتۇ: – جەننەتنىڭ ئاچقۇچى «ئەشھەدۇ ئەنلا ئىلاھە ئىللەللاھ، ۋە ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەن رەسۇلۇللاھدۇر» دەپتۇ ۋە مۇسۇلمان بوپتۇ. بۇنىڭغا ئەگىشىپ چېركاۋدىكىلەرنىڭ ھەممىسى مۇسۇلمان بوپتۇ.
نېمە دېگەن ياخشى سۇئال جاۋاپلار -ھە!
مەنبە : ئەليۇرت تورى
2ئۈچ سۆزلۈك ھېكمەتلەر
ئۈچ خىل نـەرسىنى قوغداش لازىم : ۋەتەن، شان-شەرەپ ۋە ئائىلە.
ئۈچ خىل نەرسىنى تىزگىنلەش لازىم : ھېسيات، تىل ۋە ھەرىكەت.
ئۈچ خىـل نـەرسىنـى ئـويـلاش لازىم : ھايات، ئۆلۈم ۋە ئادىمىيلىك.
ئۈچ خىـل نەرسىـنى تاشلىۋېتىش لازىم : جىنايەت، نادانلىق ۋە خائىنلىق.
ئۈچ خىـل ئىشتىـن سـاقـلىـنش لازىم : ھورۇنلۇق، ياۋايىلىق ۋە مەسخىرە قىلىش.
ئۈچ خىـل نـەرسىگـە ئىنتىلىش لازىم : پاكلىق، تىنچلىق ۋە خۇشاللىق.
ئۈچ خىل نەرسىنى ھۆرمەت قىلىش لازىم : سۇباتلىق، ئىززەت-ھۆرمەت ۋە مېھرىبانلىق.
ئۈچ خىل ئادەتنى يېتىلدۈرۈش لازىم : ئىدراك، ئەدەپ ۋە تىرىشچانلىق.
ئۈچ خىل ئادەمنى ھۆرمەتلەش لازىم : ئۇستاز، ئاتا-ئانا ۋە جۆرىسى.
3قوي گۆشى نىمىشقا تىز ئۇسۇپ كەتتى
<>بۇنىڭدىكى سەۋەپ:
<>1.ئىچكى ئۆلكىلەردىكى گۆش يېمەكلىكلىرى كارخانلىرىنىڭ شىنجاڭدىن قوي گۆشىنى كۆپلەپ يۆتكىشى تەسىرىدە شىنجاڭنىڭ قوي گۆشى باھاسى تېز ئۆسۈپ كەتتى. ھازىرغىچە شىنجاڭدىن ئىچكى ئۆلكىلەرگە يۈتكەلگەن قوي گۆشى 20 مىڭ توننىدىن ئىشىپ كەتكەن. بۇ بۇلتۇر بىر يىلدا چىقارغان قوي گۆشى مىقدارىدىن _%50 كۆپ بولغان.
<>2.دۆلەت ئىچى ۋە سىرتى بازىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچۇرغان. بۇلتۇرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ خەلىقئارا ۋە دۆلەت ئىچى بازىرىدا قوي گۆشىنىڭ باھاسى ئىزچىل ئۆسكەن، خەلىقئارا بازارنى قوي گۆشى بىلەن تەمىنلەيدىغان چوڭ دۆلەت--يېڭى زىنلاندىيىدە ھەر بىر توننا قوۋۇرغىلىق گۆشنىڭ باھاسى بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن 8000 يۈەن ئەتىراپىدا ئۆسكەن. ئېلىمىز بازارلىرىدىمۇ ھەر بىر توننا قوۋۇرغىلىق گۆشنىڭ باھاسى بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلنىڭكىدىن 3000-4000 يۈەن ئۆسكەن.
<>3.بۇلتۇردىن باشلاپ ئېلىمىز بازارلىرىنى قوي گۆشى بىلەن تەمىنلەيدىغان ئىچكى مۇڭغۇل ۋە نىڭشادا ئوتلاقلارنىڭ ئېكىلوگىيىلىك مۇھىتنى قوغداش يولىغا قويۇلۇپ، بىر قىسىم ئوتلاقلاردا مال بېقىش چەكلەنگەن. بۇنىڭ تەسىرىدە ئىچكى مۇڭغۇل ۋە نىڭشا تەمىنلەيدىغان قويلار ئازلاپ كېتىپ، بازاردا تەمىنلەش ئېھتىياجنى قاندۇرالماسلىقتەك ۋەزىيەت كۆرۈلگەن، بۇنىڭ بىلەن ئىككى جايدىكى گۆش يېمەكلىكلىرى كارخانلىرى نەزىرىنى شىنجاڭ بازىرىغا يۆتكىگەن.
<>4.شىنجاڭنىڭ قوي گۆشىنىڭ سۈپىتى ياخشى تەملىك ھەم ئەرزان بولغاچقا،ئىچكى ئۆلكىلەردە بازار تاپقان.
سىزنىڭچە قوي گۆشى يەنە ئۆرلەمۇ؟ ياكى ئەسلىدىكى باھاسىغا قايتارمۇ؟ مال باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆرلىشى ھازىرقى ئىستىمال سەۋىيىمىزگە قانداق تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ؟
4مىسىردا قىزلارنىڭ خەتنىسىنى قىلىش ئوموميۈزلۈك بىكار قىلىندى
مىسىر بۈگۈن ئاخىرى ئاياللارنىڭ خەتنىسىنى قىلىشنى ئاخىر بىكار قىلدى. بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى، مۇشۇ ئەنئەنىۋى ئادەت 12 ياشلىق قىزنىڭ جېنىغا زامىن بولغان.
ئاياللارنىڭ خەتنىسىنى قىلىش پىرئەۋن دەۋرىدىن باشلانغان.ھۆكۈمەت دائىرىلىرى 1997- يىلى بۇنداق قىلىشنى بىكار قىلغان بولسىمۇ،دوختۇرلانىڭ " پەۋقۇلئاددە ئەھۋاللاردا " دا ئاياللارنىڭ خەتنىسىنى قىلىشقا رۇخسەت قىلغان.
مىسىر سەھىيە ۋە نوپۇس مىنىستىرلىكىنڭ ئاخبارات ئەمەلدارى مۇنداق دېدى: مىنىستىرىمىز ھاتەم جەبەرى ئاممىۋى تىببى داۋالاش ئورۇنلىرى ياكى شەخسى تىببى داۋالاش ئورۇنلىرىدا بولسۇن، تىببى خادىملارنىڭ ئاياللارنىڭ خەتنىسىنى قىلىشنى مەنئى قىلىشنى قارار قىلدى.
2000- يىلىدىكى تەكشۈرۈشكە قارىغاندا،مىسىردا ئاياللارنىڭ%97 تى خەتنىسىنى قىلدۇرغان.