ئامېرىكىدىكى قوشكېزەك ئاكا-ئۇكا قىرىنداشلار مۇشۇ ئاينىڭ 2-كۈنى يۈرەك ھەرىكىتىنى ئاجىزلاش سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان.ئىككىسىنىڭ ئۆلىمى پەقەت بىر نەچچە سائەتلا پەرىق قىلغان.
جۇلىئەن · لەيست بىلەن ئاندىرىئان ·لەيست 1919-يىلى 3-ئاينىڭ27-كۈنى نېۋيورك شەھىرىدە تۇغۇلغان.كاتولىك دىنىغا ئىتىقات قىلىدىغان بۇ ئىككى ئاكا-ئۇكا ئۆمرىدە 65 يىل راھىب بولغانكەن.

ئۇلار ياغاچچىلىق،باغۋەن،شوپۇر،...قاتارلىق كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللانغان.ئەينى چاغدا ئارمىيەگە بۇ ئاكا-ئۇكىلار تىزىملاتقاندا بىردەك كۆرۈش قۇۋىتى ئاجىز بولۇپ چىقىپ قېلىپ ھەربىي سەپتىن قىلىپ قالغان.
ئاندىرىئان ·لەيست ھىچقاچان جۇلىئەن · لەيستنىڭ سۆزىدىن چىقمايدىكەن.ھەمدە ئۇنى ئۆزىنىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىك يول باشلىغۇچىسى دەپ قاراپ ھۆرمەت قىلىدىكەن.
جۇلىئەن · لەيست چۈشتىن بۇرۇن ۋاپات بولغان. ئاندىرىئان ·لەيست بولسا شۇ كۈنى چۈشتىن كىيىن ۋاپات بولغانكەن...