باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1488 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئاللاھ ئۆچ كۆرىدىغان يېتىش!!!
ئۈمىدسىزلىك شەيتاننىڭ ئىشى،بىغەملىك ھايۋاننىڭ&a ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7385
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 107
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە107دانە
ئۆسۈش: 240 %
مۇنبەر پۇلى: 1275 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-14
ئاخىرقى: 2011-06-29
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-05 18:56

ئاللاھ ئۆچ كۆرىدىغان يېتىش!!!

ھەدىستىكى مۆجىزە(4):ئوڭ ياننى بېسىپ يېتىش
بەرا ئىبنى ئازىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى،قاچانكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ياتىدىغان جايغا كەلسە، ئوڭ تەرىپىنى بېسىپ يېتىپ مۇنداق دەيتتى:"ئى رەببىم ئۆزەمنى ساڭا(سېنىڭ ھۆكمىڭگە) تاپشۇردۇم.يۈزۈمنى (مەقسەتلىرىمنى)ساڭاقاراتتىم،ئىشلىرىمنى ساڭا تاپشۇردۇم،بارلىق ئىشلىرىمدا ساڭا تەۋەككۇل قىلدىم،ئۆزەمنى ساڭا يۈزلەندۈردۈم (ئىشلىرىمدا ساڭا تاياندىم)،سېنىڭ ساۋابىڭنى كۈتىمەن،سېنىڭ ئازابىڭدىن قورقىمەن، سەندىن باشقا ھېچكىم پاناھلىق بېرەلمەيدۇ ۋە نىجادلىق ئاتا قىلالمايدۇ،سېنىڭ چۈشۈرگەن كىتابىڭغا ۋە ئەۋەتكەن پەيغەمبىرىڭگەئىمان كەلتۈردۈم.
بۇخارى رىۋايىتى.
بەرا ئىبنى ئازىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى،رەسۇلىللاھى سەللەللاھۇئەلەيھى ۋەسەللەم ماڭا:" ئەگەر ئۇخلىماقچى بولساڭ،نامازغا ئالغاندەك تاھارەت ئېلىپ، ئوڭ يېنىڭنى بېسىپ مۇنداق دېگىن" دەپ يوقۇرىدا ئۆگەتكەن دۇئانى ئۆگەتتى ۋە "ئۇ دۇئانى شۇ كۈنى قىلىدىغان سۆزلىرىڭنىڭ ئەڭ ئاخىرىداقىل"دېدى.

بىرلىككە كەلگەن ھەدىس.
ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى،رەسۇلىللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كېچىسى11رەكئەت ناماز ئوقۇيتتى،تاڭ سۈزۈلگەندە يەڭگىل ئىكى رەكئەت ناماز ئوقۇپ ئاندىن مۇئەززىن كېلىپ :جامائەت ھازىر بولدى دەپ ئېلان قىلغۇچىلىك ئوڭ يېنىنى بېسىپ ياتاتتى.
بىرلىككە كەلگەن ھەدىس
تەخپەت ئىبنى قەيس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى،بىر كۈنى مەسجىدتە دۈم ياتقان ئىدىم، بىر كىشى پۇتى بىلەن مېنى نۇقۇپ:" بۇ ئاللاھ ئۆچ كۈرىدىغان يېتىشتۇر" دېدى.قارىسام رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىكەن.
ئەھمەد،ئەبۇداۋۇت،ئىبنىماجە رىۋايىتى(سەھىھ)
1.دۈم يېتىپ ئۇخلاش:
دۈم بولۇپ ئۇخلىغاندا پۈتۈن بەدەننىڭئېغىرلىق بېسىمى كۆكرەك قىسمىغا چۈشۈپ ئەركىن نەپەس ئالغىلى بولمايدۇ، بۇنىڭ بىلەنيۈرەك ئىقتىدارىغا تەسىر يېتىدۇ. پۈتۈن بەدەندىكى ھەرقايسى موسكۇللارمۇ ئەركىنبولالمايدۇ، بۇ ياخشى دەم ئېلىشقا تەسىر يەتكۈزىدۇ.
ئاۋىستىرالىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ تەتقىقاتى ۋەتايمىس گېزىتىدە كېيىنرەك ئېلان قىلىنغان ئىزدىنىشلەردىن ئايان بولۇشىچە،دۈم يېتىپ ئۇخلايدىغان بالىلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى نورمال ئۇخلايدىغان بالىلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتىدىن ئۈچ ھەسسە يۇقىرى بولغان.
2.ئوڭدىسىغا يېتىپ ئۇخلاش:
ئادەم ئوڭدىسىغا يېتىپ ئۇخلىغاندا،ئاستىنقى ئىڭەكنىڭ بوشاپ كېتىش سەۋەبلىك،ئېغىز ئارقىلىق نەپەسلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.بۇرۇن ئارقىلىق نەپەسلىنىش ئەڭ توغرا نەپەسلىنىش ئۇسۇلى بولۇپ،بۇرۇن نەيچىسىدىكى يېپىشقاق سۇيۇقلۇق ۋە ئۇششاق تۈكچىلەر سىرتتىن كىرگەن ھاۋانى ئىللىتىش ۋە ھاۋا تەركىبىدىكى چاڭ-توزانلارنى سۈمۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.ئېغىز ئارقىلىق نەپەسلىنىش ئاسانلا تارقىلىشچان زۇكام بىلەن يۇقۇملىنىشنى ۋە چىش يىلتىزىنىڭ سۇسىزلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە نەپەسنىڭراۋان بولماسلىقى تۈپەيلى يۈرەك تارتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. پۈتكۈل بەدەن ۋەئىككى پۇت تۈز سوزۇلغان بولغاچقا، موسكۇللار پۈتۈنلەي ئەركىن بولالماي، ياخشى ئارامئالغىلى بولمايدۇ. ئوڭدىسىغا ئۇخلىغاندا، ئىككى قول ئەگەر كۆكرەك ئۈستىگە قويۇلۇپكۆكرەككە بېسىم چۈشۈرۈلسە، بۇ قارا بېسىشنىڭ سەۋەبى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن
3.سول ياننى بېسىپ ئۇخلاش
سول ياننى بېسىپ ئۇخلاشمۇ ساغلام ئۇخلاش ئۇسۇلى ئەمەس،چۈنكى بۇنداق ئۇخلىغاندا،يۈرەك ئۆپكىنىڭ ئوڭ قانىتىنىڭ ئېغىرلىقىنى كۆتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.بۇ خىل ئەھۋال بولۇپمۇ ياشانغان كىشىلەرگەيۈرەك ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا قۇلاق ياستۇققا تېگىپ تۇرغاچقا، يۈرەكسوقۇشى ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ، بۇ ھەم ئۇخلاشقا تەسىر يەتكۈزىدۇ ھەم كېچىدە جۆيلىشنىكەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
4.ئوڭ يانغا ئۇخلاش
ئوڭ تەرەپنى بېسىپ ئۇخلىغاندا،ئومۇرتقا خۇددى ئوقيادەك ئالدىغا قاراپ ئىگىلىدۇ، پۇت ۋە قول بىر قەدەر ئازادەئورۇنغا قويۇلىدۇ، پۈتۈن بەدەندىكى موسكۇللارمۇ بىر قەدەر ئەركىن بولىدۇ.

يۈرەك كۆكرەك قىسمىنىڭ سولتەرىپىگە، ئاشقازان - ئۈچەي يولى ئېغىزى ئوڭ تەرەپكە، جىگەر قۇۋرۇغا قىسمىنىڭ ئوڭتەرىپىگە جايلاشقان. ئوڭ تەرەپنى بېسىپ يېتىش يۈرەكنىڭ بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدۇ، قانئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرىدۇ. جىگەرنىڭ قان بىلەن تەمىنلىشىنى ئاشۇرىدۇ.
ئەڭ يېڭى بىر تىببى تەتقىقات گۇرۇپپىسى مۇنداق دەپ جاكارلىدى:
تەكشۈرۈشتىن ئايان بولۇشىچە،ئاستا خاراكتېرلىق يۈرەك زەئىپلىشىش كېسىلىگە گىرىپدار بولغان بىمارلارسول ياننى بېسىپ ياتقانغا قارىغاندا ئوڭ ياننى بېسىپ يېتىشنى بەكرەك راھەت ھىس قىلغان.كېيىنكى تەتقىقاتلارنىڭ ئىسپاتلىشىچە،ئوڭ تەرەپنى بېسىپ ياتقان ئاستاخاراكتېرلىق يۈرەك زەئىپلىشىش كېسىلى بىمارلىرى ياكى يۈرەك سانجىقى بىمارلىرىنىڭ سىمپاتىك نىرۋا سېستىمىسىنىڭ ھەركىتى سول تەرەپنى بېسىپ ياتقانغا قارىغاندائاستىراق بولغان.سىمپاتىك نىرۋا ھەركىتى يۈرەك سوقۇش ۋە قان بېسىمنى كونتورول قىلىدۇ.ئوڭ تەرەپنى بېسىپ ياتقاندا يۈرەك سوقۇش ۋە قان بېسىم ئوخشاشلا تۈۋەنلەيدۇ.بۇيۈرەك ئۈچۈن ناھايىتى پايدىلىق.


شۇ سەۋەبلىك دۇختۇرلار ئاستا خاراكتېرلىق يۈرەك زەئىپلىشىش كېسىلى بىمارلىرى ياكى يۈرەك سانجىقى بىمارلىرىنى سول تەرەپنى بېسىپ ياتماسلىققا بۇيرۇيدۇ.
يۆنىلىش ئۆزگەرتىپ يېتىشنىڭ نېمە ئۈچۈن سىمپاتىكنىرۋا سېستىمىسىنىڭ ئاستىلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى تېخىچە ئېنىقلانغىنى يوق.بەزى تەتقىقاتچىلار "ئوڭ ياننى بېسىپ ياتقاندا يۈرەك ئەڭ ئۈستۈن ئورۇنداتورىدۇ.بۇ يۈرەكنىڭ قان توشۇش خىزمىتىگە پايدىلىق" دەپ قارايدۇ.لېكىن بۇنى ئىسپاتلايدىغان ئەمەلى پاكىت تېخىچە مەيدانغا كەلمىدى.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئوڭ تەرەپنى بېسىپ ئۇخلىغاندايېمەكلىكنىڭ ھەزىم بولۇشى، سۆمۈرىلىشى ۋە قان ئايلىنىشنىڭ رۋان بولۇشى، قاندىكىزەھەرلىك ماددىلارنىڭ چىقىرىپ تاشلىنىشى، كېسەللىككە قارشى تۇرۇش جەھەتلەرگەپايدىلىق .
يېقىنقى تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە،ئوڭ ياننى بېسىپ ئۇخلىغاندا تاماقنىڭ ھەزىم بولۇش ۋاقتى تەخمىنەن2.5سائەتتتىن4.5سائەتكىچە بولغان،ئەمما سول ياننى بېسىپ ياتقاندابولسا5سائەتتىن 8 سائەتكىچە بولغان.
خۇلاسە( ئۆزۈمنىڭ شەخسى قارىشى):
مەلۇم بىر دىننى ئالىم بىر قېتىملىق ھېيت خۇتبىسىدە"ئىسلام دېگەن نېمە؟ دېگەن سوئالغا "ئاللاھنىڭ بىرلىك،بارلىقى ۋەمۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە ئىمان كەلتۈرۈش،شۇنداقلائىككى دۇنيالىق(پانىي دۇنيا ۋە ئاخىرەت) بەخت سائادەتنى مەقسەت قىلىش" دەپ جاۋاب بېرىلسە، ئىخچام ۋە مەزمۇنلۇق جاۋاب بولىدۇ" دېگەنىدى.ئەنە شۇ ئالىم ئېيتقاندەك ، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى بۇيرۇغان ئىشلارنى قىلىش ۋە توسقان ئىشلاردىن يېنىش بىزگە ئاخىرەتتىلا ئەمەس،بۇ دۇنيادىمۇ بەخت-سائادەت،ئامانلىق ۋە سالامەتلىك ئېلىپ كېلىدىكەن.شۇڭا دۇنيالىق بەختى ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان،ئەمما نېمىدۇركەملاۋاتقاندەك،سائادەت يولىنى تاپالمايۋاتقاندەك ھىس قىلغان دوستلىرىمنىڭ ئىسلامدىن ئىبارەت بۇ ھەق يولغا مەھكەم يېپىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن! 



مەنبە:Islam Guidance(ئىسلاميېتەكچىسى) تورى
ئېنگىلىسچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ئويلان

ھەدىستىكى مۆجىزە(1):مۈشۈكتىن ئاشقان سۇ:


ھەدىستىكى مۆجىزە(2):زېمىن نەچچە قات؟

ھەدىستىكى مۆجىزە(3):چېۋىننىڭ شىپالىق قانىتى
/read.php?tid-12755.html




[ بۇ يازمىنىئويلان 2011-06-07 19:33قايتا تەھرىرلىدى ]
ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە ئاللاھتىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ.
http://muttakiyn.blogbus.com/
دوستلىشىش
پاراكەندە
قوشقارنىڭ كەينىگە يانغىنى،قورققىنى ئەمەس.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7692
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 51
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە51دانە
ئۆسۈش: 390 %
مۇنبەر پۇلى: 768 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 11 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-02
ئاخىرقى: 2011-12-04

بىلۋىلىشقا  تىگىشلىك  ئەھمىيەتلىك تىما ئىكەن .   ئەجرىڭىزگە  تەشەككۇر......
بۆرىنىڭ خىرىس قىلغىنىدىن،تۈلكىنىڭ ھىجايغىنى يامان !
دوستلىشىش
جەسۇربەگ
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7709
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 65
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە65دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 665 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-02
ئاخىرقى: 2011-06-23
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-05 22:35

ئەجرىڭىزگە  تەشەككۇر......
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7716
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 25
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە25دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 270 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-03
ئاخىرقى: 2011-06-13
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-05 22:42

ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر راستىنلا بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك ئىشلاركەن.
بىلىپ سۆيگىن كېيىن ئېچىنما،
بىلىپ تاشلا كېيىن سېغىنما.
مەغلۇبىيەت مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئانىسى!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 467
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 247
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە247دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 2522 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-29
ئاخىرقى: 2011-12-17
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-06 00:04

ناھايىتى  ئوبدان  بىلىمكەن.  مەن تولا  ئۆرۈلىمەن، ھەرگىزمۇ  بىرخىل رېتىمدا  ياتالمايمەن.  قانداق  قىلسام  بولا....
توشقاندەك مىڭ يىل ياشىغۇچە، يولۋاستەك بىر يىل ياشا...!
    ـــــــــــ  ئۇيغۇر خەلىق ماقال-تەمسىللىرىدىن تاللانما
ئۈمىدسىزلىك شەيتاننىڭ ئىشى،بىغەملىك ھايۋاننىڭ&a ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7385
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 107
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە107دانە
ئۆسۈش: 240 %
مۇنبەر پۇلى: 1275 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-14
ئاخىرقى: 2011-06-29
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-07 11:55

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى avam0507 نىڭ 2011-06-06 00:04 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
ناھايىتى  ئوبدان  بىلىمكەن.  مەن تولا  ئۆرۈلىمەن، ھەرگىزمۇ  بىرخىل رېتىمدا  ياتالمايمەن.  قانداق  قىلسام  بولا....   

مەنمۇ بۇرۇن بەك تولا ئۆرۈلەتتىم،شۇنچە قاتتىق ھېرىپ كەتسەممۇ ئاسانلىقچە ئۇيقۇم كەلمەيتتى.بىر خىل ئۇسۇلدا يېتىش بەكمۇ ئېغىر بىلىنەتتى،ھەتتا بەزىدە دۈم يېتىپمۇ ئۇخلايتتىم.كېيىن بۇ ھەقتىكى ھەدىسلەرنى كۆرگەندىن كېيىن،ئۆزۈمگە تەلەپنى چىڭ قويۇپ،ئامالنىڭ بارىچە ئوڭ تەرەپكىىلا بېسىپ ئۇخلاشقا تىرىشتىم.مانا ھازىر ئۇيقۇم تىز كېلىپلا قالماي،ئەتتىگەنلىك نامازغىمۇ ناھايىتى تېتىك تۇرىدىغان بولۇپ كەتتىم.ئەڭ مۇھىمى ئادەتلىنىۋېلىش مەسىلىسى ئىكەن.سىزمۇ تىرىشىپ بېقىڭ،چوقۇم قىلالايسىز!
ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە ئاللاھتىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ.
http://muttakiyn.blogbus.com/