پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى چۈشىدە كۆرۈش 
                                             ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن . 
س: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى چۈشىدە كۆرۈش مۇمكىنمۇ ؟
ج : مۇمكىن  . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىسىدە . كىم مېنى چۈشىدە كۆرسە  راست كۆردى ، ھەقىقەتەن شەيتان مېنىڭ سۈرىتىمگە كىرەلمەيدۇ دىگەن  . 
س : ئۇنداقتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى چۈشىدە كۆرۈش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك ؟
ج : پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى چۈشىدە كۆرۈش ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دېگەندەك ،ئۆزى ، بالىسى ، ئاتا _ ئانىسى ۋە پۈتكۈل ئىنسانلار ئارىسىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى
ئەڭ سۆيىدىغان ، ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادەم بولىشى كېرەك . بۇ مۇھەببەت ئاغىزىمىزدىكى قۇرۇق دەۋا بولماستىن چوقۇم ئەمەلىي ئىش _ پائالىيەتلىرىمىز بلەن ئىپادىلىنىشى كېرەك .
چۈنكى ھەر قانداق ئاشىق ئۆز مۇھەببىتى ئۈچۈن جان بېرىشكە رازى ۋە ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادەم نېمە دېسە  ماقۇل دەپ ئىتائەت قىلىپ ، ئۇ سىزىپ بەرگەن يولدىن ئاداشماي ماڭىدۇ .
بىزدىمۇ پەيغەمبىرىمىز ئۈچۈن ساپ مۇھەببەت بولىدىكەن ، بىزمۇ پەيغەمبىرىمىز  سىزىپ بەرگەن داغدام ئىسلام  يولىدىكى قىزىل
ۋە يېشىل چىراقلارغا دىققەت قىلىپ يۈرۈپ قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچۇرمىغان بولاتتۇق.
مانا ئەمەلىي مۇھەببەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى چۈشىدە كۆرۈش ئۈچۈن لازىم .
ھىكايەت قىلنىشىچە : 
بىر كۈنى بىر ئىخلاسمەن كىشى  بىر ئالىمنىڭ يېنىغا كېلىپ ، ئۆزىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى چۈشىدە كۆرۈش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى ، شۇنچە قىلسىمۇ كۆرمىگەنلىكىنى ئېيتىپتۇ.
ئالىم ئۇ كىشىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ئەھۋالنى بىر قاتار چۇشەنگەندىن كېيىن ئۇ ئادەمگە ، سىزنىڭ ھەقىقەتەن كۆرۈش ئارزۇيىڭڭىز بولسا مەن سىزگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى چۈشىدە كۆرىدىغان بىر ئىشنى دەپ بېرىمەن لېكىن مەن سىزنىڭ بۇ ئشنى قىلالماسلىقىڭىزدىن ئەنسىرەۋاتىمەن دەپتۇ .  
ئۇ ئادەم مەن بۇ ئارزۇيۇمغا يېتىش ئۈچۈن ھەر قانداق ئىشنى قىلىشقا تەييارمەن دەپتۇ .
ئالىم ئۇ كشىگە :  ئۇنداقتا سىز ئۆيىڭڭىزگە بېرىپ ئۈچ ۋاقلىق تامىقىڭىزغا ئۈچ ھەسسە تۇزنى زىيادە سېلىپ يەڭ ، ھەر قانچە ئۇسساپ كەتسىڭىزمۇ سۇ ئىچمەي ياتسىڭىز ئارزۇ قىلغان
ئىش ئەمەلىيەتكە چىقىدۇ دەپتۇ . 
ئۇ كىشى بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ناھايىتى خۇشال بوپتۇ ۋە ئۆيىگە كېلىپ ھېلىقى ئالىم دېگەندەك ھەر ۋاق تامىقىغا تۇزنى ئۈچ ھەسسە كۆپ سېلىپ يەپتۇ ۋە ھەر قانچە ئۇسساپ كەتسىمۇ سۇ ئىچمەي يېتىپتۇ . 
بۇ كىشى چۈشىدە زېمىنلاردىن بۇلاقلار ئېتىلىپ چىقىۋاتقان ، ئاسمانلاردىن يامغۇر شارقىراپ يېغىۋاتقان ، دەريا _ ئۆستەڭلەردە سۈپسۈزۈك سۇلار ئېقىۋاتقان ۋە ئۆزى بولسا ئۆستەڭدە سۇغا چۆمىلىۋاتقانلىقىنى كىچىچە چۈشەپ چىقىپتۇ .  
بۇ  كىشى ئەتىگىنى ئالىمنىڭ قېشىغا بېرىپ كىچىچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئەمەس بەلكى سۇ چۈشەپ چىققىنىنى ئېيتىپتۇ .  
ئالىم ئۇ كىشىگە ئەگەر سىزدە شۇ سۇغا بولغاندەك تەشنالىق ۋە مۇھەببەت قاچان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بولىدىكەن ،  سىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى چۈشىڭىزدە كۆرەلەيسىز دەپ جاۋاب بېرىپتۇ . 
ئۇ ئالىم دېگەندەك پەيغەمبىرىمىزنى چۈشىمىزدە كۆرۈش ئۈچۈن مۇھەببەت شەرت بولغنىدەك ، مۇھەببەت ئۈچۈنمۇ ئەمەلىي ھەرىكەت ۋە ئىتائەت لازىم .
سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزگە چەكسىز دۇرۇت سالاملار بولسۇن .  
مەنبە .  مەرىپەت مۇنبىرى