مىنىڭ بالام باشلانغۇچنىڭ تەييارلىق سىنىپىدا ئۇقۇيدۇ.ئۇ ئەمدىلا 6ياشقا كىردى.تەييارلىق سىنىپقا تىزىملىتىشتىن بۇرۇن بۇ مەكتەپتە ئاچقان سىنىپلارنىڭ ھەممىسى قوش تىللىق سىنىپ بۇلۇپ مىللى سىنىپ يوق ئىدى.مەن بالامنىڭ كۈندىن -كۈنگە ئانچە -مۇنچە بىر نەرسىلەرنى ئۈگۈنۈپ كىلىۋاتقانلىقىدىن خوش ئىدىم.بىر كۈنى ئۆيدە مىھمانلار بالامدىن نەچچىدە ئۇقۇۋاتىسىز دەپ سورىدى.
بالام:شۆچەن 4بەن دەپ جاۋاپ بەردى.
مىھمان:ۋوي بالىڭىز ئۇيغۇرچە بىلمەمدۇ دەپ ماڭا قارىدى.
مەن خىجىل بۇلۇپ كىتىپ،بالام ئۇيغۇرچە گەپ قىلە دىسەم،مەن ئۇقمىسام دەپ جاۋاپ بەردى.
مەن مىھمانلار ئالدىدا بەكلا خىجىل بۇلۇپ كەتتىم.مەن بالامنى مەكتەپكە بېرىپ قۇيۇپلا قالغان ئىشلىرى بىلەن كارىم بولماپتۇ.
شۇندىن كىيىن مەن بالامدىن بەزى تۇرمۇشتىكى ئادەتتىكى ئاتالغۇلارنى ئۇنىڭدىن ئۇيغۇرچە سوراپ باقتىم،ئۇ جاۋاپ بېرەلمىدى.
مەن شۇ كۈندىن باشلاپ ئائىلەمگە بۇيرۇق چۈشۈردۈم:بۈگۈندىن باشلاپ بۇ ئۆيدە خەنزۇچە گەپ قىلىشقا بولمايدۇ!
يات بىر مىللەتنىڭ تىلىنى ئۈگۈنۈش يامان ئىش ئەمەس،ئەمما ئۆز ئانا تىلىڭنى ئۇنتۇش بىر چوڭ نۇمۇسى ئىش!باللىرىمىزنى ئۇقۇما دىمەيمىز ،ياخىشى ئۇقۇ دەيمىز ئەلۋەتتە.ئانا تىل ساۋادىنىمۇ تەڭ ئېلىپ بارساق ،ساپلىقىمىزنى ئۈزىمىزدىن باشلىساق.
بىر كۈنى بالام مەكتەپتىن كىلىپ دادا ماڭا ساۋاقدىشىم يەيدىغان بىر نەرسە بەردى دىدى.قايسى ساۋاقدىشىڭ بەردى؟ خەنزۇمۇ ئۇيغۇرمۇ؟دەپ سورىدىم بالامدىن.ئۇ خەنزۇ بەردى دىدى،ئۇ قانداق نەرسە دەپ سورىسام يەيدىغان دىدى،گۈشى بامىكەن دىسەم
ياق دىدى، مەن ئۇنى ئەدەپلاپلا كەتتىم ،ئۇ بۇندىن كىيىن يىمەسلىككە ۋەدە بەردى. مەن سىنىپ مەسئۇلىغا تېلفون قىلىپ بولغان ئەھۋالنى ئۇنىڭغا دەپ قويغاچ،بۇندىن كىيىن بۇنداق ئىشلارغا دىققەت قىلىپ قۇيۇشنى ئۈتۈندۈندۈم.شۇندىن كىيىن بالامدىن پات-پات خەقنىڭ نەرسىسىنى يىدىڭىزمۇ دىسەم ياق دەيدۇ.................ئەمما كىچىك بالا دىگەن ئاق-قارىنى ئەنچە پەرق ئېتىپ كەتمەيدۇ يەنىلا يەپ سالامدىكىن دەپ بەكلا ئەنسىرەيمەن. يۇقۇردىكى ئەھۋاللارغا قاراپ بىزدىن كىيىنكىلەر قانداق قىلار دەپ ئويلۇنۇپ قالدىم.
[ بۇ يازمىنىyaxar 2011-06-03 14:32قايتا تەھرىرلىدى ]