مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ قىزى فاتىمە............
فاتىمە (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن!) بىنت مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم
فاتىمە مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم (ئۇنىڭغا اللەنىڭ سالامى بولسۇن) ۋە خەدىچەنىڭ بەشىنچى قىزى بولۇپ، ئۇ سۆيۈملىك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككە ئەتراپىدىكى تاغلاردا يالغۇز ئىستىقامەت قىلىپ، مەۋجۇداتلارنىڭ يارىتىلىشىدىكى بۈيۈك مۆجىزىلەر ئۈستىدە چوڭقۇر ئىزدىنىۋاتقان، پىكىر يۈرگۈزۈۋاتقان مەزگىللەردە دۇنياغا كەلدى.
بۇ ئۇنىڭ چوڭ ھەدىسى زەينەپنىڭ ئۇنىڭ تاغىسىنىڭ ئوغلى ئەبۇلئاس ئىبنى رەبىيئەگە ياتلىق بولغان ۋاقتى ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ئىككى ھەدىسى رۇقىيە ۋە ئۇممۇ كۇلسۇم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاغىسىنىڭ ئوغۇللىرىغا ياتلىق بولدى. ئەبۇ لەھەب ۋە ئۇممۇ جەمىل پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدىلا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قاتتىق دۈشمەنلىك قىلغانلار ئىدى.
كىچىك فاتىمە ھەدىلىرىنىڭ ياتلىق بولۇپ، بىر - بىرلەپ ئۆيدىن ئايرىلغانلىقىنى كۆردى. ئۇ ناھايىتى كىچىك بولغاچقا، "توي" دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى ۋە ھەدىلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆيدىن چىقىپ كېتىدىغانلىغىنىڭ سەۋەبىنىمۇ ئۇقمايتتى. ئۇ ھەدىلىرىنى ناھايىتى ياخشى كۆرگەچكە، ئۇلار ئۆيدىن ئايرىلغاندا ناھايىتى غېرىپلىق ھېس قىلدى ۋە تولىمۇ بىئارام بولدى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇ شۇنىڭدىن تارتىپ جىمغۇر ۋە كەمسۆز بولۇپ قالغان ئىدى.
ئەلۋەتتە، ھەدىلىرى توي قىلىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇ ئاتا - ئانىسىنىڭ ئۆيىدە يالغۇز قالمىغان ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسى ئامىنەنىڭ چۆرىسى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۇغۇلغاندىن تارتىپ ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ كېلىۋاتقان - بەرەقە، زەيد ئىبنى ھارىسە ۋە ئەبۇ تالىپنىڭ كىچىك ئوغلى ئەلى قاتارلىقلار رەسۇلۇللاھ ئائىلىسىنىڭ ئەزالىرى ئىدى. ئەلۋەتتە ئۇنىڭ سۆيۈملۈك ئانىسى خەدىچەمۇ بار ئىدى.
ئانىسىنىڭ ۋە بەرەقەنىڭ تەربىيىسىدە ئۇ چوڭقۇر تەسەللىگە ئېرىشتى. ئۇنىڭدىن ئىككى ياش چوڭ بولغان ئەلى، بالىلىق ۋاختىدا ئۈلۈپ كەتكەن ئۆز ئاكىسى قاسىمنىڭ ئورنىدا ئۇنىڭغا "ئاكا" ۋە دوست بولدى. ئۇنىڭ ئىنىسى، تاييىب ۋە تاھىر دەپ لەقەملەنگەن ئابدۇللاھمۇ بالىلىق دەۋرىدە ئۆلۈپ كەتكەن ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ فاتىمە ئۆز ئۆيىدە ئۆزىنىڭ ھەدىلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن غەمسىز ۋە خۇشال - خۇرام تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولالمىدى، ئۇ ئۆزىنىڭ يېشىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا تولىمۇ چېچەن بالا بولغان ئىدى.
ئۇ بەش ياشقا كىرگەن ۋاقتىدا، دادىسىنىڭ اﷲ نىڭ ئەلچىسى - رەسۇلۇللاھ بولغانلىغىنى ئاڭلىدى. رەسۇلۇللاھنىڭ دەسلەپكى ۋەزىپىسى - ئىسلامنىڭ خوش - خەۋىرىنى ئۆزىنىڭ ئائىلىسى ۋە يېقىن تۇغقانلىرىغا يەتكۈزۈش ئىدى. ئۇلار پەقەت ھەممىدىن قادىر اللەغىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلغان ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۈچلۈك قوغدىغۇچىسى ۋە قوللىغۇچىسى بولغان خەدىچە فاتىمەگە دادىسىنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىغىنى چۈشەندۈردى، شۇنىڭدىن تارتىپ ئۇ دادىسىغا تېخىمۇ ئامراق بولۇپ كەتتى ھەمدە دادىسىغا بولغان ھۆرمىتى ۋە مۇھەببىتى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى. ئۇ رەسۇلۇللاھ مەككىنىڭ تار كوچىلىرىدا كېتىۋاتقاندا،كەئبىنى زىيارەت قىلغاندا، ئىسلامنى قوبۇل قىلغان دەسلەپكى مۇسۇلمانلارنىڭ مەخپى يىغىلىشلىرىغا قاتناشقاندا ۋە ئۇلار پەيغەمبەرگە بەيئەت قىلغاندا دائىم ئۇنىڭغا ھەمراھ بولاتتى.
بىر كۈنى ئۇ دادىسىغا ھەمراھ بولۇپ مەسجىدى ھەرامغا باردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كەئبىگە قارىشىپ تۇرىدىغان "ھىجىر" دەپ ئاتىلىدىغان يەردە تۇرۇپ ناماز ئوقۇشقا باشلىدى. فاتىمە ئۇنىڭ يېنىدا تۇردى، بۇ چاغدا ئۇ 10 ياشقىمۇ كىرمىگەن ئىدى. رەسۇلۇللاھقا دۈشمەنلىك قىلىشتا چەكتىن ئاشقان بىر توپ قۇرەيش يىغىلدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە رەسۇلۇللاھنىڭ تاغىسى - ئەبۇ جەھل ئىبنى ھىشام، ئۇقبە ئىبنى ئەبۇ مۇئەيت، ئۇمەييە ئىبنى خەلەف ۋە رابىئەنىڭ ئوغۇللىرى شەيبە بىلەن ئۇتبە قاتارلىقلار بار ئىدى. ئۇلار زەھەرخەندىلىك بىلەن رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا كېلىشتى. ئەبۇ جەھل ئۇلاردىن:
قايسىڭلار تۆگىنىڭ يىنىنى ئېلىپ كېلىپ، مۇھەممەدنىڭ ئۈستىگە تاشلىيالايسىلەر؟ - دەپ سورىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ قەبىھراقى بولغان ئۇقبە ئىبنى ئەبۇ مۇئەيت قىزغىنلىق بىلەن شۇنداق قىلىشقا ماڭدى. ئۇ يىننى ئېلىپ كېلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام (ئۇنىڭغا اللەنىڭ سالامى بولسۇن) سەجدە قىلىۋاتقان ۋاختىدا ئۇنىڭ ئۈستىگە تاشلىدى. رەسۇلۇللاھنىڭ ساھابىلىرىدىن ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد شۇ يەردە بار بولسىمۇ، بىر نەرسە دېيىشكە ياكى يىننى ئېلىۋېتىشكە جۈرئەت قىلالمىدى. چۈنكى مۇسۇلمانلار ئۇ چاغدا دۈشمەنلىرىگە قارشى تۇرۇشتىن ئاجىز ئىدى.
دادىسىنىڭ مۇشۇنداق مەسخىرىلىك مۇئامىلىگە ۋە خورلۇققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى كۆرگەن فاتىمەنىڭ شۇ چاغدىكى ھېسسىياتىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ! تېخى 10 ياشقىمۇ كىرمىگەن قىز نېمىمۇ قىلالىسۇن؟ ئۇ دادىسىنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۈستىدىكى يىننى ئېلىپ تاشلىۋەتتى، ئاندىن بۇ بىر توپ قۇرەيش قارا نىيەتچىسىنىڭ ئالدىدا غەزەپ بىلەن تۇرۇپ، ئۇلارغا غەزەپلىك تىل - ئاھانەتنى ياغدۇرۇۋەتتى. ئۇلار ئۇنىڭغا بىر ئېغىزمۇ سۆزقىلالمىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەجدىدىن بېشىنى كۆتىرىپ نامىزىنى ئاياغلاشتۇردى، ئاندىن:
ـ "ئى رەببىم، قۇرەيشنى ھالاك قىلغىن!" دەپ ئۈچ قېتىم دۇئا قىلدى. ئاندىن يەنە:
ـ "ئى اللە، ئۇتبەنى، ئۇقبەنى، ئەبۇ جەھل ۋە شەيبەنى ھالاك قىلغىن!" - دەپ بەددۇئا قىلدى. (تىلغا ئېلىنغانلارنىڭ ھەممىسى نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن بەدر غازىتىدا ئۆلتۈرۈلدى).
يەنە بىر قېتىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كەئبىنى ئايلىنىپ تاۋاپ قىلدى. فاتىمە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىدى. قۇرەيشتىن بىر توپ ئادەم ئۇنىڭ ئەتراپىغا يىغىلدى. ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى تۇتۇپ، ئۆزىنىڭ كىيىملىرى بىلەن بۇغۇپ ئۆلتۈرىۋەتمەكچى بولۇپ، بوينىغا چىڭ ئورىۋالدى. فاتىمە باشقىلارنى ياردەمگە چاقىرىپ توۋلاشقا ۋە چىقىراشقا باشلىدى. ئەبۇ بەكرى ئېتىلىپ كېلىپ، دەرھال رەسۇلۇللاھنى ئاجرىتىۋالدى، ئاندىن:
ـ رەببىم اللە دېگەن كىشىنى ئۆلتۈرەمسىلەر؟ - دېدى، ئۇلار ئەبۇ بەكرىگە تاشلىنىپ،تاكى ئۇنىڭ يۈز - كۆزلىرىدىن قانلار سىرغىپ چۈشكىچە ئۇرۇشتى.
كىچىك فاتىمە دادىسىغا ۋە دەسلەپكى مۇسۇلمانلارغا قىلىنغان بۇ رەھىمسىز، قەبىھ قارشىلىقلار ۋە دۈشمەنلىكلەرنى كۆرۈپ تۇردى. ئۇ يۇۋاشلىق بىلەن بىر چەتكە چىقىپ تۇرمىدى، بەلكى دادىسى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى قوغداش يولىدىكى كۈرەشلەرگە ئاكتىپ قاتناشتى. ئۇ گەرچە كىچىك بىر قىز بولسىمۇ، ئەمما شۇ ياشتىكى بالىلاردا نورمال بولىدىغان غەمسىز، شوخ، بالىلارچە ئويۇن - كۈلكە ۋە تاماشىلاردىن خالىي ھالدا، ئەنە شۇنداق ئازابلىق كەچۈرمىشلەرنى كۆردى ۋە باشتىن كەچۈردى.
ئەلۋەتتە بۇنداق ئىشلاردا فاتىمە يالغۇز ئەمەس ئىدى. رەسۇلۇللاھنىڭ پۈتۈن ئائىلىسى قۇرەيشنىڭ ۋەھشىي زوراۋانلىقلىرىغا، مەسخىرىلىرىگە ئۇچرىدى. ئۇنىڭ ئىككى ھەدىسى رۇقىيە ۋە ئۇممۇ كۇلسۇممۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس ئىدى. ئۇلار بۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بولغان ئۆچمەنلىك ۋە سۈيىقەستنىڭ ئۇۋىسى بولغان ئەبۇ لەھەب ۋە ئۇممۇ جەمىلنىڭ ئۆيىدە تۇراتتى. ئۇلارنىڭ ئەرلىرى ئەبۇ لەھەب ۋە ئۇممۇ جەمىلنىڭ ئوغۇللىرى ئۇتبە ۋە ئۇتەيبە ئىدى. ئۇممۇ جەمىل رەھىمسىز، ناھايىتى پاسكىنا سۆزلەرنى قىلىدىغان، ئېغىزى بۇزۇق، شەپقەتسىز ئايال بولغاچقا خەدىچە باشتىلا ئۆز قىزلىرىنى ئۇممۇ جەمىلنىڭ ئوغۇللىرىغا ياتلىق قىلىپ بېرىشكە رازى بولمىغان ئىدى. چۈنكى رۇقىيە ۋە ئۇممۇ كۇلسۇمغا نىسبەتەن، دادىسىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتنىشىپلا قالماي، بەلكى ئۇرۇش قوزغايدىغان بۇنداق ۋەھشىي دۈشمەنلىككە تولغان ئائىلىدە ياشىشى ھەقىقەتەن بىر ئازابلىق ئىش ئىدى.
مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم (ئۇنىڭغا اللەنىڭ سالامى بولسۇن) ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئابرويىنى تۆكۈش ئۈچۈن، ئۇتبە ۋە ئۇتەيبە ئۆز ئاتا ئانىسىنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن ئاياللىرىنى قويىۋەتتى. بۇ پەيغەمبەرنى باشقىلار بىلەن ئالاقىلىششتىن يېتىم قالدۇرۇش ئۈچۈن قىلىنغان بىر ئىش ئىدى. ئەمەلىيەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆيىگە خۇشال - خۇرام قايتىپ كەلگەن قىزلىرىنى قىزغىنلىق بىلەن قارشى ئالدى.
شۈبھىسىزكى فاتىمە ھەدىلىرى بىلەن بىرگە بولىدىغانلىغىدىن ناھايىتى خۇشال بولۇپ كەتتى، ئۇلار چوڭ ھەدىسى زەينەپنىڭمۇ ئېرىدىن ئاجرىشىپ قايتىپ كېلىشىنى ئارزۇ قىلىشتى. ئەمەلىيەتتە قۇرەيشمۇ ئەبۇل ئاسقا بېسىم ئىشلىتىپ، ئايالىنى قويىۋېتىشكە زورلىدى، ئەمما ئۇ رەت قىلدى. قۇرەيش چوڭلىرى ئۇنىڭ قېشىغا كېلىپ، ئەگەر ئۇ زەينەپنى قويىۋەتسە، ئۇنىڭغا ئەڭ باي ۋە ئەڭ گۈزەل ئايالنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ بېرىشكە ۋەدە قىلىشتى، ئەمما ئۇ:
مەن ئايالىمنى ناھايىتى ياخشى كۆرىمەن، گەرچە مەن ئىسلام دىنىغا كىرمىگەن بولساممۇ، ئۇنىڭ دادىسىغا نىسبەتەن يۈكسەك ھۆرمىتىم بار ، - دەپ جاۋاب بەردى.
رۇقىيە ۋە ئۇممۇ كۇلسۇم ئىككىلىسى سۆيۈملۈك ئاتا - ئانىسى بىلەن بىللە بولغانلىقىغا ۋە ئۇممۇ جەمىلنىڭ ئۆيىدىكى چىدىغۇسىز روھى بېسىملاردىن قۇتۇلغانلىقىغا بەكمۇ خۇشال بولۇشتى. ئۇزۇن ئۆتمەي رۇقىيە ئىسلامنى دەسلەپ قوبۇل قىلغانلاردىن بولغان ياش ۋە تارتىنچاق ئوسمان ئىبنى ئەففانغا ياتلىق بولدى. ئۇلار بىرلىكتە پاناھلىق ئىزلەپ ھىجرەت قىلغان دەسلەپكى مۇھاجىرلار بىلەن ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلىپ، ئۇ يەردە ئۇزۇن يىل تۇردى. فاتىمە ئانىسى ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن كېيىن، ھەدىسى رۇقىيەنى كۆرەلمىدى. دەسلەپكى مۇسۇلمانلار ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلغاندىن كېيىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ۋە قالغان ساھابىلىرىگە قىلىنغان زىيانكەشلىك تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتتى.
پەيغەمبەرلىكنىڭ 7 - يىلى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى ئۆيىدىن چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر قىلىندى ۋە مەككىگە پەقەت بىر چىغىر يول بىلەنلا بارغىلى بولىدىغان، ھەممە تەرىپى تاغلار بىلەن ئورالغان بىر تار جىلغىدا پاناھلىنىپ تۇرۇشتى. بۇ تار جىلغىدا مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم (ئۇنىڭغا اللەنىڭ سالامى بولسۇن)، بەنى ھاشىم جەمەتى ۋە مۇتەللىب جەمەتى يېمەك - ئىچمەكتىن چەكلىنىپ، قامال قىلىندى. جەمەتىنىڭ ئەڭ كىچىك ئەزاسى 12 ياشلىق فاتىمەمۇ ئايلار داۋاملاشقان قىيىنچىلىق ۋە ئازابلىق تۇرمۇشنى بېشىدىن كەچۈردى. ئاچ قالغان بالىلار ۋە ئاياللارنىڭ ئېچىنىشلىق ئىڭراشلىرى مەككىگە ئاڭلىنىپ تۇردى. قۇرەيش مۇسۇلمانلارنى يېمەك - ئىچمەكتىن ۋە باشقىلار بىلەن ئۇچرىشىشتىن چەكلىدى. مۇسۇلمانلارنىڭ قېيىنچىلىقى پەقەت ھەج مەۋسۇمىدىلا ئاندىن ئازراق يەڭگىللىدى. بۇ قامال ئۈچ يىل داۋاملاشتى. قامال بېكار قىلىنغاندا، رەسۇلۇللاھ تېخىمۇ ئېغىر بولغان سىقىلىشلارغا ۋە قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدى. رەسۇلۇللاھنىڭ سادىق ۋە ئامراق ئايالى خەدىچە ئۇزۇن ئۆتمەي ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ ۋاپاتى بىلەن رەسۇلۇللاھ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى جاپالىق كۈنلەردە ھەمدەمدە بولىدىغان قوغدىغۇچىسى ۋە ھامىيسى، كۈچلۈك ئارقا تېرىكىدىن ئايرىلىپ قالدى. ھۆرمەتلىك خەدىچە ۋە ئەبۇ تالىپ ۋاپات بولغان بۇ يىل "قايغۇلۇق يىل" دەپ ئاتالدى. ھازىر ياش قىز بولۇپ قالغان فاتىمە ئانىسىنىڭ ۋاپاتىغا قاتتىق قايغۇرۇپ ۋە ئېچىنىپ كۆپ يىغلىدى. ئۇ بىر مەزگىل قاتتىق ئىچ ئاغرىقى تارتقاچقا، سالامەتلىكى ناچارلىشىپ كەتتى، ھەتتا ئائىلىسىدىكىلەرنى ئىچ ئاغرىقىدىن ئۆلۈپ كېتەرمۇ دېگەن ئەندىشىگە سېلىپ قويدى.
گەرچە ھەدىسى ئۇممۇ كۇلسۇم شۇ ئۆيدە تۇرىۋاتقان بولسىمۇ، فاتىمە ئانىسىنىڭ ۋاپاتى بىلەن ھەدىسىنىڭ ئائىلىدىكى مەسئۇلىيىتى ۋە يۈكى بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ كەتكەنلىكىنى ئوبدان چۈشىنەتتى. شۇڭلاشقا دادىسىنى تېخىمۇ قوللىشى زۈرۈرلىگىنى ھېس قىلدى. سەمىمىي مۇھەببەت بىلەن دادىسىنىڭ ھاجىتىدىن چىقىشقا ئۆزىنى ئاتىدى. ئۇ دادىسىغا شۇنداق كۆڭۈل بۈلۈپ كەتكەچكە "ئۇممۇ ئەبىييە" (يەنى دادىسىنىڭ ئانىسى) دەپ ئاتالدى. ئۇ دائىم رەسۇلۇللاھ ئازار يېگەن، قىيىنچىلىقتا قالغان، كەمسىتىش ۋە سىقىلىشلارغا ئۇچرىغان چاغلاردا دادىسىغا تەسەللى بېرەتتى. رەسۇلۇللاھ ئۇچرىغان بۇ كەمسىتىش ۋە سىقىلىشلار فاتىمەگە تولىمۇ ئېغىر كېلەتتى. بىر قېتىم بىر مۇشرىك رەسۇلۇللاھنىڭ مۇبارەك بېشىغا تۇپا ۋە ئەخلەت چاچتى، ئۆيگە كىرگەن چاغدا، فاتىمە دادىسىنىڭ تۇرقىنى كۆرۈپ، ئۆزىنى تۇتىۋالالماي يىغلاپ كەتتى، ئاندىن دادىسىنىڭ بېشىدىكى پاسكىنىچىلىقلارنى سۈرتىۋەتتى. "يىغلىما قىزىم" دېدى ئۇ "اللە داداڭنى قوغدايدۇ". پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام فاتىمەنى تولىمۇ ياخشى كۆرەتتى، ئۇ بىر قېتىم مۇنداق دېگەن ئىدى:
ـ كىمكى فاتىمەنى خۇشال قىلىدىكەن، ئۇ ھەقىقەتەن اللەنى خۇشال قىلغان بولىدۇ. كىمكى ئۇنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىدىكەن، ئۇ اللەنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرگەن بولىدۇ. فاتىمە بولسا - مەن، ئۇ خۇشال بولغان نەرسىدىن مەنمۇ خۇشال بولىمەن، ئۇ بىزار بولغان نەرسەدەن مەنمۇ بىزار بولىمەن. ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن ئىدى:
ـ دۇنيا ئاياللىرىنىڭ ئەڭ ياخشىسى تۆت ئايال: بۈۋى مەريەم، فىرئەۋننىڭ ئايالى ئاسىيە، مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى خەدىچە، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قىزى فاتىمە.
فاتىمە شۇنداق قىلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قەلبىدىكى خەدىچىگىلا مەنسۇپ بولغان مۇھەببەت ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولدى.فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا "نۇرلۇق ئايال" دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان "زەھرا" دەپ نام بېرىلدى. چۈنكى ئۇنىڭ يۈزى نۇر چېچىۋاتقاندەك كۆرىنەتتى. ئېيتىلىشىچە ئۇ نامازغا تۇرغاندا، مىھراب ئۇنىڭ چىرايىدىن چىققان نۇردىن چاقناپ كېتەتتى. ئۇ راھەت - پاراغەتكە بېرىلمىگەچكە يەنە "بەتۇل" دەپمۇ ئاتالغان ئىدى. ئۇ ۋاقتنى باشقا ئاياللار بىلەن بىللە ئۆتكۈزۈشنىڭ ئورنىغا، ۋاقتىنىڭ كۆپ قىسمىنى ناماز ئوقۇش، قۇرئان ئوقۇش ۋە باشقا ئىبادەتلەرگە سەرپ قىلاتتى.
فاتىمە ھەر جەھەتتىن دادىسى رەسۇلۇللاھنى تارتقان بولۇپ، رەسۇلۇللاھنىڭ ئايالى ئائىشە ئۇ توغرىلىق مۇنداق دەيدۇ: "مەن اللەنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە نۇتۇق سۆھبەت ۋە ھەركەتلىرىدە رەسۇلۇللاھقا ئوخشايدىغان فاتىمەدىن باشقا ھېچكىمنى كۆرمىدىم، اللە ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسە، ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنى قارشى ئالاتتى ۋە سۆيۈپ قوياتتى، ئاندىن قولىدىن تۇتۇپ، ئۆزى ئولتۇرغان ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزۇپ قوياتتى". فاتىمەمۇ رەسۇلۇللاھنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسە، ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنى خۇشاللق بىلەن قارشى ئالاتتى ۋە سۆيۈپ قوياتتى.
فاتىمەنىڭ ياخشى مىجەزى ۋە ئەدەپلىك نۇتۇقلىرى، ئۇنىڭ كىشىنىڭ ئامراقلىقىنى قوزغايدىغان گۈزەل تەبىئىتىنىڭ بىر قىسمى ئىدى. ئۇ پېقىر ۋە مىسكىنلەرگە تولىمۇ مېھىر - شەپقەتلىك بولۇپ، گەرچە ئۆزى ئاچ قالسىمۇ، يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسىنى ھاجەتمەنلەرگە بېرىۋىتەتتى. ئۇ دۇنيانىڭ زىبۇ - زىننەتلىرىگە ۋە دۇنيانىڭ راھەت - پاراغىتىگە قىلچىمۇ قىزىقمايتتى. گەرچە تۇرمۇشى قانچە قىيىنچىلىقتا ۋە جاپادا ئۆتسۇن، دائىم ئاددىي تۇرمۇش كەچۈرەتتى. ئۇ دادىسىنىڭ قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە نۇتۇق قابىلىيىتىگە ۋارىسلىق قىلغان ئىدى. سۆز قىلسا باشقىلار يىغىدىن ئۆزىنى تۇتىۋالالماي قالاتتى. ئۇنىڭدا باشقىلارنىڭ ھېسسىياتىنى قوزغاپ يىغلىتىۋېتەلەيدىغان قابىلىيەت بار بولۇپ، كىشىلەرنىڭ قەلبىدە اللەنىڭ رەھمىتى ۋە بەرگەن ھېسابسىز رىزقلىرىغا تەشەككۈر، رەھمەت ۋە ھەمدۇ - سانا ئېيتىش تۇيغۇسىنى پەيدا قىلاتتى.
فاتىمە رەسۇلۇللاھتىن بىر نەچچە ھەپتە كېيىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلدى. ئۇ مەدىنىگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىدە قېپقالغان ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن زەيد ئىبنى ھارىسە بىلەن بىللە بارغان ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئائىلىسىدىن قېپقالغانلار - فاتىمە ۋە ئۇممۇ كۇلسۇم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى سەۋدە، زەيدنىڭ ئايالى بەرەقە ۋە ئوغلى ئۇسامەلەر ئىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە يەنە ئەبۇ بەكرىنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھمۇ بار بولۇپ، ئۇ ئانىسى ۋە ئىككى ھەدىسى - ئائىشە ۋە ئەسماغا ھەمراھ بولۇپ ماڭدى.
مەدىنىدە فاتىمە دادىسى بىلەن بىللە، مەسجىدكە يانداش سېلىنغان ئاددى ھوجرىدا تۇردى. ھىجرەتنىڭ 2 - يىلى، ئۇ دادىسى ئارقىلىق قويۇلغان ئىككى توي تەكلىپىنى رەت قىلىۋەتتى. ئاندىن ئەبۇ تالىپنىڭ ئوغلى ئەلى غەيرەت قىلىپ، رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا فاتىمە بىلەن توي قىلىشنى سوراش ئۈچۈن كەلدى. ئەمما رەسۇلۇللاھ بىلەن كۆرۈشكەندە بەك ئىزا تارتىپ كەتكەنلىكتىن، ئېغىزىغا گەپمۇ كەلمەي قالدى. ئۇ يەرگە قاراپ بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلالمىدى. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سورىدى:
ـ نېمە ئىش بىلەن كەلدىڭ؟ بىرەر نەرسىگە ھاجىتىڭ چۈشۈپ قالدىمۇ؟
ئەلى يەنىلا ئۈندىمىدى، رەسۇلۇللاھ:
ـ ئېھتىمال سەن فاتىمەگە توي تەكلىپى قويغىلى كەپسەن، - دېدى.
ـ ھەئە، - دېدى ئەلى. شۇ بىر ئېغىز گەپ بىلەن رەسۇلۇللاھ ئاددىيلا:
ـ ئائىلىمىزگە كىرىشىڭنى قارشى ئالىمىز، - دېدى. بۇ سۆزنى ئەلى ۋە ئىشىك سىرتىدا رەسۇلۇللاھنىڭ ماقۇللۇقىنى كۈتىۋاتقان بىر نەچچە ئەنسارلار ئاڭلىدى. ئارقىدىن رەسۇلۇللاھ ئەلىيدىن مەھرى ئۈچۈن بەرگىدەك بىر نەرسىسىنىڭ بار - يوقلۇقىنى سورىدى. ئەلى "يوق" دەپ جاۋاب بەردى. رەسۇلۇللاھ ئەلىگە پۇلغا يارايدىغان بىر قالقىنى بارلىغىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى. ئەلى قالقاننى ئوسمانغا 400 دىرھەمگە ساتتى. پۇلنى فاتىمەنىڭ مەھرى ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بېرىشكە ئالدىراپ، قايتماقچى بولىۋېدى، ئوسمان ئۇنى توختىتىپ:
داۋامى:بار
مەنبە:نۇر ئىسلام تورى