باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 812 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئۈچ غەزەل
ئەلبەھرە تورى   www.elbehre.com
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6925
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 108
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە108دانە
ئۆسۈش: 2100 %
مۇنبەر پۇلى: 2539 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-06
ئاخىرقى: 2012-03-04
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-01 12:10

ئۈچ غەزەل

ئۈچ غەزەل

ئابدۇللا تۇردى(تارىم)

1
دىلنى مەيسىز مەست قىلار ساقىي-گۈزەل كۈي-نەغمىدۇر،
شاھ شېئىر-چالغۇ، ئاھاڭ-تۇيغۇ، ئاڭا تار-سەترىدۇر.
بولسا سۆيمەك، بار سۆيۈلمەك، سۆيگۈگە سىرداش رەشك،
نۇر-زىيا سۆيسە زېمىننى، كۆك-بۇلۇت كۈندەشتىدۇر.
قوشگىزەك شادلىق-ئازاب، ھايات-مامات، بەخت-پاجىئە،
چارى باغ ئىچرە مەلىكە ھەم خۇشال، ھەم غەمدىدۇر.
2
قەترىلەرنىڭ بىرلىكى كۆللەرنى پەيدا ئەيلىگەي،
دىل يېقىنلار بىرلىكى جۈپلەرنى پەيدا ئەيلىگەي.
زەررىسى سۆزنىڭ-ھەرپ، سۆز سەترىگە ھەم سەترىدۇر،
سەترىلەرنىڭ بىرلىكى كۈيلەرنى پەيدا ئەيلىگەي.
ئېيتىدۇ: قىلساڭ سەۋەب سۆۋەتتىمۇ توختايدۇ سۇ،
تەرۇ-مېھنەت بىرلىكى گۈللەرنى پەيدا ئەيلىگەي.
يەر-زېمىننى تىترىتەر گۈلدۈر كەبىي سۈرلۈك سادا،
ئوت يۈرەكلەر بىرلىكى سۈرلەرنى پەيدا ئەيلىگەي.
تۆكىدۇ بىر تال ئۆمۈر ياپراغىدىن بىر كۈن، كۆڭۈل،
دەم-دەقىقلەر بىرلىكى كۈنلەرنى پەيدا ئەيلىگەي.
1992-يىل 31-ئاۋغۇست.
3
ئاشىققا يار كۆزى ئوتلۇق قۇياشتۇر، زەر-زىياسى بار،
چىمەن ئىچرە ئېچىلغان گۈل-بويى، جىلۋە-جۇلاسى بار.
قالار ئۈنسىز بىرى كەتسە، كۆڭۈلدە زەپىران تۇيغۇ،
يۈرەكىدىن تىلەر ئاقيول، ئاڭا دىلنىڭ رىزاسى بار.
قۇياش بىر يانۇ، ئاي بىر يان، گۈلى-بۇلبۇللىرى ھەريان،
سۈيى بار يەردە ئوت يوقتۇر، تەبىئەتنىڭ خاتاسى بار.
ياشاشقا ئىنتىلەر يىلتىز زېمىننىڭ باغرىدا مەڭگۈ،
يوچۇق ئىزلەيدۇ شەيتان ھەم، كۆڭۈلدە مۇددىئاسى بار.
سالار دەھشەت زېمىنگە گاھ، يېرىپ تۈن باغرىنى چاقماق،
قۇلاق ياق كۆكسىگە تۈننىڭ، نە تەشۋىش، نە ساداسى بار!؟
1992-يىل 31-ئاۋغۇست.

ئەلبەھرە تورى
www.elbehre.com
دوستلىشىش
tuprakbag
ئەتە ئۆلۈپ كىتىمەن!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5443
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 212
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە212دانە
ئۆسۈش: 450 %
مۇنبەر پۇلى: 2570 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-03
ئاخىرقى: 2012-03-27

ياشلىق ئاشىقلىق، ئاشىقلىق شائىرلىق، شائىرلىق پەيلاسوپلىق، پەيلاسوپلىق پەيغەمبەرلىك........گۈزەل!
ئەتە ئۆلۈپ كىتىمەن!
سەھرانى سۆيىمەن!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5001
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1018
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1018دانە
ئۆسۈش: 2360 %
مۇنبەر پۇلى: 7298 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-19
ئاخىرقى: 2012-03-28
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-01 22:36

ياخشى يېزىلغان شېئىرلاركەن.«غەزەل»دەي دېسەم ئاپتۇرنىڭ تەخەللۇسى ياكى ئىسمى شېئىرنىڭ ئاخىرقى كوپلىتىدا بېرىلمەپتۇ.
1.يولۋاس يولۋاسنى يېمەيدۇ،پەقەت ئادەملا ئادەم بىلەن ئۆزىنى سەمرىتىدۇ. _تاگور
2.ئۆزىنى ئىپادىلىيەلمىگەن كىشى قۇل دېمەكتۇر._ئا.مۇھەممەتئىمىن