فىلىم 1992-يىللىرىدىكى كۇردلار بىلەن تۈركىيە ئەسكەرلىرى ئوتتۇرىسىدىكى جەڭنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ ئىشلەنگەن بولۇپ، ئۆزۈمنىڭ كۆز قارىشى بۇيىچە ئېيتقاندا ئاساسلىق ۋەتەن سۆيگۈسى ئاساسلىق مەزمۇن قىلىنغان، فىلىمنى تۇنجى قېتىم كۆرگەندە تۇلۇق چۈشىنىپ كېتىش ناتايىن، چۈنكى فىلىمدە كۆپىنچە سۈرەتكە ئېلىنغىنى تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ كۇردلار بىلەن جەڭ قىلىشقان ئەھۋاللىرى بولماستىن بەلكى ئۇلارنىڭ ئۆز ئائىلىدىكىلىرى بىلەن تېلېفوندا پاراڭلاشقان خاتىرىلىرى، بەلكىم رېژىسسورنىڭ ئىپادىلىمەكچى بولغىنى ئەسكەرلەرنىڭمۇ ئادەتتىكى كىشىلەرگە ئوخشاش مىھىر-مۇھەببەتكە تولغان قەلب بارلىقىنى تەسۋېرلىمەكچى بولغان بولىشى مۇمكىن، قېنى قالغىنىنى كىنوخۇمارلار ئۆزلىرى كۆرۈپ بىر نېمە دېسۇن…
NjAwMDk0MzE
بەلكىم تورداشلار دۆلىتىمىز ئىشلىگەن چىڭگىزخان فىلىمىنى كۆرگەن بولىشى مۇمكىن، ئەمدى كۆرىدىغىنىڭلار مۇڭغۇللار ئۆزلىرى بىر نەچچە دۆلەت بىلەن بىرلىشىپ ئىشلىگەن فىلىم «موڭغۇل» مەزكۈر فىلىمدە چىڭگىزخاننىڭ كىچىك ۋاقتىدىن تارتىپ ئۇنىڭ تاكى چوڭ بولغىچە بولغان بالىلىق ۋە ياشلىق چاغلىرى سۆزلەنگەن بولۇپ ئۇنىڭ ئادەتتىكى بىر ئادەمدىن ھەقىقى بىر ئاتامان بولغىچە بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كەچۈرمىشلەر ئىنتايىن جانلىق ۋە ھەقىقى تەسۋېرلەنگەن
OCEyOqks_wMOQnGd
كارىپ دېڭىز قاراقچىلىرى 3
بۇ فىلىم كارىپ دېڭىز قاراقچىلىرى 2 فىلىمىنىڭ ئاخىرى بولۇپ فىلىمدە ۋېل قاتارلىقلار ئۆلدى دەپ قارىغان جېك سىپارونىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن تولىمۇ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ كاپىتان بابوسانىڭ يىتەكچىلىكىدە ئالۋاستى ئارىلىغا بېرىپ جېكنى قۇتۇلدۇرماقچى بولىدۇ، كېنەز بېكىتمۇ پۈتكۈل دېڭىزنى ئۆز ئىلكىگە ئېلىش ئۈچۈن دەۋى جۇنىستىن پايدىلىنىپ بارلىق دېڭىز قاراقچىلىرىنى قولىغا چۈشۈرمەكچى بولىدۇ، كېنەز بېكىت ئۆز مەقسىتىگە يېتەلەمدۇ يوق؟ ۋېل تېنا ئۆز دادىسىنى دەۋى جۇنسنىڭ ئىلكىدىن قۇتۇلدىرالامدۇ يوق؟ جېك سىپارومۇ پەرۋاز قىلىۋاتقان گوللاندىيە كېمسىنىڭ كاپىتانى بولالامدۇ يوق؟ بۇ بىر قاتار چىگىشكە تولغان مەسىلىلەرنىڭ جاۋابىنى بىلمەكچى بولسىڭىز دىققىتىڭىز بۇ فىلىمدە بولسۇن.
58733279
مەنبە:شاھ بىلوگى
[ بۇ يازمىنىsirik 2011-05-31 20:08قايتا تەھرىرلىدى ]