بەزىدە تۇرۇپلا كومپيۇتېرىمىزنىڭ ئۈستەل يۈزىدىكى 回收站 يوقاپ كېتىدۇ، بۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئىككى خىل ئۇسۇلى بار .
1. ئۈستەل يۈزىدە مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسىنى بېسىپ 属性 نى ئېچىڭ، چىققان رامكىدىن 桌面 نى تاللاپ، بۇنڭدىن ئاستىدىكى 自定义桌面 نى بېسىڭ ، بۇ يەردىكى 回收站 نىڭ ئالدىغا توغرا بەلگىسى ئۇرۇپ جەزىملىۋەتسىڭىز بولىدۇ، ئەگەر بار بولسا ئاۋال بىر قېتىم ئېلىۋېتىپ جەزىملەپ ئاندىن ، يەنە ئالدىغا بەلگە قۇيۇپ جەزىملەڭ .
ئەگەر يۇقارقى ئۇسۇلدا ئەسلىگە كەلمىسە تۆۋەندىكى 2-خىل ئۇسۇلنى قوللىنىڭ .
2. سىز ئاۋال تۆۋەندىكى كودنى كۆچۈرۋېلىڭ.
回收站.{645ff040-5081-101b-9f08-00aa002f954e} |
ئاندىن ئۈستەل يۈزىدە يېڭىدىن ھۆججەت قىسقۇچتىن بىرنى قۇرۇپ، ئىسمىنى ئۆزگەرتىش ھالىتىگە ئەكىلىپ ، كۆچۈرىۋلغان كودنى چاپلاپ Enter كۇنۇپكىسىنى باسسىڭزلا 回收站 ئەسلىگە كېلىدۇ .
مەنبە : روھلان تورى .