باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1250 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئۇيغۇرلار ۋە ئايرۇپىلان
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5484
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 134
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە134دانە
ئۆسۈش: 2160 %
مۇنبەر پۇلى: 2820 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-05
ئاخىرقى: 2011-11-25
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-31 10:19

ئۇيغۇرلار ۋە ئايرۇپىلان

خەلقىمىز ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرى تۇنجى قېتىم ئايرۇپىلان بىلەن ئۇچراشقان بولۇپ، بۇ ۋاقىتتىكى ئايرۇپىلانغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ھەم كومىدىيىلىك ھەم ترادىگىيىلىك ئەھۋاللارنى ئەسلەپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇ:

1931 - يىلى ياڭزىڭشىن، جىن شۇرىنلارنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قۇمۇل تاغلىرىدىن كۆتۈرۈلگەن، تۇرپان ئويمانلىقىدا قىزغىن ئاۋاز قوشۇشقا ئېرىشكەن دىھقانلار قوزغۇلىڭىنىڭ شىددەتلىك يالقۇنى پۈتۈن شىنجاڭ تۇپرىقىنى ئۆز ھارارىتى ئىچىگە ئالدى. 1933 - يىلى 1 - ئايدا مەھسۇت مۇھىتى، مەخموت مۇھىتى باشچىلىقىدىكى تۇرپان قوزغۇلاڭچىلىرى غەلىبىلىك ئۇرۇشلارنى قىلىپ، تۇرپان يېڭى شەھەر، كونا شەھەرلەرنى ئىشغال قىلغاندىن كىيىن، پىچانغا يۈرۈش قىلدى ۋە سېپىلىنى مۇھاسىرىگە ئېلىپ بۇ يەردىكى دۈشمەنلەرنى قاتتىق ساراسىمىگە سالدى. دەل شۇ چاغدا قۇمۇل دىھقانلار قوزغۇلۇڭىنى باستۇرۇش قوشۇنىنىڭ باش قوماندانى، جاللات شېڭ شىسەي تۆت مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر ۋە ئىلغار قوراللار بىلەن قوراللىنىپ، قوزغۇلاڭچىلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن پىچانغا ھۇجۇم قىلىپ كەلدى.
مۇشۇنداق جىددى ئەھۋالدا قوزغۇلاڭچىلار ئىستىراتىگىيىلىك يۆتكۈلۈش ئېلىپ بېرىپ، بىر تەرەپتىن ئۇرۇش قىلغاچ بىر تەرەپتىن تۇرپانغا قاراپ چېكىندى. قوزغۇلاڭچىلار لەمجىن يېزىسى تەۋەسىگە كەلگەندە، ئۈرۈمچى تەرەپتىن بىر قوش قاناتلىق ئايرۇپىلان كېلىپ، ئۇرۇش مەيدانىنىڭ ئۈستىدە ئايلىنىشقا باشلىدى. بۇ شىنجاڭنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ئايرۇپىلاننى دىھقانلار قوزغۇلىڭىنى باستۇرۇشقا تۇنجى قېتىم ئىشلىتىشى ھەم بۇ يەردىكى خەلقنىڭمۇ ئايرۇپىلاننى تۇنجى قېتىم كۆرۈشى ئىدى. بىر قىسىم پىدائىيلار ئاسماندا غارقىراپ ئۇچۇۋاتقان بۇ تۈمۈر قۇشقا ھەيران بولغۇنىچە، دۇپپىلىرىنى قۇلىغا ئېلىپ قاراپ تۇرۇپ قېلىشتى، يەنە بىر قىسىملىرى « بۇ قۇدرىتى چەكسىز نەرسىكەن » دەپ قاراپ قورقۇپ، ھەر تەرەپكە پېتىراپ كېتىشتى. يەنە بىر قىسىم پىدائىيلار بولسا : « قورۇقماڭلار، بومبا تاشلايدىغان بولسا تاشلاپ باقسۇن، ئاسماندا ئۇچۇپ كېتىۋاتقان قاغىنىڭ پوقى كىمنىڭ بېشىغا چۈشۈپتۇ » دىيىشىپ، پىسەنتكە ئالمىدى ۋە ئايرۇپىلاننى قارىغا ئېلىپ ئوق چىقىرىشتى. بەختكە يارىشا ئايرۇپىلان بومبىنى دەل جايىغا تاشلىيالمىغاچقا، پىدائىلار كۆپ چىقىمدار بولمىدى.
1937 - يىلى قەشقەردە تۇرىۋاتقان تۇرپان، قۇمۇل قوزغۇلىڭىنىڭ ھەربى سەركەردىسى، جەنۇبى شىنجاڭ ئامانلىق ساقلاش شىتابىنىڭ مۇئاۋىن قۇماندانى، قوشۇمچە 6 - ئاتلىق دىۋىزىيىنىڭ باشلىقى مەھمۇت مۇھىتى شىڭ شىسەينىڭ تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن زىيانداشلىق قىلىشى، قىستىشى ئارقىسىدا ئامالسىز دالاخ يولى بىلەن ھىندىستانغا چىقىپ كەتتى. بۇ چاغدا مەھمۇت مۇھىتىنىڭ قول ئاستىدىكى قەھرىمان لىيەنجاڭى ئابدۇنىياز شىجاڭلىق ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئېلىپ، قالدۇق قىسىملارغا باشچىلىق قىلىپ، شىڭ شىسەيگە قارشى جەڭگە ئاتلاندى. شۇ يىلى 6 - ئايدا ئابدۇنىياز قىسىملىرى كەلپىننىڭ سايباغ دىگەن يېرىدە ئىككى ئايرۇپىلاننىڭ بومباردىمان قىلىشىغا ئۇچرىدى.
پىدائىلار ئايرۇپىلاننى تۇنجى قېتىم كۆرگەچكە، تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالدى. بۇ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلگەن دۈشمەن ئايرۇپىلانلىرى پەس ئۇچۇپ پىلىموت بىلەن بىر مۇنچىلىغان پىدائىيلارنى قىرغىن قىلدى. بۇنىڭدىن غەزەپكە كەلگەن مەرگەن ئابدۇنىياز شىجاڭ بىر ئىگىز قىيالىققا چىقىپ، بەش ئاتار مىلتىق بىلەن چەنلەپ ئېتىپ، ئايرۇپىلانغا ئوقنى تەككۈزدى. ئايرۇپىلان يارىلانغان قاغىدەك پۇلاڭلاپ ئۇچقۇنىچە تاغ باغرىغا چۈشۈپ كەتتى. پىدائىلار يۈگۈرۈشۈپ بېرىپ، ئايرۇپىلاندىكى بىر ئەسكەرنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، ئۇچقۇچىنىڭ ھايات ئىكەنلىگىنى كۆرۈپ، ئۇچقۇچىنى ئەسىرگە ئالدى. ئايرۇپىلاننى تۇنجى قېتىم كۆرگەن پىدائىلارنىڭ قارا مىلتىق بىلەن دۈشمەن ئايرۇپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرىشى ئۇرۇش تارىخىدىكى بىر مۆجىزە ئىدى.
1934 - يىلى 3 - ئاينىڭ ئاخىرقى بىر كۈنى قەشقەر ئاسمىنىدا بىر ئايرۇپىلاننىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. ئۇزاق ئۆتمەيلا بىر قىرغۇچى بومباردىمانچى ئايرۇپىلان قەشقەر شەھىرى ئاسمىنىنى بىر قانچە قېتىم ئايلانغاندىن كىيىن شەھەردىن تەخمىنەن ئالتە - يەتتە كىلومىتىر يىراقلىقتىكى ئەسكى ھىسار ( قاراخانىلار دەۋرىدىكى قەدىمقى قورغان ) خارابىسىگە قوندى. شۇ ئەتراپتىكى كىشىلەر ئاسماندا ئۇچالايدىغان بۇ تۆمۈر مەخلۇققا ھەيران بولغىنىچە يىراقتىن قاراپ تۇرۇشتى. ھەربىي، مەمۇرى دائىرىلەر بۇ ئىشتىن ئالاقزادە بولۇپ، ئايرۇپىلاننىڭ ئەتراپىنى قورشىدى. شۇ ئارىدا ئايرۇپىلاننىڭ ئىچىدىن ئۇچقۇچى كىيىمى كىيگەن 27 ياشلىق ئۇيغۇر يىگىتى ئابدۇقادىر چىقىپ : « سالام ئانا يۇرتۇم قەشقەر، سالام ئەزىزانە خەلقىم ... » دەپ قولىنى كۆكسىگە قويۇپ تەزىم قىلدى ۋە « ما جۇڭيىڭ قىسىملىرى نەدە؟ » دەپ سورىدى.
ئابدۇقادىر ئەسلىدە قەشقەرلىك بولۇپ، 1914 - يىلى ئاتىسى مۇھەممەت رېھىمئاخۇن بىلەن ھەج قىلغىلى مېڭىپ، باغداتقا كەلگەندە ئەنگىلىيە ئاخبارات ئورۇنلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەنىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئەنگىلىيىلىك بىر گېنىرال ئابدۇقادىرنى ئەنگىلىيە ئاۋېئاتسىيە مەكتىۋىدە ئوقۇتتى. ئابدۇقادىر مەكتەپنى ياخشى ئوقۇپ پۈتتۈرگەندىن كىيىن ئەنگىلىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان ھىندىستاندا خىزمەت قىلدى. كىيىن ئۇ چوڭ ئەترەت باشلىقى بولۇپ ئۆستۈرۈلۈپ، كاراچىدا ھەربىي خىزمەت ئۆتىدى.
1934 - يىلى 2 - ئاينىڭ 6 - كۈنى باسمىچى ما جۇڭيىڭنىڭ قول ئاستىدىكى ما فۇيۈەن قەشقەرگە بېسىپ كىرىپ، قەشقەر شەھىرىنى بۇلاڭ - تالاڭ قىلدى. قەتلىئام يۈرگۈزۈپ، مىڭلىغان كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى. بۇ قانلىق ۋەقەدىن خەۋەر تاپقان ئابدۇقادىر يات تائىپىلەرنىڭ ئانا يۇرتىدا قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىقىغا چىداپ تۇرالماي، قىساس ئېلىش نىيىتىگە كەلدى ۋە تولۇق قۇراللىنىپ، ھەربىي تۈزۈمگە، ئۆزىنىڭ ھايات - ماماتىغا قارىماي، ھىچقانداق ھاۋا يولى بولمىغان، سىرى ئېچىلمىغان قارا قۇرۇم تاغلىرىدىن ئۆزىنىڭ يۇقۇرى ئۇچۇش تېخنىكىسى بىلەن كېسىپ ئۆتۈپ، قەشقەر شەھىرىگە يېتىپ كەلدى.
ئەپسۇس، مىڭ ئەپسۇس، ئابدۇقادىر قەشقەرگە كەلگەندە ما جۇڭيىڭ سوۋېتكە قېچىپ كەتكەن، ما خۇسەن خوتەننى بېسىپ ياتقان، قەشقەر شىڭ شىسەينىڭ باشقۇرىشىغا ئۆتكەنىدى. شۇڭا، ئۇ « ئابدۇقادىر » ئارتۇق پائالىيەت ئېلىپ بېرىشقا ئامالسىز قالدى. لېكىن، ئۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىك ئۇچقۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن تۆمۈر قۇشنىڭ ياردىمىدە ئانا يۇرتىغا ئۇچۇپ كىلىپ، ئاتا - ئانا قېرىنداشلىرىنىڭ، كىندىك قېنى تۆكۈلگەن زىمىننىڭ مىھرىگە قېنىپ، يۈكسەك ۋەتەن پەرۋەرلىك روھىنى نامايەن قىلدى !!!
قاناتلىق ئىنساندىن ئىلىندى .
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7538
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 77
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە77دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 895 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-23
ئاخىرقى: 2011-09-05

ياخشى خەۋەر ئىكەن!