قىممەت ۋە ھىممەت
يالقۇن رۇزى
شىۋولدىكى رازىخان
2001- يىلى 12- مارت چۈشتىن بۇرۇن. تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىدىكى كېرىيە بوستانلىقىغا قاراشلىق بىر نامرات يېزا. تۇتۇق ئاسماندىن توختىماي توپا يېغىپ تۇراتتى. ئەتىياز بىلەن قىش ئارلىقىدا بولىدىغان مۇزدەك سوغۇق بەدەننى ھېلىدىن –ھېلىغا جۇغ –جۇغ قىلاتتى. چاڭ باسقان يۇپۇرماقسىز دەل – دەرەخلەر شۈمشىيىپ تۇراتتى. شاخ – شۇمبىلار بىلەن قوشامداپ سېلىنغان ئاددىي ئۆيلەر بەكمۇ غېرىبانە كۆرۈنەتتى. ئاسمانمۇ، زېمىنمۇ كۆڭلىنى غەش قىلىدىغان مەنزىرلەر بىلەن تولغانىدى. قۇرۇق تېمىمۇ يوق، ھەممە يېرىدىن توپا ئۆرلەپ تۇرىدىغان بىر مەكتەپنىڭ ھويلىسىدا مۇزدەك سوغۇقتا، كىيىملىرى يېلىڭ بىر مەسۇمە قىز مۇخبىرلار ئالدىدا نىمجان كەپتەردەك دىرىلدەپ تىترەپ تۇراتتى. بۇ مەسۇمە قىزنىڭ ئىسمى رازىخان ئىدى. ئۇنىڭ ھىكايىسىنى ئاڭلىغان ھەر قانداق كىشىنىڭ يۈرىكى شامدەك ئېرىمەي قالمايتتى. ئۇنىڭ ھىكايىسى تۇلىمۇ قىسقا ، ئەمما بەكمۇ ئېچىنىشلىق ئىدى. ئاڭلىغان كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمىگۈدەك دەرىجىدە غەلىتە بۇلۇپ، ئەقلىگە پەقەت سىغمايتتى. ئارىدىن 10 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ ، ئاشۇ بىچارە قىزنىڭ ئېچىنىشلىق ھىكايىسى ھەم ئۇنىڭ مۇخبىرلار ئالدىدا دىرىلداپ تىترەپ تۇرغان ھالىتى تۈنۈگۈنكىدەكلا ئېسىمدە ئىدى. مەن ئۇنى پات – پات ئەسلەيتتىم. ئۈرۈمچىدىكى ۋە باشقا جايلاردىكى مەكتەپلەردە تەكلىپ بىلەن ئوقۇغۇچىلارغا كىشىلىك ھايات قارشىنى شەكىللەندۈرۈش، توغرا قىممەت قارشىنى تۇرغۇزۇش تېمىلىدا نۇتۇق سۆزلىگەندە مىسال كەلتۈرەتتىم. رازىخاننىڭ ھىكايىسى مەن 21-ئەسىرگە قەدەم قويغاندىن كىيىن ئاڭلىغان ئەڭ چوڭ خەۋەر ئىدى. مەن رازىخاننى كۆرگەندە 21 – ئەسىرگە قەدەم قويغىنىمىزغا 71 كۈن بولغانىدى. كېلەچەككە ھەر دائىم ئىشەنچ بىلەن قارايدىغان روھىي ھالىتىم 21-ئەسىرگە قەدەم قويغىنىمزغا ھارپىسىدا تېخىمۇ ئۈمىدكە تولغانىدى. ماڭا نىسبەتەن 21 – ئەسىرنىڭ يىتىپ كىلىشى بىلەن تەكڭ قۇچاق ئېچىشى مۇمكىن بولغان بىرەر پارلاق مەنزىرىدىن دېرەك يوق بولسىمۇ، ۋۇجۇدۇمدا كۆرۈلگەن بۇ پىسخىكىلىق ھالەت كالىنداردىكى «چوڭ سەكرەش » بىلەن مۇناسىۋەتلىك تەبئىي ھاياجان ئىدى. مەن 21 – ئەسىرگە قەدەم قۇيۇشنى كالىندارچىلىق جەھەتتىكى ئەھمىيىتىدىن تاشقىرى چۈشىنىشكە ئامالسىز ئىدىم. 21-ئەسىرگە قەدەم قۇيۇش ھەقىقەتەنمۇ ئادەتتىكى بىر ئەسىر ئالمىشىش ئەمەس ، بەلكى مىڭ يىلدا بىر ئۆزگىرىدىغان ئېرا ئالمىشىش ئىدى. بىر ئېرادىن يەنە بىر ئېراغا قەدەم قۇيۇش ئىنسانىيەت تارىخىدىكى چوڭ بىر ئىش ھىسابلىناتتى. ئەنە شۇنداق چوڭ ئېراغا ئاتلىغاندىن كىيىن قەلبىمنى لەرزىگە سالغان چوڭ خەۋەر – ئاشۇ مەسۇمە قىز رازىخاننىڭ ھىكايىسى بولغانىدى.
بۇ يىل، يەنى 2010 – يىلنىڭ باشلىرى بىر كۈنى كەچتە ئۆيۈمدە ئولتۇرۇپ، تىزگىنەك بىلەن تېلۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 2 – يۈرۈش قانىلىدا دىكتور ماھىنۇر ئەخمەتنىڭ نەق مەيدان خەۋرى كۆرسىتىلىپ قالدى. دىكتور ئاپتىنوم رايۇنلۇق خەلق قۇرۇلتىيى يىللىق يىغىنى بىلەن سىياسى كېڭەشنىڭ يىللىق يىغىنىغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنى نەق مەيداندىن ئاڭلىتۋاتاتتى. دىكتور ماھىنۇر ئەخمەت ئارلىقتا بۇ قېتىمقى « ئىككى يىغىن » دا « مەجبۇرىيەت مائارىپى » باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا دەرىسلىكلەرنى ھەقسىز تارقىتىش توغرىسىدىكى قارارنىڭ ئوتتۇرغا قۇيۇلغانلىقىنى ئۇقتۇردى. شۇئان قەلب ئالبومىمدا رازىخاننىڭ سوغۇقتا، يېلىڭ كىيىملىرى بىلەن مۇخبىرلار ئالدىدا دىرىلداپ تۇرغان ھالىتى ئەكس ئەتتى. ئەگەر دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي كۈچى بالدۇراق ئاشقان بولسا، بۇ قارار نەچچە ئون يىل ئىلگىرى ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان بۇلاتتىدە، بەخىتسىز قىزچاق رازىخاننىڭ ئېچىنىشلىق ھىكايىسى يۈز بەرمىگەن بۇلاتتى. دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي كۈچى ئاشمىغان ئەھۋالدا بۇنداق قارارنى چىقىرىشقا ھەقىقەتەن ئىمكانىيەت يار بەرمەيتتى. بۇ تەرىپىنى چۈشىنىشكە بۇلاتتى. يۈز بەرگىنىگە ئون يىل بولغان بۇ ھىكايىنى بىز 2001 – يىلى مارتتا كېرىيە ناھىيىسىدە ئاڭلىغانىدۇق. بىز دېگىنىم شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق شىنخۇا كىتابخانىسىدىن تەشكىنلەنگەن دەرىسلىك كىتابلارنىڭ ئوقۇغۇچى بېشىغا ئەمەلىيىلىشىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكى ئون كىشى ئىدى. بۇ گۇرۇپپىنى شىنجاڭ مائارىپ نەشىرياتىنىڭ باشلىقى ئابدۇرازاق سايىم تەشكىللىگەن بۇلۇپ، گۇرۇپپىنىڭ مەقسىتى خۇتەن، قەشقەر، قىزىلسۇدىن ئىبارەت ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى « مەجبۇرىيەت مائارىپى » باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسلىك كىتابلارنى سېتىۋېلىشى قىيىن بۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ ، ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەپ مەركەزگە يوللاش، شۇ ئارقىلىق مەركەزنىڭ سىياسەت ۋە تەدبىر بەلگىللىشىنى ئاساس بىلەن تەمىنلەپ، دەرسلىكلەرنى ھەقسىز تارقىتىش قارارىنىڭ چىقىرىلىشىغا تۈرتكە بۇلۇش ئىدى. بۇ تىرىشچانلىقىمىز نەتىجىلىك بوپقالسا، تالاي نامرات ئاتا – ئانىنىڭ ئىقتىسادىي يۈكى يەڭگىللىگەن بۇلاتتى. ئابدۇرازاق سايىم پۇقراغا پايدىلىق ئىشلارنى قىلىشنىڭ كويىدىلا يۈرىيدىغان ئىسىل خىزمەت ئىستىلىغا ئىگە بولغاچقا، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن ئالاقىلىشىپ بۇ گۇرۇپپىنى تەشكىللىگەنىدى. بۇگۇرۇپپىدا ئابدۇرازاق سايىم بىلەن مەندىن باشقا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مائارىپ نازرارىتىدىن ئىلھام، شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى دىكتورلىرىدىن گۈلشەن ئابدۇرېھىم، مۇنىرە غۇپۇر، مەمتىلى ئابلىز، مۇخبىر ئەنۋەر رۇزى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق شىنخۇا كىتابخانىسىدىن روشەن ، ئىبراھىملار بار ئىدى. مەن ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ سۆز تېكىستىنى يېزىشقا مەسئۇل ئىدىم. بىز ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىپ ۋىلايىتى تەۋەسىگە قەدەم قويدۇق. خۇتەن تەۋەسىدە كۈندە دېگۈدەك توپا يېغىۋاتقان ، ھاۋا سوغۇق كۈنلەر ئىدى. بىز نىيا ناھىيىسىدىكى ئىككى كۈنلۈك تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ، كېرىيە يىتىپ بارغان كۈنى كەچلىك تاماق ۋاقتىدا كېرىيە ھاكىمى مەتسەيدى خۇدا بەردى بىزگە كېرىيىنىڭ شىۋول يېزىسىدا يۈز بەرگەن دەرسلىك كىتاب بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر پاجىئەلىك ھىكايىنى سۆزلەپ بەردى. مەتسەيدى ھاكىمنىڭ دىيىشىە، شىۋول يېزىسىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بىر جۈپ ئاكا – سىڭىل بۇلۇپ، ئاكىسى 13 ياشتا، سىڭلىسى 11 ياشتا ئىكەن. ئۇلارنىڭ قۇلى قىسقا ئاتا – ئانىسى تېرىپ – تۆشەپ يىغقان پۇلىنى ئىككى بالىسىنىڭ دەرسلىك كىتاب پۇلىغا تكلىگەن بولسىمۇ، يەنىلا ئاكا – سىڭىل ئىككىسىگە 20يۈەندىن جەمئىي 40 يۈەن كېمىيىپ قاپتۇ. دەرسلىك كىتابنىڭ پۇلىنى شىنخۇا كىتانخانىسىغا تاپشۇرىدىغان قەرەل توشۇپ كەتكەچكە، مەكتەپ بۇ ئىككيلەندىن قالغان 40 يۈەننى تىزراق تۆلىۋېتىشنى سۈيلەپتۇ. ئاكا – سىڭىل ئىككەيلەن ئەھۋالنى ئاتا – ئانىسىغا ئېيتقاندىن كىيىن، دادىسى نائىلاج ، ئۈچ ئۇرۇق تۇخىسىنى سېتىپ 20 يۈەن راسلەپ، ئىككى بالىسىغا 10 يۈەندىن تۇتقۇزۇپ، مۇشۇنى بولسىمۇ تۆلەپ تۇرۇڭلار، دەپتۇ. ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى بىقۇۋۇللۇقىنى چۈشىنىدىغان بالىلارنىڭ ئارتۇق گەپ قىلىشقا تىلى بارماپتۇ. نۇمۇس تۇيغۇسى كۈچلۈك 13 ياشلىق ئوغۇل باشقىلارنىڭ ئالدىدا يەنە خىجالەتچىلىك تارتىشنى خالىماي، ئۆزىنىڭ قۇلىدىكى 10 يۈەننى سىڭلىسىغا ئۆتۈنۈپ بىرىپ، سەن قەرزىڭنى تۆلىۋەتكىن، مەن بىر ئامال قىلىمەن، دەپ سىڭلىسىنى مەكتەپكە يولغا سېلىپ قۇيۇپ، ئۆزى مەھەللىنىڭ سىرتىغا كېتىپتۇ. كەچتە ئاتا – ئانىسى ئۇنىڭ جەسىتىنى دوڭغاق جىگدىگە ئېسىلۋالغان يېرىدىن تېپىپتۇ. تاماق شىرەسىدە ئولتۇرۇپ بۇ ۋەقەنى ئاڭلىغان ھەممىمىزنىڭ ئىچى ئۆرتىنىپ كەتتى، 20 يۈەن پۇلنىڭ كەم بوپقالغانلىق سەۋەبىدىن 13ياشلىق بىر نوتا ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى. جاپاكەش دېھقاننىڭ ئۈمىدىنى يەلكىسىگە يۈكلىگەن بىر ساغلام سەھرا بالىسى قارا تۇپراق ئاستىغا كىرىپ كەتكەنىدى. ھەرخىل ئۇيۇننى ئويناپ مەيدانلاردا يۈگۈرۈپ يۈرۈشكە ، ۋېلىسپىتنى مىنىپ يېزا يوللىرىدا قۇيۇنداك چېپىپ ئويناشقا، مەكتەپ فورمىسىنى كىيىپ ساۋاقداشلىرى بىلەن «بىز بەختىلىك ئەۋلاد» دېگەن ناخشىنى جاراڭلىق ئېيتىشقا، ئاتا- ئانىسىنىڭ بوينىغا ئېسلىپ شادلىق ئىلكىدە ئۇلارنىڭ مەڭزىگە سۆيۈشكە ھەقلىق بىر ئۆسمۈر بوينىغا ئارغامچا سېلىپ ، توپا يىغىپ تۇرغان بۇ دۇنيا بىلەن ۋاقىتسىز خوشلاشقانىدى. مەن سەپەرگە چىقشنىڭ ئالدىدا باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوغلۇمغا مەكتەپنىڭ « بىر تەشتەكتىن گۈل ئەكىلىش » تاپشۇرقىنى ئورۇنداش ئۈچۈن ئۈرۈمچى ھايۋاناتلار باغچىسىنىڭ يېنىدىكى گۈل بازىرىدىن 20 يۈەنگە بىر تەشتەك گۈل ئېلىپ بەرگەنىدىم. خىيالىمدا ئادەتتىكى بىلەن ئون گۈلىنىڭ بىرى ئېچىلمىغان بىر سەبىي بالا بىر – بىرىگە روبىرو تۇراتتى. تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكىلەر 12- مارت ئەتىگەندە شىۋول يېزىسىغا قاراپ يول ئالدى. ئۇلارنىڭ مەقسىتى ئاشۇ بىچارە ئوغۇل ئوقۇغان مەكتەپنى كۆرۈش ، ئەھۋالنى ئىنىق ئۇقۇش، ئۆلۈۋالغان ئوغۇلنىڭ سىڭلىسىنى يوقلاش ئىدى. گۇرۇپپىدىكى بارلىق ئەزا بۇ ئېچىنىشلىق ۋەقەنىڭ راستلىقىغا ئۆزلىرىنى ئىشەندۈرەلمەيۋاتاتتى. ئۇلار ھېلىدىن – ھېلىغا باشلىرىنى چايقايتتى. ماشىنىلار كېرىيە ناھىيە بازىرىدىن يولغا چىقىپ بىر يېرىم سائەتچە ماڭغاندىن كىيىن شىۋول يېزىسغا يىتىپ كەلدى. مەكتەپ ئالدىغا كەلگەندە قارىساق چوڭ يىغىن ئېچىلۋاتقانىكەن. بىر نەچچە ئېغىزلىق ئاددىي سىنىپ بىناسىنىڭ ئالدىدىكى توپىلىق مەيداندا ئاتا – ئانىلار، ئوقۇغۇچىلار زوڭ ئولتۇرۇپ، مەكتەپ مۇدىرىنىڭ «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتچىلەرنىڭ مەكتەپلەرگە سىڭىپ كىرىشىگە قارشى تۇرۇش » توغرىسىدىكى سكزىنى ئاڭلاۋاتقانىكەن. مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئاۋازى سىنىپ بىناسىنىڭ ئۆگزىسىگە قۇيۇپ قۇيۇلغان كانايدىن ياڭراپ تۇراتتى. ھاۋا چاڭ ھەم سوغۇق ئىدى. بىز بارغاندىن كىيىن مەكتەپ مۇدىرى سۆزدىن توختاپ ھەممىمىز بىلەن كۆرۈشتى. شۇ ئارىدا دىكتور مۇنىرە غۇپۇر ھېلىقى قىزنى تېپىپ، يانغا تارتىپ پاراڭلىشۋېتىپتۇ. مۇخبىر ئەنۋەر رۇزى تېلكامىراغا ئېلىۋېتىپتۇ. سوغۇق ھاۋادا يېلىڭ كىيىنىۋالغان قىزچاق نىمجان كەپتەردەك دىرىلدەپ تىترەپ، بۇ ناتۇنۇش، ئەمما مېھرى ئوتلۇق مۇخبىرلارنىڭ سۇئاللىرىغا قورۇنۇپ تۇرۇپ پەس ئاۋازدا جاۋاپ بېرىۋېتىپتۇ. مۇنىۋە غۇپۇرنىڭ كۆز ياشلىرى تاراملاپ ئېقىپ ئۆزىنى تۇتالماي قاپتۇ. بۇ ئەقىلگە سىغمايدىغان پاجىئەلىك ھىكايىنىڭ بىر ئاساسلىق پىرسوناژى بولغان قىزچاق تولا يىغلاپ كۆز ياشلىرى قۇرۇپ كەتكەنمۇ ياكى گۆدەكلىكىدىن بۇ پاجىئەنىڭ تىرگىدىيىلىك قىممىتىنى چۈشىنىپ يېتەلمىدىمۇ، ئەيتاۋۇر كۆزىدە بىر تامچىمۇ ياش يوق ئىدى. ئەمما سوغۇقتىن توختىماي تىترەيتتى. مۇنىرە غۇپۇر ئۇنى ۋۇجۇدى بىلەن بولسىمۇ ئىسىتىش ئۈچۈن باغرىغا بېسىپ تۇراتتى. شۇ ئارىدا مەكتەپ مۇدىرى يىغىن ئەھلىگە بۈيۈك يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ قىزى، شىنجاڭ تىلىۋېزىيە ئىستانسىسى دىرىكتورى گۈلشەن ئابدۇرېھىمنىڭ نامرات ئوقۇغۇچىلارغا دەرسلىك كىتاب سېتىۋېلىش ئۈچۈن 2000يۈەن ئىئانە قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى. زوڭ ئولتۇرۇپ يىغىن تىڭشاۋاتقان ئاتا – ئانىلار ۋە ئوقۇغۇچىلار چاۋاك چېلىشتى. ئارقىدىن گۇرۇپپىنىڭ باشقا ئەزالىرىمۇ ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئىئانە قىلشتى. مۇنىرە غۇپۇر رازىخان ئىسىملىك ھېلىقى قىزنى يىتىلەپ كېلىپ، گۇرۇپپىدىكى ھەممەيلەنگە تۇنۇشتۇردى. قىزنىڭ گويا گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويغاندەك مۆلدۈرلەپ قاراپ تۇرغان ھالىتى قەلبىمىزگە ئورناپ كەتتى. قىزچاق چەمبەر شەكىلدە چۆرىدەپ قاراپ تۇرغان ناتۇنۇش كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا توپىلىق مەيداندىن ئۈنۈپ چىقىپ قالغان يېپىنچا ئۆسۈملىكتەك ئۈن – تىنسىز تۇراتتى. تۇتۇق ئاسماندىن توختىماي توپا يېغىۋاتاتتى. ئاسمانمۇ توپا، يەرمۇ توپا ئىدى. ئاسمان بىلەنيەرنىڭ ئوتتۇرىسدا قاپقارا قىسمەتنىڭ ئىلىكىدە 11 ياشلىق رازىخان بۇ دۇنياغا قۇيۇلغان سۇئال بەلگىسىدەك شۈمشىيىپ تۇراتتى. كۆزلەر نەملەشكەنىدى. ھېچكىم ئارتۇق گەپ قىلمايتتى. بىز شۇ كۈنى چۈشتىن كىيىن خوتەن شەھرىگە يىتىپ كەلدۇق. كەچتە يازغۇچى نۇرىمۇھەممەت توختى، شائىر رۇزى سايىت ( 2011.9.8-1943) ۋە بىر قىسىم دوختۇر ئاغىنىلەر بىلەن «خوتەن مىھمانخانىسى » نىڭ ئايرىمخانىسىدا غىزالانغاچ پاراڭلاشتۇق. يازغۇچى نۇرمۇھەممەت توختى بىلەن شائىر رۇزى سايىت پاراڭ ئارلىقىدا مەندىن ئۈرۈمچىدىكى يېڭىلىقلار ھەققىدە سوراپ قالدى. مەن يېڭى ئەسىرگە قادەم قويغاندىن بۇيان ئۇچراتقان ئەڭ يېڭى خەۋەر سۈپىتىدە شىۋولدىكى رازىخاننىڭ ھىكايىسىنى سۆزلەپ بەردىم. سورۇندىكىلەر ئاڭلاپ بەكمۇ ئازابلاندى. ئىرادىسى قاتتىق، ئەمما كۆڭلى يۇمشاق يازغۇچى نۇرمۇھەممەت توختىنىڭ كۆزلىرى لىققىدە ياشقا تولدى. خەلقچىل شائىر رۇزى سايىت « بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى. يىغىغا ئەگىشىپ يۆتىلىمۇ تۇتتى. ئۇ ئۇزۇنغىچە يۆتەلدى. ..»
يازغۇچى نۇرمۇھەممەت توختى « شىنجاڭ مەدەنىيىتى » ژۇرنىلىنىڭ 2001 – يىلى 5- سانىدا ئېلان قىلىنغان « شائىرغا كىسەل تەگكەن كۈنلەردە » ناملىق خاتىرىسىدە« خوتەن مىھمانخانىسى » نىڭ ئايرىم خانىسىدىكى سۆھبەت ئەھۋالىنى قىستۇرۇپ يېزىپ، ئوقۇرمەنلەرنى بۇ پاجىئەلىك ھىكايىدىن ئەڭ دەسلەپ خەۋەردار قىلدى. بىز بىر ئايغا يېقىن ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى ھۆججەتلىك فىلىم قىلىپ ئىشلەپ « ئىچكى ماتېريال » سۈپىتىدە ئاپتونۇم رايۇن ۋە مەركەزدىكى پارتىيە ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرىغا يەتكۈزدۇق. شىۋولدىكى رزىخاننىڭ ئېچىنىشلىق ھىكايىسى ھۆججەتلىك فىلىمدىن تۇلۇق ئەكىس ئەتتۈرىلدى. ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ خاتىمىسدە پارتىيە ، ھۆكۈمەتنىڭ خوتەن، قەشقەر ۋە قىزىلسۇدىن ئىبارەت ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستىتىكى نامرات ئائىلىلەر پەرزەنتلىرىنىڭ دەرسلىك كىتابلاردىن ھەقسىز بەھرىمەن بۇلۇشىغا كۆڭۈل بۆلىشىنى ئىلتىماس قىلدۇق. بۇ مەسىلىنى قايەرلەردىن، يەنە كىملەر، قانداق يوللار بىلەن ئىنكاس قىلىپ، ئىلتىماس قىلدى. بىز ئۇنىڭدىن بىخەۋەر. ئەمما، شۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئىشلەپ يۇقىرىغا يوللىغان ھۆججەتلىك فىلىم بەكمۇ تەسىرلىك، ئەمىلىي ھەم جانلىق ئىدى. كۆرگەن ھەر قانداق رەھبەرنىڭ ھىسداشلىقىنى قوزغىماي قالمايتتى. بىزنى خۇشھال قىلغىنى شۇكى، بىر يىلدىن كىيىن، يەنى 2002 – يىل 15 – سىنتەبىردىكى « شىنجاڭ گېزىتى «200مىڭ نامرات ئوقۇغۇچى دەرسلىك كىتابلاردىن ھەقسىز بەھرىمەن بولىدۇ » دېگەن خەۋەر بېسىلدى. دەرسلىك كىتابلاردىن ھەقسىز بەھرىمەن بۇلىدىغان ئوبىكىتلار خوتەن، قەشقەر ۋە قىزىلسۇدىكى 200 مىڭ نامرات ئوقۇغۇچى ئىدى. بىز ئىشلەپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللىغان « ئىچكى ماتېرىيال » نىڭ بۇ خۇشھاللىنارلىق خەۋەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدا مۇناسىۋىتى يوق دېگىلى بولمايتتتى. بىزنىڭ گۇرۇپپىنىڭ خىزمىتى، تىرىشچانلىقى بىكارغا كەتمىگەنىدى. بۇ خىزمەتتە ئابدۇرازاق سايىم ئالاھىدە رول ئوينىغاندىى. ئۇ، بۇ گۇرۇپپىنى تەشكىللىمەي، ئۆزى مەسئۇل بولغان دائىرىدىكى خىزمەتنى ياخشى ئىشلىسىمۇ بولىۋېرەتتى. لېكىن، خەلق ئۈچۈن پايدىلىق ئىشلارنى ئىزدىنىپ يۈرۈپ قىلىشقا ئادەتلەنگەن بۇ كادىر بىر قىسىم نانقېپى، ئۆزىنىلا ئويلايدىغان. ئىزدىنىپ ئىشلەش ئادىتى يوق كادىرلاغا پەقەت ئوخشىمايتتى. ئۇ قايسى ئورۇندا ئىشلىسە شۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولغۇدەك خەيرىلىك ئىشلارنى قىلىشنى ئۆزىگە پىرىنسىپ قىلغانىدى. ئابدۇرازاق سايىم 1996- يىلى دېكابىردا ئاقسۇ ۋىلايىتى كونا شەھەر ناھىيىلىك پارتىكومغا مۇئاۋىن شۇجىلىققا تەيىنلەپ ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا چۈشكەن مەزگىلدە ئاپتونوم رايۇنىمىزنىڭ يەر –جاي ناملىرى ئىلمىي نوقتىسىدىن ئېيتقاندا ئۇنتۇلغۇسىز بىر ئىشنىڭ روياپقا چىقىشغا تۆھپە قوشقان. يەنى، بۇ ناھىيىنىڭ شۇ يىللاردىكى « كونا شەھەر » دېگەن نامىنى تارىختىكى ئەسلىي ئاتىلىشى بۇيىچە « ئونسۇ» دەپ ئۆزگەرتىش ئۈچۈن مەمۇرىيەت ۋە قانۇن تەرتىپى بۇيىچە زېرىكمەي يول مېڭىپ ئەمەلگە ئاشۇرغان. كۆرىمىزكى، بىر قىسىم كادىرلار خەلق بەرگەن ھوقۇقنى ۋەتەن ۋە خەلق ئالدىدىكى مەسئۇلىيەت دەپ چۈشىنمەي ئىمتىياز دەپ چۈشىنىپ، ئۆزىنىڭ خەلققە مۇلازىمەت قىلىدىغان « چاكار » لىق بۇر چىنى ئۇنتۇپ، ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن كەتمەن چېپىشتىن باشقىنى ئارتۇقچە دەپ قارايدۇ. مەن بۇنداق مەسئۇليەتسىز كادىرلارغا ئەزەلدىن ئۆچ. ئۇلار ھوقۇقنى مۇلازىمەت دەپ ئەمەس، ماختىنىدىغان مەنسەپ دەپ چۈشىنىدىغانلاردۇر. بۇنداق كادىرلاردىن مەنلا ئەمەس پارتىيە، ھۆكمەتمۇ، ئاۋام خەلقمۇ بىزار. مېنىڭ چۈشىنىشىمچە، « مەجبۇرىيەت مائارىپى » باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇىچلارنى دەرسلىك كىتابلار بىلەن ھەقسىز تەمىنلەش توغرىسىدىكى سىياسەتنىڭ قارار قىلىنىشىدا، خەلقنىڭ قىيىنچىلىقىنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارغا مۇۋاپىق يول بىلەن يەتكۈزۈپ كەلگەن كادىرلار تۆھپىسى گەۋدىلىك ئىدى. ھوقۇقنى خەلق ئۈچۈن ئەمەس، خوتۇن – بالىلىرى ئۈچۈن شەخسى مەنپەئەتنىڭلا كويىدا ئىدى. شۇڭا، كادىرلار ساپاسى مەسلىسى ھازىر ھەممە ئادەم كۆڭۈل بۆلىۋاتقان مەسىلە بوپقالدى.
« مەجبۇرىيەت مائارىپى » باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا دەرىسلىكلەرنى ھەقسىز تارقىتىش مەسىلىسى ھەل قىلىنغان بۈەۈنكى كۈندە 20 يۈەن كىتاب پۇلىنى تەييارلىيالمىغانلىقى سەۋەبىدىن ئاكىسىدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلىپ قالغان بەخىتسىز قىز رازىخان ئاللىقاچان 20 ياشتىن ئاشتى. ئۇنىڭ تەقدىر – قىسمىتىدە يەنە قانداق ئۆزگىرىشلەر بولدى، بۇ تەرىپى ماڭا قاراڭغۇ. ئەمما، ئۇنىڭ بالىسى مەكتەپتە ئوقۇسا، چوقۇم دەرسلىكنى سېتىۋېلىش يۈكىدىن خالىي ھالدا ئوقۇيدۇ. بۇ دېگەنلىك ھەرگىزمۇ غەم -غۇسىسىز چوڭ بولىدۇ ، دېگەنلىك ئەمەس ئەلۋەتتە. مەنبە:شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژورنىلى