ئىنسانلارنىڭ تولىسى شۇ جەرياننى كۆرۈپ مۇشۇنداق بارلىققا كېلىدۇ دەپ شۇنىلا كۆرىدۇ. شۇ يەرگىچە تەپەككۈر قىلىپ ئۇنىڭ نېرىسىغا ئۆتمەيدۇ. ئىنساننىڭ بارلىققا كېلىدىغان شۇنداق بىر جەرياننى بارلىققا كەلتۈرگەن زاتنىڭ مەۋجۇت بولىشى مۇقەررەر ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتمەيدۇ. قانۇنىيەتنىڭ مەۋجۇتلىقىنىلا كۆرۈپ، قانۇنىيەتنى بەرپا قىلغۇچىسىنىڭ مەۋجۇت بولىشى مۇقەررەر ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتمەيدۇ. قانۇنىيەت مەۋجۇت بولغان ئىكەن، ئۇنىڭ كەينىدە بىر ئەقىلنىڭ مەۋجۇتلىقى ئېنىق. مەسىلەن، كومپۇتېر پىراگرامما بويىچە ئىشلەيدۇ. دىمەك، شۇ پىراگراممىلارنى تۈزگەن ئەقىل بارلىقىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ.