رەسىم:
بۇرۇن بىزنىڭ قورودا ئىت باقىدىغانلار يوق دېيەرلىك ئىدى. لېكىن بىر-ئىككى يىلدىن بېرى كىيىم-كېچەك، ئويۇن-تاماشىنىڭ ئورنىدا ئىت بېقىش مودا بولۇپ كەتتى. ئەتىگەندە ۋە كەچتە سىرتقا چىقىپ، سەيلە-تاماشا قىلىدىغانلار، تەنھەرىكەت ئوينايدىغانلار ئىتلىرىنى بىللە ئېلىپ چىقىپ، ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرەتتى. ئۇ ئىتلار توختىماي ھاۋشىپ، قورونى بىر ئالاتتى. تېخى بەزىدە ئۆيدىكى تېلېۋىزورنىڭ ئاۋازىنى ئۈنلۈك قىلساقمۇ، ئىتنىڭ ھاۋشىشىغا تەڭ كىلەلمەيتتى. بەزى ئىتلار شۇنداق ئوماق بولۇپ، قىلىقلىرى كۆرگەنلا كىشىنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىۋالاتتى. بەزى ئىتلار شۇنداق سەت بولۇپ، بەزىدە شۇنداق سەت ئىتلارنى قانداقمۇ باققىسى كېلىدىغاندۇ، دەپ ھەيران قالاتتىم. ئاڭلىسام بەزى ئىت ئىگىلىرى تېخى ئىتى بىلەن بىللە ئۇخلايدىكەن. ھەتتا ئۇلار ئىتلىرىغا چەت ئەللىك كىنو چولپانلىرىنىڭ ئىسمىنى قويۇپ ئۈلگۈرۈپتۇ. دېمىسىمۇ ھازىر بۇ جاھاننىڭ ئىشلىرىغا توۋا دېمەكتىن باشقا ئامال يوق.
يېقىندا قورودا غەلىتە ئىش يۈز بەردى. پېنسىيەگە چىققىنىغا ئۇزۇن بولمىغان غالىپكام ئىتتىن بىرنى سېتىۋاپتۇ. غالىپكامنىڭ ئىت سېتىۋالغانلىقى بىردەمدىلا قوروغا پۇر كەتتى. بىر كۈنى بازاردىن يېنىپ قوروغا كىرسەم، ھويلىدىكى ئۈجمە دەرىخى ئاستىدىكى ئورۇندۇقتا قوشنىلار يىغىلىپ ئولتۇرۇپتۇ. نىمە ئىش بولغاندۇ، دەپ قىزىقىپ ئۇ يەرگە باردىم. ئەسلىدە غالىپكام ئىتىنى ئۆيدىن ئېلىپ چىققان ئىكەن. غالىپكامنىڭ ئىتى ئۇزۇن يۇڭلۇق، قۇيرۇقى كالتە، قۇلاقلىرى دىڭ تۇرىدىغان، قورودىكى باشقا ئىتلارغا سېلىشتۇرغاندا، خېلى يامان ئەمەس بىر ئىت ئىكەن. قوشنىلار بەس-بەستە ئىتنىڭ پارىڭىغا چۈشۈپ كەتتى.
—غالىپئاخۇن، قىلىدىغان ئىش تاپالمىغاندەك ئىت سېتىۋاپسەنغۇ؟
—ھەي، ئەگەردە يېزىلاردا بولغان بولساق، قوي-كالا باقاتتۇق. بىزنىڭ بۇ يەردە ئۇنداق ئىشلار يوق. ئىچ پۇشۇقىنى چىقارغىلى بولارمىكىن دەپ، بۇ ئىتنى سېتىۋالدىم. ئىككى كۈندىن بېرى بىر-بىرىمىزگە خېلى كۆنۈپ قالدۇق.
—نەچچە پۇلغا ئالدىڭ بۇ جىگەر كۆزنى؟
—ئۈچ يۈز يۈەنگە.
—مەريەم ئىت سېتىۋالساڭ قاقشىمىدىمۇ؟ ئىتىڭ بىلەن يەر ئاستى ئۆيدە تۇرۇۋاتامسەن–يا؟ —دەپ چاقچاق قىلدى ھەسەنكام. غالىپكام دېمىقىنى قېقىپ قويۇپ، سۆزلەشكە باشلىدى:
—قاقشىمايدىغان ئىش بولامدۇ؟ ئۆيدە ئىت باقامدىغان دەپ سۆزلەپ كەتتى. ئەمدى خوتۇندىن قورقىدىغان سەن بولمىغاندىكىن سېتىۋالدىم. مەريەم ماڭا باتناپ ھېچ گەپ قىلمايۋاتىدۇ، كېيىنچە كۆنۈپ قالار.
—ئىتىڭنى ئالتۇن چىشلىق ئىت قىلىپ قويما يەنە؟
—نىمە؟ ئالتۇن چىشلىق ئىت دېدىڭما؟
غالىپكام ھەيران بولۇپ سورىدى. قارىغاندا ئۇ « ئالتۇن چىشلىق ئىت» ھېكايىسىنى ئوقۇمىغان بولسا كېرەك. قوروغا باشقا ئىت ئىگىلىرى ئىتلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ چىقتى. غالىپكامنىڭ ئىتىنى كۆرگەن باشقا ئىتلار يۈگۈرۈپ كېلىپ، «قەيەردىن كەلدىڭ؟» دېگەندەك ھاۋشىپ كېتىشتى. ئىتلارنىڭ ھاۋشىشىغا چىدىماي، غالىپكامنىڭ يېنىدىن ئايرىلدۇق. ئۆيگە قايتىپ كىرسەم، ئۆيدىكىلەرمۇ غالىپكامنىڭ گىپىنى قىلىپ ئولتۇرۇپتۇ.
—غالىپئاخۇن ئىتتىن بىرنى سېتىۋاپتۇ. مەريەم ھازىر تازىلىغان ئۆي ھازىر مەينەت بولۇپ كېتىۋاتىدۇ، دەپ دەردىنى تۆكۈپ كەتتى. ئۆيدىمۇ ئىت باقامدۇ؟—دەپ سۆزلەپ كەتتى ئاپام.
—ئىت باقسا نىمە بوپتۇ، بىزمۇ كەپتەر باقىمىزغۇ؟ پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن، كەچكىچە ئۆيگە بېكىنىۋېلىپ ، تېلېۋىزور كۆرگەندىن ياخشى. ئىت باقسا تالا-تۈزنى كۆپ ئايلىنىدۇ. ئىتى قاچسا، كەينىدىن ئەگىشىپ قوغلاپمۇ قويىدۇ، تېخى، —دېدى دادام غالىپكامنى ئاقلاپ.
—ئەر كىشى دېگەن بېلىق، كەپتەر، قۇشقاچ بېقىشقا ئامراق كېلىدىكەن. مەنغۇ ئەتىدىن-كەچكىچە كەپتەر پوقىنى ئادالاپ يۈردۈم. ئەمدى مەريەم ئىت پوقىنى ئادالايدىغان بوپتۇ-دە.
—ئىشقىلىپ سىلەردەك غەيۋەت قىلىپ ئولتۇرغاندىن كۆپ ياخشى.
ئۆيدىكىلەرنىڭ پارىڭىنى ئاڭلاپ، كۈلۈپ قويدۇم. ھەممىسى ھەۋەس ئۈچۈن ئەمەسمۇ؟ بىر ھەپتىگىچە قورودا غالىپكامنىڭ ئىتى قىزىق نۇقتىغا، سۆھبەت تېمىسىغا ئايلاندى . قوشنىلار بىر يەرگە يىغىلىپ قالسىلا، ئىتنىڭ گىپىنى قىلىدىغان بولۇپ كەتتى. غالىپكام ئەتىگەن ۋە كەچلىرى ئىتىنى يېتىلەپ، قورونى ئايلىناتتى. قولۇم-قوشنىلار غالىپكامنى كۆرسە، غالىپكامدىنمۇ، ئىتىدىنمۇ ھال سورايدىغان بولۇپ قالدى.
ئارىدىن ئىككى ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن، قورودا غالىپكامنىڭ ئىتى توغرىسىدىكى پاراڭلار خېلى جىمىپ كەتتى. لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا يەنە ئىتنىڭ غۇلغۇلىسى باشلاندى. ئاڭلىشىمچە، مەريەم ھەدەم قىزىنىڭ ئۆيىگە يامانلاپ كېتىپ، غالىپكام ئۆيىدە ئىتى بىلەن قاپتۇ. كىچىسى قالايمىقان چۈش كۆرۈپ، تولا جۆيلۈپ كېتىپتۇ. ئۆزى يالغۇز ئىت بېقىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ بولالماي، ئاخىرى ئىتىنى سېتىۋېتىپتۇ. ئىتنى سېتىۋەتكەندىن كېيىن، مەريەم ھەدەممۇ قايتىپ كەپتۇ. بىر كۈنى قارىسام، ئۈجمە دەرىخى ئاستىدىكى ئورۇنداقتا قولۇم-قوشنىلار پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپتۇ. ئىچىمدە چوقۇم ئىتنىڭ پارىڭىنى قىلىشىۋاتىدۇ، دەپ ئويلاپ، ئۇلارنىڭ يىنىغا باردىم.
—غالىپئاخۇن، خوتۇندىن قورقمايتتىڭ، ئەجەپ ئىتىڭنى سېتىۋېتىپسەنغۇ؟ —دەپ گەپ باشلىدى ھەسەنكام.
—مەريەم يا ئىتقا تۇر، يا ماڭا تۇر، دەپ يامانلاپ قىزىمنىڭ ئۆيىگە كەتكەن ئىدى. كىچىلىرى يامان چۈش كۆرۈپ، تولا جۆيلۈپ كەتتىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىتنىڭمۇ جاپاسى تولا ئىكەن. شۇڭا چىدىماي، بازارغا ئاپىرىپ سېتىۋەتتىم.
—نەچچە پۇلغا ساتتىڭ؟
—ئىككى يۈز يۈەنگە.
—ھوي، يۈز يۈەن زىيىنىغا سېتىپسەنغۇ؟
—مەيلى ئەمەسمۇ، بىر ھېساپتا بۇمۇ بولغىنى. يۈز يۈەن خەجلەپ، ئۆيدىكى جىدەللەرنى تۈگەتتىم.
—بايا يامان چۈش كۆرۈپ، جۆيلۈپ كەتتىم دېدىڭ. چۈشىڭنى ئېيتىپ بەرمەمسەن؟
—ئۆزۈم باغلاقلىق تۇرۇپتىمەن. بىر چاغدىن كېيىن قارىسام، ئىت «ئەمدى قولۇمغا چۈشتىڭ» دەپ قاقاقلاپ كۈلگىنىچە يېنىمغا كىلىپ، مېنى چىشلەشكە باشلىدى. شۇئان ئويغىنىپ كېتىپ قارىسام، ئىت خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەك، يېنىمدا بەخىرامان يېتىپتۇ. ئەتىسىلا ئاپىرىپ سېتىۋەتتىم. ئەمدى ھېچ نەرسە باقمايمەن.
—ئەمدى كەپتەر بېقىپ قويغىن، —دېدى ھەسەنكام چېقىشىپ.
—باقساڭ ئۆزۈڭ باق، مەن باقمايمەن.
غالىپكام شۇنداق دېگىنىچە، قولىنى كەينىگە قىلىپ، ئۆيىگە قاراپ ماڭدى. كەينىدىن ئەگىشىپ يۈرۈيدىغان ئىتى ئىسىگە كېلىپ قالغان بولسا كېرەك، ماڭغاچ پات-پات كەينىگە قاراپ قوياتتى.