باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 954 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئىلمىي مۇنازىرچىلار
ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ياخشى بولسام ئاندىن ياخشى بو& ..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7088
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 86
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە86دانە
ئۆسۈش: 180 %
مۇنبەر پۇلى: 1015 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-14
ئاخىرقى: 2011-09-15
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-28 19:42

ئىلمىي مۇنازىرچىلار

مۇنبەرگە تىزىملىتىپ كىرگەن ھەممە ئەزانىڭ تەكىتلەيدىغىنى ۋە شۇئارى شۇكى: مۇنازىرە ئىلمىي ئېلىپ بېرىلسا!
ئەمما، ئەمەلىيەت ھەممىمىز شۇنداق تەلەپنى ئۆزىمىزدىن باشقىلارغا بەكرەك قويدۇق.  ئىلمىيلىك دىگەن نىمە؟ مېنىڭ چۈشىنىشىمدە، ئىلمىيلىك دىگەن مۇنداق بولىدۇ:
(1) بىرەر مەسىلە تۇغرىلىق ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان كۆز قاراش پاكىتلىق بولۇش، ھېچ بولمىغاندا ئەقىلغا مۇۋاپىق بولۇش(چۈنكى باشقىلارنى قۇبۇل قىلسۇن دەيسىز ئەمەسمۇ)؛
(2) بىر تەرەپلىمە بولۇپ قالدى دەپ قارىغان ياكى ئوخشاش بولمىغان پىكىر بەرگەندە دەلىلنى كەلتۈرۈپ تۇرۇپ يازما يېزىش(چۈنكى سىزمۇ  ھەقىقەت دەپ چۈشەنگەن نەرسىڭىزگە قارىتا ئوخشاش بولمىغان پىكىر بېرىلسە دەلىلگە ھۆرمەت قىلىسىزغۇ؟ )؛
(3) باشقلار بىلمىگەن بىرەر مەلۇماتنى يېزىپ باشقىلارنى خەۋەرلەندۈرمەكچى بولسىڭىز ئۇنىڭ ساختا مەلۇمات ئەمەسلىكىگە بەكرەك ئەھمىيەت بەرگەن ئاساستا يېزىش(چۈنكى، پىتنە-ئىغۋالارغا سەر بولۇشنى سىزمۇ ياقتۇرمايسىزغۇ؟)؛
(4) كىشلەرنىڭ ئىلىمنى قوبۇل قىلىشى ئوخشاش ئەمەسلىكى، يەنى بىلىم قۇرۇلمىسىنىڭ ئوخشاشماسلىقىنى ئېسىدىن چىقارماسلىق، ئاددى بىر ساۋاتنى تېخى بىلمەي قالغان بولسىمۇ ئۇنىڭغا كەمسىتىش نەزىرى بىلەن پوزىتسىيە تۇتماسلىق لازىم(چۈنكى سىزمۇ ھېچنىمە بىلمەيتتىڭىز بۇرۇن، باشقىلارنىڭ ئۆزىڭىزگە سەۋىرچان بولىشىنى خالايسىزغۇ؟)؛
(5)  سىز بىلەن پىكىردە زىتلىق بولغان تەرەپكە يامان نەزەر بىلەن قارىماڭ، بولمىسا ئۇنىڭ شەخسىيىتىگە تېگىدىغان گەپ قىلىۋەتكىنىڭىزنى سەزمەيسىز(مۇنازىرە قىلىپ ھەقىقەتنى تاپماقچى ئەمەسمۇ؟ ئۆزىڭىزنىڭ قارىشىنى ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى باشقىلارغا بىلدۈرۈش نىيىتىڭىز بارغۇ؟ بولمىسا كومپۇتېر ئالدىدا بوينىڭىزنى ئاغرىتىپ نىمىگە ئولتۇرىسىز؟ شۇنداق بولغانكەن پىكىر بايان قىلىشتا ئۇسلۇپتىكى ئىلمىيلىكنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟)؛
(6) كىشىلەرگە ھەقنى يەتكۈزىمەن، تۇغرىسىنى قوبۇل قىلسۇن دەيدىكەنسىز(ئەمەلىيتتە سىزنىڭ تۇغرا بولىشى ناتايىن) ، پوزىتسىيەدە سېلىق -سىپايە مۇئامىلە قىلىپ تۇرۇپ پىكىرىڭىزنى ئىلمىي بايان قىلىڭ. قۇپال سۆز- ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىڭ.  مەسىلىنى قانداقراق بايان قىلسىڭىز قارشى تەرەپ ياكى باشقىلار سوغۇققان ھالىتىنى ساقلىغان ئاساستا يازمىڭىزنى ئەستايىدىل ئوقۇپ، دىمەكچى بولغىنىڭىزنى ئويلاپ باقىدىغانلىقىنى ياخشى مۆلچەرلەڭ. سىز بىر قاچا ئاشقا ئېھتىياجلىق ۋاقتىڭىزدا بىراۋ سىزگە سىزنى ھاقارەت قىلغان ، قۇپاللىق قىلغان، كەمسىتىش نەزىرىنى ئىپادىلەپ سىزگە ئاش بەرسە، شۇ ئاشنى قوبۇل قىلمايسىزغۇ دەيمەن.  مۇنبەردىمۇ ھەق دەپ بىلگەن نەرسىڭىزنى كىشىلەرگە شۇنداق تەلەپپۇزدا تەڭلسىڭىز باشقىلارنىڭ سوغۇققان ھالىتى بۇزۇلۇپ ئۇنى قانداق قوبۇل قىلىدۇ؟ مەلۇم ساھەدىكى ئىلىمدە ئاساسى ياخشى بولغان كىشى ئۈچۈن قوللىنىدىغان ئۇسۇل بىلەن، تېخى ئاساسى يوق بىر كىشى ئۈچۈن بايان قىلىش ئۇسلۇبىدا ئوخشاشماسلىق باردۇ؟ يەنە ھەممە نەرسىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشدە ۋاقىت تەرتىۋى بولىدۇ، ئادەم تېخىمۇ شۇنداق. ئادەم چۈشىنىشكە مۇھتاج. ھۆرمەتكە مۇھتاج، شۇ ئاساستا بىلىملىك بولۇشقا، مۇكەممەللىكە قاراپ يۈزلىنىدۇ،  بۇ يەردە بەكرەك تەكىتلىمەكچى بولغىنىم، ئۇسلۇپتىمۇ بىز ئەمەل قىلىدىغان، ئەھمىيەت بېرىدىغان "ئىلمىيلىك" بار.
(7) باشقىلار سىزگە قارىتا قارشى پىكىردە بولۇپ قالغان بولسا، ياكى شەخسىيىتىڭىزگە تېگىپ ، ھەتتا ئېغىر ھاقارەت قىلغان بولسا ، ئۇ پەقەت شۇ تەرەپنىڭ ئىشى. سىزمۇ ئۇنىڭغا بوش كەلمەي شۇ ئۇسۇلدا تەڭ تۇرسىڭىز سىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن پەرقىڭىز بار بولغان بولىدىمۇ؟  ئۇ ئىلىمسىزلىك قىلغان بولسا سىز "ئىلمىيلىك" ئۇسۇلنى ساقلىسىڭىز بولمامدۇ؟  مۇنبەردىكىلەرنىڭ ئەقلى بار، كۆزى بار. ئۇيغۇرلارنىڭ "ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك" دەيدىغان ماقالى بارغۇ؟ قارشى تەرەپ ئەخلاقسىزلىق ئىپادە قىلغان بولسا، سىزمۇ شۇنداق قىلسىڭىز نىمە مەقسەتكە يەتمەكچى؟ مەقسدىڭىز ئاچچىغىڭىزنى چىقىرۋېلىش بولسا،...  قېنى؟ سىز ئىلمىيلىك شۇئارىنى تاۋلايتتىڭىزغۇ؟ باشقىلارنىڭ مۇنبەردە سىزگە قىلغان يامان سۆزىنى كۆتۈرەلمەمسىز؟ ئوغلان دىگەن كۆڭلى-كۆكسى كەڭ، يامانغا ئەگەشمەيدىغان، مەسئۇلىيەتچان، ئىلمىيلىك پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرالايدىغان،  سەۋىرچان، ئاچچىقىنى يېڭەلەيدىغان، تۇتامغا كەلمەيدىغان ئشلارغا چېچىلىپ ئاچچىقلاپ يۈرمەيدىغان،  مەرت  بولىشى كېرەكلىكىنى  بىلىمىزغۇ؟  (ئەلۋەتتە مۇنبەردە جىدەل قىلىدىغان يازما-ئىنكاسلارنى باشقۇرغۇچىلار ئۆچۈرىدۇ، مۇنبەرنىڭ تەرتىۋىنى ساقلاش باشقۇرغۇچىلارنىڭ ۋەزىپىسى)
(8) قارشى تەرەپ مۇنبەر ئەخلاقىغا خىلاپ يازمىلار بولسا ، سىزمۇ ئۇنى دوراپ شۇ ئۇسۇلدا دەككىسىنى بېرىمەن دىسىڭىز سىزمۇ ئۇنىڭ خىلىدىن بولغان بولىسىز. شۇنداق يازمىلار بولسا مۇنبەر باشقۇرغۇچىلارغا خگۋەر بەرسىڭىز تەرتىپنى شۇلار ساقلىسۇن. بۇ مۇنبەردە يامانلىشىمەن دىسىڭىز ھېچكىم ھېچكىمدىن قورقىدىغان ئىش يوق ، ئاخىرىدا ئۆز دىلىڭىزنى ئاغرىتىشتىن باشقا يەنە مۇنبەرنى ئاۋەرە قىلغاندىن باشقا نەتىجە چىقمايدۇ. شۇنداق ئەمەسمۇ؟ شۇڭا، بارلىق تورداشلار مۇنبەر مۇنازىرە ئەخلاقىغا قاتتىق ئەمەل قىلىشنى ئۆزىمىزگە تەلەپ قۇيايلى؛
(9) ئومۇمنى كەمسىتىدىغان، مىللەتچىلىك قىلىدىغان، پىتنە تارقىتىدىغان، ... دىگەندەك يازمىلار چىقىپ قالسا بايقىغان ھامان ئۆچۈرۈپ مۇنبەرنىڭ نورمال تەرتىپىنى ساقلاش لازىم. تەستىقلاش تۈزۈمى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن باشقۇرغۇچىلار بۇ ئۆتكەلنى چىڭ تۇتسا بولىدۇ. (مۇنبەرنىڭ نورمال ھاياتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈنمۇ يەنە بويسۇنىدىغان "ئىلمىيلىك" بار)' ئىنكاس ياكى تىمىلار ۋاقتىدا تەستىقلانماي قالسا ياكى تەستىقتىن ئۆتمەي مۇنبەرگە چىقمىسا ، يازما يازغان كىشى تۇغرا مۇئامىلە قىلىشى، تەستىق ئۆتكىلىدىن چىقمىغان بولسا ئارتۇق سۈرۈشتە قىلمىسىمۇ بولىدۇ. چۈنكى تورداشلارغا   پايدىلىق ئىنكاس ياكى يازمىلار مۇنبەرگە چىقماي قالمايدۇ.  (ئەگەر بىرى، باشقىلارغا ھېچ ئەھمىيىتى يوق بىر جۈملە سۆز، ياكى كۆپ يازغان بولسىمۇ مەلۇم مەسىلە بولۇپ قالغان ئىنكاسنى يېزىپ قۇيۇپ ئارقىدىن جىدەل قىلسا ئۇنى "ئۇششۇقلۇق" قىلدى دەپ ئەيىپلەرسىز؟)
ئەمدى،( باشقا بىر تېمىدىكى مۇشۇ خىل مەسىلىگە قارىتا يازغان ئىنكاسنى بۇ يەرگە كۆچۈرۈپ كەلدىم) مۇنازىرە سوغۇققان ھالەتتە داۋام قىلماسلىققا  سەۋەپ بولۇپ قېلىۋاتقان مەسىلىگە قارىتا پىكىرىمنى بېرەي: بۇنى پەقەت ئۆزىنى "مەن مۇسۇلمان" دەپ قارايدىغان قېرىنداشلارغىلا دىگىنىم: 
مۇنازىرە مۇنبىرى بىر مەۋھۇم دۇنيادەك بولغىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە رىياللىقتىكى مۇنازىرە مەيدانىغا ئوخشاش دەپ مۇئامىلە قىلساق بولىدۇ.  دىمەكچى بولغىنىم، بىز مۇسۇلمانلار ھەممە ئىشلارنى شەرىئەتنىڭ ئۆلچىمى بويىچە قىلىشنى تەكىتلەيدىغان بولغاندىكىن،  ئەڭ ئاۋال ئۆزىمىز شۇنىڭغا بوي سۇنغان بۇلايلى.  يەنى بۇ يەردە تۇغرا-خاتلىق مەسىلىسىنى دىيىشلا ئەمەس، مۇنازىرە قىلغاندا قانداق ئېلىپ بېرىش، باشقا كىشىلەرگە گەپ قىلغاندا قانداق مۇئامىلە قىلىش، پوزىتسىيە قانداق بولۇش، ئۇسلۇپ قانداق بولۇش؟ ... دىگەندەك ھەممە جەھەتتە بىز ئۈلگە قىلىدىغان ھەم بوي سۇنىدىغان سۈننەتلەر بار(ھەدىسلەرنى ياخشىراق ئوقۇغان كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ گۈزەل ئەخلاقىنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماس). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسلام ئەمەلىيەتتە ئېلىپ بارغان ئىشلار مەيلى ئۇسلۇپ جەھەتتىن بولسۇن، تەرتىپ جەھەتتىن بولسۇن، بىز ئۈمىد قىلغان غايىۋى "ئىلمىيلىك"كە يېتىپ بارىدۇ.  بىز  ھەر جۈملە سۆزنى مۇشۇ يەرگە يازماقچى بولغىنىمىزدا، باشقىلارنىڭ ئىنكاسىغا ئىنكاس يازماقچى بولغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام باشقىلارغا سۆز قىلغاندا  قانداق پوزىتسىيە تۇتقاندۇ؟ قۇپال بولغاندىمۇ؟ سېلىق- سىپايە بولغاندىمۇ؟ ئادەم ھاقارەتلىگەندىمۇ؟ تەنە گەپ قىلىش ئۇسلۇبىنى قوللانغاندىمۇ؟ يەنى دىمەكچى، مۇشۇنداق مۇنازىرە مۇنبىرىدە  بىز چوقۇم  ئەمەل قىلىدىغان بوي سۇنىدىغان سۈننەتلەر يوقمۇ؟ دىگەنلەرنى كۆڭلىمىزدە ئويلاپ كۆرمەي ، قىزىپ كېتىپ گەپ قىلساق بۇلامدۇ؟  (مەن مۇشۇلارنى ئەسكەرتكەندىن كېيىن، مۇسۇلمان تورداشلار چوقۇم ئۆزىدىن بەزى مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ بېقىشىغا ئىشىنىمەن). ھەق گەپنى دىگەن بىلەنلا ھىساپ ئەمەس، ئۇنى قانداق ئۇسلۇپلا دىيىش مەسىلىسىمۇ بار.  قېرىنداشلار ياخشىراق ئويلاپ بېقىڭلار. بولۇپمۇ ، شەرىئەت بىلىملىرىدىن خەۋەردار بولغان تورداشلارغا دەيدىغىنىم، ئىسلامنىڭ گۈزەللىكىنى باشقىلار بىزنىڭ سۆز-ھەركىتىمىزدىن كۆرگىدەك ھالەتتە بولسۇن.  بۇ مۇنبەردىمۇ كىشىلەرنىڭ ئەخلاقى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. مۇسۇلماننىڭ ھەممە قايىل بولغىدەك گۈزەل ئەخلاقى كۆرۈنگىدەك بولسۇن.  مۇسۇلمان دىگەن ئاجايىپ گۈزەل ئەخلاقلىق ، مەدەنىيەتلىك بولىدىغان خەقكىنا؟ دەپ ھەممە ئاپىرىن ئوقۇغىدەك بولسۇن.  مۇسۇلمانلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسلامنىڭ گۈزەل ئەخلاقىنى  ئۈلگە قىلىشقا قاتتىق ئەمەل قىلساق نەتىجە چوقۇم ياخشى بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەخلاقلىق بۇلايچۇ؟ دىگەن مەقسەتتە ئىش ئېلىپ بارمىغان، ئۇ پەقەت ئاللاھنىڭ بۇيرىقىنى ئىجرا قىلىشتىلا چىڭ تۇرغان. شۇنىڭ نەتىجىسى ، يەن ئاللاھنىڭ بۇيرۇق -توسۇقلىرىغا تولۇق بوسنۇشقا تىرىشقان كىشى ئەلۋەتتە ئەڭ ئەخلاقلىق كىشى بولۇپ چىقىدۇ. ھەممە كىشىنىڭ ئىسلام بىلىملىرىدىن خەۋەردار بولىشى ۋە ئەمەل قىلىشى تەكشى ئەمەس مۇشۇ ۋاقىتتا،  بەزىلەر بىلمەي كۇفرى سۆزى قىلىشى ياكى سەل قارىشى مۇمكىن. ئۇلارغا ئالدىراپ ھۆكۈم كېسىپ ، قۇپال تېگىدىغان ئىش بولمىسۇن.  ئىسلامنى قوبۇل قىلغان كىشىگە نىسبەتەن قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىسلەرنىڭ كۆرسەتمىسىنى دەلىل قىلغان ھالدا پىكىر بايان قىلسا  دەلىلنى دەلىل دەپ قوبۇل قىلىدۇ. شۇ ھەقنىمۇ ئىسلام بىلىملىرىنى تېخى بىلمەيدىغان كىشىگە قۇپال ھالدا تەڭلىسە قوبۇل قىلماي قېلىشى مۇمكىن. بۇنىڭ مەسئۇلىيتى قوبۇل قىلمىغان كىشىدىلا ئەمەس، قانداق ئۇسۇلدا تەڭلىگەن كىشىنىڭمۇ ئىلمىيسىزلىكىدە مەسئۇلىيەت بار.  بۇ مۇنەردە ھەرگىزمۇ كىشىلەرگە ھۆكۈم كېسىدىغان ئىش بولمىسۇن.  ھەقنى سۆزلەپ قويسىڭىزلا بولدى. قوبۇل قىلدۇرۇش سىزنىڭ ۋەزىپىڭىز ئەمەس.  ئەمما ئۇسلۇپ ئىلمىيلىكى كەمچىل بولمسۇن.  بولمىسا سىزدىن مەسئۇلىيەت سۈرۈشتۈرۈلىدۇ (ئۇنى مەن سۈرۈشتۈرمەيمەن، بەلكى ئاخرەتتە ھىساپ بېرىسىز). مۇسۇلمانلار بىر-بىرىنى نازارەت قىلىپ تۇرۇش ، ياردەم قىلىش بۇرچى بار.  ئۇنى قېرىنداشلىرىڭىزغا قىلغان ئىللىق مۇئامىلە قىلغان ئاساستا ئېلىپ بارسىڭىز بولىدۇ.
ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ياخشى بولسام ئاندىن ياخشى بولغان ھىساپلىنىمەن
دوستلىشىش
كۈرەش
‹بارلىق ئەمەللەر نىيەت بىلەن بولىدۇ...›ھەدىس شە& ..
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4954
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 332
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە332دانە
ئۆسۈش: 1640 %
مۇنبەر پۇلى: 4635 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2012-01-11

اللە رەھمەت قىلسۇن قىرىندىشىم! ھەممىمىز ئىلمى بولايلى!بارلىق زىدىيەت مۇشىنى بىلمىگەنلىكتىن چىقىۋاتىدۇ!!!!
‹ئىنسان پەقەت ئۆزقىلمىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ›سۈرەنەجمە-39ئايەت
دوستلىشىش
نەزىرە
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7503
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 244
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە244دانە
ئۆسۈش: 300 %
مۇنبەر پۇلى: 2679 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-21
ئاخىرقى: 2012-01-12
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-29 19:32

بەك ياخشى يېزىپسىز   سىزنىڭ يوللىغان تىمىللىرىڭىزدىن بەك سۈيۈندۈم ، كۆپ جاپا تارتتىڭىز رەھمەت سىزگە!!!
ھايا ئىمان جۈملىسىدىندۇر
گېنېرال تارىخنى يارىتىدۇ
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3744
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 805
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە805دانە
ئۆسۈش: 2360 %
مۇنبەر پۇلى: 10100 سوم
تۆھپىسى: 8 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-01-12
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-29 22:13

مۇنازىرە ئەخلاقى يوق كىشىلەر بىلەن مۇنازىرىلىشىشنىڭ ئەھمىيىتى يوق.<<نادان بىلەن گەپ تالاشقۇچە،ئىتتىن ئاش تالاش>>.

ئالدىڭىزغا بىر ئىت ئۇچراپ قالدى.قانداق ئەھۋال يۈز بېرەر؟
ئەگەر ئىت سىزنى چىشلىۋالسا،ئۇنداقتا سىز ئىتچىلىكمۇ بولالمىدىڭىز دېگەن گەپ.
ئەگەر سىز ئىتنى چىشلىۋالسىڭىز،دېمەك سىز ئىتتىنمۇ بەتتەر ۋەھشىكەنسىز.
ئەگەر تەڭلىشىپ قالساڭلار(سىزمۇ ئىتنى چىشلىۋالمىدىڭىز،ئىتمۇ سىزنى چىشلىيەلمىدى)دېمەك،سىز ئىت دېگەن گەپ!
گېنېرالنىڭ يازمىلىرى كەڭساي مۇنبىرىگە خاس،باشقا مۇنبەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ!  
there are no poor soldiers under a good general