ئەڭ شەھۋەتپەرەس ئايال جاسۇس
مارتا ھىللىي 1876-يىلى گوللاندىيىدە تۇغۇلغان،1903-يىلى پارىژغا كىلىپ ئۇسۇلچى بولغان.ئۇنىڭ چوقۇنغۇچىلىرى ناھايىتى كۆپ بولغان.ئۇنىڭ جاسۇسلۇق ھاياتى تىخىمۇ موۋاپىقىيەتلىك بولغان،ئۇنىڭ سەۋەبىدىن فرانسىيە 1-دۇنيا ئۇرۇشىدا نەچچە يۈز مىڭ ئادىمىدىن ئايرىلغان.1917-يىلى 11-ئۆكتەبىر ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى بىرىلگەن.
ئەڭ گۈزەل ئايال جاسۇس
ئايال جاسۇسلار ئىچىدە ئادەمنى ئەڭ جەلپ قىلىدىغىنى سوۋىت ئىتىپاقىنىڭ ئايال جاسۇسى ماگرىدا كونىكوۋا.ئۇ 2-دۇنيا ئورۇشىدا ئامىركىنىڭ ئاتوم بومبىسى مەخپىيىتىگە ئىرىشىش ئۈچۈن پىرىنستۇن ئونۋىرسىتتىدىكى ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ ئارىسىغا كىرگەن،ھەتتا ئىنىشتىيىنمۇ ئۇنىڭ ئايىغىغا يىقىلغان،نەتىجىدە سوۋىت ئىتىپاقى ئاتوم بومبىسىغا دائىر ماتىرياللارغا ئىرىشكەن.
ئەڭ داڭدار ئايال جاسۇس
كرىستىنا دائىم دىگىدەك خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىپ،مەخپىي ۋەزىپە ئىجرا قىلغان.ئۇ باتۇر،زىرەكلىكى بىلەن 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا نۇرغۇن قىممەتلىك ئاخباراتلارغا ئىرىشىپ،داڭدار ئايال جاسۇسقا ئايلانغان.ئۇ ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى چىرچىل «ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئايال جاسۇس»ئىدى.
ئەڭ جەلپكار ئايال جاسۇس
ئايال جاسۇس سىنسىيە ئاجايىپ ئىشقىۋازلىقى بىلەن داڭق چىقارغان.بىر دىپلوماتنىڭ سۆزى بويىچە ،ئۇ نازاكىتى بىلەن ھەرقانداق سورۇندا ئەرلەرنىڭ ئەقلىنى لال قىلالايدىكەن.ئۇ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا ئەنگىلىيە جاسۇسلۇق ئورەىنىدا ئىشلىگەن ۋە ئىتالىيىنىڭ ئامىركىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىغانىسىدىكى دوستى ئارقىلىق ئىتالىيە دىڭىز ئارمىيىسىنىڭ شىفىر سىستىمىسىنى قولغا چۈشۈرگەن.
ئەڭ داڭلىق ئايال جاسۇس
ياپونىيىلىك ئايال جاسۇس چۈەنداۋ فاڭزى چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى جەمەئەتىدىكى بىر خانزادىنىڭ 14-مەلىكىسى بولۇپ،ئاپىسى ياپونىيىلىك.ئۇ دائىم ئەرەنچە ياسىنىپ يۈرگەچكە،«ئالتۇن قوماندان»دەپ نام ئالغان.ياپونىيە 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا تەسلىم بولغاندىن كىيىن ئۇ قولغا ئىلىنغان ۋە بىيپىڭ شەھەرلىك 1-تۈرمىگە سولانغان،كىيىن ساتقىنلىق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ ئۆلۈم جازاسى بىرىلگەن.
مەنبە:«يەر شارى تورى»دىن ئىلىندى