باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 730 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئىنسان بىز  <ئويتاغ>
ھايات مەقسەت ئەمەس، بىر جەريان.
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4750
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 347
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە347دانە
ئۆسۈش: 450 %
مۇنبەر پۇلى: 2223 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-12
ئاخىرقى: 2012-03-19
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-28 17:00

ئىنسان بىز  <ئويتاغ>

ئىنسان بىز

ھەقنى تاشلاپ ناھەقكە بىلەك تۈرمەيلى ئىنسان بىز،
ۋىجدان سېتىپ كەيىپ ھەم ھوزۇر سۈرمەيلى ئىنسان بىز.
 
مىڭ يىلدىمۇ ئۇنتۇلماس كىشگە قىلغان ياخشىلىق،
ياخشىلىققا ياندىن پىچاق كۆتۈرمەيلى ئىنسان بىز.
 
يول تاپار ئەجداد ئىزىدىن قايمۇقسا يولدىن ئېزىپ،
ئەۋلات ئۈچۈن قالغان ئىزنى سۈپۈرمەيلى ئىنسان بىز.
 
تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكى گۈل-گۈلشەن رەيھان ئارا،
مۇنبەت يەرگە ئازغان تىكەن ئۆستۈرمەيلى ئىنسان بىز.
 
ئىلىمدۇر ئۆچمەس چىراغ ئۇ بىلەن نۇرلىنار ئالەم،
مەرىپەتنىڭ مەشئىلىنى ئۆچۈرمەيلى ئىنسان بىز.
 
دۇنيا ئۆتەڭ كىشى كارۋان كەلسە ھەم كىتەر بىر كۈن،
ئۆلۈم كەلسە باشقىغا ئويۇن كۆرمەيلى ئىنسان بىز.
 
ئەگەر يالغان ئەۋىج ئالسا يېقىن كەلمەس بەرىكەت،
رىسقىمىزدىن بەرىكەتنى كۆچۈرمەيلى ئىنسان بىز.
 
ئىتقادتۇر روھ تۈۋرىكى ئۇ تۇغار ۋىجدان غورۇر،
 جان كەتسىمۇ ئىتقادنى يۈتتۈرمەيلى ئىنسان بىز.
 
ئىزدىنىش  تەپەككۇردا يىشىلەر ئالەم سىرى،
چۆكۈپ غەپلەتكە تەپەككۇرسىز يۈرمەيلى ئىنسان بىز.
 
2010-يىل 16-ئىيون
ئا.ئالىم <ئويتاغ>
AYATLIK,BIR KURAX
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4058
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 2737
ئۇنۋان:ھۆرمەتلىك ھازىرغىچە2737دانە
ئۆسۈش: 5080 %
مۇنبەر پۇلى: 19086 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-27
ئاخىرقى: 2012-03-26

قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىغاي،،،،!!!!!!!!!!!!!!