مۇنبەردىكى دوستلار! سىلەرگە نوبىل مۇكاپاتى بەرسە مۇكاپاتنى قۇبۇل قىلامتىڭلار؟
ماڭا بېرىپ قالسا ئالماسلىقىم مۇمكىن، چۈنكى، ئالسا بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىنى بىلمەيمەن.
19- ئەسىردە نوبېل ئىسىملىك بىر تەبىئىي پەن ئالىمى ياشاپ ئۆتكەن (Alfred Bernhard Nobel, 1833.10.21-1896.12.10)
نوبېل ئىنتايىن باي كىشى بولۇپ، مال- مۈلكىنى بالىلىرىغا مىراس قىلىپ بەرمەي بانكىغا قويۇپ قويغان. بۇ پۇل بەك كۆپ بولغاچقا، پۇلنىڭ ھەر يىللىق ئۆسۈمىمۇ نەچچە مىليون يۈەنگە يېتىدۇ. نوبېل ئۆلۈش ئالدىدا، پۇلىنىڭ چىققان ئۆسۈمىنى دۇنيا ئىلىم- پەن ساھەسى ۋە باشقا بىر قىسىم ساھەلەردە ئالاھىدە تۆھپە قوشقان كىشلەرگە مۇكاپات قىلىپ بېرىشنى ۋەسىيەت قىلغان. بۇ مۇكاپات 1901- يىلىدىن باشلاپ تارقىتىلغان.
ھازىرغا قەدەر نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەرنىڭ ھەممىسى ئالغان مۇكاپات پۇلى نوبېل ئىسىملىك كىشىنىڭ پۇللىرىدىن كەلگەن بانكا ئۆسۈمىدۇر.
ئەمدى، ئويلىنىپ باقايلى، بۇ پۇلنى ئېلىش كېرەكمۇ يوق؟
