بۆرە بىلەن لەگلەك  
    بۆرىنىڭ ئاغىزىغا بىر پارچە ئۇستىخان تۈرۈپ قېلىپ زادى يۇتالماپتۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۇ لەگلەك قۇشنى چاقىرتىپ ؛  
         _ گېلىمغا تۈرۈپ قالغان ئۇستىخاننى ئېلىۋەتسەڭ ، ھەققىڭنى بىرىمەن ! _ دەپتۇ .  
   لەگلەك قۇش تۇمشۇقىنى بۆرىنىڭ ئاغىزىغا كىرگۈزۈپ ، ئۇزۇن تۇمشۇقى بىلەن سۆڭەكنى تارتىپ چىققاندىن كىيىن ؛  
         - ھەق بەرمەمسەن ؟ - دەپتۇ .  
         - بايا ، تۇمشۇقۇڭنى ئاغىزىمغا تىققىنىڭدا ، يەۋەتمىگىنىمگە خوش بولمامسەن ؟ - دەپتۇ بۆرە .  
 
                                                              بىر گەپ  
 
     بىر كىشى قەۋەتلىك بىنادا ئولتۇرىدىكەن ، ئۆيدە ئولتۇرسا ئىشىكى چىكىلىپتۇ . يۈگۈرۈپ بېرىپ دېرىزىدىن بېشىنى چىقىرىپ قارىسا ،ئشىك ئالدىدا بىر كىشى تۇرغىدەك ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ؛  
     _ بىرەر ئىشىڭ بارمىدى ؟ _ دەپتۇ .  
     _ ماياققا چۈشسىڭىز ، دەيدىغان گېپىم بار ئىدى .  
ئۇ كىشى بىنادىن ئالدىراپ - سالدىراپ چۈشۈپتۇ ، ھېلىقى كىشى ئۇنىڭغا ؛  
    _ مەن يوقسۇل ئادەم ، ماڭا ئازراق ئىلتىپات قىلسىڭىز ئەپەندىم ،_ دەپتۇ .  
بۇنى ئاڭلىغان كىشىنىڭ ئاچچىقى كىلىپ ، قاتتىق زەردە بوپتۇ _ دە :  
    _ يۈرە مەن بىلەن بىرگە ماڭ ،_ دەپ ئۇكىشىنى ئارقىسىدىن ئەگەشتۈرۈپ ، بىناغا چىققاندا :  
    _ ئاللاھدىن ياردەم تىلىگىن ! _ دەپتۇ .  
    _ ئۇنداق ئادەم نىمىشقا پەستىلا بۇ گەپنى دىمەيسىز ؟  
   _ بايا مەن بىنادا تۇرۇپ ، نىمە ئىشىڭ بار ئىدى ، دىسەم ، نىمىشقا مىنى ئالداپ بىنادىن چۈشۈرىسەن ؟