رەسىم:
ئايىقىمنى كىيىۋاتىمەن
بىر كۈنى ئۆمۈچۈك،پاقا ھەم سەكسەن پۇت ئۈچەيلەن بىللە ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچىشىتۇ.
ھاراقمۇ تۈگەپتۇ،ئۇلارنىڭ كەيپى بېسىلماي،ئۆمۈچۈك:"پاقا ئاداش،سەكرەپ-سەكرەپ بېرىپ
يەنە بىرە بوتۇلكا ئەكەلمەمسەن؟دەپتۇ.
پاقا:"ۋاي ئۆزەڭ بارمامسەن ئۆمۈچۈك ئاداش."دەپتۇ.
"بولدى مەنلا باراي."دەپ سەكسەن پۇت مېڭىپتۇ. ئۇ كىتىپ شۇنداق ئۇزۇن بولغۇچە قايتىپ كەلمەپتۇ.
پاقا چىقىپ قارىسا سەكسەن پۇت سىرىتتا تۇرغۇدەك،
پاقا ئاچچىقلاپ تۇرۇپ:"ھەي،تېخى بارمىدىڭما"دەپتىكەن،
سەكسەن پۇت خىيالىدا يوق :
"ئايىقىمنى بىردىن كىيىپ،يىپىنى بىردىن چىگىپ ھېساپلاپ باقە،40 جۈپ ئاياق دەيمەن ماۋۇ."دەپتۇ.
...........
ئىككى ساراڭ دوختۇرخانىدىن قىچىپ چىقىپ بىر تۈپ ئالما دەرىخىنىڭ ئۈستىگە چىقىۋاپتۇ.
بىردەمدىن كىيىن ئۇلارنىڭ بىرى يەرگە سەكرەپ چۈشۈپتۇ ھەمدە يەردە نەچچىنى دومىلىۋىتىپتۇ.
ئاندىن دەرەخكە قاراپ:
-سەنمۇ چۈشمەمسەن؟ دەپتۇ.
-بولمايدۇ. مەن تىخى پىشمىدىم دەپتۇ يەنە بىرى.
(ئايبۇلاق) توققۇز جېنىم بولسا
ئايبۇلاق بالكونىنى تازىلاۋېتىپ بىر كونا جىن چىراق تېپىۋاپتۇ،چىراقنى ئەمدى سۈرتۈپ تۇرۇشىغا
ئىچىدىن بىر دىۋە سەكرەپ چىقىپ: ئايبۇلاق،مېنى قۇتقۇزغانلىغىڭ ئۈچۈن بىر تەلىۋىڭنى ئورۇندايمەن،
قېنى ئېيتقىن - دەپتۇ ، ئايبۇلاق تۇرۇپ كېتىپ :چىراق ئىچىدىن چىققان باشقا جىنلار ئۈچ تەلەپنى ئورۇندايدىكەندۇق،
سىز بىرنىلا دەيسىزغۇ- دىيىشىگە دىۋە قوپۇپ
: مەن دىگەن ئاتۇشلۇق دىۋە ،بولە چاققان تەلىۋىڭنى دە - دەپتۇ، ئايبۇلاق ئويلىنىۋېلىپ :
مۇشۇ مۈشۈكنىڭ توققۇز جىنى بولىدىكەن،مېنىڭمۇ توققۇز جېنىم بولسا - دەپتۇ ،
- تەلىۋىڭ ئىجاۋەت - دەپلا دىۋە يوقاپ كېتىپتۇ .
كۈنلەر ئۆتۈپ ئايبۇلاق ئېرىدىن يامانلاپ بىر قېتىم ئۆلۈپ باقماقچى بولۇپتۇ،
ئويان – ئويلاپ بۇيان ئويلاپ پويىز چاقىدا ئۆلۈپ باقماقچى بوپتۇدە رېلىستا يېتىۋاپتۇ ،
ۋاي ئەپسۇس ئايبۇلاق شۇ پېتى بىراقلا ئۆلۈپ قاپتۇ ،- نىمە ؟دىۋىنى يالغانچىكەن دەمسىز ؟
ياق، ياق ،ئۇ كۈنكى پويىز نەق ئون ۋاگونلۇق ئىكەن. |7 s2xRc
..
شەھلا91تېلىۋوزۇر كۆرىشى
شەھلا نەۋرىسى بىلەن تېلىۋېزور كۆرۇپتۇ.
بۇ ۋاقىتتا ئىكراندا ئافرىقىدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلىق توغرىسىدا
نەق مەيدان خەۋەرى بىرىۋېتىپتىكەن.
شەھلا:ئاۋۇ كىشىلەر كىم بۇلىدۇ بالام؟ ئۇلار نىمە ئىش قىلىۋاتىدۇ؟
نەۋرىسى:ئۇلار ئافرىقىدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان كىشىلەركەن ،يىگىلى تاماقىمۇ يوقكەن ئۇبىچارىلەرنىڭ. ] شەھلا:نىمە !يىگىلى تاماق يوق...؟ ئالدامچىلار ...ئەمىسە ئۇلار نەدىكى پۇلغا چېچىنى بۇدۇر قىلدۇرىدۇ. نەۋرىسى:...... ..
دەرس ۋاقتى ئۇقۇتغۇچى:11ۋۇلىت 30ۋۇلىت 220ۋۇلىت 1000ۋۇلىت ۋە 3500ۋۇلىتلىق
تۇك سىمىنىڭ قايسىنى تۇتقىلى بۇلۇدۇ،قايسىنى يۇتقىلى بۇلمايدۇ؟ ئۇقۇغۇچى:ھەممىسىنى تۇتقىلى بۇلىدۇ.بىراق بەزىلىرىنى پەقەت بىر قىتىملا تۇتقىلى بۇلىدۇ. :.............................................
مىھمانخانىنىڭ ئېلانى: كارۋاتتا يېتىپ تاماكا چەكمەڭ،
بولمىسا يەرگە چۈشكەن كۈل ئۆزىڭىز بولۇپ قېلىشىڭىز مومكىن.
يىلىم زاۋۇتىنىڭ ئېلانى: دەز كەتكەن يۈرەكتىن باشقا ھەرقانداق نەرسىنى چاپلىيالايدۇ.
كارۋات زاۋۇتىنىڭ ئېلانى: ھاياتىڭىزنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى بىز بىلەن ئۆتىدۇ.
تېلىفۇن شېركىتىنىڭ ئېلانى:ئ ۆيىڭىزگە قايتىشىڭىزدىكى ئەڭ قىسقا مۇساپە.
ھۆسۈن تۈزەش ئورنىنىڭ ئېلانى: بۇ يەردىن چىققان خېنىملارغا چاقچاق قىلماڭ،
ئۇ بەلكىم سىزنىڭ قېيىنئانىڭىز بولۇشى مومكىن.
تانسىخانىنىڭ ئېلانى: سىلەرنى ناھايىتى تېزلا جۈپ قوشماقلاردىن قىلىپ چىقمىز.
بەلباغ زاۋۇتىنىڭ ئېلانى: شىمىزڭىدىن باشقا ئىزززەت-ھۆرمىتىڭىزنىمۇ مەھكەم تۇتۇپ تۇرىدۇ.
مىۋە شېركىتىنىڭ ئېلانى: مىۋىنى كۆپ يىسىڭىز دورىنى ئاز يەيسىز