ۋەقەلىكنى توغرا باياب قىلىپسىز . ئەمما ئۇ ۋەقەلىكتىكى ئىككى ساھەبا باشقا ئادەم بولماستىن ، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئىككى پەرزەنتى ئىمام ھەسەن بىلەن ئىمام ھۈسەندۇر .بۇ ۋەقەگە شاھىت  بولغاندا ئۇلار تېخى كىچىك سەبىلەر ئىدى،(بىلىشىمچە 8-10 ياشلار ئەتىراپىدا ئىدى)،  شۇڭا بۇ ھىكايە ئەشۇ كىچىك ساھەبىلەرنىڭ  ئاشۇنداق ئەقىل -پاراسەتلىكلىگى بىلەن مەشھۇردۇر.
 
ئىككىنچى مەسىلە : ئىختىلاپ كۆپىنچە پەقەت بىلمەسلىكتىن ئۆز قاياشى بۇيىچە قارشى تەرەپكە رەد بىرىش بىلەن باشلىنىدۇ.  چۇنكى ئېنىق مەلۇماتى(جاۋابى) بولغان بىر مەسىلىدە  قانداقمۇ   بىر-بىرىگە قارشى ئىككىخىل مەزمۇن بولسۇن . شۇڭا  قېرىنداشلار باشقىلارنىڭ گەپ سۆزلىرىگە رەدىيە بەرگەندە (بولۇپمۇ دىنى مەسىللەردە) ئەگەر ئۈزىمىزنىڭ قۇرئان ۋە ھەدىستىن يېتەرلىك ئىسپاتىمىز بولسارەدىيە بېرەيلى ،يەنى تۇزىتىش بېرەيلى .مىنىڭچە بۇ خىل «رەدىيە» ئىختىلاپ كەلتۇرمەيدۇ . ئەگەر قارشى تەرەپنىڭ پىكرىمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق پاكىت ئاساسلىرى تۇلۇق بولسا ۋە ئۇچۇقتىن ئۇچۇق بىرەر ھەقىقەتكە زىت كەلمىسە  ئۇنداقتا باسقىلارنىڭ پيكرىگمۇ ھۆرمەت قىلايلى . چۇقۇمكى سىزنىڭ بىلگەنلىرىڭىز توغرا ،خەقنىڭ بىلگىنى خاتا بولۇپ چىقىشى ناتايىن ..