نەجىپ مەھپۇز [مىسىر]
قارا بۇلۇت بىر-بىرى بىلەن گىرەلىشىپ يەر يۈزىگە بارغانسېرى يېقىنلاپ كېلىۋاتاتتى، يامغۇر يېغىشقا باشلىدى، نەم، سوغۇق شامال كوچىنى سۈپۈرۈپ ئوتەتتى. كوچىدا كېتىۋاتقان كېشىلەر قەدەملىرىنى تېزلەتتى، پەقەت ئاپتوبۇس بېكىتىدىكى لاپاس ئاز بىر توپ ئادەملا تۇراتتى. بۇ ئاددى كۆرۈنۈش خۇددى قاتۇرۇپ قويغان رەسىمگىلا ئوخشاپ قالغان ئىدى. تۇيۇقسىز بىر كىشى يول بۇيىدىكى كىچىك كوچىدىن ئېتىلىپ چىقىپ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە يولنىڭ ئۇ چېتىدىكى كىچىك كوچىغا كىرىپ غايىپ بولدى. ئار-قىدىنلا بىر توپ چوڭلار ۋە بالىلار قىيا-چىيا قېلىشىپ ئۇنى قوغلاپ كېتىشتى. ۋاراڭ-چۇرۇڭ بارا-بارا پەسەيگەندە كوچا يەنە جىمجىتلىققا چۆكتى. پەقەت يامغۇرنىڭ ئاۋازىلا ئاڭلىنىپ تۇراتتى. كوچىدا بىرمۇ ئادەم يوق. لاپاس ئاستىدا تۇرغانلارنىڭ بەزىلىرى ماشىنا كۈتۈۋاتقانلار، بەزىلىرى يامغۇردىن پاناھلىنىپ تۇرغانلار ئىدى. ۋارڭ-چۇرۇڭ قايتا كۆتۇرۇلگەندە ئاۋاز بارغانسېرى كۈچىيىپ كەتتى. قوغلاپ كەتكەنلەر ئوغرىنى تۇتۇۋالغان ئىدى. بالىلار چەمبىرەك بۇلۇپ تۇرۇپ چۇقان سالاتتى، ئوغرى كوچا ئوتتۇرسىدا قېچىشقا تەمشەلگەن بولسىمۇ ئەمما قاچالمىدى. كىشىلەر ئوغرىنى ئۇراتتى، تېپەتتى، ئوغرى ئامالسىز ھەر تەرەپكە ئۆزىنى ئاتاتتى. لاپاس ئاستىدىكى كىشىلەر كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ بۇ جەڭگى- جېدەلگە دىققەت بىلەن قاراپ تۇراتتى. _قاتتىق ئۇرۇۋەتتى.
_قاراڭلار، بىنا ئالدىدىكى ساقچىنىڭ تاماشە كۆرۈپ تۇرغىننى.
_ئۇ باشقا ياققا قارىۋېلىپ كۆرمەسكە سېلىۋاتىدۇ.
يامغۇر بارغانسېرى كۈچىيىپ خۇددى سانسىز كۈمۈش يىپىلارغا ئوخشاپ قالغان ئىدى. تۇيۇقسىز يامغۇر چېلەكلەپ قۇيغاندەك يېغىپ كەتتى. كوچىدا پەقەت قالايمىقان ئۇرۇشۋاتقان باتۇرلار بىلەن لاپاس ئاستىدىكى تاماشىبىنلارلا قالغان ئىدى. باتۇرلار ھېرىپ ھالىدىن كەتكەندە مۇشلىشىشتىن توختىدى. ئەمما ئۇلار ئوغرىنى ئورۇۋىلىپ ھاسىرىشاتتى، تاكاللىشىشاتتى، ئۇلارنىڭ نېمىلەرنى دېيىشىۋاتقانلىقنى ئاڭلىغىلى بولمايتتى. كېيىن ئۇلار قاتتىق يېغىۋاتقان يامغۇرغا قارىماي مۇھىم مۇھاكىمىگە كىرىشىپ كەتتى، ئۇنىڭ مەزمۇنلىرىنى ھېچكىم ئاڭقىرالماي قالدى. ئۇلارنىڭ چىلىق- چىلىق ھۆل بۇلۇپ كەتكەن كىيىملىرى بەدىنىگە چاپلىشىپ كەتكەن بولسىمۇ ئەمما بۇنىڭغا قىلچە پەرۋا قىلماي، قەيسەرلىك بىلەن مۇنازىرىسىنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىدى. ئوغرى ھاياجانلانغان ھالدا ئۆزىنى ئاقلاۋاتاتتى، ئەمما ئۇنىڭغا ھېچكىم ئىشەنمىدى. ئۇ قوللىرىنى پۇلاڭلىتىپ خۇددى مەشھور ناتىق نۇتۇق سۆزلەۋاتقاندەك قىلاتتى. ئەپسۇس، ئارلىق يىراق ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يامغۇر قاتتىق يېغىۋاتقان بولغاچقا ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغىلى بولمىدى. ئەمما ئۇ شەك-شۈبىھسىز نۇتۇق سۆزلەۋاتاتتى، ئەتراپتىكىلەر يامغۇردا ئۇنىڭغا جىمجىت قاراپ تۇراتتى. لاپاس ئاستىدىكى كىشىلەر بۇلارنىڭ ھەممىسىنى كۆرۈرۈپ تۇردى.
_ ساقچى نېمىشقا ھېچ ئىش بولمىغاندەك قاراپ تۇرىدىغاندۇ ؟
_كىنوفىلىمنى سۈرەتكە ئېلىۋاتىدىغۇ دەيمەن..
_ بايام راستىنلا ئۇردى...............
_ بۇنداق قاتتىق يامغۇردا ھېلى مۇزاكىرە قىلىشقىنى، ھېلى نۇتۇق سۆزلىگىنى نېمىسى؟!
دەل شۇ چاغدا مەيدان تەرەپتىن ئىككى ماشىنا كېلىپ كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئالدىدىكى ئۇچقاندەك تېز كېلەتتى، كەينىدىكىسى ئىز قوغلاپ كېلىۋاتاتتى. ئالدىدىكىماشىنىا تۇيۇقسىز تورمۇز قىلىۋىدى. كەينىدىكى ماشىنا ئۇنىڭغا قاتتىق سوقۇلدى. <گۇم> قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئىككى ماشىنا ئۆرۈلۈپ كەتتى، ئارقىدىنلا ئوت كەتتى. يامغۇردا ئاللا-توۋا ۋە يىغا-زارە ئاڭلاندى. كوچىدىكى بىر توپ ئادەم بۇ ئىككى ماشىنىدىن پەقەت بىر نەچچە مېتىرلا يىراقلىقتا ئىدى، ئەمما بىرەرىمۇ ئۇ يەرگە يۈگۈرۈپ بارمىدى. ئۇلار خۇددى ئۈستىگە چۈشۈۋاتقان قاتتىق يامغۇرغا پىسەنت قىلمىغاندەك. يۈز بېرىۋاتقان بۇ ئىشلار بىلەنمۇ كارى بولمايۋاتاتتى. لاپاس ئاستىدىكى كىشىلەر باش-كۆزى قانغا بويالغان بىر ھايات قالغۇچىنىڭ ماشىنا ئاستىدىن ئاستا
ئۆمىلەپ چىقىۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئۇ بىر قانچە قېتىم ئۆرە بۇلۇشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆرە تۇرالماي ئاخىرى يىقىلدى.
_ شەكسىزكى، بۇ ھەقىقىي ئېچىنىشلىق دېلو.
_ بىراق، ساقچىنىڭ يەنىلا كارى بولمىدى ئەمەسمۇ!
_ يېقىن ئەتراپتا تېلېفۇن بار بولغىيتتى ؟
يامغۇر قاتتىق يېغىۋاتقان چاقماق چېقىۋاتقان بولغاچقا ھېچكىم قىمىرلىمىدى. ئوغرى ئاخىرى نۇتۇقىنى ئاياغلاشتۇردى، ئۇ ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا ئاڭلىغۇچىلارغا سەپسەلدى. ئۇ تۇيۇقسىز كېيىملىرىنى سېلۋېتىپ يالىڭاچلاندى. يامغۇر ئوتنى ئۆچۈرۋەتكەن ئىدى. ئۇ كىيىملىرىنى كۈيۈپ كەتكەن ماشىنىنىڭ قالدۇقلىرى ئۈستىگە ئېتىۋىتىپ، خۇددى ئۆزىنىڭ يالىڭاچ بەدىنىدن ھۇزۇلىنىۋاتقاندەك ئۆز ئورنىدا چۆرگىلەشكە باشلىدى. ئۇ ئالدىغا ئىككى قەدەم كەينىگە ئىككى قەدەم مېڭىپ خۇددى كەسپى ئۇسسۇلچىلارغا ئوخشاش ئۇسسۇل ئويناپ كەتتى. ھېلىلا ئۇنى قوغلاپ كەلگەن كىشىلەر ئەمدى ئۇنىڭ ئۇسسۇل رىتىمىغا كەلتۈرۈپ چاۋاك چېلىپ بېرىۋاتاتتى. تاماشا كۆرۈۋاتقان بالىلارمۇ قول تۇتۇشۇپ بىر چەمبەر ھاسىل قىلغان ئىدى. لاپاس ئاستىدىكى <تاماشىبىنلار> سەل ھەيران قېلىشقان بولسىمۇ، ئەمما ئەمدى كۆڭلى جايىغا چۈشۈپ ئۇھ دېيىشتى.
_ بۇ ئادەملەر كىنو ئىشلەۋاتمىقان بولىسا راستىنلا ساراڭ بوپتۇ.
_ چۇقۇم كىنو ئىشلەۋېتىپتۇ. ساقچىمۇ رولدىكى ئادەمكەن، ھېلىلا مەيدانغا چىقار بەلكىم.
_ ئۇنداقتا ھېلىقى ماشىنا ھادىسىسچۇ؟
_ بۇ چۇقۇم ئالاھىدە ماھارەت كۆرسىتىش! رېژىسسور مەلۇم بىر دېرىزە كەينىگە مۇكۇۋالغان بۇلۇشى مۇمكىن.
ئاپتوبۇس بېكىتىنىڭ ئۇدۇلدىكى بىنانىڭ بىر دېرىزىسى <جالاق> قىلىپ ئېچىلىپ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. دېرىزە ئالدىداكاستۇم-بۇرۇلكا كىيپ قېتىۋالغان بىر ئەر پەيدا بولدى. ئۇ ئۈزۈپ-ئۈزۈپ بىر
نەچچىنى ئىسقارتىۋىدى، يەنە بىر دېرىزە تۈۋىدە بىر ئايال پەيدا بولدى. ئۇ رەتلىك كىيىنگەن بۇلۇپ، ئەرگە قاراپ مەنىلىك ھالدا باش لىڭشىتتى. ئۇ ئىككىسى تەڭلا لاپاس ئاستىدىكى كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىن غايىپ بولدى. بىر ئازدىن كىيىن ئۇلار قولتۇقلىشىپ بىنادىن چىقتى-دە، يامغۇردا سۇقۇلۇپ ۋەيران بولغان ماشىنىنىڭ يېنىغا كەلدى. ئىككەيلەن بىر ئېغىزدىن سۆزلەشكەندىن كېيىن كىيىملىرىنى سېلىۋىتىپ يامغۇردا قىپيالىڭاچ بۇلۇشتى. ئايال بېشىنى ھېلىقى ھادىسىدە ئۆلگەن ئۆلۈككە ئاستا قۇيۇپ ياتتى، ئەر ئۇنىڭ يېنىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ، ئۇنى سۆيەتتى، ئاندىن ئايالنىڭ ئۈستىگە چىقىپ ئۇنىڭ بىلەن ھەدەپ يېقىنچىلىق قىلىشقا باشلىدى. ئۇسسۇل ئوينالماقتا، چاۋاك چېلىنماقتا، بالىلار قول تۇتۇشۇپ چۆرگىلمەكتە،
يامغۇر ياغماقتا...
_ تازىمۇ قاملاشمىغان ئىش بولدىغۇ بۇ !
_ كىنوغا ئېلىۋاتقان تەقدىردىمۇ بىر توپ ساراڭكەن بۇلار. ئەگەر كىنوغا ئېلىۋاتمىغان بولسا بەك قىلىقسىزلىق بولدى بۇ.
_ ساقچى تاماكا چېكىۋاتىدۇ...
بوش تۇرغان كوچا بىردىنلا جانلىنىپ كەتتى. جەنۇپ تەرەپتىن بىر كارۋان كەلدى، توگە يېتلىگەن ئادەم ئالدىدا كېلىۋاتاتتى، كەينىدە بىر توپ ئەر-ئايال بىدۇئىلار ئەگىشىپ كېلىۋاتاتتى. كارۋان <ئۇسسۇل ئوينىلۋاتقان مەيدان> غا يېقىن جايدا توختىدى، تۆگىلەر يول بۇيىغا ھەيدىۋىتىلدى. بىدۇئىنلار چېدىرلىرىنى تىكىشىتى. ئۇلار ئەمدى تارىلىشتى، بەزىلەر ئوت قالاپ تاماق ئېتىشكە باشلىدى. بەزىلىرى چاي ئىچىپ ، تاماكا چېكىشتى، بەزىلىرى ھەدەپ سۆزلەشكە باشلىدى. شىمال تەرەپتىن بىر نەچچە چوڭ ئاپتۇبۇس ساياھەت ئاپتوبۇسى كەلدى، ماشىنىدا لىق <چەتئەللىك> ئولتۇراتتى.ماشىنا ئوغرى ئۇسسۇل ئۇينىغان مەيدانىنىڭ كەينىگە توختىدى، ماشىنىدىن ئاليېشىل كىيىنگەن ئەر-ئاياللار چۈشتى..... ئۇلار ئىككى-ئۈچتىن بۇلۇشۇپ پۈتۈن دىققىتى بىلەن بىر نەرسىنى ئىزدىشەتتى، بايا بۇلۇپ ئوتكەن ئۇسسۇل. مۇھەببەت.ئۆلۈم ۋە قاتتىق يامغۇر... دېگەنلەر بىلەن زادىلا كارى يوق ئىدى. بىر توپ قۇرلۇش .ئىشچىلىرى كەلدى. ئۇلارنىڭ كەينىدە تاش، سېمۇنىت ۋە قۇرلۇش سايمانلىرى لىق قاچىلانغان قارا ماشىنا بار ئىدى. ئۇلار كىشىنى ھەيران قالدۇرغىدەك تېزى سۈرەتتە بىر قەبرە كولىدى، يەنە يېنىغا تاشتىن بىر چوڭ كارۋات قوپاردى، كارۋاتقا كىرلىك سېلىپ، كارىۋات بېشىغا گۈل قويدى. ئۇلار ھېلىقى كۆيۈپ كەتكەن ماشىنا قالدۇقلىرىنىڭ يېنىغا كېلىپ، پارچىلنىپ كەتكەن جەسەتلەرنى ئالدى، ئاندىن ھېلىقى ئاشۇق-مەشۇقلارنىڭ ئاستىدا ياتقان جەسەتنى تارتىپ ئېلىپ، جەسەتلەرنى كارۋاتقا قاتار ياتقۇزدى. ئارقىدىن ئۇلار يەنە بىر-بىرگە قىيىشماي ھەدەپ ھەپىلىشىۋاتقان ئاشۇق-مەشۇقلارنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ ھېلىلا كولانغان قەبرىگە ياتقۇزۇپ، قەبرە ئۈستىنى ياپتى-دە، توپا تاشلاپ تۈزلىۋەتتى. ئۇلار بۇلارنى قېلىپ بولغاندىن كىيىن ماشىنىغا سەكرەپ چىقىپ، نېمىلەرنىدۇ توۋلىشىپ قۇيۇندەك كېتىپ قالدى.
_ خۇددى چۈشكە ئوخشاش ئىش بولدى!
_ بۇ بىر قاباھەتلىك چۈش، بىز ئەڭ ياخشىسى بۇ يەردىن كېتەيلى.
_ يەنە بىردەم ساقلايلى.
_ نېمىنى ساقلايمىز ؟
_ بەختىلىك ئاخىرلىشىشنى.
_ بەخىت ؟
_ بۇ بەلكىم بىر مەيدان ئاپەتنىڭ ئالامىتىدۇر !
بۇياقتا مۇنازىرە بۇلۇۋاتاتتى، سوتچى كىيمىنى كىيگەن بىر كىشى قەبرە ئۈستىدە ئولتۇراتتى، ئۇنىڭ قاياقتىن كەلگەلىكىنى ھېچكىم كۆرمىدى. <چەتئەللىك> لەر تەرەپتىنمۇ ؟ ياكى بىدۇئىنلىقلار تەرەپتىن كەلدىمۇ؟ ياكى <ئۇسسۇل مەيدانى> دىن كەلدىمۇ، ھېچكىم بىلمەيتتى. ئۇ بىر پارچە گېزىتنى ئېگىز كۆتۈتۈپ خۇددى ھۆكۇمنامە جاكارلاۋاتقاندەك ئۇنلۇك ئۇقۇۋاتاتتى. ئۇنىڭ نېمە ئوقۇۋاتقانلىقىنى ھېچكىم ئاڭقىرالمىدى، ئۇنىڭ ئاۋازى چاۋاك، يامغۇر ۋە ھەر خىل تىللاردىكى ۋاراڭ- چۇرۇڭلارنى بېسىپ كەتكەن ئىدى. ئەمما ئۇنىڭ كىشىلەر ئۇقالمىغان گەپىلىرى بىكارغا كەتمىگەندەك قىلاتتى، بىردەمدىلا كوچا قاينا- تاشقىنلىق دېڭىزغا ئايلىنىپ قاتتىق تەۋرەشكە باشلىدى؛ بىدۇئىنلار ئۆز ئارا بىر-بىرىنى قىرىشقا باشلىدى،<چەتئەللىك> لەرمۇ ئۇرۇشۇپ كەتتى؛ بىدۇئىنلار بىلەن <چەت ئەلىك> لەر ئارسىدا ئۇرۇش ئوتلىرى كۆتۈرۈلدى. باشقا ئادەملەر يەنىلا ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئوينىشاتتى، تېخمۇ كۆپ ئەر-ئايال قەبرە ئەتراپىغا يىغىلىپ قىپيالىڭاچ بۇلۇشۇپ يېقىنچىلىق قىلىشماقتا ئىدى. ئوغرى تېخمۇ مەردانە ھالدا پۇتۈن ۋۇجۈدى بىلەن ئۇسسۇل ئوينىماقتا، ھەم ئىش يۇقىرى پەللىگە يەتتى، قىرغىنچىلىق، ناخشا-ئۇسسۇل، ئىشىق -مۇھەببەت، ئۆلۈم ۋە گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر...
بىر سېمىز تاقىرباش ئادەم قوپاللىق بىلەن لاپاس ئاستىدىكى كىشىلەر ئارسىغا قىستىلىپ كىردى. ئۇ قارا پوفايكا ۋەئۇزۇن شىم كىيگەن. قۇلىدا بىر دۇربۇن بار ئىدى.ئۇ قولىدىكى دۇربۇننى ئوڭ-سولغا بۇراپ كوچىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى كۆزەتكەچ، توختىماي؛ ياخشى، ياخشى......دەيتتى. لاپاس ئاستىدىكى كىشىلەر دېيىشۋالغاندەك تەڭلا نەزىرنى ئۇنىڭغا يۆتكىدى.
_خاتا ئەمەس، ئۇ رېژىسسوركەن.
ئۇ ئادەم كوچىدىكى ئادەملەرگە ۋارقىرايتتى؛
_ ھە، مانا مۇشۇنداق، ھەرگىز چاتاق چىقمىسۇن، بولمىسا باشقىدىن قىلىمىز.
بۇ چاغدا بىر ئۇنىڭدىن؛
_ سىز كىم..._دەپ سورىدى.
ئەمما، ئۇنىڭ سوئالىنى يامان نىيەتلىك بىر قول ئىشارىتى كەسكىنلىك بىلەن ئۈزۈپ قويدى، ئۇ گپىنى ئىچىگە يۇتۇۋەتتى -دە ، قايتا ئۈن چىقارمىدى. يەنە بىرەيلەن نېۋىلىرى ئادەتتىن تاشقىرى جىددىيلىشىپ كەتكەچكە بىر ئاز يۇرەكلىك ھالدا ئۇنىڭدىن؛
_ سىز ....._رېژىسسورمۇ ؟ _ دەپ سورىدى.
ئۇ پەرۋا قىلماي داۋاملىق كۆزەتمەكتە ئىدى. بۇ چاغدا بىر ئادەمنىڭ قان تەپچىپ تۇرغان كاللسى دۇگىلەپ كېلىپ بېكەتكە يېقىنلا جايدا توختىدى، قان كېسلگەن بۇيۇن تەرەپتىن ئېقىپ چىقىۋاتاتتى.
كىشىلەر چۇقان سېلىشتى، سېمىز ئادەم بۇ كاللىغا سەپسېلىپ قارىغاندىن كېيىن؛
_ بەك ياخشى بولدى، بەك ياخشى بولدى...._ دەيتتى.
_ بۇ ئادەمنىڭ كاللىسى ئىكەن، ئادەمنىڭ قېنى ئىكەن...._ كىشىلەر ئۇنىڭغا قاراپ توۋلاشتى.
سېمىز دۇربۇننى بىر- بىرى بىلەن ھەپىلىشىۋاتقان بىر چۈپ ئەر-ئايالغا توغرىلىدى، ئاندىن ئاچچقلىقپ توۋلىدى؛
_ باشقا ھەركەتكە ئالماشتۇرۇڭلار ! ھەدەپ بىر ھەركەتنى قىلىۋەرمەڭلار !
_ بۇ ئادەمنىڭ كاللسى ئىكەنغۇ! چۈشەندۇرۈپ قويسىڭىز،_ بايىقى ئادەم ئۇنىڭدىن سورىدى.
_ سىز پەقەت بىر ئېغىز گەپ قىلسىڭىزلا بىز سىزنىڭ كىملىكىڭىزنى ، بۇ ئادەملەرگە نېمە بولغانلىقنى بىلىۋالالايمىز...... _ يەنە بىرەيلەن شۇنداق دىدى.
ئۈچىنچى بىر ئادەممۇ تاقەت قىلالماي؛
_ سىزنىڭ سۆزلىشڭىزگە بىررەر توسالغۇ يوقتۇ ؟ _ دىدى. توتىنچى بىرەيلەنمۇ ئۆتۈنۈپ؛
_ بىزنىڭ نېرۋىلىرىمىز بىز ئاز تىنىچلانسا ، _ دىدى.
سېمىز ئادەم بىردىنلا ئارقىسىغا داجىدى، ئۇ خۇددى باشقىلارنىڭ كەينىگە مۆكۈۋالماقچى بولغاندەك قىلاتتى.
بىردىنلا ئۇنىڭ مەنمەنلىكى، كۆرەڭلىكىدىن ئەسەر قالمىدى. ئۇ خۇددى باشقىلاردىن زەخمەت يېگەندەك، يەنە خۇددى قىزىپ قاتتىق تىتىرەۋاتقاندەك قىلاتتى. بېكەتتكى كىشىلەر فورما كىيگەن بىر توپ ئادەمنىڭ بېكەتكە يېقىنلا جايدا خۇددى بىر توپ ئوۋ ئىتىدەك ئۇيان-بۇياننى چارلاپ يۈرگەنلىكىنى كۆردى. سېمىز تۇيۇقسىز يامغۇردا تەلۋىلەرچە يۈگۈرۈشكە باشلىدى. چارلاپ يۈرگەنلەرنىڭ بىرى ئۇنى كۆرۈرۈپ قوغلىدى، ئۇلار كىشلەر نەزىرىدىن ناھايىتى تېزلا غايىپ بولدى. كوچىدا يەنىلا قىرغىنچىلىق، ئىشىق- مۇھەببەت، ئۇسسۇل ۋە قاتتىق يامغۇر..... داۋاملاشماقتا.......
_ شەپقەتلىك رەببىم، ئۇ بىز ئويلىغان رېژىسسور ئەمەسكەن.
_ ئۇنداق بولسا ئۇ كىم ؟
_ بەلكىم ئوغرىدۇ.
ياكى بولمىسا ساراڭلار دوختۇرخانىستىن قېچىپ چىققان ساراڭلاردۇ !
_ بەلكىم ئۇ ۋە ئۇنى قوغلاپ كەتكەنلەرنىڭ ھەممىسى كىنو ۋەقەلىكلىرىدىكى رولچىدۇ.
_ بۇنىڭ ھەممىسى ھەقىقى ئادم، ھەقىقى ئىش تۇرسا، نەدىمۇ ئۇيۇن كۆرسىتش بولسۇن.
_ بىراق، ئۇيۇن دەپ پەرەز قىلغاندىلا ئەقىلغە سىغىدۇ.
_ ھېچنىمىنى پەرەز قىلمايلى.
_ ئۇنداقتا سىز بۇنى قانداق چۈشەندۇرسىز ؟
_ مەيلى نىم بولسۇن يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ ھەممىسى راسىت.
_ بۇنداق بۇلىشى مۇمكىنمۇ؟
_ ئۇلار يۈز بېرىپ بولدىغۇ.
_ مەيلى نېمە بۇلىشىدىن قەتتئينەزەر، بىز بۇ يەردىن تېزىراق كېتەيلى !
_ بۇ ئىشنى تەكشۈرگەندە يەنە بىزنى گۇۋاھلىققا چاقىرىدۇ.
_ يەنە ئۈمىد بار......
گەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ئۇ ساقچى تەرەپكە قاراپ؛
_ بېگىم... _ دەپ توۋلىدى.
ئۇ 4- قېتىم چاقىرغاندا ساقچى ئاندىن قاپىقىنى تۇرۇپ كەينىگە ئۆرۈلدى.
_ بېگىم بۇ ياققا بىر كەلسىڭىز بوپتىكەن،_ دېدى ئۇ قولىنى پۇلاڭلىتىپ.
ساقچى قاتتىق يامغۇرغا قاراپ قۇيۇپ ياقىسىنى كۆتۈتۈپ قويدى، ئاندىن تېزلا لاپاس ئاستىغا كەلدىئ ئۇ كىشىلەرگە دىققەت بىلەن قاراپ چىققاندىن كىيىن سورىدى؛
_ نېمە ئىش بولدى ؟
_ سىز بايا كوچىدا يۈز بەرگەن ئىشلارنى كۆرمىدىڭىزمۇ ؟
ئۇمۇ نەزىرىنى كوچىدىكىلەر كۆرسەتكەن تەرەپكە ئاغدۇردى.
_ بېكەتتە كېتىدىغانلار ھەممسى كېتىپ پەقەت سىلەرلا بۇ يەردە قاپسىلەر، بۇ نېمە ئىش ؟
_ بۇ ئادەمنىڭ كاللىسىغا قاراڭ !
_ سىلەرنىڭ گۇۋاھنامەڭلار قېنى ؟ ئۇ مەخسىرلىك ھىجىيپ، ئۇلارنىڭ سالاھىيتىنى تەكشۈردى.
ئاندىن، _ نېمىشقا بۇ يەردە يىغىلىش قىلىسىلەر ؟_ دەپ سورىدى.
كۆپچىلىك بىر-بىرگە قاراشقاندىن كىيىن بىر ئادەم ئوتتۇرغا چىقىپ؛
_ بىز بىر-بىرمىز بىلەن تۇنۇشمايمىز،_ دېدى.
_ يالغان ئىيتقاننىڭ پايدىسى يوق!
ساقچى كەينىگە ئىككى قەدەم يېنىپ، ئۇلارغا قارىتىپ قورال تەڭلىدى-دە، تېز سۈرئەتتە ئۇق چىقاردى. كىشىلەر بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى يىقلىدى، جەسەتلەر بېكەت ئاستىدىكى لاپاسقا دۆۋلىنىپ كەتتى. ئۇلارنىڭ باشلىرى يامغۇر سۈيى ھۆل قىلۋەتكەن يولغا چۈشتى. <تۈگىدى>
مەن بۇ يەردە ئاپتورنى قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇپ ئوتەي؛
نەجىپ مەھپۇز؛ مىسىرلىق داڭلىق يازغۇچى، 1912 قاھىردە تۇغۇلغان، ئىككى قېتىم دۆلەتلىك
مۇكاپات ۋە بىرىنجى دەرىجىلىك دۆلەت شەرەپ مېدالىغا ئېرىشكەن ھەم 1988-يىلى نوبىل
ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا نائىل بولغان. 14 ھېكايىلەر توپلىمى. 30-40 پوۋېست، رومانى نەشىر
قىلىنغان، بۇلارنىڭ ئىچىدە< ئۈچ كوچا> ناملىق مەشھور ترىلوگىيىسى بار.
(< نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرشكۈچىلەر ئەسەرلىرىدىن تاللانمى-لار> ناملىق توپلامدىن)
ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچى؛ گۈلجەننەت ئىسمايىل
مەنبە؛ ئەدەبىي تەرجىمىلەر 2005.12 سانىدىن ئېلىندى
2011.5،26