چۇچۇ مېنىڭ ئەڭ ئامراق توردىشىم.
ئالدىنقى كۇنى، <چايخانا> دا ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ خېلى چىقىشىپ قالدىم،
تېخى يۈز تۇرانە ئۇچراشماقچىمۇ بۇلۇشتۇق.
<چايخانا> دىكى سۆھبىتىمىز شۇنداق
ياخشى بولدى. ئادەتتە ئۇ، توردا ئوخشاش بىر ئىسىمنى قوللىنىپ، بىر نەچچە كىشى
بىلەن پاراڭلىشاتتى، ئۇنىڭ ئاشۇ چۇڭقۇر مەنىلىك. يۇمۇرىستىك سۆزلىرى ئاسانلا
ئوغۇل تورداشلىرىنى ئۆزىگە رام قىلىۋالاتتى، يۈز كۆرۈشۈپ باقمىغان بۇ دوستۇم
ئۆزىنى بىر ئالىي مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى دەپ تۇنۇشتۇردى. سېزىپ تۇرۇۋاتىمەنكى،
ئۇ چۇقۇم تۇلىمۇ چىرايلىق بىر قىز ستۇدېنىت. كۆڭلۈم ناھايىتى خۇشال، ئىشقىلىپ
ئۇنى-بۇنى دەپ يۈرۈپ، ئاخىرى ئۇنى قارماققا ئىلىندۈردۈم.
تورداشلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈشۈم تېخى تۇنجى قېتىملىقى ئىدى. مەن تاكسىغا ئولتۇرۇپ،
ئۇچراشماقچى بولغان ئورۇنغا توسالغۇسىز يىتىپ باردىم. ئۇنىڭ نېمىنى ئويلىغىنىنى
بىلمەيمەن. ئۇنىڭ ئۇستاتلىقنى دېمەيسىز، كۆرۈشۈشكە ئادەملەر ئۇياق-بۇياققا
كۆپرەك ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان يەرنى تاللىۋالغىننى قاراڭ، تېخى <خېشڭ يولىدىكى
گۈل دۇكىندىن ماڭا ئاتاپ 20 تال ئەتىر گۈل ئېلىڭ> دەپ تاپىلاپ كېتىشلىرىچۇ!
قارىغاندا، تازا بىر رومانتىك بىر گۈزەلگە يۇلۇقتىمۇ نېمە ! ؟ ۋاھ ... ئەتراپنى قار-مۇز
قاپلاپ كەتكەن شىمالدىكى بىر ئالىي مەكتەپ قورۇسىدا، چوپچوڭ بۇلۇپ قالغان
بىر ئەر كىشى تۇرۇپ ئەتىر گۈل تۇتقىنىچە دۈگدىيىپ تۇرساڭ، ھەممىنىڭ كۆزى
تىكىلمەمتى ئەمىسە! سەل ھەجۋىيلىشىپ كېتىۋاتامدىمەن قانداق؟
قار يەنىمۇ كۈچىيىشكە باشلىدى. ساقلاۋېرىپ باياتىنقى ئوتتەك قىزغىنلىقممۇ
نەلەرگىدۇ يوقالغان ئىدى. تۇرۇپلا ئاچچىقىم كەلدى؛ < بۇ قانداق گەپ، بىر ئادەمنى
مۇشنداق سوغۇقتا بىر سائەتمۇ ساقلاتقان بارمۇ ؟ > مەن ئۇياق- بۇياققا مېڭىپ،
ئەپراپنى كۆزىتشكە باشلىدىم. چۈنكى بۇ مەكتەپنىڭ ئامانلىق ساقلىغۇچىسى بىر
پور كۆتەك بۇلۇپ، ئىلگىرى ئۇنىڭ بىلەن بىر قېتىم تۇتۇشۇپ قالغان ئىدىم.
ئۇ چاغدا مەن قىزلار ياتىقىغا چېش چوتكىسى سېتىش ئۈچۈن كىرگىنىمدە،
ئوغرىلىق قىلىش مەخسىتىدە كىرگەن دەپ، ماڭا چىڭ ئېسىلۋالغان ئىدى.
200 يۇەن جەرىمانە تۆلىگەنلىكمنى دېمەيلا قۇياي، ماڭا بىر پارچە كاپالەتنامىمۇ
يازدۇرۋالغان ئىدى. ئۇنى ھازىر ئۈچرىتىپ قالسام، بېشىغا خىش بىلەن بىرنى
ئۇرۋالساممۇ دەردىم چىقمايدۇ مېنىڭ ! شۇڭلاشقىمىكىن، ئۇنىڭغا ئۈچراپ قېلىشتىن
ئۆزۈمنى قاچۇراتتىم. سول تەرەپتە 500 مىتىر يىراقلىقتا قىزلار ياتىقى بار ئىدى. قىزلار
ئاندا-مۇندا كىرىپ- چىقىپ تۇرىشىدۇ. ئېھتىمال ئۇلار مېنى كۈزىتىۋاتقان بۇلۇشى
مۇمكىن، ھەي! ئۇلارنىمۇ ئەيىپلىگىلى بولمايدۇ. چوپچوڭلا بىر ئادەم قولىدا
بىر دەستە ئەتىر گۈلنى تۇتقىنىچە، خۇددى سىمتاناپ تۈرۈكىدەك يول بۇيىدا
تۇرسا، ئەجەبا ئۇلار باشقىچە ئويلىنىپ قالماسمۇ ؟
دەل مۇشۇ ۋاقىتتا، مەن غەلىتە بىر ئەھۋالنى بايقىدىم. ئەتراپىمدىكى كىشىلەر
توساتتىن كۆپۈيۈپ قالدى. تەخمىنەن ئالتە- يەتتە كىشى قوللىرىدا ئەتىر گۈل
تۇتقىنىچە، ئۇياق-بۇياققا مېڭىشىپ يۈرەتتى. ئۇلارمۇ ماڭا ئوخشاش مەقسەتتە
بۇ يەرگە كېلىشكەنمىدۇ ؟ تۇرۇپلا جۇدۇنۇم تۇتتى.
ئەمما قىزلار ياتىقى تەرەپتە بىرەر قىزچاق ئادەم ساقلاۋاتقاندەك ئەمەس.
ئاخىرى تاقىتىم تاق بۇلۇپ، ئەتىرگۈلنى چاپىنىمنىڭ يانچۇقىغا قىستۇردۇم-دە،
قىزلار ياتىقى تەرەپكە قاراپ ماڭدىم. 400 مېتىر...، 300 مېتىر...، 200 مېتىر
100 مېتىر... 10مېتىر... قىزلار ياتىقىغا بارغانسېرى يېقىنلاشتىم. دەل مۇشۇ
ۋاقىتتا، قىزلار ياتىقىنىڭ بىرىنجى قەۋىتىدىكى دىجۇرنىلىك ئۆيىنىڭ ئىشىكى
دارڭڭىدە ئېچىلدى-دە، بىر توپ ئامانلىق قوغدۇغۇچىلار يۈگۈرۈشۇپ چىقىشتى.
ئۇلارنىڭ باشلىقى ھېلىقى پور كۆتەك < ھەر قايسىڭ نېمە قىلماقچى ؟> دەپ ۋارقىرىدى.
ھەر قايسىڭ ؟ مەن ئەجەپلىنىپ شۇنداق ئارقامغا قارىسام، كەينىمدىن قولىدا
ئەتىرگۈل تۇتۇۋالغان 20 نەچچە ئەر كېلىۋاتمامدۇ. ياپىرىم ! بۇ نېمە ئىش ئۆزى ؟
ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئىشچىمۇ، دېھقانمۇ، زىيالىيلارمۇ، يايمىكەشمۇ، ھەتتا پېنسىيىگە
چىققان قېرىلارمۇ بار ئىدى. مەن دەقىقە ئىچىدە ھەممىنى چۈشەندىم. مەن ئالدانغان
ئىدىم. ھېلىقى چۇچۇ بىزنى ئەخمەق قىپتۇ دە! ئار قامغا بۇرۇلۇپلا قاچتىم قۇلۇمدىكى
گۈلنىمۇ تاشلاپ، گۈللۇكتىن ئۆتۈپ، قورۇ تېمىدىن ئارتىلىپلا سەكرىدىم. ھېلىقى
ئامانلىق ساقلىغۇچىلار ۋاقىراشقىنىچە قېلىشتى ...
ئىدارەمگە يېتىپ باراي دېگەندە، توساتتىن يانفونۇمنىڭ قېپىنى گۈل دۇكىندا
ئۇنتۇپ قالغىنىمنى ئەسكە ئالدىم. ئارقامغا بۇرۇلۇپ، گۈل دۇكنىغا قاراپ ماڭدىم،
گۈل دۇكىنى ئىچىدە بىرمۇ ئادەم يوق ئىدى. ئىچكىرى ئۆيدىن كومپىيوتىر كۇنۇپكا
تاختېسىنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. مەن قىزىقىسنغان ھالدا، ئاستا تىمسىقىلاپ
مېڭىپ، ئىشىك يۇچۇقىدىن مارىلاپ باقتىم، قارىسام، ھېلىقى سەپكۈن يۈز ئايال
خوجايىن خۇشال ھالدا پۇل سانىغىلى تۇرۇپتۇ، كومپىيوتېر يېنىدىكى قېرى ئايال
ھىجايغىنچە:
_ قىزىم، بۇ ئامالىڭ ھەقىقەتەن بۇلىدىكەن جۇمۇ! ھېلىقى ئەخمەقلەر ھەر بىرى
بىر دەستىدىن ئەتىرگۈل ئېلىشىپ، بىكاردىن- بىكارغا ساقلاپ تۇرۇۋاتىدۇ،- دىدى.
ئايال خوجايىن ھىجىيىپ تۇرۇپ؛
_ ئانا، قاراڭ گېپىڭىزنى يەنىلا سىزنىڭ تۆھپىڭىز چوڭ، <چۇچۇ> دېگەن بۇ
ئىسىم < چايخەانا> دا كۆرۈنۇشى بىلەن تەڭ ھېلىقى ئەخمەقلەر ھاماقەتلەرچە
سىزگە چاپلاشتى ئەمەسمۇ ؟ تېخى ئۇلار سىزنى سۆيىدىغانلىقرىنىمۇ ئېيتىشتىغۇ!
ھى... ھى... ھى... _ دېمەسما !
مەن ھەممىنى چۈشەندىم. قانلىرىم قىزىپ، كۆز ئالدىم قاراڭغۇلۇشىپ،
بېشىم قېيىپ، يەرگە داراڭڭىدە يىقىلدىم ...
مەنبە؛ ئاپتۇرى لى ۋېيچۈەن (< مىكرو ھېكايلەردىن تاللانما> ژۇرنىلى
2006-10 سان)