باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 567 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئەرلەردە بولۇشقا تېگىشلىك ئالتە خىل گۈزەللىك
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7542
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 38
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە38دانە
ئۆسۈش: 630 %
مۇنبەر پۇلى: 823 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-23
ئاخىرقى: 2011-07-29
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-24 17:39

ئەرلەردە بولۇشقا تېگىشلىك ئالتە خىل گۈزەللىك

ئەرلەردە بولۇشقا تېگىشلىك ئالتە خىل گۈزەللىك   
  1.ئەرلەر گۈزەللىكى ئىجتىمائىي گۈزەللىكتۇر.ئىنسانلار جەمئىيىتى ئانىلىق جەمئىيەتتىنئاتىلىق جەمئىيەتكە ئۆتكەندىن باشلاپلا ئەرلەر جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى،مىللەتنىڭ توۋرۇكىبولۇپ كەلدى.ئەرلەرنىڭ قەددى - قامىتى،ئەقىل - پاراسىتى،مىجەز - خاراكتېرى بىر مىللەتنىڭ ساپاسىنىبەلگىلەيدۇ.قايسى مىللەتنىڭ ئەرلىرى باتۇر - قەيسەر،ئەقىل - پاراسەتلىك بولسا، شۇمىللەت ھاياتىي كۈچكە تولۇپ تاشىدۇ.ئەكسىچە قايسى مىللەتتە قورقۇنچاق،چاكىنا،نادان ئەرلەر كۆپ بولسا، شۇ مىللەتھالاك بولۇش تەقدىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.ئەرلەرنىڭ جاسارىتى،مىجەز - خاراكتىرى،گۈزەللىكى ئاياللارنىڭئەرلەرگە بولغان تەلىپى ياكى مۇھەببەت،نىكاھ مەسىلىسى بولۇپلا قالماستىنبەلكى تېخىمۇ چوڭقۇر ئىجتىمائىي مەسىلىدۇر.
 2.ئەرلەر گۈزەللىكىنىڭياراتقۇچىسى ئەمگەكتۇر.قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە بوز يەر ئېچىپ ئېتىز بىناقىلىش،ئوۋ ئوۋلاپچارۋا - مال بېقىش .... ۋاھاكازالارنىڭ ھەممىسىدە ئەرلەر ھامان بىرىنچى سەپتە تۇرۇپ كەلدى. ئۇزاق مۇددەتلىكئەمگەك جەريانىدا ئەرلەر ساغلام - كۈچلۈك تەن قۇرۇلمىسىنى،قەيسەر،كەسكىن مىجەز - خاراكتېرىنىيېتىلدۈردى. 

  3. مىجەز - خاراكتېر ۋە كۈچ - قۇۋۋەت ئەرلەر گۈزەللىكىنى نامايان قىلىدۇ.ئەرلەر گۈزەللىكى كېلىشكەن چىراي،سۇباتلىقتەن قۇرۇلمىسىدا ئىپادىلىنىپلا قالماستىن تېخىمۇ مۇھىمى قەيسەر خاراكتېرى ۋە يېڭىلمەسكۈچ - قۇۋۋەتتە ئىپادىلىنىدۇ.دەرۋاقە دۇنيادا چىرايىمۇ،خىسلىتىمۇ گۈزەل ئەرلەر يوق ئەمەس. لېكىن قەدىمدىن ھازىرغىچە مۇنداق ئەرلەرمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ ؛ ئۇلار ئانچە قاۋۇل ئەمەس،چىرايىمۇئادەتتىكىچە لېكىن ئۇلار تاغ - دەريالارنى زىلزىلىگە سالغۇدەك جاسارەتكە ،ھېچنەرسىدىن قورقمايدىغانباتۇرانە روھقا،ئۆچمەس نۇر چاقنىتىدىغان ئاجايىپ تالانتقا ئىگە.ئەرلەر خىزمەت،كەسپنىڭئېغىر يۇكىنى زىممىسىگە ئالالمىسا  ھەرقانچە قاۋۇل - بەستلىك بولغان بىلەنمۇ بىكار . 

    4. ئەرلەر گۈزەللىكى قوپاللىق،شاللاقلىقۋە ئەرلەر ئەزىز ئىدىيىسى بىلەن بىر نەرسە ئەمەس . جۇشقۇنلۇق ، مەردانىلىق ئەرلەر گۈزەللىكىنىڭ مۇھىممەزمۇنى.لېكىن جۇشقۇنلۇق قوپاللىق ئەمەس،مەردانىلىق شاللاقلىق ئەمەس . قوپال - شاللاق ئەرلەر كىشىلەرگەھەرگىزمۇ گۈزەللىك تۇيغۇسى بەرمەيدۇ.ئەكسىچە نۇرغۇن زىيانلارنى كەلتۈرىدۇ.ئەرلەر ئەزىز ئىدىيىسىئاياللارغا مۇستەبىتلىكقىلىشتىن، ئۇلارنى قۇل قىلىشتىن ،ئۆزىنى ھەممىدىن ئۈستۈن قويۇشتىن دېرەك بېرىدۇ.ئەرلەرگۈزەللىكىدە بۇنداق نەرسىلەر مەۋجۇت ئەمەس.  

   5.ھەقىقىيئەر ئىگىز تاغ،كۆز يەتمەس دېڭىز،بىپايان ئاسمان.ھەقىقىي ئەر ئىچى تار سەسەتخوربولمايدۇ بەلكى كۆكسى - قارنى كەڭ بولىدۇ. قورقۇنچاق،توخۇ يۈرەك بولمايدۇ،باھادىر - قەھرىمان بولىدۇ .لىڭتاسما - ئەزمە بولمايدۇ،كەسكىن - پاراسەتلىك بولىدۇ،ئالدى - ئارقىغا قاراپئىككىلىنىپ تۇرىدىغانلايغەزەل بولمايدۇ،جۈرئەتلىك - دادىل بولىدۇ.خوشامەتچى - تەخسىكەش بولمايدۇ،توغرا - سەمىمىيبولىدۇ. شەخسىيەتچىبولمايدۇ،ھەقىقەت يولىدا جان - پىدا قىلىدىغان ئەزىمەت بولىدۇ.يىپىدىن يىڭنىسىگىچەھېسابلىشىدىغان بېخىل بولمايدۇ،قورسىقى كەڭ سېخىي بولىدۇ.مۇز تەلەت بولمايدۇ، قىزغىن ، خوشچاقچاق بولىدۇ.  

مەنبە:خاتىرەمدىن
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7544
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 14
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە14دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 140 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-23
ئاخىرقى: 2011-05-24

ياخشى تىيمىكەن  تىما ئىگىسىگە رەخمەت !!!!
مۇنىرە