باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1238 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: (ئىككى) بىر كۈنى
سەھرانى سۆيىمەن!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5001
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1018
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1018دانە
ئۆسۈش: 2360 %
مۇنبەر پۇلى: 7298 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-19
ئاخىرقى: 2012-03-28
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-22 12:53

(ئىككى) بىر كۈنى

بىر كۈنى
مۇھەممەتجان راشىدىن
بالاڭ ئازسا،ئاھ ئۇرما ،يول تاپىدۇ بىر كۈنى ،
ئامان بولسا ، ئۇلارمۇ پۇل تاپىدۇ بىر كۈنى .
خاتا باسقان قەدەملەر قالدۇرغاندا قاتاردىن ،
ئۆزى ماڭغان چاتقالغا ئوت ياقىدۇ بىر كۈنى.
گەدەنكەشلىك ھېچكىمدىن ئۇدۇم ئەمەس ئۇلارغا ،
ئۆزى كېلىپ ئالدىڭغا گەپ ئاچىدۇ بىر كۈنى .
ئات بولغۇچە ئاساۋتاي ھەر يان چاپسا چاپمامدۇ ،
ئۇلارغىمۇ بۇ دۇنيا يۇك ئارتىدۇ بىر كۈنى .
"ئاق "نى چەككەن ئاغزىدا ئوقۇپ ئەپسۇس- پۇشايمان ،
قاراپ ئۇلار كەينىگە ئۇھ تارتىدۇ بىر كۈنى .
كوچىلارغا تۈن بويى بۈگۈن پاتماي يۈرگەنلەر ،
چىللىسىمۇ كوچىلار جىم ياتىدۇ بىر كۈنى .
تەييار توقاچ قولۇڭدىن يەۋەرمەيدۇ ئۇلارمۇ،
ئۆزلىرىمۇ ئۇن تارتىپ، نان ياقىدۇ بىر كۈنى .
بۇ ئالەمدە ھەر ئىشنىڭ سائېتى بار ،ۋاقتى بار ،
خۇددى سەندەك ئۆي تۇتۇپ ،ئۆي قاقىدۇ بىر كۈنى .
كۆندىرىدۇ بۇ جاھان تالاي ئىشقا ئۇلارنى ،
شۇلار چاپقان ئۆستەڭدە سۇ ئاقىدۇ بىر كۈنى .
بىز ئوينىغان نۇرۇزنى بىزدەك ئويناپ شۇلارمۇ ،
ئىزىمىزدا ئىگەرلەپ ئات چاپىدۇ بىر كۈنى ،
پىشانەڭگە ئاسماندىن ئىللىق قۇياش نۇر چاچسا ،
يۈرىكىڭگە بالاڭمۇ نۇر چاچىدۇ بىر كۈنى.
سەنمۇ ئاتا -ئاناڭنى ئۆتكەن بولساڭ ئەزىزلەپ ،
ئوغۇل- قىزىڭ ساڭىمۇ تون ياپىدۇ بىر كۈنى .
شۇ ئىشلارنى كۆرەلمەي ئۆلۈپ كەتسەڭ ئامال يوق،
ھايات بولساڭ مەيدەڭگە گۈل تاقايدۇ بىر كۈنى .
يامان دېسەڭ بالاڭنى ،كىم بىرىدۇ ياخشىنى ،
ھازىر يامان بولسىمۇ ئەسقاتىدۇ بىر كۈنى .
بىركۈنى
ئەنۋەر ئابرۇرېھىم
قارا تۇپراق ئىنساننى يالمايدىكەن بىركۈنى،
ئىشەنگەن شۇ تاغلارمۇ ئالدايدىكەن بىركۈنى.
ئادەم دېگەن ئەۋلىيا ئەمەس ئىكەن ئەسلىدە،
لاۋۇلدىغان ئوتلارمۇ يانمايدىكەن بىركۈنى.
ھەسەتخورلار ئاچ قالغان بۆرىلەرنىڭ ئاغزىغا
بىلىندۈرمەي دوستىنى تاشلايدىكەن بىركۈنى.
ئەدەپ-ئەخلاق بېغىنى چەيلىگەنلەر ئاخىرى
دوزاخ تامان،ھاڭ تامان چامدايدىكەن بىركۈنى.
قۇرۇق گەپتە قوپۇرغان سېپىللارغا خەۋپ يار،
رەڭۋازلارنى ئەل -ۋەتەن شاللايدىكەن بىركۈنى.
ئات چاپتۇرۇپ باراڭدا،<بىر مەن>دېسەڭ جاھاندا،
قىممىتىڭمۇ،يۈزۈڭمۇ    قالمايدىكەن     بىركۈنى.
1.يولۋاس يولۋاسنى يېمەيدۇ،پەقەت ئادەملا ئادەم بىلەن ئۆزىنى سەمرىتىدۇ. _تاگور
2.ئۆزىنى ئىپادىلىيەلمىگەن كىشى قۇل دېمەكتۇر._ئا.مۇھەممەتئىمىن
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6506
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 65
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە65دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 685 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-14
ئاخىرقى: 2011-09-16

رەھمەت سىزگە   ھەقىقەتەن  ياخشى شېرلار كەن (مەنغۇ بىر نەچچە قېتىم ئوقۇپ بولغان ،شۇنداق بولسىمۇ يەنە قايتا ھوزۇرلاندۇرغىنىڭىزغا رەھمەت ) بولسا مۇشۇنداق ئەسەرلەرنى  كۆپرەك يوللاپ تۇراسىز .   
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7514
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 20
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە20دانە
ئۆسۈش: 90 %
مۇنبەر پۇلى: 260 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-22
ئاخىرقى: 2011-08-29
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-22 17:45

شۇنداق ياخشى شېئر ئىكەن رەھمەت بولسا يانا مۇشۇنداق ياخشى شېئرلارنى بىزدىن ئايمغايسز
ئاللائەڭ ئۇلۇغ ، ئانا ئەڭ مىھىرىبان
دوستلىشىش
samanyoli
شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇكى،،،،،،،،،،،،،،
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5487
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1659
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1659دانە
ئۆسۈش: 7940 %
مۇنبەر پۇلى: 22717 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-05
ئاخىرقى: 2012-03-30
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-22 17:49

بالاڭ ئازسا،ئاھ ئۇرما ،يول تاپىدۇ بىر كۈنى ،
مۇھەممەتجان راشىدىن دىگەن بۇ ئادەم بالىلارنىڭ كاردىن چىقىشىغا يېشىل چىراق ياقماقچىمۇ قانداق،،،،
سەھرانى سۆيىمەن!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5001
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1018
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1018دانە
ئۆسۈش: 2360 %
مۇنبەر پۇلى: 7298 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-19
ئاخىرقى: 2012-03-28
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-23 22:28

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى samanyoli نىڭ 2011-05-22 17:49 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
بالاڭ ئازسا،ئاھ ئۇرما ،يول تاپىدۇ بىر كۈنى ،
مۇھەممەتجان راشىدىن دىگەن بۇ ئادەم بالىلارنىڭ كاردىن چىقىشىغا يېشىل چىراق ياقماقچىمۇ قانداق،،،،

چۈشەنمەپسىز!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
1.يولۋاس يولۋاسنى يېمەيدۇ،پەقەت ئادەملا ئادەم بىلەن ئۆزىنى سەمرىتىدۇ. _تاگور
2.ئۆزىنى ئىپادىلىيەلمىگەن كىشى قۇل دېمەكتۇر._ئا.مۇھەممەتئىمىن
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7538
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 94
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە94دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 895 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-23
ئاخىرقى: 2011-09-05
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-25 20:13

تاش دېگەن دوستۇم چوڭلارنى ھۆرمەتلىمىسەڭمۇ، باشقىلارنىڭ ئەمگىگىنى قەدىرلە،
ئەدەپ-ئەخلاق بېغىنى چەيلىگەنلەر ئاخىرى
دوزاخ تامان،ھاڭ تامان چامدايدىكەن بىركۈنى
سەھرانى سۆيىمەن!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5001
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1018
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1018دانە
ئۆسۈش: 2360 %
مۇنبەر پۇلى: 7298 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-19
ئاخىرقى: 2012-03-28
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-26 13:21

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 5قەۋەتتىكى dolataogli نىڭ 2011-05-25 20:13 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
تاش دېگەن دوستۇم چوڭلارنى ھۆرمەتلىمىسەڭمۇ، باشقىلارنىڭ ئەمگىگىنى قەدىرلە،
ئەدەپ-ئەخلاق بېغىنى چەيلىگەنلەر ئاخىرى
دوزاخ تامان،ھاڭ تامان چامدايدىكەن بىركۈنى

سىز نېمە دېمەكچى؟
1.يولۋاس يولۋاسنى يېمەيدۇ،پەقەت ئادەملا ئادەم بىلەن ئۆزىنى سەمرىتىدۇ. _تاگور
2.ئۆزىنى ئىپادىلىيەلمىگەن كىشى قۇل دېمەكتۇر._ئا.مۇھەممەتئىمىن