ئوقۇش پۈتتۈرگىلى خېلى ئۇزۇن بولغان بىر ساۋاقداش مەمۇرىلىق ئىمتىھانى بېرىپ ئۆتەلمەپتۇ ۋە مەغلۇبىيىتىگە تەن بەرمەي، داۋاملىق باشقا كارخانىلاردىن ئۆزىگە مۇۋاپىق ئورۇن ئىزدەشنى قارار قىلىپتۇ. IT ساھەسىگە ئوتتەك ئىشتىياق باغلىغان بۇ ساۋاقداش ئۆزىنىڭ بەختىنى دۇنياغا داڭلىق شىركەتلەردىن تاپالايدىغانلىقىغا ئاتتەك ئىشەنچ قىلىپتۇ ۋە سەپەر دۇلدۇلىنى شۇ ياققا قاراپ چاپتۇرۇپتۇ…
Microsoft يۈزتۇرانە سىناق خاتىرىسى:
كومىسسىيە: Windows7 كەسپىي نۇسخىسىنىڭ جۇڭگو بازىرىدىكى پارچە سېتىلىش باھاسى قانچە پۇل؟
مەن : – 5 يۈەن.
كومسسيە: – كەينىدىكىسىنى چاقىرىپ قويۇڭ.
كېيىن شۇنى بىلدىمكى، ھازىر قاچىلاشقا بولىدىغان DVD دېسكىسىمۇ 10 يۈەنگە ئاران كېلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن مىكروسوفت چۈشى ئاياغلاشتى..
ئەمما مەن خىزمەت ئىزدەشتىن يەنىلا ۋاز كەچمىدىم ،قىسقىسى مېنىڭ لۇغىتىمدە ئەزەلدىن ۋاز كېچىش دەيدىغان سۆز يوق، شۇنىڭ بىلەن قىسقىچە تەرجىمالىمنى(CV) داۋاملىق تاشلاۋەردىم ۋە ئاخىرى Google نىڭ يۈزتۇرانە سىناق ئۇقتۇرىشىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم…
كومسسيە: سىز بىزنىڭ بۇ ئۇچۇرىمىزنى قانداق بىلدىڭىز؟
مەن : بەيدۇلاپ…
گېپىمنىڭ ئاخىرىسى تۈگۈمەيلا كومىسسيە مېنى چىقىرىۋەتتى….
ئىچىم سىقىلىپ كەتتى ، ئەمما مەن يەنىلا خىزمەت تېپىپ جان باقمىسام بولمايدۇدە…
دوستۇمنىڭ تونۇشتۇرىشى بىلەن مەكدونالدقا باردىم.
كومىسسيە ناھايتى غەلىتە ئادەمكەن ، ئۇ ماڭا مەكدونالدنىڭ ناخشىسىنى ئېيتقۇزدى، ئەلۋەتتە ئىيتالايمەندە ، كىچىكىمدىن باشلاپ ئوقۇپ كەلگەن ناخشا بۇ!..
ئاۋازىمنى قويۇۋىتىپ تازا ئېيتىۋەتتىمدە : كېنتاكىي بولغاچقا تۇرمۇشىمىز كۆڭۈللۈك!.. لاي لاي لاي!…
پوققا ئارىلاشقان ئوسۇرۇقتەكلا كومسسيە قاتتىق ۋاقىراپ كەتتى : نىمە دەپ كەلدىڭ بۇيەرگە!.. يوقال!..
يەنە مەغلۇپ بولدۇم….
ئاپام مېنى كۆچمە خەۋەرلىشىشتىكى بىر تونۇشىغا تونۇشتۇرۇپ ،يۈزتۇرانە سىناققا ئەۋەتتى…دوسلىرىمدىنمۇ ئاڭلىشىمچە، كۆچمە خەۋەرلىشىشتە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن، بەك چوڭ تېخنىكىمۇ تەلەپ قىلىنمايدىكەن. مانا ئەمدى كۆرۈڭ كارامىتىمنى ، ھەممە ئۆتكەلدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتتۈم ! ئەڭ ئاخىرىدا قايتىدىغان ۋاقتىمدا تېلفون نومۇرۇمنى قالدۇرۇپ قويۇشۇمنى ئېيتتى.
-132….
گېپىم تۈگۈمەيلا بۇ يەردىنمۇ ‹قوغلاندىم›….
گەرچە ئارقا ئارقىدىن مەغلۇپ بولغان بولساممۇ يەنىلا ۋاز كەچمىدىم ، كىم مەن دېگەن !.. بۇنچىلىك مەغلۇبىيەت دېگەن نېمىگە ھىساب!.
ئاخىرى مەمۇرىيلىققا ئىمتاھان بېرىپ ئۆتتۈم، ئەستا بۇنىڭمۇ يۈزتۇرانە سىنىقى باركەن ئەمەسمۇ؟
كومىسسيە: سىز تارىختىكى ئەمەلدارلار ئارىسىدا كىمنى ھەممىدىن بەك ياقتۇرىسىز؟
مەن : خې شېن …
ماۋۇ ئېغىزىمنى ، كومىسسيەنىڭ چىرايىدىن نەتىجىسىنى بىلىۋىلىش تەس ئەمەستە شۇ تاپتا….
شۇنىڭ بىلەن بۇرۇنقى تەجرىبە-ساۋاقلىرىمنى يەكۈنلەپ ، بارلىق سورىلىش ئېھتىمالى بولغان سۇئاللارغا ئۆلچەملىك جاۋابلارنى تەييارلاپ ، ئەينەككە قاراپ مەشىق قىلىپ … يەنە خىزمەت ئىزدەشكە ئاتلاندىم . بۇرۇنقى مەغلۇبىيتىمنىڭ ھەممىسى دەل مېنىڭ مۇشۇ ۋالاقتەككۈرۈپ ئېغىزىمدىن بولغانىدى! مانا ، تەييارلىقىممۇ پۈتتى ، ئەمدى ھىچكىم مەندىن قۇسۇر تاپالمايدۇ!
قاتتىق ئىشەنچ بىلەن نوكىياغا كەلدىم .
نوكىيانىڭ شۇئارىنى بىلىمەندە : تېخنىكا ئادەمنى ئاساس قىلىدۇ!…
ھەممە شۇنداق ياخشى بولدى، ئۇلارمۇ مېنى ياقتۇرۇپ قالدى ، سەۋەبى ئۇلارنىڭ بۇ شۇئارىنى كۆپلىگەن ئادەم بىلمەيدىكەن، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە مەن ئۇلارنىڭ سادىق قوللىغۇچىسى ئىكەنمەن!…ئەلۋەتتە شۇنداقتە ! بولمىسا نوكىياغا نىمە دەپ بارىمە مەن!..
دەل شۇ ۋاقتتا تېلفونۇم سايراپ كەتتى ! Hello Moto.…
كومىسسيە: يوقىلىڭ!…
تور خۇمار تورى