باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1383 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: تار كوچىغا كىرگەن يىگىتنىڭ ئاقىۋىتى (راست ئىش)
دوستلىشىش
天山的野花
بىلمەسلىكتىن قورقىما،تىرىشماسلىقتىن قورق!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6963
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 262
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە262دانە
ئۆسۈش: 980 %
مۇنبەر پۇلى: 3455 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-08
ئاخىرقى: 2011-10-17
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-21 14:23

تار كوچىغا كىرگەن يىگىتنىڭ ئاقىۋىتى (راست ئىش)

ئەسكەرتىش: بۇ يازما general تەرىپىدىن ناخشا مۇزىكا كىنو فىلىم بۇ رايونغا يۆتكەلدى(2011-05-22)

ئۇنىڭغا، بۇ ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئادەم دەپ بەرگەن ئىكەن.


بىر قېتىملىق دېڭىز سەپىرىدە كېتىۋاتاتتۇق. پاراخوتقا دۆلەت ئاتلاپ تىجارەت قىلىدىغان كىشىلەر ۋە ساياھەتچىلەر بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە چىرايىدىن نۇر يىغىپ تۇرىدىغان، ئەخلاقلىق، تەقۋادار بىر ياش يىگىت بار ئىدى. ئۇ كۈندە نامازغا ئەزان توۋلايتتى ۋە ئىمام بولاتتى. نامازدىن كىيىن ۋەز قىلاتتى. داۋاملىق قارىسا ئاغزىدىن ئاللانىڭ زىكىرىنى چۈشۈرمەيتتى. كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتتى. ئۇنى داۋاملىق كىشىلەرگە دىنى تەربىيە قىلىۋاتقان ۋە يول كۆرسىتىۋاتقان ھالەتتە كۆرەتتۇق.  بىر كۈنى پاراخوت ھىندى ئارىلىغا بېرىپ بىر نەچچە كۈن تۇردى. شۇ ۋاقىتتا ھەممە ئادەملەر  پاراخوتتىن چۈشۈپ بازار ئارىلاپ سوۋغا-سالاملار ئالدى، بەزىلىرى شۇ يەرنى ساياھەت قىلدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ناشايان ئىشلارنى ئىزدەپ يۈرۈپ قىلىدىغانلارمۇ بار ئىدى. ھىلىقى يىگىتلا پاراخوتتىن چۈشمەي ، پاراخوتنىڭ ئوڭشايدىغان يەرلىرىنى ئوڭشاپ ، نامازلىرىنى ئوقۇپ، قۇرئان تىلاۋەت بىلەن مەشغۇل بولۇپ، ئاللانىڭ زىكىرلىرىنى داۋام قىلىپ يۈردى.

بۇ ۋەقەنى سۆزلەپ بەرگەن ئادەمنىڭ كۆزلىرىدىن ئاققان ياش ساقاللىرىنى ھۆل قىلىۋەتكەن ئىدى ۋە مۇنداق دېدى:

بىر كۈنى ئۇ يىگىت ئولتۇرۇپ زىكىر قىلىۋاتسا ، ئارىمىزدىن بۇزۇقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىرى قېشىغا بېرىپ ، ھەي يىگىت : مۇشۇنداق پاراخوتتىن چۈشمەيلا كەتمەكچەمۇسەن؟ سىرتقى دۇنيا بىلەن تونۇشمايلا كېتەمسەن؟ سىرتتا ھەر - خىل مەنزىرىلەر بار ئىكەن ، سەن ئۇنىڭدىن ھوزۇرلانمامسەن؟ يىلان ئويناتقۇچىلار يىلاننى بوينىغا يۆگەپ ماھارەت كۆرسىتىۋاتىدۇ، پىل ئويناتقۇچىلار پىلغا بۇيرۇق بەرسە كىشىلەرنى خارتۇمى بىلەن كۆتۈرۈپ قويىدىكەن ۋە ئۈستىگە مىندۈرۈپ بازارلارنى ئايلاندۇرۇپ قويىدىكەن، ئاغزىغا ئوت سىلىپ پۈركۈگىچىلەرمۇ بار ئىكەن. مەن يەنە مىخلارنىڭ ئۈستىدە ماڭىدىغان ۋە دېڭىز سۈيىنى فۇراتنىڭ سۈيىنى ئىچكەندەك ئېچىدىغان ئادەملەرنىمۇ كۆردۇم. مەن سىنى ئاللاغا ئىبادەت قىلىشىڭنى تاشلاپ قوي دېمەيمەن. پاھىشە ۋە قاۋاقخانىلارغا بار دېمەيمەن. سىرتقا چىقىپ نەزەر-دائىرەڭنى كېڭەيتىپ كېلىشنى خالىمامسەن دەپتۇ.  ئۇ يىگىت ھەيران بولۇپ ئۇنىڭغا : راستىنلا شۇنداق ئىشلار بارمىكەن. ئۇنداق بولسا مەنمۇ بىللە باراي دەپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە پاراخوتتىن چۈشۈپتۇ. ئىككەيلەن مەنزىرىلەرنى كۆرگەچ تاماشا قىلىپ بىر تار كوچىغا كەپتۇ. ئالدىدا بىر ئۆيلا بار ئىكەن. ھىلىقى بۇزۇقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئەر ئۇ ئۆيگە كىرمەكچى بولۇپ ، ئۇ يىگىتكە سەن بۇ يەردە تۇرۇپ تۇرغىن مەن بىردەمدىلا چىقىمەن. ھەرگىز بۇ ئۆيگە يىقىن كەلمە دەپ كىرىپ كېتىپتۇ.. ئۇ يىگىت ئۇنى ساقلىغاچ قۇرئان ئوقۇپ ئولتۇرۇپتۇ. بىر كەمدە ئۇ ئۆيدىن تۇيۇقسىز قاتتىق كۈلكە ئاۋازى ئاڭلىنىپتۇ، بىر يىرىم يالىڭاچ كىيىنگەن ئايال چىقىپتۇ. ئۇ ھەيران بولۇپ بۇ ئۆيگە مىنىڭ سەپەردىشىم كىرىپ كەتكەن ، بۇ نېمە ئىش ؟ بۇ ئۆيدىن ئايال چىقىۋاتىدۇ دەپ ئىشىكنىڭ يېنىغا بارغان ئىكەن، ئىچىدىن غەيرى ئاۋازلار ئاڭلىنىپتۇ، يوچۇقىدىن قارىغان ئىكەن ئىلگىرى كۆرۈپ باقمىغان ئىشلارنى كۆرۈپتۇ. يەنە ئارقا - ئارقىدىن بىر نەچچە قېتىم قاراپتۇ ۋە جايىغا بېرىپ تۇرۇپتۇ. بىر ئاز دىن كىيىن ھىلىقى ئەر چىقىپتۇ، يىگىت ھەمراھىغا قاراپ : سەن بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىپ يۈرىسەن؟ ئېسىت ساڭا! بۇ قىلغىنىڭ ئاللاھ غەزەپ قىلىدىغان ئىش، دەپتۇ. ھەمراھى ئۇنىڭغا: بۇ ئىشنىڭ سەن بىلەن ئالاقىسى يوق. جىم بول، ئاڭلىمىغان ۋە كۆرمىگەن بول.  دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پاراخوتقا قايتىپ كەپتۇ.

شۇ كۈنى بىز پاراخوتقا كەچ قايتىپ كەلدۇق دەيدۇ بۇ ۋەقەنى سۆزلەپ بەرگەن كىشى:

ئۇ يىگىتنىڭ كېچىچە ئۇيقۇسى كەلمەي كۆرۈپ قالغان ئىشلارنى ئويلاپ چىقىپتۇ. نەزەر ، شەيتاننىڭ ئوقلىرىدىن بىر ئوق بولغاچقا ھىلىقى كۆرۈنۇش ئۇنىڭ خىيالىدىن كەتمەپتۇ. چۈنكى نەزەر ئوقى ئۇنىڭ يۈرىكىگە تەككەن ئىكەن. ئەتىسى تاڭ ئېتىشى بىلەن ئۇ بىرىنچى بولۇپ پاراخوتتىن چۈشۈپتۇ، ۋە پەقەت يەنە بىر قېتىم كۆرۈپ كېلىش نىيىتى بىلەن ھىلىقى ئۆينىڭ ئالدىغا بېرىپتۇ. ئۇ ئۆيگە بىرىنچى قېتىم قاراپتۇ، ئىككىنچى قېتىم قاراپتۇ. ئىشىك ئېچىلىپتۇ. ئۇ قىزىقىپ ئۆينىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتىپ پۈتۈن كۈننى شۇ يەردە ئۆتكۈزۈپتۇ، ئەتىسىمۇ شۇ يەردە قونۇپ قاپتۇ.

پاراخوت باشلىقى ئۇ يىگىتنى نەگە كەتكەندۇ دەپ ئىز-دېرىكىنى قىلدى. مۇئەززىن نەگە كەتتى؟ بىزگە ناماز ئوقۇپ بېرىدىغان ئىمامىمىز قېنى؟ ھىلىقى ياخشى يىگىت قېنى؟ كۆرگەنلەر بارمۇ؟ دەپ سورىدى. ھېچكىمدىن جاۋاپ چىقمىغاندىن كىيىن ھەممەيلەننى شۇ يىگىتنى ئىزدەشكە بۇيرۇدى.
ھىلىقى يامان ھەمرا پاراخۇت باشلىقىغا: ئۆزىنىڭ ئۇ يىگىتنى تار كوچىدىكى ئۆيگە باشلاپ بارغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى ۋە ئۇنىڭ ھازىرمۇ شۇ يەردە ئىكەنلىكىنى مەلۇم قىلدى.
پاراخوت باشلىقى ئۇنىڭغا: ئاللاھدىن قورقمامسەن؟ ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىق ئەمەسمۇ؟ نېمىشقا ئۇنى ئاشۇنداق يەرگە باشلاپ باردىڭ دەپ كايىدى. ۋە پاراخوت باشلىقى ئۇنى چاقىرىپ كېلىشكە ئەۋەتتى. ئۇ ، بېرىپ يىگىتكە ،  پاراخوتقا قايتىپ كېتىشكە تەكلىپ قىپتۇ. ئەمما ئۇنى ھەر قانچە قىلىپمۇ ئۇنىتالماپتۇ.

ئۇ قايتىپ بېرىپ باشلىققا ئۇنىڭ قايتىپ كېتىشكە ئۇنىمىغانلىقىنى يەتكۈزدى. باشلىق بىر نەچچە كىشىنى ئۇنى مەجبۇرى ئېلىپ كېلىشكە بۇيرۇدى. ئۇلار بېرىپ ئۇنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ كەلدى.

شۇ كۈنى پاراخوت قايتىش ئۈچۈن قوزغالدى. ئۇيىگىت پاراخوتنىڭ بۇلۇڭىغا بېرىۋېلىپ يىغلاپ ئولتۇردى، ئۇنىڭ قاتتىق ئېسەدەپ يىغلىشىدىن يۈرەك سوقۇشى توختاپ قالىدىغاندەك ئىدى. ئۇنىڭغا تاماق بەرسەكمۇ يىگىلى ئۇنىمىدى. شۇ تەرەزدە بىر نەچچە كۈن ئۆتتى.  بىر كۈنى كەچتە ھەممەيلەن ئۇيقۇغا كەتكەندە ئۇ يىگىت ئېچىنىشلىق ۋارقىراپ يىغلىدى. ئۇنىڭ يىغلاپ ۋارقىراشلىرىدىن ئۇخلىيالمىدۇق. پاراخوت باشلىقى ئۇ يىگىتكە : نېمىشقا يىغلايسەن؟ بىرەر دەردىڭ بارمۇ؟ بىزنى ئارام ئالغىلى قويمىدىڭ،  دېدى.
ئۇ يىگىت ھەسرەت بىلەن: ماڭا نېمە بولغانلىقىنى سورىماڭلار، سىلەر بىلمەيسىلەر.
پاراخۇت باشلىقى ئۇنىڭغا: قانداق دەردىڭ بولسا دېگىن دېدى. ئۇ  ئەۋرىتىنى ئاچتى. ئەۋرىتىدە قۇرتلار مىغىلداپ كەتكەن ئىدى.  بىز بۇنى كۆرۈپ ئاللاھدىن پاناھلىق تىلىدۇق ۋە ئۇنىڭدىن يىراقلاشتۇق.  

ئەتىسى بامداتتىن ئىلگىرى ئۇ يىگىتنىڭ شۇنداق ئېچىنىشلىق ۋارقىرىشىدىن قېشىغا بارساق تاختاينى چىشلىگىنىچە جان ئۈزۈپتۇ. ھەممەيلەن ئىننەلىلاھى ۋە ئىننەئىلەيھى راجىئون دەپ ئاللادىن بۇنداق ئاقىۋەتكە قالماسلىقنى تىلىدۇق.

ئۇ يىگتنىڭ ئېچىنىشلىق ئاقىۋىتىدىن ئىبرەت ئېلىڭلار ئاللا ھەممەيلەنگە ئىمانىمىز بىلەن كەتكىلى نېسىپ قىلسۇن. ئامىن

ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى : ئامىنە
 
دوستلىشىش
تۇپراق0999
قۇشۇلما پىتنىخۇرغا بارمايىقىن،ئۇنىڭكىم تىلىدىن ..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7376
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 68
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە68دانە
ئۆسۈش: 120 %
مۇنبەر پۇلى: 780 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-13
ئاخىرقى: 2011-09-07

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قىرىندىشىم .ئاللاھ ھەممە بەندىلىرگە ئىنساپ .تەۋپىق ئاتا قىلسۇن...       
ئۆلومگە بىر داۋا  ئىزلەپ  جاھاندىن ئۆتتى  كۆپ  دانا،
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7514
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 20
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە20دانە
ئۆسۈش: 90 %
مۇنبەر پۇلى: 260 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-22
ئاخىرقى: 2011-08-29
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-22 12:01

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
بەك ياخشى تىما ئىكەن اللا ىسزگەر ەھمەت ئاتا قىلسۇن
ئۇلۇغ اللا ئىمان بىلەن ياشاپ ئىمان بىلەن كەتكلى نىسپ قىلسۇن ئامىن
ئاللائەڭ ئۇلۇغ ، ئانا ئەڭ مىھىرىبان
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6326
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 180
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە180دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 1820 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-01
ئاخىرقى: 2011-10-19
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-22 13:06

ئى مىھرىبان  ئاللاھ   شەيتاننىڭ ۋەسۋەسسىدىن  ساقلىغايسەن ، توغرا يولغا  باشلىغايسەن  بارلىق گۇناھلىرىمىزنى  مەغفىرەت قىلغايسەن .........ئامىن...
دوستلىشىش
天山的野花
بىلمەسلىكتىن قورقىما،تىرىشماسلىقتىن قورق!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6963
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 262
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە262دانە
ئۆسۈش: 980 %
مۇنبەر پۇلى: 3455 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-08
ئاخىرقى: 2011-10-17
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-22 13:24

3-قەۋەت (موتۇ) نىڭ يازمىسىغا

گۇناھىيىڭىزنى بۇ يەردە تىلىمەي بولسا پاكىز تەھارەت ئىلىپ جەينىمازدا ئىككى رەكەت ناماز ئۇقۇپ ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىسىڭىز ئاللاھ مەغپىرەت قىلىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.بىرگە تىرىشايلى قېرىنداشلىرىم!!!、ئاللاھنىڭ سۈيۈملۇك بەندىسى بۇلۇش ئۈچۈن تىرىشايلى!!