تەرجىمە قىلغۇچى: ھىلال
بۇ كىتاپچە:
قەلبلىرى ئۇنىڭ سۆيگۈسىگە تولغان، ئەقىللىرى ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا باغلانغان، پۇتلىرى داغدام يولغا قەدەم قويغان، ئۇپۇقتا ھەقىقەت نۇرى جىلۋىسى، ھەق يولىغا باشلىغان، ئاللاھتىن ئىبارەت غايىلىرىدىن مەڭگۈ بۇرۇلۇپ كەتمەيدىغان ئەقىل ئىگىلىرىگە بېغىشلاندى.
بۇ كىتابچىنىڭ مەزمۇنى:
1. ھاياتتىكى غايەڭ زادى نېمە؟
2. ئۆز قىممىتىڭنى سەل چاغلىما، سەن ئاللانىڭ ئالدىدا قەدىرلىكسەن!
3. غايىلىك ياشلاردىن ئۈلگىلەر
4. ياشلارنىڭ مەسئۇلىيەت ھېس قىلماسلىقىدىكى سەۋەبلەر قايسى؟
5. ئاغزاكى بايانلار
6. دۇنيادا غايىلىك ياشاش ئەڭ گۈزەل.
7. نېمە مەقسىتىڭ بار؟
ھاياتتىكى غايەڭ زادى نېمە؟ نىشانىڭ قايسى؟
قېرىنداشلار! ئەمەلىيەتتە ئەتراپىمىزدا نۇرغۇنلىغان كىشىلەر، بولۇپمۇ ياشلار بۇ ھاياتتا نېمە مەقسىتى بارلىقىنى بىلمەي ياشىماقتا؛ ئۇلارنىڭ سىرتقى ھالىتىدىن چىقىپ تۇرغىنى پەقەت ياشاش، يېيىش-ئىچىش، ئىشلەش، ئۆيلىنىش... ھايات مۇشۇنداق ئۆتىدۇ دەپ ئويلىشىدۇ...
بۈگۈن بىز بۇ تېمىدا سۆزلەيمىز. ھاياتىڭدا مۇشۇنداقلا غايىسىز ياشىغىنىڭ توغرىمۇ؟ ياكى تۇرمۇشتا ئېنىق غايە-مەقسەتلەرگە ئىگە بولۇشۇڭ كېرەكمۇ؟ مەن سىلەر بىلەن ئوچۇق-يورۇق سۆزلىشىپ باقاي!
بۈگۈنكى تېما ئىنتايىن قاراتمىلىققا ئىگە، خۇسۇسەن ياشلارغا تېخىمۇ شۇنداق. نېمىشقا؟ چۈنكى ياشتا چوڭلار ھاياتتىكى نىشانلىرىنى بەلگىلەپ بولغان دەپ چۈشىنىلىدۇ. ياشلار بولسا بۇ مەسىلىدە ئاساسلىق كۆزدە تۇتۇلىدۇ، ھاياتتىكى نىشانلىرىڭ نېمە؟ بۇ دۇنيادا مەۋجۇد بولۇشنىڭ ھېكمىتى قايسى؟
بېلىشىڭ كېرەككى -ياشلىق- ھاياتتىكى ئەڭ قىممەتلىك مەزگىل، ئۇ پۈتۈن ئۆمرىڭنىڭ ئەڭ گۈزەل ۋاقىتلىرى، بالىلىق مەزگىلى بولسا ئەقىلسىز ساغلاملىق مەزگىلى، قېرىلىق بولسا ياشلىقتىن مەھرۇم دانالىق باسقۇچى، پەقەت ياشلارلا ساغلاملىق ۋە پىشقان ئەقىل ئىگىسىدۇر.
شۇڭا ئىسلام دىنىمىزنىڭ ياشلارغا ئەھمىيەت بىلەن قارىشىدىن، رەسۇلىمىزنىڭ تۆۋەندىكى سۆزى ئارقىلىق ياشلىققا ئەھمىيەت بېرىشىدىن ئەجەپلەنگىلى بولمايدۇ: «قىيامەت كۈنى تۆت نەرسىدىن سورالماي تۇرۇپ بەندىنىڭ قەدەملىرى قوزغالمايدۇ: ئۆمرىنى قانداق ئۆتكۇزگەن، ياشلىقىنى نېمىگە ئىشلەتكەن، مال-مۈلكىنى نەدىن تېپىپ نېمىگە سەرپ قىلغان ۋە ئىلمى ئارقىلىق قانداق ئەمەل قىلغان». (تىرمىزى رىۋايەت قىلغان)
ئويلاپ باققىن!
شۇ ۋاقىتتا پۈتۈن ھاياتىڭ ھەققىدە بىرمۇ-بىر ھېساپ بېرىسەن، مۇنداق كۈندىكى مۇنداق سائەتلەر، شۇ ۋاقىتتا پۈتۈن ھاياتىڭ ھەققىدە بىرمۇ-بىر ھېساپ بېرىسەن، دىيىلىپ ئۆمرىڭ تولۇق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ، نېمە دېگەن قىيىن سوراق ھە! پۈتۈن ئۆمرىنى نىشانسىز، مەقسەتسىز ئۆتكۈزۈۋەتكەن بىرىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باققىن؟! بولۇپمۇ ئۆز ئۆمرىڭدىن ئومۇمى رەۋىشتە سورالغاندىن كېيىن، مەخسۇس ياشلىقىڭدىن ھېساپ بېرىدىغانلىقىڭنى خىيالىڭغا كەلتۈر!
سەن بەلكىم مۇنداق دىيىشىڭ مۇمكىن: پۈتۈن ئۆمرۈمدىن ھېساپ بەرگەندن كېيىن ياشلىغىم توغرۇلۇق قايتا سوراق قىلىنىشىم نېمە ئۈچۈن؟ شۇنداق، چۈنكى بۇ دەۋر ھاياتىڭنىڭ ئىنتايىن مۇھىم باسقۇچى بولغانلىقىدىندۇر!
شۇڭا قۇرئان كەرىمنىڭ ياشلىق مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى كۆرىمىز، مەسىلەن: ئالتە ياكى يەتتە نەپەر ياش يىگىت تۈپەيلىدىن ئاللاھ تائالا كائىناتنىڭ قانۇنىيىتىنى ئۆزگەرتىۋەتكەنلىكىنى ئۇقىمىز، ئويلاپ باققىن! بىر نەچچە يىگىت سەۋەپلىك ئالەم قانۇنىيىتى ئۆزگەرگەن؟ شۇنداق! ئاللاھ تائالا غاردىكىلەر توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: {ئۇلار ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىغا ئىمان ئېيتقان، بىز ھىدايەتنى زىيادە قىلغان يىگىتلەردۇر، ئۇلارنىڭ ئىرادىسىنى مۇستەھكەم قىلدۇق...}، (كەھف سۈرىسى13- 14- ئايەتلەر).
بۇ يىگىتلەرنىڭ ئۆمرى 16-17 ياشلاردا ئىدى... ئالەم قانۇنىيەتلىرى بۇلار ئۈچۈن ئۆزگىرىپ كەتكەن: {كۇن چىققان چاغدا ئۇلارنىڭ غارنىڭ ئوڭ تەرىپىگە ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى، كۈن ئولتۇرغان چاغدا ئۇلارنىڭ غارنىڭ شىمال تەرىپىگە ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرىسەن،ئۇلار بولسا غارنىڭ (ئوتتۇرىسىدىكى) بوشلۇقتىدۇر}، (كەھف سۈرىسى،17- ئايەت)
يەنى ئاللاھ تائالا ئۇلارنى قۇياش نۇرىدىن ساقلىغان، غارنى ئۇلارغا لايىقلاشتۇرۇپ بەرگەن، قۇياش چىققان چاغدا غارنىڭ ئوڭ تەرىپىگە ئاغسا، قۇياش پاتقان چاغدا سول تەرىپىگە ئېغىپ، قۇياش تەرىپىدىن شۇنداق ئۇزاق ياتقان شارائىتتىمۇ بەدەنلىرىگە زەرەر يەتمەسلىگى كۆزلەنگەن. مانا بۇ ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ۋە رەھمىتىنىڭ دەلىللىرىدىن بىرى ئىدى.
ئەمدى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا كەلسەك، ئالەم قانۇنىيەتلىرى ئۇ سەۋەپلىك ئۆزگەرتىلگەن يەنە بىر يىگىت ھىساپلىنىدۇ، ئۇ 16 ياش ۋاقتىدا ئوتقا تاشلانغان ئىدى: {بىز ئوتقا «ئى ئوت! ئىبراھىمغا سالقىن ۋە ئامانلىق (بەخىش ئېتىدىغان) بولۇپ بەرگىن» دىدۇق}، (ئەنبىيا سۈرىسى، 69-ئايەت)
يىگىتلەر! بۇ سۆزلەرنى شۇنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن قىلۋاتىمەنكى، ئارىمىزدا ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئالاھىدە قەدىر-قىممەتكە ئىگە يىگىتلەر تېپىلىدۇ. شۇڭا بىر ياش يىگىت بولۇش سۈپىتىڭ بىلەن ئۆز قىممىتىڭنى سەل چاغلىما، ھەم شۇنىڭ بىلەن بىللە دۇنيادا مەخسەت نىشانسىز ياشىغىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ سەن ئۈچۈن ئەيىب سانىلىدۇ! دائىم ئۆز-ئۆزەڭدىن: ھاياتتىكى نىشانلىرىم زادى نېمە؟ دەپ سورىغىن! بۇ دۇنيادا نېمە ئۈچۈن ياشاۋاتىمەن؟ يېيىش-ئىچىش ۋە ئۆلۈش ئۈچۈنلىمۇ؟ بۇ زادى ئەقىلغا مۇۋاپىقمۇ؟ نېمە ئۈچۈن ياشاۋاتقىنىڭنى بىلمەستىن ھايات كەچۈرىۋاتامسەن؟!
ئوتتۇرا مەكتەپنى مۇنچە نومۇر بىلەن پۈتتۈردۈڭ، ئاندىن مۇنداق فاكۇلتىتقا كىردىڭ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن پالانى ئورۇندا ئىشلدىڭ، مۇنچىلىك پۇل تاپتىڭ، ئاندىن توي قىلىپ پەرزەنت كۆردىڭ، ئاخىرى ئۆلۈپ كەتتىڭ...بۇ توغرىمۇ؟!
رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ سۆزىگە قارا: «ياشلار ماڭا ئىشەندى، قېرىلار يالغانچىغا چىقاردى».
گوياكى رەسۇلىمىز بىزگە شۇنداق دىمەكچى ئىدىكى، ئالەمگە تارالغان بۇ ئىسلام ياشلارنىڭ يەلكىسى بىلەن تىك تۇرغان ئىدى...
تۆۋەندىكى ئۈلگىلەرگە ئورتاق قاراپ باقايلى:
* ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب ھىجرەت كېچىسى رەسۇلۇللاھنىڭ كارۋىتىدا ئۇخلىغان بولۇپ ياتقان، شۇ چاغدا 20ياشتا ئىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ بۇ ۋەزىپىگە يارايدىغانلىقى بىلگەچكە ئۇنىڭغا تاپشۇرغان.
* ئەبۇ بەكرىنىڭ قىزى ئەسما غاردىكى رەسۇلۇللاھقا تاماق توشىغان ۋە ھىجرەتكە زور تۆھپە قوشقان، شۇ چاغدا ئۇ 23 ياشتا ئىدى.
* مۇئاز ئىبنى جەبەلنى رەسۇلۇللاھ يەمەن ئەھلىگە يېتەكچى قىلىپ ئەۋەتكەن، شۇ چاغدا ئۇ تېخى 20 ياش ئىدى...
بۇ نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟!
ياشلار مېنىڭ يۇقۇرقى مىساللار ئارقىلىق دىمەكچى بولغىنىم:
سەن ئىنتايىن قىممەتلىك، ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن ئۆز قەدىر-قىممىتىڭنى كۆزگە ئىلمايسەن؟ نېمە ئۈچۈن نىشان-مەخسەتسىز ياشايسەن؟
قېرىنداشلار! مەن نېمە ئۈچۈن بۇ سۆزلەرنى قىلىۋاتىمەن؟
چۈنكى مەن جەمىيىتىمىزنىڭ نىشان-مەخسەتسىز ياشلار كىرزىسىگە پاتقانلىقىنى كۆرمەكتىمەن، ھەر كۈنى يېڭىدىن يېڭى كافىخانىلار پەيدا بولماقتا! كافىخانىلار ئەڭ سودىسى راۋاج تاپقان ئورۇنلار بولىۋاتماقتا، نېمە ئۈچۈن؟چۈنكى ياشلار ئۇ جايلاردا سائەت-سائەتلەپ ئولتۇرىۋاتىدۇ، بەزىدە ماشىنام بىلەن ئايرىم قەھۋەخانىلارنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ قالىمەن، گۈلدەك ياشلارنى كۆرىمەن، لېكىن مىڭ ئەپسۇسكى، ئۇلار يا دومىنو ئويناپ ئولتۇرغان، يا چىلىم چېكىۋاتقان، ياكى ھېچ مەخسەتسىز لاغايلاپ يۈرگەنلىكىنى كۆرىمەن...
ياش قىزلارغا تېخىمۇ ئېچىنېمەن، ئۇلارنىڭ ھاياتلىقتىكى پۈتۈن خىيالى ئەڭ يېڭى گىرىم بۇيۇملىرى قايسىلار؟ پالانىخان مۇنداق نەرسە سېتىۋاپتۇ... مۇدا كىيىملەرنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن چەتئەلگە سەپەر قىلسام... دېگەنلەردىن ئىبارەت...
بۇ زادى توغرىمۇ؟
بىر قىزنىڭ پۈتۈن غېمى ئۆزىنىڭ چىرايلىق ياكى ئۇنداق ئەمەسلىكى بولسا، بۇ ئەقىلگە لايىقمۇ؟
بىر يىگىتنىڭ پۈتۈن ئارزۇسى پالانىخاننى ئۆزىگە قارىتىش بولۇپ قالغىنى توغرىمۇ؟
ئەپسۇسكى مۇنداق چاكىنا ياشلارنىڭ ئۈلگىسىنى كۆرمەكتىمەن... قورساق بېقىشتا ئائىلىسىدىكىلەرگە تايىنىۋالغان... ئۆزىنىڭ كەلگۈسىنى قۇرۇپ چىقىشقا چولىسى يوق! بارلىق غايىسى تېزلىكتە ئەرگە تېگىۋېلىش بولغان قىزلار... نېمە ئۈچۈن؟چۈنكى بارلىق قىزلار ھامىنى ئەرگە تېگىدۇ، ھايات مۇشۇنداق داۋاملىشىپ كېتىۋىرىدۇ...
ياشلار! بۇنداق لەشتەك بوشلۇقتا ياشىماسلىقىمىز كېرەك، بۇ ئارقىلىق گۈزەل جەمئىيەت بەرپا قىلىشىمىز مۈمكىن ئەمەس!
بىلەمسەن، سوتسىئولوگلار (جەمىيەتشۇناسلار) جەمئىيەتنىڭ بىر مۇنچە يىللاردىن كېيىنكى جەمئيەتنىڭ قانداق شەكىلدە بولىدىغانلىقىنى بەلگىلىيەلەيدۇ؛ بۇ جەمئىيەت قانچە يىللاردىن كېيىن ۋەيران بولىدىغانلىقىنى قىياس قىلالايدۇ.
ئۇلار نېمىگە ئاساسەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ؟ ئۇلار ياشلارنىڭ ئەھۋالىنى ۋە ئۇلارنىڭ نېمىگە قىزىقىدىغانلىقىنى تەتقىق قىلىدۇ، ئەگەر ئۇلار ئۆزلۈكىنى يوقاتقان، نىشانسىز ياشلارنى بايقىسا، بۇ جەمئيەت قانچە يىلدىن تۈگىشىدىغانلىقىنى بىلىۋالىدۇ، ئۇلار ئىنچىكە ھېساپلاپ ھۆكوم قىلىدۇ.
بۇ سۆزلەر كىم ھەققىدە؟ بۇ غەرب جەمىيىتىدىكى ياشلارنىڭ ئەھۋالى، قىزىقىشى ھەققىدىكى سوتسىئولوگلارنىڭ تەھلىلى.
مەن سېلەرگە بۇ مەنىدىكى قىزىق بىر ھېكايىنى سۆزلەپ بېرىمەن
مۇسۇلمانلار ئىسپانىيىدە سەككىز ئەسىر دەۋران سۈردى، بۇ جەرياندا ئۇلار يەر يۈزىنى مەدەنىيەت، ئىلىم ۋە ھەق دىن بىلەن تولدۇردى، پورتۇگالىيلىكلەر مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسپانىيىدە مەۋجۇد بولۇشىدىن ھەرگىز رازى بولمايتى، ئۇلارنى بوغۇزنىڭ ئۇ قېتىغا -ماراككوغا- قوغلىۋېتىشنى ئويلايتتى، ئۇلار قانداق قىلدى؟ پورتوگالىيلىكلەر ئىسپانىيىدىكى مۇسۇلمان ياشلىرىنىڭ نېمىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى تەتقىق قىلىشقا باشلىدى، بۇ غەرەزدە ئىسپانىيىنىڭ ئىچكى رايونلىرىغا جاسۇسلارنى ئەۋەتىشكە تۇتۇش قىلدى. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاشۇنداق جاسۇسلاردىن بىر قىسمى بىر توپ مۇسۇلمان ياشلارنىڭ قېشىغا كېلىپ، بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئىككى ياشنىڭ جېدەللىشىپ قالغانلىقىنى كۆردى ۋە ئىنتايىن خۇرسەن بولۇشۇپ جېدەلنىڭ نېمىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئېنىقلاپ بېقىشتى. نەتىجىدە ئۇلارنىڭ «سەھىھۇل بۇخارى»دىكى مەلۇم بىر ھەدىس شەرىفنىڭ تەرتىپى مەسىلىسىدە جېدەللىشىپ قالغىنىنى بىلىشتى-دە، «بۇ خەلق ھازىرقى ۋاقىتتا يوقالمىغىدەك» دىيىشىپ قايتىپ كېتىشتى. يىللار ئۆتتى، ھېلىقى جاسۇسلار يەنە بىر قېتىم كەلگەنلىرىدە، ياشلارنىڭ تېخىچىلا ئىلىم ۋە دىن مەسىللىرى ھەققىدە سۆزلەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۈمىدسىزلەنگەن ھالدا يەنە قايتىپ كېتىشتى. ئۇلار بىر مۇنچە يىللاردىن كېيىن ئۈچىنچى قېتىم قايتا كەلگەنلىرىدە، بىر يېگىتنىڭ ئولتۇرغان ئورنىدا يىغلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈشۈپ، نېمە سەۋەپتىن يىغلاۋاتقانلىقىنى سورىدى، يىگىت: «سۆيگەن يارىم تاشلاپ كەتتى» دەپ جاۋاپ بەردى. جاسۇسلار قايتىپ كېتىشتى ۋە «ئەمدى مۇسۇلمانلارنى يېڭەلىگۈدەكمىز!» دېيىشتى.
ھەقىقەتەن مۇسۇلمانلار ۋەيران بولدى، ئىنتايىن ئاددى ھالدا ئىسپانىيىدىن قوغلاپ چىقىرىلدى، 25 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، مۇسۇلمانلار ئىسپانىيسى تىلغا ئېلىنمايدىغان دەرىجىدە تامامەن تارىخ سەھنىسىدىن يوقالغان ئىدى...
ياشلار ! مەسىلە دەل غايە - نىشاندا. سىنىڭ ھاياتتا نىشانىڭ بارمۇ ياكى يوق؟
ياشلارنىڭ مەسئۇلىيەت ھېس قىلماسلىقىدىكى ياكى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى خالىماسلىقىدىكى سەۋەپلەر قايسى؟ ئالدىمىزدا ئۆزەڭلار تىلغا ئېلىپ ھاياتتىكى نىشانسىزلىقنىڭ سەۋەبى دەپ قارىغان ئېنىق بىر نەچچە نۇقتا تۇرۇپتۇ، يەنى: ئىرادىسىزلىك، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى يوقىتىش، توغرا يېتەكلەشنىڭ يوقلۇقى، ئۇچۇرنىڭ تولىلىقىدىن ئالغا ئىنتىلىش روھىدىن ئايرىلىش...
ئەمما مېنىڭ باشقىچە پىكرىم بار. يۇقىرىقى سەۋەپلەرنىڭ ھېچقايسىسى ھەرقانداق بىر ياشنىڭ ئۆز ھاياتىنى نىشان-مەقسەتسىز ئۆتكۈزۈشىگە قانائەتلىنەرلىك سەۋەپ بولۇشقا يارىمايدۇ. سەن ئىبراھىم ئىبنى ئەدھەمدەك شەخىسكە قاراپ باققىن! ئۇ ئۇلۇغ زاھىدلاردىن بىرى ئىدى. ياش ۋاقتىدا ئۇ كەپسىز، شوخ يېگىت ئىدى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئېتىمنى مىنىۋېلىپ ئوۋ ئوۋلاپ، كىيىك قوغلاپ يۈرگىنىمدە يولدا بىر بوۋاي تۇيۇقسىز ئېتىمنىڭ چۇلۋۇرىنى تۇتۇۋېلىپ ماڭا قاراپ تۇرۇپ مۇنداق دىدى: «ھەي ئىبراھىم! سەن مۇشۇ ئىشلار ئۈچۈن يارىتىلدىڭمۇ؟ ياكى مۇشۇنىڭغا بۇيرۇلدۇڭمۇ؟»، (يەنى ئويۇن تاماششا ئۈچۈن يارىتىلدىڭمۇ، دىمەكچى)
ياشلار! شۇڭا سىلەر دەپ ئۆتكەن سەۋەپلەر نىشانسىز ھاياتنى ئاقلىيالمايدۇ. ھاياتتىكى نىشان-مەقسەت باشتىن-ئاخىر ئاساسلىق مەسىلىدۇر. بۇ سەۋەپلىك تۆۋەندىكى سوئالنى قايتا ئوتتورىغا قويۇۋاتىمەن:
بىز زادى نېمە ئۈچۈن يارىتىلدۇق؟ پەقەت يەپ - ئىچىش، ئۆيلىنىش - بالا تېپىش، ئاندىن ئۆلۈپ كېتىش ئۈچۈنلا يارىتلدۇقمۇ؟ ياكى باشقا بىرەر مەقسەتتە يارىتىلدۇقمۇ؟
كۆپ ئەھۋالدا بۇ دۇنياغا كېلىپ نېمە ئۈچۈن يارىتىلغانلىقىنى بىلمەستىن ھايات كەچۈرۈپ، ئۆلۈپ كەتكەن ئادەملەرنى كۆرىمىز. مەسىلەن، ئەپلاتۇن مۇنداق دەيدۇ: «خۇدا ئالەمنى ياراتقاندىن كېيىن، ئۇنى يادىدىن چىقىرىۋەتكەن. شۇڭا ئىنسانلار ئۆزئارا كۆرەش قىلىشىپ، بىر-بىرىنى قىرغىن قىلىدۇ». يەنە بىر خىل دۇنيا قاراشنىڭ: «كائىنات پەقەت زور ئويۇن» دېگەنلىكىنى كۆرىمىز. ئويلاپ باققىن! پۈتۈن ئالەم پەقەت ئويۇن-تاماششالا بولسا؟!!
ئىليا ئەبۇ مازى سىياقىدىكىلەرنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى كۆرىمىز:
كەپتىمەن ھېچ ئۇقماستىن نەدىنلىكىن، كەلدىم لېكىن،
ماڭدىم يول سەۋەپ شۇكى؛ ئالدىمدا يول كۆرگەنلىكىم.
بى نىشان مېڭىش بولدى مېنىڭ ئىشىم، يوقتۇر ئەركىم،
بىلمىدىم، قانداق كەلدىم؟!
مانا بۇ غايىسىز ھايات پەلسەپىسى...
بىراق بۇنداق سۆز مۇسۇلمان ياشنىڭ ئاغزىدىن چىقماسلىقى كېرەك! چۈنكى ئىسلام ساڭا غايە تىكلەپ بەرگەن، ئاللاھ تائالا دەيدۇكى: {جىنلارنى، ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا ياراتتىم}، (زارىيات سۈرىسى، 56ـ ئايەت)
ۇنداق ھەقىقەت يولى مانا مۇشۇنىڭدىن ئىبارەت! يەنى سەن بۇ دۇنيادا ئاللاھنى رازى قىلىش نىشانىڭ بولغان ھالدا ھايات كەچۈرسەن.
ياشلار! ھاياتىمىزغا ئاللاھنى رازى قىلىش ئىسىملىك زور غايىنى توغىرلايلى، بۇنىڭدىن يەنە نۇرغۇن تارماق نەرسىلەر كېلىپ چىقسىمۇ، لېكىن ھاياتتىكى غايەم - ئاللاھنى رازى قىلىشتۇر!
بىر مۇخبىرنىڭ مەشھۇر پۇتبۇل چولپانلىرىنىڭ بىرى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتى يادىمغا كەلدى، مۇخبىر ئۇنىڭغا: «پالانى ئەپەندى، ھاياتتىكى ئارزۇيىڭىز نېمە؟» دېگەندە، ئۇ: «جەننەتكە كىرىش» دەپ جاۋاپ بەردى؛ مۇخبىر: «ياق، سىز دېمەكچى بولغىنىمنى چۈشەنمەي قالدىڭىز، مەن ھاياتىڭىزدىكى ئارزۇيىڭىز توغرىسىدا گەپ قىلىۋاتىمەن» دېۋىدى، ئۇ جاۋابەن: «جەننەتكە كىرىش» دېدى. مۇخبىر: «يازغۇدەك بىر نەرسە دېسىڭىز» دېدى. بۇ مۇخبىر يۇقۇرقى سۆزنى مەقسەت-نىشان دەپ تەسەۋۋۇر قىلالمايۋاتاتتى. كېيىن ئۇ: «ئەمسە نېمىشقا توپ ئوينايسىز؟» دەپ سورىغان ئىدى. توپ چولپىنى: «مەن پۇلغا ئېرىشىش ئۈچۈن توپ تېپىمەن، شۇنداقلا كۆپچىلىك ئالدىدا ھۆرمەتكە سازاۋەر ئۈلگە بولۇش ئۈچۈن توپ ئوينايمەن، ياشلار، ھۆرمەتكە لايىق، ئەخلاقلىق، كىشىلەرگە ئەدەپلىك مۇئامىلە قىلىدىغان، ئاللاھقا ئىبادەت قىلىدىغان ۋە كەسپىدە ئۇتۇق قازانغان تەنھەركەتچىنى كۆرگىنىدە ئۇنىڭغا ئۆزلىرىنى سېلىشتۇرۇپ ئۈلگە تۇتىدۇ، بۇ ئارقىلىق مەن مېنى دورىغان ھەرـ بىر ياش ئۈچۈن ساۋاپقا ئېرىشىمەن».
ئاغزاكى بايانلار
ياشاش مۇھىتى سىزلەرگە قارىغاندا خېلىلا تەس بولغان بىر ئىنساننىڭ بېشىدىن كەچۈرگەنلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتمەكچىمەن، ئۇ گېرمانىيلىك بولسىمۇ، ئۆزىگە ھاياتىدا ئۇلۇغ غايىنى نىشان قىلىپ تاللىۋالغان ۋە بۇ نىشانى ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىغان بىر ياش ئايالدۇر، قېنى ئۇنىڭ ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلايلى:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! مېنىڭ ئىسمىم «ئالىيە»، گېرمانىيلىك مۇسۇلمانمەن، 12 يىل ئىلگىرى مۇسۇلمان بولدۇم. مەن سىزلەرگە مۇسۇلمان بولۇش جەريانىمنى سۆزلەپ بەرمەكچىمەن.
مەن گېرمانىيدىكى كىچىك بىر شەھەردە ئادەتتىكىدەك تۇرمۇش كەچۇرەتتىم. ئەسلىدە ئىسلام توغرىسىدا ئانچە جىق نەرسە بىلىپ كەتمىگەنىدىم. ئىسلام دىنى توغرىسىدا بىلگەنلىرىم پەقەتلا خەۋەرلەردە خۇمەينى توغرىسىدا دېيىلگەن سۆزلەر ئىدى، مەكتەپتە بولسا، ئۇ ئەرەبلەرنىڭ دىنى دېگەن گەپلەرنى ئاڭلاپ قالاتتۇق. لېكىن بىز بىر دىن سۈپتىدە ئىسلام دىنى ھەققىدە باش قاتۇرۇپ يۈرمەيتتۇق، چۈنكى بىزنىڭ جەمئىيتىمىزدە دىن ئانچە مۇھىم نەرسە سانالمايتتى. كىشىلەر ئاخىرەت ھەققىدە ئويلاپ قويماستىن ھايات كەچۈرەتتى.
بىراق مەن گۈزەل تەبىئەتنى، گۈل-گىياھلارنى كۆرۈپ، بۇنداق گۈزەللىكنى ئىجاد قىلغان بىر ياراتقۇچى چوقۇم بولۇشى كېرەك، دەيتتىم. ئەمسە، ئۇ كىمدۇ؟ ئۇنىڭغا قانداق يېتىش مۇمكىن؟ شۇنىڭ بىلەن مەن بۇ ياراتقۇچى ھەققىدە ئىزدىنىشكە باشلىدىم. شۇ مەزگىلدە بىر قىسىم مۇسۇلمانلار بىلەن تونۇشۇپ قالدىم ۋە ئىسلام دىنى ھەققىدە جىقراق مەلۇماتقا ئىگە بولدۇم. مەن قۇرئان كەرىمنى ئوقۇشقا باشلىدىم ۋە مۇسۇلمانلار بىلەن مۇنازىرىلىشىپ تۇردۇم. مەقسىدىم بۇ گۈزەل دىن ھەققىدە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئىدى. كېيىن مەن ئادا قىلالايمەنمۇ، يوقمۇ؟ دەپ، سىناپ بېقىش ئۈچۈن ئىسلامنىڭ بەزى پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ باقتىم. خۇددى مۇسۇلمانلاردەك روزا تۇتۇپ، ناماز ئوقۇپ كۆردۇم.
كېيىنچە ئۆلۈم ھەققىدە ئۆيلىنىشقا باشلىدىم، مەن چوقۇم ئاللاھنىڭ ئالدىدا ھېساپ بېرىپ قالسام، نېمىشقا مۇسۇلمان بولمىغانلىقىمنى سورىسا ئۇنىڭغا نېمە دېيشىم كېرەك؟ دەپ ئويلىدىم ۋە شۇ ھامان مۇسۇلمان بولۇش قارارىغا كەلدىم.
شۇ چاغدا ئۇلار مېنىڭ غۇسلى قىلىشىم لازىملىقىنى ماڭا ئۇقتۇردى، ھاياتىمدا تۇنجى قېتىم غۇسلى قىلدىم ۋە ئىككى شاھادەت كەلىمىسىنى ئېيتتىم. بۇ ئىسلام دىننىڭ ئاساسى بولغان گۈزەل سۆزلەر ئىدى. شۇ سائەتتىن باشلاپ مەن ناماز ئوقۇشقا باشلىدىم، نامازنى تولۇق ئادا قىلىشىم ئۈچۈن «سۈرە فاتىھەنى ۋە سۈرە ئىخلاسنى يادلىدىم» باشقا مەن مۇسۇلمان بولغانلىقىمنى باشقىلارغا بىلدۈرمىدىم، لېكىن بارا - بارا كىشلەر بىلىپ كەتتى. بىراق مەن تېخى ھىجاب سالمىغان ئىدىم. ھىجاب مەسلىسى باشتا ماڭا نىسبەتەن بىر تەس ئىش تۇيۇلغان ئىدى، چۈنكى ياۋرۇپادا كىشىلەر سېنىڭ ئېتىقادىڭغا ئانچە دىققەت قىلىپ كەتمىسىمۇ، بىراق سىرتقى كۆرۈنۈشۈڭ ئىنتايىن چوڭ مەسىلە سانىلاتتى. تەبىئىيكى، ھىجاب ئۇلارغا نىسبەتەن يات ۋە دىققەتنى قوزغايدىغان نەرسە سانىلاتتى.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇنىۋېرسىتېتتىكى قىز ساۋاقدىشىم بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم، ئۇ مۇسۇلمانلار توغرىسىدا توختىلىپ، ئۇلار رەھمىسىز ۋە دۇنيانىڭ قانداق كېتىۋاتقانلىقىدىن خەۋەرسىز، دېدى. مەن ئۇنىڭغا ئۆزەمنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىمنى ئېيتتىم، ئۇ ئەجەپلىنىپ: «كۆرۈنۈشتە ئۇنداقتەك قىلمايسەنغۇ؟» دېدى. بۇ چاغدا مەن ھىجابنىڭ ھېكمىتىنى چۈشىنىشكە باشلىدىم. مۇسۇلمان قىز-ئاياللار ئىكەنلىكىمىزنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ھىجاب سېلىشىمىز لازىملىقىنى چۈشەندىم. شۇنىڭ بىلەن ھىجاب سالدىم. (بېشىمغا رومال ئارتتىم). ئائىلەمدىكىلەرگە نىسبەتەن بۇ ئوڭاي ئىش ئەمەس ئىدى. چۈنكى مېنىڭ ئائىلەمدىكىلەر دىن مەسىلىسىگە مۇتلەق ئەھمىيەت بەرمەيتتى. شۇڭا قوشنىلار، ئۇرۇغ-تۇققانلار، قىزىڭلارنىڭ نېمە قىلغىنى، نېمىشقا بۇنداق نەرسە كىيۋالىدۇ؟ دەپ سوراپ تىنمايتتى. بۇ تۇپەيلى، مۇشۇ بىر پارچە رەخت ئۈچۈنلا كەسكىن مۇنازىرىلەر بولۇپ تۇراتتى.
مەن تۈرلۈك قېيىنچىلىقلارغا ئۇچراشقا باشلىدىم، مەسىلەن، كوچىدا كېتىۋاتقىنىمدا ماڭا: «ئۆز يۇرتۇڭغا كەتمەمسەن؟! بۇ يەردە ساڭا ئورۇن يوق!» دېيىشەتتى...
ئۇنداقلارغا نىسبەتەن ئىسلام دىنىغا گېرمانىيەدە ئورۇن يوق ئىدى...
مۇسۇلمان بولۇپ بىر مەزگىلدىن كېيىن مىسرلىق مۇسۇلمان يىگىتكە تۇرمۇشقا چىقتىم، بۇ چاغدا مەن تېخىچىلا ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتاتتىم. كېيىن ئوقۇشۇمنى تۈگىتىپ، ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئالدىم. ئاللاھنىڭ پەزلى بىلەن ئىككى قىز تۇغدۇم. ئىككىنچى قىزىمىز تۇغۇلغاندىن كېيىن، ئۇلارنى تەربىيلەش ھەققىدە باش قاتۇرۇشقا باشلىدۇق. گېرمانىيەدىكى مۇھىت نامۇناسىپ ئىدى، بەلكىم باللىرىمىز بۇ جايدا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچار كىلەتتى. بىز ئىككى قىزىمىزنى بۇنداق قېيىنچىلىقلاردىن تامامەن يىراق قىلىش نىيتىگە كەلدۇق، ئۇلارنى مىسىردا، مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا تەربىيلەشنى قارار قىلدۇق.
لېكىن بۇ يەردىكى ۋەزىيەت ماڭا نىسبەتەن ئوڭاي بولمىدى. مىسىردا بەزى كىشىلەرنىڭ ناچار مۇئامىلىسىگە ئۇچىردىم. بەزىلەرنىڭ ماڭا مەن مۇسۇلمان ئەمەستەكلا نەزەردە قارايدىغانلىقىنى بايقىدىم. ئۇلار ماڭا: «ىز چوقۇم ئېرىڭىزنى دەپلا مۇسۇلمان بولغانسىز، گېرمانىيەگە قايتقان چېغىڭىزدا رومالنى چۆرۈۋېتىپ، ناماز-روزا قاتارلىقلارنى تاشلىۋىتىشىڭىز تۇرغان گەپ، چۈنكى سىز بىزگە ئوخشاش كىچىكىڭىزدىنلا بۇلارغا ئادەتلەنمىگەن-دە»، دېيىشەتتى... مەن ئۇلارغا: «دىنىمنى قانداقمۇ تاشلىۋىتەي؟ مەن مۇسۇلمانمەن، نەگە بېرىشىمدىن قەتئىنەزەر ئىسلام مەن بىلەن بىللە بولىدۇ، مەن تۇرىدىغان يۇرتنىڭبۇنىڭ بىلەن قىلچە ئالاقىسى يوق!» دەيتتىم. ئەپسۇسكى، مىسىر جەمئىيىتى مەن تەسەۋۋۇر قىلغاندەك ئەمەس ئىدى. بۇرۇن مەن مۇسۇلمانلارنى غايىۋىي شەكىلدە تەسەۋۋۇر قىلغانىدىم. مېنىڭ بايقىشىمچە بەزىلەر ياۋرۇپاغا چوقۇناتتى، نۇرغۇن نەرسىلەردە ياۋروپانى دورىغۇسى كېلەتتى، مودا ۋە گىرىم بويۇملىرىنىڭ كەينىدىن چاپاتتى، يېڭى نەرسىلەرنىڭ كەينىدىن قارىغۇلارچە ئەگىشەتتى...
مەن مۇسۇلمان بولۇپ، رومال سالغان ۋاقتىمدا باشقىلار مېنىڭ ئوقۇشۇمنى تولۇق تاماملايدىغانلىقىمغا ئىشەنمىگەن ئىدى. بىراق مەن ئەمەلىيەتتە ئوقۇشۇمنى پۈتتۈرۈپ، ماگېستىرلىققا ئېرىشتىم. چۈنكى ئىسلام ئوقۇشقا تەرغىپ قىلاتتى. مەن تۇرمۇشقا چىققاندىن كېيىن، ئۇلار مېنى ھەرگىز ئىشلىمەيدۇ دەپ ئويلاشتى، ئۇلار مېنى ئۆيدىن چىقماي ئونلاپ بالا تۇغىدۇ دەپ گۇمان قىلاتتى. لېكىن بۇنداق بولمىدى، ئاللاھ ماڭا ئىككى قىز پەرزەنت ئاتا قىلدى، ئۇنىڭدىن باشقا بالىلىق بولۇش تەقدىرەمدە پۈتۈلمىگەن بولسا كېرەك، مەن بۇ ئىككى قىزىمدىن ئىنتايىن بەخىتلىكمەن. كىچىك قىزىم يەسلى يېشىغا يەتكەن چاغدا، مەن قايتىدىن خىزمەت قىلىشقا ئۆتتۈم. ئېنتىرنىت تورىدا ئىشلەش جەريانىدا ئىسلامى ماقالىلەرنى يازدىم ۋە ئېنتىرنىتتا تارقاتتىم. ماڭا ھەپتىسىگە پۈتۈن دۇنيادىن، ئامېرىكا، سېنگاپور، ياۋروپا ۋو پاكىستانلاردىن خەتلەر كېلىپ تۇرىدۇ، خەت ئىگىلىرى ئىسلام دىنى توغرىسىدا، مېنىڭ مۇسۇلمان بولۇش كەچۈرمىشىم توغرىسىدا مەندىن سوئاللار سورىشاتتى. مەن ئۇلارغا مۇسۇلمان بولغانلىقىمدىن ئىنتايىن بەخىتلىك ئىكەنلىكىمنى ئېيتاتتىم ۋە مۇسۇلمان بولۇش جەريانىمنى سۆزلەپ بېرەتتىم. مەن بۇ ئارقىلىق پايدىلىق ئىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىمنى ھېس قىلماقتىمەن..."
شۇنداق، بىز يۇقۇرقى تەسىرلىك كەچۈرمىشنى ئاڭلاپ ئۆتتۈق. ئۇ سۆزلەۋاتقان چاغدا مەن بىر مۇنچە نوقتىلارغا ئىزاھات بېرىپ ئۆتۈشنى ئارزۇ قىلغان بولساممۇ، دېمەكچى بولغىنىمنى بۇ يەردە بىرلا جۈملىگە يېغىنچاقلاپ بىرەلەيمەن.
غايەڭنىڭ بولۇشى-دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل نەرسە، رەببىڭنى تونۇش - ئالەمدىكى ئەڭ گۈزەل غايە. ئۇ بىزنىڭ ۋە بۇ ئالەمنىڭ ياراتقۇچىسى، ھەممىمىزنىڭ ئاخىرقى نىشانىمىز ئەمەسمۇ؟؟
بەزىلەرنىڭ بۇ ھاياتتىكى نىشانى پۇل-مال يىغىش ئىكەنلىكىنى كۆرىسىز، ئاھ! قېرىنداشلىرىم! بايلىق مۇتلەق نىشان قىلىدىغان نەرسە ئەمەس، ئۇ پەقەت تېخىمۇ يۇقىرى نىشانلارنى ئىشقا ئاشۇرىشىمىزدىكى بىر ۋاستە خالاس! بايلىقى بولسىمۇ ئىچكى جەھەتتىن ۋەيران بولغان نۇرغۇن كىشىلەرنى كۆرۈۋاتىمىزغۇ؟!
بىز پۇل-مالنى تېخىمۇ ئۇلۇغ غايىلەرگە ۋاستە قىلىش ئۈچۈن تاپايلى! ئۇنى ئاللاھ بىلەن باغلاپ چۈشىنەيلى!
پۇل - مال قانداقسىگە ئاللاھ بىلەن باغلىنىشلىق بولۇپ قالىدۇ؟ شۇنداق، ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشۈم ئۈچۈن، بالىلرىمنى ئاللاھنى ئوبدان تونۇيدىغان ھالەتتە ياخشى تەربىيلىشىم ئۈچۈن ۋە ئاللاھ يولىدا ئىقتىساد سەرپ قىلىپ، يۇقسۇللارنى باقالىشىم ئۈچۈن پۇل - مال تېپىشنى ئويلايمەن، تەقۋادار باي بولۇشنى ئارزۇ قىلىمەن. بۇ خۇددى قېرىندىشىمىز ئالىيەنىڭ «مەن ماگېستىرلىققا ئېرىشكەن، تۇرمۇشتا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان تەقۋادار مۇسۇلمانمەن» دېگىنىگە ئوخشايدۇ.
ئەگەر نىيىتىڭ مۇشۇنداق توغرا بولسا، سەن پۇل يىغىپ ياخشى مەقسەتكە سەرپ قىلساڭ، پۇل تېپىۋاتقان ھەر بىر مىنۇتتا ئاللاھنى كۆزلىسەڭ نېمە دېگەن ياخشى، مۇشۇ دائىرىدە ھاياتىڭدىكى ھەرقانداق نىشاننى تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرسەڭ بولىدۇ.
* مۇۋەپپەقىيەت قازانغان تەنھەرىكەتچى بولۇشنى ئويلايدىغان بىر ياشسەن دەيلى، نېمىشقا ئاللاھنى بۇ غايە ئۈستىدە قويمايسەن؟ سەن ئىچكى ئېنىرگىيەگە ئىگە بىر ياشسەن، بۇ ئېنېرگىينى ياخشىلىق ئۈچۈن سەرپ قىلمايدىغان بولساڭ بەلكىم ئۇنى بۇزۇقچىلىققا سەرپ قىلىپ تاشلايسەن. ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەيدىغان پۇتبۇلچى بولۇپ، ھەر - بىر ھەركىتىم ، ھەر-بىر نەپسىم ۋە ھەر-بىر تامچە تەرىم بىلەن ساۋاپلارغا ئېرىشەلەيمەنغۇ؟
* ئۆيلىنىشنى ئارزۇ قىلدىغان ياش بولغىنىڭدا، ئاللاھنى بۇ غايەڭدىن ئۈستۈن قويۇشۇڭ كېرەك، ئۆيلىنىشتىن ئىبارەت نىيىتىڭ ئۆزەڭنى پاك ساقلاشقا جۇپتۇڭ بىلەن بىللە قول تۇتۇشۇپ ئاللاھقا ئىبادەت قىلىپ، ئاللاھ رازى بولىدىغان ئىسلامى ئائىلە قۇرۇپ چىقىشقا مەرگەزلىشىشى كېرەك، سىرتلاردا تاماششا قىلساڭلار، سەپەرگە چىقساڭلار، ھەرقانداق ئەھۋالدا ئاللاھ ھەر دائىم بۇ نىشانلاردىن يۇقۇرى تۇرۇشى لازىم.
* بىر ياش قىزنىڭ ھاياتتىكى نىشانى تۇرمۇشلۇق بولۇپ بالا يۈزى كۆرۈشلا بولۇپ قالسا غەلىتە ئىش؛ نېمە ئۈچۈن؟ بارلىق ئاياللار بەرىبىر تۇرمۇشلۇق بولۇشى كېرەكلىكىدىنمۇ؟ ياكى بالىلىرىنى ئوينىتىپ خۇشاللىق تېپىش ئۈچۈنمۇ؟ ياق، بۇلار مەقسەت بولۇپ قالسا، ئاز بىر مەزگىلدىن كېيىن تۈگەيدىغۇ؟! ئەمما بىز قۇرئان ئايىتىنىڭ مەزمۇنىنىڭ تەقەززاسى بويىچە قاراپ باقايلى: ئۇ ئايالنىڭ نىشانى ئاللاھقا ئىبادەت قىلىدىغان، ئاللاھ ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغان ساغلام ئەۋلادلارنى تەربىيلەش بولۇشى كېرەك. شۇڭا، ئۇ بالىسىنىڭ ياراملىق تەنتەربىيچى بولۇپ يېتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن تەنتەربىيە كۇلۇبىغا قاتناشتۇرىدۇ. ھاياتتا، تۇرمۇشتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ ياخشى ئوقۇپ بىلىملىك ئادەم بولىشىغا كۆڭۈل بولىدۇ. «ئاللاھ ئۈچۈن كامىل ئۈلگە بولىدىغان ئەۋلادلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىمەن...» ئەگەردە سىز بالىلىرىڭىزنى تەربىيلەۋاتقان ۋاقىتتا مۇشۇ نىيەتتە بولسىڭىز، ئويلاپ بېقىڭ! ئۇلارنى تەربىيلەش جەريانىدىكى ھەر-بىر مىنۇتىڭىزدا ئەجىر-ساۋاپ ياخشىلىق تارازىڭىزغا تۆكۈلىدۇ، بالىڭىزنى يۇيۇندۇرغىنىڭىز، كۇلۇبلارغا ئېلىپ بارغىنىڭز، ئۇنى رىغبەتلەندۈرگىنىڭىز... ھەممە-ھەممىسى سىز ئۈچۈن تۈگىمەس ساۋاپ بولۇپ پۈتۈلۈپ تۇرىدۇ!
ئۆزىڭىزدىن سوراپ بېقىڭ! بۇ ھاياتتىكى نىشانىم زادى نېمە؟
بىر ھېكمەتتە مۇنداق دېيىلگەن: «مىڭ ئادەمگە تېتىغۇدەك ئادەم بول، ئەگەر مۇنداق بولالمىساڭ بىر ئادەم بول، ھەرگىز يېرىم ئادەم بولۇپ قالما».
قېرىنداشلار! ئەتراپىمىزدا زور غايىلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان نۇرغۇن كىشىلەر بار، پالانى بىرى مىڭ ئادەمگە يارايدۇ، يەنە پوكۇنى بىرى يۈز ئادەمگە تەڭ كىلىدۇ، دىيەلەيسەن، يەنە نۇرغۇنلىغان «يېرىم» ئادەملەر، «چارەك» ئادەملەر، ھەتتا «نۆل» گە باراۋەر ئادەملەر قىمىرلاپ يۈرىشىدۇ... سەن قانداق ئادەم بولماقچى؟ ئۆزەڭنى دەڭسەپ كۆرگىن!
* ئەمرى ئىبنى ئاس مىسىردىكى بابىلۇن قورغىنىنى ئالالمىغان چاغدا خەلىپە ئۆمەردىن مىسىرنى ئىشغال قىلىش ئۈچۈن تۆت مىڭ نەپەر ياردەمچى قوشۇن ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلىپ كىشى ماڭدۇرغان. خەلىپە ئۆمەر ئۇنىڭغا ئۈچ مىڭ نەپەر ئەسكەر ۋە مىڭ ئادەم ئورنىدىكى يەنە بىر نەپەر كىشىنى ئەۋەتكەن، بۇ كىشى ئۇلۇغ ساھابە قەئقا ئىبنى ئەمرى ئىدى. ئۆمەر خەلىپە مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، قەئقانىڭ ئۇرۇش مەيدانىدىكى ئاۋازى مىڭ ئادەمدىن ياخشى!»
مىسىردا ئۇرۇش باشلانغان، مۇسۇلمانلار قورغاننى ئېلىش يەنىلا تەسكە توختىغان، شۇنىڭ بىلەن قەئقا ئىبنى ئەمرى قورغاننىڭ تۈۋىدە تۇرۇپ: «ئاللاھۇ ئەكبەر! ئى ئاللاھ ، ئىسلامغا مەدەت بەرگىن!» دەپ يۇقۇرى ئاۋازدا توۋلىغاندىن كېيىن، قورغان ئېچىلىپ مۇسۇلمانلار سېپىلنىڭ ئىچىگە كىرگەن، خەلىپە ئۆمەرنىڭ «ئۇ مىڭ ئادەمگە تەڭ كېلىدۇ» دېگىنىگە باپ ھالدا، قەئقانىڭ ئاۋازى بىلەن زەپەر مارشى ياڭرىغان.
* ئون سەككىزىنچى ئەسىرنىڭ ئاخىرى، ئون توققۇزىنچى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ۋەتىنىمىزگە مۇستەملىكىچىلەر بېسىپ كىرگەن چاغدا، مۇسۇلمانلاردىكى مۇكەممەل ئەركەكلىك خۇسۇسىيەتنى بايقىغان ۋە مۇسۇلمان ياشلىرى زەئىپلەشكەن بولسىمۇ يەنىلا ئۇلۇغ غايە-نىشانلارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرگەن. شۇڭا ئۇلار ئەرەب ۋە ئىسلام دۇنياسىنى تولۇق بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم تۆۋەندىكىدەك ئىككى تەرەپلىك پىلان بويىچە ئىش قىلماي بولمايدىغانلىقىنى بىلىشكەن.
بىرىنچىسى، مۇسۇلمان ياشلىرىنى ئەقىدە-ئەخلاق جەھەتتىن چىرتىش؛ ئىككىنچىسى، ئۇلارغا ئەجدادىنىڭ مەدەنىيىتىنى ئۇنتۇلدۇرۇش.
شۇڭا بىز بەزى ياشلارنىڭ بۈگۈنكى كۈندە كوچىلاردا تاقىرباش، زەنجىرلەرنى ئېسىۋالغان، سېغىز چاينىغان ھالدا لاغايلاپ يۈرگەنلىكىنى، چۈشەنمىسىمۇ غەرب مۇزىكىسىنى بېرىلىپ تىڭشاپ، ھېيىقماستىن قىزلار بىلەن سۆرىشىپ يۈرگەنلىرىنى ئۇچرىتىمىز. شۇنداقلا بەزى قىزلارنىڭ پىگورىسىنى چىقىرىدىغان تار مودا كىيىملەرنى كىيشتىن باشقا، ھاياتىنى مەقسەتسىز ئۆتكۈزۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. بۇنداق ياشلار ئۆزلىرىنىڭ ئەجدادى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب، خالىد ئىبنى ۋەلىد، ئوسمان ۋە ئەلىدەك ئادەملەر بولغىنىنى ئۇنتۇپ قېلىشقان... بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇنتۇپ كەتكەچكە جەمئىيتىمىزدە ھالاكەت ئامىللىرى پەيدا بولۇشقا باشلىغان...
ياشلار! ئاخىردا مەن باشتا سۆزلەنگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىككىلا سۆزگە يىغىنچاقلىماقچىمەن"
ھاياتىڭدىكى ئۇلۇغ غايىنى بەلگىلىگىن!
ئۇ بولسىمۇ - ئاللاھ تائالادۇر!
بۇ كىتاپچىنى ئوقۇغۇنىڭدىن كېيىن، بىر ۋاراق قەغەز ۋە قەلەمنى قولۇڭغا ئېلىپ ھايات نىشانلىرىڭنى يېزىپ چىقىشىڭنى تەۋسىيە قىلىمەن! ھاياتتا نېمىلەرنى مەقسەت قىلغىنىڭنى بىلمەستىنلا ياشاپ - ئۆلۈپ كەتسەڭ، بۇ بىر خاتالىق!
نىشان-مەقسەتلىرىڭنى يېزىپ چىقىپ، ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغىن، ھاياتتىكى ئەڭ زور نىشان - بۇ ھاياتنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان رەببىڭنى تونۇش ۋە تەبىئى شەكىلدىكى ھايات پائالىيەتلىرىڭ جەريانىدا رەببىڭنى رازى قىلىش ئۈچۈن ياشاشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى يادىڭدىن چىقارمىغىن!
بۇ سۆزلەر ھەممىمىزگە مەنپەئەت بېرىشىنى تىلەيمەن شۇنداقلا «قەلب سادالىرى»نىڭ قەلبلەرگە يېتىپ بېرىشىنى ئارزۇ قىلىمەن!
سىزلەرگە رەھمەت.
ئاخىرقى دۇئايىمىز شۇكى، بارلىق ھەمدۇ-سانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر.
مەنبە.نۇرلۇق ئىسلام. ئەسكەرتىش.بۇ ئەسەرنىڭ تەربىيۋى ئەھمىيىتى بەك زۇركەن.شۇڭا بۇ يەرگە چاپلاپ قويدۇم.
[ بۇ يازمىنى天山的野花 2011-05-22 12:52قايتا تەھرىرلىدى ]