ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى
تۈزگۈچىلەر: غەيرەتجان ئوسمان، ئەشرەپ ئابدۇللاھ
1 . «ئوغۇزنامە»
«ئوغۇزنامە» قەھرىمانلىق ئېپوسى بولۇپ ، ئۇنىڭدا ئوغۇزنىڭ قەھرىمانلىقى ، ئەقىل – پاراسىتى ۋە ئوغۇزخان يېتەكچىلىكىدىكى قەبىلىلەرنىڭ ئاجىزلىقتىن زورىيىپ ، چېچىلاڭغۇلۇقتىن ئۇيۇشۇپ ، باشباشتاقلىقتىن بىرلىككە كېلىپ ، تەدرىجىي زورايغان ھەم داۋاملىق ئالغا باسقان ئەھمىيەتلىك پائالىيىتى ئوبرازلىق ، جانلىق ۋە تەسىرلىك يوسۇندا بايان قىلىنغان .
ئوغۇزخان قەھرىمان ۋە دانا خان . ئېپوستا ئۇنىڭ ئوبرازى ئۇزۇن ، مۇرەككەپ ۋە دەھشەتلىك مۇھىت ئىچىدە يېتىلىپ چىققان ، يەنى ئوغۇزنىڭ شەخسىي خاراكتېرى كەڭ ئىجتىمائىي مۇھىت ئىچىگە قويۇلۇپ ، تەدرىجىي ئومۇمىي خاراكتېرگە ئىگە قىلىنغان . ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا ئەينى چاغدىكى باتۇر ، پاراسەتلىك كىشىلەرنىڭ تامغىسى بېسىلغان . ئوغۇز ئىلغار كۈچلەرنى ئالغا يېتەكلىگۈچى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرگۈچى بولۇپلا قالماستىن ، بەلكى ئەجدادلارنىڭ خاراكتېرى ۋە تەبىئىي خۇسۇسىيىتىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن ، ئەجدادلارنىڭ شان – شەرىپى ۋە ئەۋلادلار قىزغىنلىقىنىڭ مەركىزىي نۇقتىسىغا ئايلانغان .
ئوغۇزخان يېرىم ئىلاھلاشقان ، يېرىم ئادەملىك خاراكتېرگە ئىگە ئوبراز . خەلق قەلبىدە ئۇنىڭ تۆرىلىشى ۋە سۈپىتى ئىلاھىلىق دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن . ئەسەردە ئۇنىڭ ناھايىتى ئۇستا مەرگەن ، قىلىچۋاز ، نەيزىۋاز ۋە تەدبىرلىك قوماندان ، دانا ۋە ئادىل خاقان ئىكەنلىكى سۈرەتلەنگەن ، يەنى ئۇنىڭ باتۇرلۇقى ئادىمىيلىك دەرىجىسىدىن ئايرىلمىغان . ئۇ ياشانغاندا ئۆلۈمدىن سۆز ئاچمىغان بولسىمۇ ، كۆزىگە كۆرۈنۈپ تۇرغان رېئاللىقتىن ئۆزىنى قاچۇرماي ، بالىلىرىغا يەر – زېمىننى ئادىل تەقسىم قىلغان . ئۇ ھەرگىزمۇ ئىلاھلىق ھالەتكە ئۆتۈپ ، مەڭگۈ ياشاش ئىستىكىنى قىلمىغان .
«ئوغۇزنامە» دە ئەجدادلارنىڭ كىشىلىك ۋە جەمئىيەت قارىشى ، ئېتىكا ۋە ئەخلاقىي چۈشەنچىلىرى ، ئۆرپ – ئادەت ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن . ئۇ بىز ئۈچۈن تىل ، شېئىرىي تەپەككۇر ، بەدىئىي تەسەۋۋۇر قاتارلىقلارنى ئۆگىنىشتە قىممەتلىك ماتېرىيال .
«ئوغۇزنامە» دىن پارچىلار
كەنە كۈنلەردەن بىر كۈن ئاي قاغاننىڭ كۆزۈ يارۇپ بودادى .
ئەركەك ئوغۇل تۇغۇردى ،
ئوشۇل ئوغۇلنۇڭ ئۆڭلۈگى چىراقى كۆك ئەردى ،
ئاغىزى ئاتاش قىزىل ئەردى ،
كۆزلەرى ئال ، ساچلارى ، قاشلارى قارا ئەردىلەر ئەردى ،
ياشغ نەپىسكىلەردەن كۆرۈكلۈكرەك ئەردى .
ئوشۇل ئوغۇل ئاناسىنىڭ كۆگۈزۈندۈن ئوغۇزنى ئىچىپ مۇندۇن ئارتىغراق ئىچمەدى .
يىگ ئەت ، سۈرمە تىلەدى ،
تىلى كەلە باشلادى ،
قىرىق كۈندۈن سۇڭ بەدۈكلەدى ،
يۈرۈدى ،
ئوينادى ،
ئاداغى ئۇد ئاداغىدەگ ،
بەللەرى بۆرى بەللەرىدەگ ،
ياغرى كىش ياغرىدەگ ،
كۆگۈزۈ ئادۇغ كۆگۈزۈ دەگ ئەردى .
بەدەنىنۇڭ قاماغى تۈگ تۈلۈگلوگ ئەردى .
. . . .
ئوغۇز جىدا بىرلە قىئاتنىڭ باشىن ئۇردى ،
ئانى ئۆلتۇردى ،
قىلىچ بىرلە باشىن كەستى .
. . . .
مەن سەنلەرگې بولدۇم قاغان ،
ئالالىك يا تاقى قالقان .
تامغا بىزگە بولسۇن بۇ يان .
كۆك بۆرى بولسۇنغىل ئۇران ،
تەمۈر يىدالار بول ئورمان .
ئاۋ يەردە يۈرۈرسۇن قۇلان ؛
تاقى تالۇي تاقى مۈرەن ،
كۈن تۇغ بولغىل كۆك قۇرىقان .
[بىر كۈنى ئايقاغاننىڭ كۆزى يورۇدى ،
ئۇ بىر ئوغۇل تۇغدى .
بۇ ئوغۇلنىڭ يۈز – چىرايى كۆك ئىدى ،
ئاغزى چوغدەك قىزىل ، كۆزلىرى ھال ، چاچلىرى ، قاشلىرى قارا ئىدى ، ئۇ ھۆر پەرىلەردىنمۇ چىرايلىقراق ئىدى .
بۇ ئوغۇل ئانىسىنىڭ ئوغۇزىنى بىر قېتىم ئېمىپلا ئىككىنچىلەپ ئانىسىنى ئەممىدى . خام گۆش ، ئاش ، مەي سورىدى ، تىلى چىقىشقا باشلىدى .
قىرىق كۈندىن كېيىن چوڭ بولدى ، ماڭدى .
ئوينىدى ، ئۇنىڭ پۇتى بۇقا پۇتىدەك ،
بېلى بۆرە بېلىدەك ،
مۈرىسى قارا بولغۇن مۈرىسىدەك ،
كۆكسى ئېيىق كۆكسىدەك ،
پۈتۈن بەدىنىنى قويۇق تۈك باسقانىدى .
. . . .
ئوغۇز نەيزىسىنى قىئاتنىڭ بېشىغا ئۇردى .
ئۇنى ئۆلتۈردى . قىلىچ بىلەن بېشىنى كەستى .
. . . .
مەن سىلەرگە بولدۇم خاقان ،
ئېلىڭلار يا بىلەن قالقان .
تامغا بولسۇن بىزگە بۇيان ،
كۆك بۆرە بولسۇن ھەم ئۇران .
تۆمۈر نەيزە بولسۇن ئورمان ،
ئوۋلىقتا يۈرۈشسۇن مال – ۋاران ؛
ھەم ئاقسۇن دەريا ۋە ئېقىن ،
قۇياش تۇغ بولسۇن
ئاسمان قورغان . ① «ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي داستانى ئوغۇزنامە» ، (گېڭ شىمىن ، ت . ئايۇپلار تەييارلىغان) ، مىللەتلەر نەشرىياتى ، 1980 – يىل بېيجىڭ . ]
2 . مەڭگۈ تاش ئەدەبىياتى
تۈرك خانلىقى (552 – 744) ۋە ئۇيغۇر خانلىقى (744 – ؟840) دەۋرىدە خاقانلار ، شاھزادىلەر ۋە ۋەزىر ، قوماندانلارنىڭ ئىش – پائالىيەتلىرى قورام تاشلارغا نەپىس ، گۈزەل ۋە ئوبرازلىق تىل بىلەن خاتىرىلەپ قويۇلغان ھەم ئۇلار ئەينى زاماندا مەڭگۈ تاش دەپ ئاتالغان . زامانىمىز تەتقىقاتچىلىرى ئۇلارنى «مەڭگۈ تاش ئەدەبىياتى» دېگەن نام بىلەن ئاتاپ كەلمەكتە .
1 . «تونيۇقۇق مەڭگۈ تېشى»
بۇ مەڭگۈ تاش تۈرك خانلىقىدا باش مەسلىھەتچى بولغان تونيۇقۇق شەرىپىگە مىلادىيە 712 — 716 – يىللىرى بايىن چوقتۇ ① «بايىن چوقتۇ — ئولانباتۇر شەھىرىدىن 60 كىلومېتىر يىراقلىقتا .» دېگەن جايغا تىكلەنگەن .
مەڭگۈ تاشتا تونيۇقۇقنىڭ ئەل – يۇرت ئۈچۈن كۆرسەتكەن پىداكارلىقى مۇنداق تەسۋىرلەنگەن :
تۈن ئۇدماتى
كۈنتۈز ئولۇرماتى
قىزىل قانىم تۆكۈلتى
قارا تەرىم يۈرگۇرتى
ئىسىگ كۈچىگ بەرتىم ئوڭ
بەن ئۆزۈم ئۇزۇن بولمەگ يەمەئىتتىم
ئارقۇي قاراغۇم ئولغارتدىم ئوق
يارىغما ياغىغ كەلتۈرۈر ئەرتىم
قاغانىمىن سۇ ئەلتىدىمىز
. . . . . . .
ئىلتەرسىن قاغان قازغانماسار
ئۇدۇ بەن ئۆزۈم قازغانماسار ،
ئىل يەمە ، بۇدۇن يەمە يوق ئەرتەچى ئەرتى
قازغاندۇقىن ئۈچۈن
ئۇدۇ ئۆزۈم قازغاندۇقىم ئۈچۈن
ئىل يەمەئىل بولتى
بۇدۇن يەمە بۇدۇن بولتى
ئۆزۈم قارى بولتىم
نەڭ يەردىكى قاغانلىق بۇدۇنغا بۇنتەگى
بار ئەرسە
نە بۇڭى بار ئەرتەچى ئەرمىس .
[تۈنلىرى خاتىرجەم ئۇخلىيالمىدىم ،
كۈندۈزى خاتىرجەم ئولتۇرالمىدىم ،
قىزىل قانلىرىمنى تۆكتۈم ،
قارا تەرلەرنى ئاقتۇردۇم .
مەن (ئەل) ئىشلىرى ئۈچۈن كۈچۈمنى قوشتۇم ،
مەن يەنە ئۆزۈم ئاتلىق قوشۇن چىقاردىم . مەن ئوردا قاراۋۇللىرىنى كېڭەيتتىم .
يېنىپ – يېنىپ تۇرغان رەقىبلەرنى بويسۇندۇردۇم .
خاقانىم بىلەن بىرگە (كۆپ قېتىم) جەڭگە قاتناشتىم .
. . . . . . . .
ئىلتەرسىن قاغان تىرىشمىغان بولسا ،
ئۇنىڭغا ئەگىشىپ مەن تىرىشمىغان بولسام ،
ئەل ۋە خەلق يوق بولغان بولاتتى .
ئۇ تىرىشقانلىقى ئۈچۈن ،
ئۇنىڭغا ئەگىشىپ مەن تىرىشقانلىقىم ئۈچۈن ،
ئەل يەنىلا ئەل بولدى ، خەلق يەنىلا خەلق بولدى .
ئۆزۈم قېرىدىم ، ئۇلۇغ بولدۇم ،
ھەرقانداق يەردىكى خاقانلىق يەردە مەندەك ئادەم بولىدىكەن ،
ئۇلاردا نېمە غەم بولسۇن .]
2 . «مويۇنچور مەڭگۈ تېشى»
بۇ مەڭگۈ تاش ئۇيغۇر خانى مويۇنچور (بايانچور) شەرىپىگە مىلادىيە 758 – يىلى سېلىنگا دەرياسى ۋە شىنە – ئۇسۇ كۆلى ئەتراپىدا تىكلەنگەن . مەڭگۈ تاشنىڭ باش تەرىپىدە مويۇنچور ئۆزى توغرۇلۇق توختىلىپ مۇنداق دېگەن :
تەڭرى بولمىس ئىل ئەتمىس بىلگە قاغان . . . تولىس . . . ئۆتۈكەن تەگرەسى ئىلى ئىكىن ئارا ئولۇرمىس سۇبى سەلەنگە ئەرمىس ئانتائىلى . . . ئەرمىس . . . بارمىس . . . سۇ . . . ئانتا قالمىس بۆدۈن ، ئون ئۇيغۇر ، توققۇز ئوغۇز ئۈزە يۈز يىل ئولتۇرۇپ . . . ئورقۇن ئۈگۈز . . . تۈرك قىپچاق ئەلىگە يىل ئولۇرمىس تۈرك ئىلىگە ئالتى ئوتۇز ياشىما . . . بىرنى ئانتا بويلا . . . يانا تۇشتى ، توقۇز ئوغۇز بۇدۇنىمىن تىرۇ قۇبراتى ئالتىم ، قاڭىم كۆل بىلگە قاغان . . . سۇ يۇرىدى ، ئۆزۈمىن ئۆڭرە بىڭا باشى ئىتتى . . .
[تەڭرىدىن بولغان ئەل ئەتمىش بىلگە خاقان . . . تولىس . . . ئۆتۈكەن ئەتراپى ئېلى ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئولتۇرىدىكەن ، سۈيى سېلىنگا (دەرياسى) ئىكەن ، ئۇ يەردە ئېلى . . . ئەركىن ياشايدىكەن . . . سۇ . . . ئۇ يەردە قالغان خەلق — ئون ئۇيغۇر ، توققۇز ئوغۇز ئۈستىدە يۈز يىل ئولتۇرۇپ ، . . . ئورقۇن دەرياسى . . . تۈرك قىپچاق (خەلقى ئۈستىدە) ئەللىك يىل ئولتۇرغانىكەن . تۈرك ئېلىگە يىگىرمە ئالتە يېشىمدا . . . بەردى . ئۇ چاغدا بويلا . . . يەنە چۈشتى . توققۇز ئوغۇز خەلقىمنى تېرىپ – يىغىپ ئالدىم . ئاتام كۆل بىلگە خاقان . . . قوشۇن ئەۋەتتى . مېنى مىڭبېشى قىلىپ ئەۋەتتى] . . .
ئومۇمەن مەڭگۈ تاشلار ئۇيغۇر تىلى بىلەن يېزىلغان ئەڭ دەسلەپكى ئەدەبىي ئەسەر بولۇپ ، نۆۋەتتە ئۇلار قەھرىمانلىق داستانلىرى ياكى ئېپوس دەپ ھېسابلانماقتا . ئۇلاردا يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئاجىزلىقتىن كۈچىيىپ ، چېچىلاڭغۇلۇق ، باشباشتاقلىقتىن ئىناقلىق ، بىرلىك ، ئىتتىپاقلىققا قاراپ بۇرۇلۇش ياسىغانلىقى ، كۈچلۈك خانلىق قۇرۇپ ، خەلقنى ئۇيۇشتۇرۇپ ، بەختلىك ، گۈللەنگەن ۋە قۇدرەتلىك جەمئىيەت قۇرۇش ئارزۇسى ئىپادىلەنگەن . جۇڭگو مىللەتلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا بېسىش روھىنى ئەكس ئەتتۈرگەن .
3 . قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىكى شېئىرىيەت
قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقى (؟850 - ؟1250) دەۋرىدە شېئىرىيەت تەرەققىي قىلغان . بۇ دەۋرگە مەنسۇپ 1000 كۇپلېتتىن ئارتۇق شېئىر زامانىمىزغا يېتىپ كەلگەن . بۇلارنىڭ بەزىلىرى ئىمزالىق شېئىرلار بولۇپ ، بەزىلىرىنىڭ ئاپتورلىرى ئېنىق ئەمەس . ئۆز زامانىسىدا ئاپرىنچور تېگىن ، چىسۇيا تۇتۇڭ ، قالىم قايشى ، بۇيان قاياقال ، كى كى ، ئاتساڭ قاتارلىق شائىرلار ئۆتكەن .
كۆپلىگەن شېئىرلاردا ئۆرپ – ئادەت مەسىلىلىرى ئوبرازلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ ، ئۇلارنى رېئال تۇرمۇش تەسۋىرلەنگەن ئاممىباب شېئىرلار دەپ ئاتاشقا بولىدۇ . بۇنداق شېئىرلاردا تۆۋەندىكىدەك مەزمۇنلار ئەكس ئەتتۈرۈلگەن :
بىرىنچى ، ئىلىم – مەرىپەت مەدھىيىلەنگەن ، بىلىملىكلەر كۈيلەنگەن ، نادانلىق ، بىلىمسىزلىك مەسخىرە قىلىنغان . مەسىلەن :
بىلىگ بىلىڭ ، يا بەگىم ،
بىلىگ ساڭا ئەش بولۇر .
بىلىگ بىلگەن ئول ئەرگە ،
بىر كۈن دۆلەت تۇش بولۇر .
[بىلىم ئۆگىنىڭ ، ئەي بېگىم ، بىلىم سىزگە ھەمراھ بولۇر ؛
بىلىم ئۆگەنگەن ئەرگە ، بىر كۈنى دۆلەت يار بولۇر .]
ئىككىنچى ، گۈزەل ئەخلاققا ، ئېسىل ئەردەم – پەزىلەتكە دالالەت قىلىنغان ، ناچار قىلىق ، ئوسال كەيپىيات ئەيىبلەنگەن . مەسىلەن :
ئەردەملىك كىشى ئەردىنى بىرلە تۈز ئول ،
ئەردەمسىز كىشى ئۆتۈك ئىچىندەكى ئولياق بىرلە تۇز ئول .
[ئەردەم – پەزىلەتلىك كىشى گويا گۆھەرگە ئوخشايدۇ ،
پەزىلەتسىز كىشى گويا ئۆتۈك ئىچىدىكى پىتەككە ئوخشايدۇ]
ئۈچىنچى ، چىن مۇھەببەت مەدھىيىلەنگەن .
تۆتىنچى ، ئادىل ۋە دانا خاقانلار ئوبرازى يارىتىلغان ۋە ئۇلارغا مەدھىيە ئوقۇلغان ، ئادالەت ۋە خەلقچىلىق تەشۋىق قىلىنغان . مەسىلەن :
كۆك بۆرتىمەك سېنى بىرلە يۇرىيىن ،
قارا قۇزغۇنتەك تۇپراق ئۇزە قالايىن .
ئىگگە كۆمۈرى ،
بىلەگۈگە يارىتەك بولايىن .
ئەرىكلىگ ئۇلۇغ ئىلىگىمىز ئەرۇرسىز ،
ئالتۇنچا توممىش .
توللۇنچا توممىش ،
قۇتلۇق بىلگە بەگۈمىز ئەرۇرسىز .
يىمەقالىن قارا بۇدۇنىڭىز ،
كىڭ قوينۇڭىزدا .
ئۇزۇن ئەتەكىڭىزدە ،
كۈيۈ كۈزەدۇ تۇتۇپ ئاچىنۇ ئىگىدۇرسىز .
[كۆك بۆرىدەك سەن بىلەن بىللە يۈرەي ،
قارا قوزغۇندەك تۇپراق ئۈستىدە قالاي ،
ئاغرىققا داۋا ،
بىلەي (بىلەي تاش) گە سۇ (تۈكۈرۈك بولاي) .
قۇدرەتلىك ئۇلۇغ ئىلىكىمىز (پادىشاھىمىز) سىز ،
سىز ئالتۇندەك ساپ ،
مەرۋايىتتەك سۈزۈك ،
قۇتلۇق ، دانا بېگىمىز سىز .
سىز بارلىق پۇقرالىرىڭىزنى
كەڭ قوينىڭىزدا ،
ئۇزۇن ئېتىكىڭىزدە ،
كۆيۈپ – ئاسراپ مېھرىبانلىق بىلەن باقىسىز .]
بەشىنچى ، تەبىئەتنىڭ گۈزەل ، ئارامبەخش قىياپىتى چوڭقۇر ھېسسىيات ئاساسىدا تەسۋىرلىنىش بىلەن بىرگە ، يۇرت ، ۋەتەنگە بولغان چەكسىز مۇھەببەت ئىپادىلەنگەن . مەسىلەن :
ئادقا شۇ تۇرۇر قات – قات تاغدا ،
ئامىل ئاغلاق ئارانيا تاندا .
ئارتۇچ سۆگۈت ئالتىنتا ،
ئاقار سۇۋلۇقتا .
ئارانچىغىن ئۇچداچى قوشقىئالار ،
تىرىنلىك قۇۋراغلىقتا ،
ئادىنماقسىزىن مەڭى تەگىنگۈلۈگ ئول
ئانى تەگ ئورۇنلاردا .
[تۇتاش كەتكەن قاتمۇقات تاغلاردا ،
تىنچ – خىلۋەت ئارانيا دانتا ① «ئارانيا — سانسكرىتچە ( ) دىن كەلگەن سۆز بولۇپ «ئويمانلىق ، ئورمانلىق تاغ» دېگەن مەنىدە .
ئارتۇچ سۆگۈت ئاستىدا ، ② «ئارتۇچ سۆگۈت — قارا ئارچا دەرىخىنى كۆرسىتىدۇ .»
شارقىراپ ئاققان سۇ بويىدا .
شادلىقتا ئۇچقۇچى قۇشلار يىغىلىدىغان جايدا ،
ھېچ نەرسىگە پەرۋا قىلماي ھۇزۇرلىنىدىغان ئەنە شۇنداق ئورۇنلاردا] . ③ «قەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىدىن تاللانما» (ئا . خوجا قاتارلىقلار تۈزگەن) ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ، 1984 – يىل نەشرى .
ئومۇمەن ، قوچۇ ئۇيغۇر شېئىرلىرى ئىلغار ئىدىيىنى يۇقىرى بەدىئىي ماھارەت بىلەن ئىپادىلىگەن . ئۇلار باي ، خەلقچىلىق روھىغا تويۇنغان بولۇپلا قالماستىن ، بەلكى قويۇق رېئالىزملىق ئالاھىدىلىككە ، مۇكەممەل قۇرۇلما ۋە كۆپ خىل شەكىلگە ئىگە .
4 . يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە «قۇتادغۇبىلىك»
يۈسۈپ خاس ھاجىپ (20 / 1019 – 6 / 1085) قاراخانىيلار خانلىقى زامانىسى (؟850 – 1212) دا ئۆتكەن مۇتەپەككۇر شائىر بولۇپ ، بالاساغۇندا تۇغۇلۇپ ، قەشقەردە ياشاپ ، شۇ يەردە ۋاپات بولغان .
يۈسۈپنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» ناملىق داستانى 1069 – 1070 – يىللىرى قەشقەردە يېزىلغان . 85 باب ، 290 ،13 مىسرا .
«قۇتادغۇبىلىك» ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى ، كۆپ دەۋرلىك ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ كۈرەش قىلىپ ئىجتىھات بىلەن قولغا كەلتۈرگەن مەدەنىيەت دۇردانىسى . ئۇ بىر پۈتۈن مەدەنىيەت ھاۋاسىدا ، مەركەزلىك ھەم كونكرېت ھالدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئىلمىي ئىدىيىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ ، بۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدىكى تەۋرەتكىلى بولمايدىغان ئورنىنى تىكلىگەن .
مەيلى ئىدىيىۋى مەزمۇن ، مەيلى بەدىئىي شەكىلدىن قارىغاندا ، «قۇتادغۇبىلىك» ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ تىپىك نەمۇنىسى بولۇپ ، ئۇ ئاساسلىقى قاراخانىيلارنىڭ ئىجتىمائىي رېئاللىقى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەينى چاغدىكى ئاڭ ھالىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ . ئومۇمەن ، قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشى ۋە قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاڭ قارشى «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى ھاسىل قىلغان .
«قۇتادغۇبىلىك»تە ئادالەت گەۋدە قىلىنغان باراۋەر ، ئىناق ۋە خاتىرجەم غايىۋى جەمئىيەت سۈرەتلەنگەن . خىسلەتلىك يېرى شۇكى ، مۇئەللىپ ئەسەردە مۇنداق غايىۋى جەمئىيەتنى سۈرەتلەش بىلەنلا قالماي ، يەنە بۇ غايىۋى جەمئىيەتكە بارىدىغان يول ئۈستىدە دادىل ئىزدەنگەن . بۇ يول قانۇن ، ئەخلاق ۋە بىلىمدىن ئىبارەت . قانۇن — بۇ غايىۋى جەمئىيەتنى يۆلەپ تۇرىدىغان تېرەك . ئەخلاق — بۇ غايىۋى جەمئىيەتنىڭ ئىچكى بۆلەكلىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان رىشتە . بىلىم — قانۇننىڭ ئىشقا ئېشىشى ، ئەخلاقنىڭ ھۆرمەتكە ئېرىشىشىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان تۈپ ئاساس .
داستان ۋەقەلىكى باشتىن – ئاخىر دېگۈدەك ئۈچ چوڭ مۇناسىۋەتكە ۋەكىللىك قىلغۇچى تۆت پېرسوناژنىڭ ئۆزئارا سۆزلىشىشى ۋە مۇنازىرىسى ئاساسىغا قۇرۇلغان بولۇپ ، مۇئەللىپ مۇشۇنداق سۆزلىشىش ۋە مۇنازىرىلەر ئارقىلىق جەمئىيەتتە يۈز بېرىۋاتقان ھەرخىل مەسىلىلەر ھەققىدىكى ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ، پەلسەپىۋى پىكىرلىرىنى بايان قىلغان . جەمئىيەتتىكى ھەرخىل تەبىقە ، گۇرۇڭلارنىڭ ئورنى ، ھۆكۈمرانلارنىڭ ئۇلارغا تۇتقان پوزىتسىيىسى ، جەمئىيەتنىڭ ئىچكى ئەھۋالى — ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ ئىلگىرىلىشىگە كۈچ چىقىرىپ ۋە ئۇنىڭ مەدەنىيەت تەرغىباتچىلىق رولىنى ئويناپ ، مەدەنىيەت جەۋھەرلىرىنى مۇجەسسەملەپ چىققان . شۇنداق بولغاچقا ، ئۇ ئالدى بىلەن ئۆز دەۋرىنىڭ ، مەدەنىيىتىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان شاھانە ئەسەر سۈپىتىدە گەۋدىلىنىپ تۇرغان .
«قۇتادغۇبىلىك» تە مەركىزىي ئىدىيە مەركەزلىك ۋە گەۋدىلىك ئىپادىلىنىش ئۈچۈن توققۇز نەپەر پېرسوناژ ئوبرازى يارىتىلغان . ئۇلارنىڭ ئىچىدە كۈنتۇغدى ، ئايتولدى ، ئۆگدۈلمىش ، ئودغۇرمىش قاتارلىق تۆت نەپەر پېرسوناژ ئاساسىي ئوبراز بولۇپ ، ئۇلار توغرۇلۇق تەپسىلىي تەسۋىرلەر بېرىلگەن .
كۈنتۇغدى قانۇن ، ئادالەتنىڭ سىمۋولى قىلىنغان . ئۇ بىلىملىك ، ئىقتىدارلىق ، ئىستېداتلىق ئادىل ھۆكۈمران ، «كىم ئەقىل – پاراسەتلىك بولسا ، ئۇنى يۈكسەلدۈرىدىغان» ، «ئەتراپىغا دۇنيادىكى ھەرخىل ئىدراكلىق ، بىلىملىك كىشىلەر زىچ توپلانغان» ، «ئەلنى تۈزەپ ، ئوڭشاپ ن خەلقنى بېيىتقان ، ئۇنىڭ زامانىدا بۆرە بىلەن قوي بىللە سۇ ئىچكەن» ئۇلۇغ شەخس سۈپىتىدە ئوقۇرمەن تەسەۋۋۇرىدا گەۋدىلىنىدۇ .
داستاندا ئايتولدى كۈنتۇغدى ئىلىگنىڭ ۋەزىرى بولۇپ ، بەخت – سائادەت سىمۋولى قىلىنغان . ئۆگدۈلمىش ئايتولدىنىڭ ئوغلى ۋە ئىز باسارى ، ئۇ بىلىم ۋە ئەقىل – پاراسەتنىڭ سىمۋولى . ئودغۇرمىش كۈنتۇغدى ئىلىگنىڭ مەملىكىتىدە بىر غاردا پىنھان تۇرمۇشنى تاللىغان زاھىد بولۇپ ، قانائەت ۋە ئاقىۋەتنىڭ سىمۋولى قىلىنغان .
دېمەك ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇبىلىك»تە ئۆزىنىڭ بىر پۈتۈن ئىجتىمائىي ، سىياسىي ، ئىدىيىۋى سىستېمىسىنى مانا مۇشۇ تۆت ئاساسىي پېرسوناژ ئارىسىدىكى سۆھبەت ، مۇنازىرە ۋە دراماتىك توقۇنۇش جەريانىغا سىڭدۈرۈپ ، جەمئىيەتنى ، جۈملىدىن دۆلەتنى قانۇن ، بىلىم ۋە ئەخلاق – پەزىلەت بىلەن ئىدارە قىلىش ھەققىدىكى بىر قاتار غايىۋى قاراشلىرىنى ئىپادىلىگەن ، ئۆز دەۋرىدىكى رېئاللىقنى ئىسلاھ قىلىشقا قارىتىلغان بەزىبىر ئىجتىمائىي تەشەببۇسلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان . رېئاللىقنى پەردازلاپ كۆرسەتمەستىن ، بەلكى ئۇنىڭدىكى مەۋجۇت ئىللەتلەرنى دادىللىق ۋە رەھىمسىزلىك بىلەن پاش قىلغان ھەم سۆككەن ، ئادالەتلىكلەر ، پەزىلەتلىكلەر ، بىلىملىكلەر ھەم ئىستېداتلىقلار كۆپ بولغان غايىۋى بىر دۆلەت قۇرۇش ئارزۇسىنى ئىپادىلىگەن .
«قۇتادغۇبىلىك» تىن ئۆرنەكلەر
بىلىك ئوقۇش ئەردەمىن ئاسىغىن ئايۇر
(بىلىم بىلەن ئەقىلنىڭ پەزىلەت ۋە پايدىلىرى بايانىدا)
تىلەكىم سۆز ئەردى ئاي بىلگە بۆگۈ ،
ئوقۇشۇغ بىلىكىگ ئۆزۈم سۆزلەگۈ .
ئوقۇش ئول بۇلا تەگ قاراڭغۇ تۈنى ،
بىلىك ئول يارۇقلۇق يارۇتتى سەنى .
ئوقۇشۇن ئاغار ئول بىلىكتىن بەدۈر ،
بۇ ئىلى بىلە ئەر ئاغىرلىق كۆرۈر .
ئوقۇش بولسا ئەسىل بولۇر بولسا ئەر ،
بىلىك بولسا بەگلىك قىلۇر قىلسا ئەر .
كىمەڭدە ئوقۇش بولسا ئەسىل بولۇر ،
قايۇدا بىلىك بولسا بەگلىك بولۇر .
[تىلەگىم ئىدى سۆز ، ئەي ئالىم ھېكىم ،
ئەقىل ۋە بىلىمدىن سۆزلەش مەقسىتىم .
ئەقىلدۇر چىراغدەك قاراڭغۇ تۈنى ،
بىلىم ئۇ يورۇقلۇق ، يۇرۇتقاي سېنى .
ئۆسەر ئەر ئەقىلدىن ، بىلىمدىن بۇيۇر ،
بۇ ئىككى بىلەن ئەر قەدىرلىك بولۇر .
. . . . .
ئەقىل بولسا ، ئېسىل بولۇر بولسا ئەر ،
بىلىم بولسا ، بەگلىك قىلۇر قىلسا ئەر .
ئەقىل كىمدە بولسا ، بولۇر ئۇ ئېسىل ،
بىلىم كىمدە بولسا ، بولۇر خان ئۇ ، بىل .] ① «يۈسۈپ خاس ھاجىپ ، «قۇتادغۇبىلىك» ، مىللەتلەر نەشرىياتى ، 1984 – يىلى نەشرى .»
5 . مەھمۇد قەشقەرى ۋە «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»
مەھمۇد قەشقەرى (؟20 / 1019 — ؟4 / 1113)نىڭ تولۇق ئىسمى مەھمۇد ئىبنى ئەل ھۈسەيىن ئىبنى مۇھەممەد ئەل كاشغەرى . مەھمۇد قەشقەرى قەشقەر (كونىشەھەر ناھىيىسىنىڭ) ئوپال يېزىسى ئازىق (بۇ كەنت كېيىنچە قۇمباغ دېگەن نام بىلەن ئاتالغان) كەنتىدە قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ خان جەمەتىگە مەنسۇپ ئائىلىدە تۇغۇلغان ، ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەلۇماتنى قەشقەردىكى مەكتەپلەردە ئالغان . كېيىنچە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى داڭلىق شەھەرلەرگە بېرىپ ، ئۇ يەردە ئوقۇپ ، داۋاملىق بىلىم ئاشۇرغانلىقى پەرەز قىلىنىدۇ . مەھمۇد قەشقەرى قاراخانىيلار خانلىقىغا تەۋە يېزا – قىشلاقلار ، شەھەر – بازارلارنى ، ئۇرۇق – قەبىلە ، ئايماقلارنى تەخمىنەن ئون نەچچە يىل ئايلىنىپ ، مول تىل ۋە فولكلور ماتېرىياللىرىنى توپلاپ ، ئاندىن ئاغدادقا بېرىپ ، مىلادىيە (1077 – 1072 – يىللىرى «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» («تۈركىي تىللار دىۋانى») ناملىق ئەسەرنى يېزىپ چىققان . بۇ كىتابنىڭ ئەسلىي نامى «كىتابۇ دىۋانى لۇغەت تۈرك» دۇر .
«دىۋان»غا تەخمىنەن 7500 پارچىدىن ئارتۇق سۆزلەم (سۆز ۋە ئىبارە) ، 242 پارچە شېئىر – قوشاق ، 200 پارچىگە يېقىن ماقال – تەمسىل ، 10 نەچچە پارچە ئەپسانە ، رىۋايەت ۋە داستان ، ئېپوسلاردىن پارچە كىرگۈزۈلگەن . تىلشۇناس مەھمۇد قەشقەرى سۆزلەم ، ماقال – تەمسىل ۋە قوشاق (داستان ، ئېپوسلاردىن پارچىلار بۇنىڭ ئىچىدە)لارنى ئۇيغۇر تىلىدا بېرىپ ، ئۇلارنى ئەرەب تىلىدا ئىزاھلىغان ، مۇنداقچە ئېيتقاندا ، ئالىم كىتابىنى ئەرەب تىلىدا يازغان .
مىلادىيە ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ ئەرەب ئىمپېرىيىسى ، بولۇپمۇ ئۇنىڭ مەركىزى باغدادتا تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ تەسىرى كۈچىيىشكە باشلىغانىدى . بۇنىڭ نەتىجىسىدە «تۈركىي تىل بىلەن ئەرەب تىلى بەيگىگە چۈشكەن ئىككى ئاتتەك تەڭ چېپىپ كېتىۋاتقان» ھالەت شەكىللەنگەن ، مەرىپەتپەرۋەر ئالىم مەھمۇد قەشقەرى ئەرەبلەرنىڭ «ئۆز دەردىنى ئېيتىشى ۋە تۈركىي تىللىق خەلقلەرگە يېقىش ئۈچۈن ئۇلارغا تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىشتىن ياخشىراق يول يوق» ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ ، يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسىنىڭ ئىلھامى بىلەن بۇ كاتتا ئەسەرنى يېزىپ چىققان .
«دىۋان» ئىككى تىلنىڭ ، يەنى تۈركىي تىلى بىلەن ئەرەب تىلىنىڭ ئاددىيلا سېلىشتۇرما لۇغىتى ئەمەس ، شۇنداقلا ئەرەبلەرنىڭ تۈركىي تىلنى ئۆگىنىشى ئۈچۈن تۈزۈپ قويۇلغان ئاددىي سۆزلۈكمۇ ئەمەس ، بەلكى ئېنسكىلوپېدىيە شەرتىگە يېقىن بولغان لۇغەت . ئۇ ئۈچ جىلد (ئۈچ توم) ۋە 10 بۆلۈمدىن ئىبارەت . ھەم بىر بۆلۈمى ئۆز نۆۋىتىدە بىرقانچە باب ھەم قوشۇمچە چاتاق (پاراگراف)قا بۆلۈنگەن .
«دىۋان»دىكى شېئىر – قوشاقلار ئىچىدە بىلىم ئۆگىنىشكە ، ئەقىل – پاراسەتلىك بولۇشقا ئۈندەيدىغانلىرى كىشىنى ئۆزىگە ئالاھىدە جەلپ قىلىدۇ . مەسىلەن :
ئەردەم تىلە ئۆگرەنىپەن بولما كۈۋەز ،
ئەردەمسىزىن ئۆگۈنسە ئەڭمە گۈزە ئەگەر .
[ئىلىم – ھېكمەت ئىزدە ، ئۆگىنىشتىن چېكىنمە ، غادايما ، بىرەر نەرسىنى ئۆگەنمەيلا ئۆزىنى بىلىمدان كۆرسىتىپ ماختىنىدىغان كىشى سىناقتا ھودۇقۇپ قالىدۇ .]
ئالغىل ئۆگۈت مەندىن ئوغۇل ئەردەم تىلە .
بويدا ئۇلۇغ بىلگە بولۇپ بىلكىڭ ئۇلە .
[ئەي ئوغلۇم ، مەندىن ئۈگۈت – نەسىھەت ئال ، پەزىلەت تىلە ، ئەدەپلىك ۋە تەرتىپلىك بولۇشقا تىرىش ، تاكى ئەل ئىچىدە ئۇلۇغ ئالىم بولۇپ ، ئەدەپ ۋە ئىلىم – ھېكمەت تارات .]
بىلگە ئەرىگ ئەزگۈ تۇتۇپ سۆزىن ئەشىت ،
ئەردەمىنى ئۆگرەنىپەن ئىشقا سورا .
[ئالىم ، دانىشمەن ۋە ئاقىل كىشىلەرگە ياخشىلىق قىل ، ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلا ، ئەردەم (پەزىلەت) لىرىنى ئۆگەن ، ئۆگەنگەنلىرىڭنى ئىش يۈزىدە كۆرسەت .]
«دىۋان»غا يەنە چىن مۇھەببەت ، سەمىمىي – ساداقەتمەنلىك ، ۋاپادارلىق قاتارلىق ئىنسانىي خىسلەتلەر كۈيلەنگەن شېئىر – قوشاقلارمۇ كىرگۈزۈلگەن . تۆۋەندە مۇنداق قوشاقلاردىن بىر قانچىسىنى كۆرۈپ ئۆتىمىز :
باردى كۆزۈم يارۇقى ،
ئالدى ئۆزۈم قونۇقى .
قاندا ئەرىنچ قانىقى ،
ئەمدى ئۇدىن ئوزغورۇر .
[كۆز نۇرۇم (سۆيگەن يارىم) كەتتى ، ئۇ مېنىڭ روھىمنىمۇ ئۆزى بىلەن بىرگە ئېلىپ كەتتى . ئەمدى ئۇ قەيەرلەردىكىن ؟ (ئۇنىڭ پىراقىدىن كۆزۈمگە ئۇيقۇ كەلمەيدۇ .)]
ئۇدىك مەنى قومىتتى ،
ساقىنچ ماڭا يۇمىتتى .
كۆڭلۈم ئاڭار ئەمىتتى ،
يۈزۈم مەنىڭ سارغارۇر .
[يارغا بولغان ئىشق – مۇھەببىتىم مېنى ھاياجانغا سالدى ، قايغۇ – ئەلەملەر ماڭا توپلاندى ، كۆڭلۈم ھەمىشە يارغا ئىنتىلىدۇ ، شۇڭا مېنىڭ يۈزۈم سارغايماقتا .]
«دىۋان»دا ئاتا – ئانىلارنىڭ نەسىھەتلىرىنى ئاڭلاشتىن ئىبارەت ئېتىكىلىق مەسىلىلەرمۇ تىلغا ئېلىنغان بولۇپ ، بۇ ھەقتە مۇنداق بېيىت بار :
ئەشتىپ ئاتا – ئاناڭنىڭ ساۋلارىنى قادىرما ،
نەڭ قۇت بولۇپ گۈۋەزلىك ، قىلىنىپ يانا قۇتۇرما .
[ئاتا – ئاناڭنىڭ نەسىھەتلىرىنى ئاڭلا ، ئۇلارغا سۆز ياندۇرما ، مال – مۈلۈك ۋە بەخت تاپساڭ ، ھەددىڭدىن ئېشىپ قۇترىما .]
ئومۇمەن ، «دىۋان» دىكى ئەدەبىي پارچىلار مەيلى ئىدىيىۋىلىك جەھەتتە ، مەيلى بەدىئىي جەھەتتە بولسۇن ، قاراخانىيلار دەۋرىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى بىلىشتە ، ئەينى چاغدىكى ئەجدادلارنىڭ ئەدەبىيات قارىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىجتىمائىي چۈشەنچىلىرىنى بىلىشتە ۋە ئۆگىنىشتە بىرىنچى قول ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ . ① «مەھمۇد قەشقەرى ، «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1981 - ، 1983 - ، 1984 – يىللىرى نەشرى .»
6 . ئەھمەد يۈكنەكى ۋە «ئەتەبەتۇلھەقايىق»
ئەھمەد يۈكنەكىنىڭ تولۇق ئىسمى ئەدىب ئەھمەد بىننى مەھمۇد يۈكنەكى . ئۇ تەخمىنەن قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ياشىغان . ئۇ ئەما شائىر بولۇپ ، ئۇنىڭدىن «ئەتەبەتۇلھەقايىق» (ھەقىقەتلەر بوسۇغىسى) ناملىق داستان مىراس قالغان . بۇ ئەسەرنىڭ يەنە «ھىبەتۇلھەقايىق» (ھەقىقەتلەر سوۋغىسى) دېگەن نامىمۇ بولغان .
شائىر ئۆز ئەسىرىنى «تۈركىي كىتاب» دەپ ئاتىغان . ئەدىب ئەھمەدتىن كېيىنرەك ئۆتكەن ئەمىر ئارسلان خوجاتارقان دېگەن كىشى ئەسەرنىڭ ئاخىرىغا يازغان ئىلاۋىسىدە مۇنداق ئۇچۇرنى قالدۇرغان :
تامامى ئەرۇر كاشغەر تىلى بىلە ،
ئايتمىش ئەدىب رىققاتى دىل بىلە ،
ئەگەر بىلەسە كاشغەر تىلىن ھەر كىشى ،
بىلۇر ئول ئەدىبنىڭ نەكىم ئايتمىشى .
«ئەتەبەتۇلھەقايىق» 14 باب ، 484 مىسرادىن تەركىب تاپقان . ئۇنىڭغا كېيىنرەك باشقىلار تەرىپىدىن يەنە ئۈچ پارچە شېئىر قوشۇلۇپ 512 مىسراغا يەتكەن .
داستاندا بىلىم ، ئەخلاق ، ئادالەت توغرىسىدىكى قاراشلار چىرايلىق بەدىئىي تىل ۋە مۇكەممەل شېئىرىي شەكىل ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن .
شائىر بىلىم ، ئىلىم – مەرىپەتنىڭ ئورنى ، رولى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر ، ئوبرازلىق پىكىر قىلغان . مەسىلەن :
بىلىگدىن ئەرۇرمەن ، سۆزۈمگە ئۇلا ،
بىلىگلىككە يا دوست ئۆزۈڭنى ئۇلا .
بىلىگ بىرلە بولنۇر سائادەت يولى ،
بىلىگ بىل ، سائادەت يولىنى بۇلا .
باھالىغ دىنار ئول بىلىگلىك كىشى ،
بۇ جاھىل بىلىگسىز باھاسىز بېشى .
بىلىگلىك بىلىگسىز قاچان تەڭ بولۇر ،
بىلىگلىك تىسى ئەر ، جاھىل ئەر تېشى .
سۆڭەككە يىلىگتەگ ئەرەنگە بىلىگ ،
ئەرەن كۆركى ئەقىل ئول سۆڭەكنىڭ يىلىگ .
[بىلىمدىن سالاي دوست سۆزۈم ئۇلىنى ،
تۇتۇپ ماڭ بىلىملىك كىشى قولىنى .
ئېچىلغاي بىلىمدە سائادەت يولى ،
بىلىم ئالكى ئاچقىن بەخت يولىنى .
باھالىغ دىنار ① «دىنار — ئالتۇندىن ياسالغان پۇل .» دۇر بىلىملىك كىشى ،
بىلىمسىز ناداننىڭ باھاسىز بېشى .
بىلىملىك ، بىلىمسىز قاچان تەڭ تۇرار ،
بىلىملىك ئايال – ئەر ، نادان ئەر – چىشى .
سۆڭەككە يىلىگ تەگ ، ئادەمگە بىلىم ،
ئەركۆركى ئەقىلدۇر ، سۆڭەكنىڭ يىلىگ .]
شائىر داستاندا ئەخلاق مەسىلىسى توغرىسىدا كۆپ توختالغان . ئۇ ئىلىم – مەرىپەتكە ، بىلىم ئېلىش ئۈچۈن تىرىشقان كىشىلەرگە ، مەردلىك ، كەمتەرلىك ، كۆيۈمچانلىق ، ئادالەتلىك ، ئىنسانپەرۋەرلىك قاتارلىق ئىنسانىي خىسلەتلەرگە قىزغىن مەدھىيە ئوقۇيدۇ . بىلىمسىزلىك ، توخۇ يۈرەكلىك ، قاباھەتلىك ، تەكەببۇرلۇق ، ۋاپاسىزلىق ، خەسىسلىك ، ئاچ كۆزلۈك قاتارلىق ئىللەتلەرنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ . ① «ئەھمەد يۈكنەكى ، «ئەتەبەتۇلھەقايىق» ، مىللەتلەر نەشرىياتى ، 1980 – يىل نەشرى .»
7 . ئەلىشىر نەۋائى
1 . ئەلىشىر نەۋائىنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىي پائالىيىتى
ئەلىشىر نەۋائى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئەدەبىيات تارىخىدا قاراخانىيلاردىن كېيىنكى گۈللىنىش دەۋرىنىڭ ۋەكىلى ، شەرق ئويغىنىش دەۋرىنىڭ يۈسۈپ خاس ھاجىپتىن كېيىن بارلىققا كەلگەن نامايەندىسى ، ئوتتۇرا ئەسىردە ئۆتكەن بۈيۈك مۇتەپەككۇر ، ئەدەبىياتشۇناس ، تىلشۇناس ، ئىجتىمائىي پائالىيەتچى ، پەن – مەدەنىيەت ئەربابى ، ئۇلۇغ شائىر .
نەۋائى 1441 – يىلى 2 – ئاينىڭ 9 – كۈنى خۇراسان ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى ھېراتتا غىياسىدىن باخشى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . ئۇ شېئىرىيەت ساھەسىگە 15 – 16 يېشىدىن باشلاپ كىرىشكەن ھەم ئىككى تىلدا شېئىر يېزىپ «زۇللىسانەين» (ئىككى تىللىق شائىر) دېگەن نام بىلەن شۆھرەت قازانغان . ئۇ تۈركىي تىلدىكى شېئىرلارنى نەۋائى تەخەللۇسى بىلەن ، پارسچە شېئىرلىرىنى فانى تەخەللۇسى بىلەن يازغان .
نەۋائى ساۋاقدىشى ھۈسەيىن بايقارا تەرىپىدىن 1472 – يىلى ھېراتتا ، ئوردىدا دىۋان بېگىلىكىگە تەيىنلەنگەن . ئۇ ئوردىدا خىزمەت قىلغان چاغلاردا ، ئەلدە ئادالەت ، توغرا تەرتىپ ئورنىتىپ نۇرغۇنلىغان ئىسلاھات ئېلىپ بارغان ۋە بۇ ھەقتە پىلانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان . لېكىن ئوردىدىكى مەجىددىنگە ئوخشاش يۇقىرى قاتلام مۇتەئەسسىپ كۈچلىرى ئۇنىڭ بۇ ئىلغار پىلانىغا قارشى چىققان ، ئۇنى ھۈسەيىن بايقاراغا چاققان . شۇنىڭ بىلەن نەۋائى ئوردىدىكى پىتنە – پاسات تۈپەيلى 1467 – يىلى خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەن ھەم 11 يىلغىچە دۆلەت ئىشلىرىغا ئارىلاشماي ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن قىزغىن شۇغۇللانغان . ئۇنىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئەسەرلىرى دەل مۇشۇ چاغلاردا يېزىلغان .
نۇرغۇن مۇرەككەپ كەچۈرمىشلەرنى ئۆتكۈزگەن نەۋائى ئاخىر كېسەل سەۋەبىدىن ، 1501 – يىلى 1- ئاينىڭ 3 – كۈنى ھېرات شەھىرىدە 60 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن .
نەۋائى تۈركىي تىلدا ھەم پارس تىلىدا ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان . ئۇ 60 يىللىق ھاياتىدا زور زېھنىي كۈچ سەرپ قىلىپ 30 پارچىدىن ئارتۇق ئەسەر يېزىپ قالدۇرغان .
2 . «خەزائىنۇلمەئانى»
«خەزائىنۇلمەئانى» نەۋائىنىڭ يىرىك لىرىك شېئىرلار توپلىمى . بۇ توپلام 1491 – يىلىدىن 1498 – يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا تۈزۈلگەن . تۆت چوڭ دىۋاندىن تۈزۈلگىنى ئۈچۈن يەنە «چاھار دىۋان» دەپ ئاتالغان . بۇ تۆت دىۋان كىشىلەرنىڭ ئۆمۈر تەرتىپىگە ئاساسەن تۈزۈلگەن . بۇلار : ① «غەرايىبۇسسىغەر» (ئۆسمۈرلۈك غارايىبلىرى) ، ② «نەۋادىرۇششەباب» (يىگىتلىك نادىرلىقلىرى) ، ③ «بەدائىئۇلۋەسەت» (ئوتتۇرا ياشلىق گۈزەللىكلىرى) ، ④ «فەۋائىدۇلكىبەر» (قېرىلىق پايدىلىقلىرى) . «خەزائىنۇلمەئانى»گە لىرىك ژانىرنىڭ 16 خىل شەكلىدىكى شېئىرلار كىرگۈزۈلگەن . ئەسەردە 3132 پارچە لىرىك شېئىر بار بولۇپ ، جەمئىي 45 مىڭ مىسرادىن تەشكىل تاپقان . ئەسەردىكى 16 خىل شېئىرىي شەكىل ئىچىدە غەزەل ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ . ئۇنىڭدا جەمئىي 2600 غەزەل بار .
«خەزائىنۇلمەئانى» — يۈكسەك ئىدىيىۋىلىككە ۋە بەدىئىيلىككە ئىگە لىرىك شېئىرلاردىن تەشكىل تاپقان ئەسەر . ئۇنىڭدا ، سۆيگۈ ۋە ساداقەت ، ۋىسال ۋە ھىجران ، ۋاپا ۋە دوستلۇق ، شەپقەت ۋە مەرھەمەت ، ئەل – يۇرتقا مۇھەببەت ، گۇمانىزم (ئىنسانپەرۋەرلىك) ۋە خەلقلەر دوستلۇقى ، ئادالەت ۋە ھەققانىيەت . مېھنەت ۋە مەرىپەت ، ئەدەپ ۋە ئەخلاق ، ھالاللىق ۋە توغرىلىق ، ۋاپا ۋە ساداقەت ، ھىممەت ۋە ساخاۋەت ، راستچىللىق ۋە ئىنساپ ، تەبىئەت گۈزەللىكى ، زۇلۇم ۋە ئىستىبداتتىن نالە قىلىش ، ئادالەتسىزلىك ، ئىتتىپاقسىزلىقنى قارىلاش، جاھالەتنى پاش قىلىش ، بەتنىيەت ، ھىيلىگەرلىكنى تەنقىد قىلىش قاتارلىق مەزمۇنلار ئىپادىلەنگەن . بۇ مەزمۇنلار ئەسەردىكى لىرىك ئوبرازلاردىن «گۈزەل يار» ، «مەن» ، «مەي» قاتارلىقلار ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن .
3 . «خەمسە نەۋائى»
«خەمسە» ئىجادىيىتى — شەرق ئەدەبىي ئويغىنىش دەۋرىدە بارلىققا كەلگەن يىرىك ئەدەبىي ئېقىم بولۇپ ، ئەلىشىر نەۋائى «خەمسە» يېزىش رىقابىتىگە قاتنىشىپ زور ئۇتۇق قازىنىپ «خەمسە نەۋائى»نى يېزىپ چىقتى . «خەمسە نەۋائى» قىسقارتىلىپ «خەمسە» دەپمۇ ئاتىلىدۇ . نەۋائى بۇ ئەسەرنى 1483 — 1485 – يىللىرى ھېرات شەھىرىدە ئۇيغۇر – تۈركىي تىلىدا يېزىپ چىققان . ئۇنىڭغا تۆۋەندىكى بەش داستان كىرگۈزۈلگەن : ① «ھەيرەتۇلئەبرار» (ياخشى كىشىلەرنىڭ ھەيرانلىقى) ② «پەرھاد ۋە شېرىن» ③ «لەيلى ۋە مەجنۇن» ④ «سەبئى سەييارە» (يەتتە سەييارە) ⑤ «سەددى ئىسكەندەر» (ئىسكەندەر سېپىلى) . بۇ بەش داستان جەمئىي 52 مىڭ مىسرادىن تەشكىل تاپقان . بۇ داستانلار ئىچىدە «سەددى ئىسكەندەر» بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز .
«سەددى ئىسكەندەر» — «خەمسە» ئىچىدىكى داستانلار تەرتىپىدە بەشىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ . جەمئىي 89 باب ، 7182 بېيىتتىن تەركىب تاپقان . ئۇيغۇر كلاسسىك داستانلىرى ئىچىدە ئەڭ ئۇزۇن داستان . ئۇ ھەم تارىخىي ئەسەر ، ھەم بەدىئىي ئەسەر ھېسابلىنىدۇ .
داستاندىكى باش قەھرىمان ئىسكەندەر مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 356 – يىلىدىن 323 – يىلىغىچە بولغان پادىشاھلىق ھاياتىدا ئۆز دۆلىتىنى مىسلىسىز قۇدرەت تاپقۇزۇپ ، ياۋروپا ، ئاسىيا ، ئافرىقىدىكى نۇرغۇن دۆلەت ۋە رايونلارنى ئىستېلا قىلغان شەخس .
نەۋائى بۇ داستانىدا پەيلاسوپ ، ئالىم ، ئادالەتلىك شاھ ئوبرازىنى بىر گەۋدە قىلىپ ، ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي – سىياسىي غايىسىنى ، ئەخلاقىي قاراشلىرىنى ، ئۆز دەۋرىدىكى ئىجتىمائىي ، سىياسىي ، ئەخلاقىي مەسىلىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيىسىنى ، ئىنسانپەرۋەرلىك ، خەلقچىلىق ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيىسىنى ئۆزەك قىلغان بىر قاتار مەزمۇنلارنى ئوبرازلىق ئىپادىلەپ بەرگەن . نەۋائى ئىسكەندەر ئوبرازى ئارقىلىق ئەينى زاماندىكى دۇنياۋى ، شۇنداقلا مەھەللىۋى رېئال ئىجتىمائىي ھاياتقا نىسبەتەن ئۆتكۈر تەنقىد ۋە ئىسلاھات پروگراممىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان . ئۇ ئىسكەندەر ئوبرازى ئارقىلىق تۆمۈرىلەر ئەۋلادلىرى ھۆكۈمرانلىقىدىكى پارچىلىنىپ كېتىۋاتقان ھاكىمىيەتلەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈش بىلەن ، تەرەققىيپەرۋەر ، مەركەزلەشكەن پادىشاھلىق تۈزۈمنى ئورنىتىش ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان .
ئەلىشىر نەۋائى «پەرھاد ۋە شېرىن» داستانىنى يەنە «مېھنەتنامە ۋە پىراقنامە» دەپ ئاتىغان . داستان جەمئىي 54 باب ، 5453 بېيىتتىن تەركىب تاپقان . بۇ نەۋائىنىڭ ئېستېتىك ئىدىيىسى ھەر تەرەپلىمە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ، غايىۋى مەزمۇنغا باي داستان بولۇپ ، نەۋائى ئىجادىيىتىدىكى ئەڭ تەسىرلىك داستاندۇر . بۇ داستان باشقا داستانلىرىغا سېلىشتۇرغاندا تىپىكلىك ، خاسلىق ، جەلپكارلىق ، تەسىرچانلىق جەھەتلەردە ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە .
«پەرھاد ۋە شېرىن» داستانىدا چىن ئېلىنىڭ شاھزادىسى پەرھاد بىلەن ئەرمەن گۈزىلى مەلىكە شېرىن ئارىسىدا بولغان تەسىرلىك مۇھەببەت سەرگۈزەشتلىرى بايان قىلىنغان . داستاندا ئىككى ياشنىڭ پاجىئەلىك ، تراگېدىيىلىك تەقدىرى تەسۋىرلەنگەن .
داستاندا ئەلىشىر نەۋائى پەرھاد بىلەن شېرىننىڭ سۆيگۈ – مۇھەببەت سەرگۈزەشتلىرىگە باغلاپ ئۆزىنىڭ گۇمانىزم ، خەلقپەرۋەرلىك ، خەلقلەر دوستلۇقى ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ، مەرىپەتپەرۋەرلىك ، تىنچلىقنى سۆيۈش ، خەلقلەر پاراۋانلىقى ، ئەمگەك سۆيەرلىك ، يېزا ئىگىلىك ، سۇ مەسىلىسى ، ئادىل ، بىلىملىك پادىشاھ ۋە زالىم ، نادان پادىشاھ قارىشى ، يۈكسەك ئەخلاق – پەزىلەت ، كۈچلۈك ئىرادە ، ئۈمىدۋارلىق ، ئىنسانىي بۇرچ قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەرنى مەركەزلىك ھالدا يۇقىرى بەدىئىي ماھارەت بىلەن ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن .
پەرھاد «پەرھاد ۋە شېرىن» داستانىدىكى باش قەھرىمان ، ئۇ چىن شاھزادىسى بولۇش سالاھىيىتى بىلەن داستاندا ئاساسىي ئورۇنغا قويۇلۇپ تەسۋىرلىنىش بىلەن ئۇنىڭ پائالىيىتى ئەرمەن مەلىكىسى شېرىن ئوتتۇرىسىدىكى سۆيگۈ – مۇھەببەت ئارقىلىق گەۋدىلەندۈرۈلىدۇ . نەۋائىنىڭ داستاندىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ، مېھنەتسۆيەرلىك ، ئىجادكارلىق ، ئىلىم – پەن ، دوستلۇق ، چىن مۇھەببەتكە سادىق بولۇش ، سۇ مەسىلىسى قاتارلىق غايىلىرى پەرھاد ئوبرازى ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن . پەرھاد كىچىكىدىن باشلاپ سىستېمىلىق تەربىيىلەنگەچكە ، ياخشى مىجەزلىك بولۇپ يېتىلگەن . ئۇ ئەمگەك ۋە ئىجادكارلىق ، ئىلىم – مەرىپەت ئىگىلەش ، ئىناقلىق ، چىن مۇھەببەت ، قىيىنچىلىقتىن قورقمايدىغان ، باتۇر ، مېھىر – شەپقەتلىك ، ئادەملەرنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇش ، ئەل – يۇرت سۆيەرلىك ، خەلقپەرۋەرلىك ئىدىيىسىگە ئىگە ، سۇنماس ئىرادىلىك ، پەزىلەتلىك ، نەزەر دائىرىسى كەڭ ، ساپ دىل ، سەمىمىي ، چىن بولۇشتەك غايىۋى مەزمۇنلارنى ئۆزىگە يىغقان بەدىئىي ئوبراز . بۇ ئالاھىدىلىكلەر بىلەن ئۇ تاغ كېسىپ سۇ باشلاپ كېلىش ، مۇھەببەت ۋە جاھالەت كۈشەندىسى بولغان زوراۋان پادىشاھ خۇسرەۋنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى قاتارلىق قىيىنچىلىقلار ئۈستىدىن غالىب كېلىدۇ .
شېرىن — داستاندىكى پەرھادتىن قالسا ئاساسىي ئورۇنغا قويۇپ تەسۋىرلەنگەن ئوبراز . ئۇ ئەرمەن مەملىكىتىنىڭ پادىشاھى مېھىنبانۇنىڭ سىڭلىسى ، مېھىنبانۇنىڭ تەربىيىسىدە بىلىملىك ، ئاق كۆڭۈل ، پەزىلەتلىك ، دانا قىز بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلگەن . ئۇ مەملىكەتنىڭ پاراۋانلىقى ھەم خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ، قۇرغاقچىلىقنى تۈگىتىش ئۈچۈن خەلق ئاممىسى ۋە مېھىنبانۇ بىلەن قانال قېزىپ سۇ چىقىرىشقا ئوخشاش دۆلەت ۋە خەلقنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىشلارغا باشلامچىلىق قىلغان بەدىئىي ئوبراز .
«پەرھاد ۋە شېرىن» داستانىنىڭ بەدىئىيلىكى تۆۋەندىكى جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ : بىرىنچى ، داستاندا تەسۋىرلەنگەن پېرسوناژلار روشەن ئىندىۋىدۇئاللىققا ۋە تىپىكلىككە ئىگە . داستاندىكى پەرھاد ، شېرىن ، مېھىنبانۇ ، شاپۇر ، بەھرام قاتارلىق ئىجابىي ئوبرازلار ۋە خۇسرەۋ ، شىرۇيا ، ھىيلىگەر موماي قاتارلىق سەلبىي ئوبرازلار ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن بىر – بىرىدىن روشەن خاراكتېرلىنىدۇ . ئۇلارنىڭ تاشقى ھالىتى بىلەن ئىچكى دۇنياسى تەبىئىي بىرلەشتۈرۈلگەن ؛ ئىككىنچى ، داستاننىڭ كومپوزىتسىيىسى (قۇرۇلمىسى) مۇكەممەللىككە ئىگە . ھەربىر بابتا مۇھىم بىر ۋەقەلىك بايان قىلىنغان بولسىمۇ ، ئەمما ھەربىر باب ئۆزئارا ئورگانىك ھالدا بىرلەشتۈرۈلۈپ ، داستاننىڭ ۋەقەلىك قۇرۇلمىسى ئىزچىللىققا ئىگە قىلىنغان . تەبىئەت مەنزىرىلىرىنى ، ھەرخىل مۇھىتنى تەسۋىرلەشتە ، لىرىكا بىلەن ئېپىكىنى بىرلەشتۈرۈشتە ، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىدىن ئىجادىي پايدىلىنىشتا ماھارەت كۆرسەتكەن ؛ ئۈچىنچى ، داستاندا ، ئەسىردە مەيدانغا كەلگەن تاۋلانغان ئەدەبىي تىل بىلەن ئاۋام خەلقىنىڭ جانلىق تىلى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلۈپ ، داستان ۋەقەلىكىنىڭ جانلىق ، قىزىقارلىق ، تەسىرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنغان . پېرسوناژلار تىلى ، ۋەقەلىك تەسۋىرى ، لىرىك ھېسسىياتنى ئىپادىلەشتە ، ئوخشىتىش ، سۈپەتلەش ، مۇبالىغە ، سېلىشتۇرۇش قاتارلىق ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان ، پېرسوناژلار تىلى خاسلىققا ۋە تىپىكلىككە ئىگە .
4 . نەۋائىنىڭ ئەدەبىياتشۇناسلىق ، تىلشۇناسلىق ھەققىدىكى ئىجتىمائىي ، پەلسەپىۋى ئەسەرلىرى
ئەلىشىر نەۋائى ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ كۆپلىگەن نادىر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلغاندىن باشقا ، يەنە نۇرغۇنلىغان ئىلمىي ئەسەرلەرنى ياراتتى . بۇنىڭ ۋەكىللىكلىرى تۆۋەندىكىچە :
1) «مەجالىسۇن نەفائىس» (گۈزەللەر يىغىلىشى) . بۇ نەۋائىنىڭ ئەدەبىياتشۇناسلىق ئىلمىنى راۋاجلاندۇرۇش مەقسىتىدە يازغان ئەدەبىيات تارىخى ھەققىدىكى ئەسەر ، 1490 — 1491 – يىللىرى يېزىلغان . ئەسەردە 458 ئاپتورنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيىتى تونۇشتۇرۇلغان . بۇنىڭ ئىچىدە 35 تىن ئارتۇق ئاپتور تۈركىي تىلدا ئەسەر يازغان ئاپتورلاردىن ئىبارەت .
2) «لىسانۇتتەير» (قۇشلار تىلى) . بۇ سىمۋولىزم ئىجادىيەت مېتودى بىلەن يېزىلغان پەلسەپىۋى داستان بولۇپ ، ئۇنىڭدا قۇشلار پېرسوناژ قىلىنغان . ئەسەردە نۇقتىلىق تەڭرى — تەبىئەت — ئىنسان مەسىلىلىرى مۇھاكىمە قىلىنغان . 1498 — 1499 – يىللىرى يېزىلغان .
3) «مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەين» (ئىككى تىل توغرىسىدا مۇھاكىمە) . بۇ ئەسەر 1499 – يىلى يېزىلغان . ئەسەردە تۈركىي تىل بىلەن پارس تىلى تىلشۇناسلىق نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلىنىپ ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۇنىڭ بىلەن نادىر بەدىئىي ئەسەرلەرنى ياراتقىلى بولىدىغانلىقى چۈشەندۈرۈلگەن ۋە بۇ ئارقىلىق نەۋائىنىڭ ئانا تىلىنى ۋە ئەدەبىياتىنى قوغداش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئىدىيىسى ئىپادىلەنگەن .
4) «مەھبۇبۇل قۇلۇب» (كۆڭۈللەر سۆيگۈسى) . بۇ ئەسەر ئۈچ قىسىمدىن تەركىب تاپقان ، 1500 – يىلى يېزىلغان . بۇ ئاپتورنىڭ ئىجتىمائىي ، سىياسىي ، ئەخلاقىي ، پەلسەپىۋى قاراشلىرى ئىپادىلەنگەن ئەسەر . نەۋائىنىڭ ياشلىق دەۋرىدىن تارتىپ ، تا ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان پۈتۈن ئۆمرىدىكى سەرگۈزەشتلىرى ، تەجرىبىلىرى ، ئىجتىمائىي بىلىمى بەدىئىي پىكىرلەر بىلەن بايان قىلىنغان . ئاساسلىقى ئادىل پادىشاھ ، ئەخلاق ، ئىجتىمائىي تۇرمۇش ، بىلىم توغرىسىدىكى ئىجتىمائىي ، پەلسەپىۋى مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق ئوتتۇرىغا قويغان .
8 . ھىرقەتى
ھىرقەتى يەركەن خانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۆتكەن ، ئىشق تېمىسىدا داستان يېزىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان شائىر .
ئۇنىڭ تولۇق ئىسمى مۇھەممەد ئىمىن خاجەمقۇلى ھىرقەتى . ئۇ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا قەشقەرنىڭ تازغۇن يېزىسى باغچى كەنتىدە دۇنياغا كەلگەن ، ئاپاق خوجا ھۇزۇرىدا ئاتىسى بىلەن باغۋەنچىلىك قىلغان .
شائىر شېئىرىي ئىجادىيىتىدە ھىرقەتى دېگەن ئەدەبىي تەخەللۇسنى قوللانغان . ئۇ «مۇھەببەتنامە ۋە مېھنەتكامە» ناملىق داستان بىلەن مەشھۇر .
«مۇھەببەتنامە ۋە مېھنەتكامە» سىمۋولىزملىق ئىجادىيەت مېتودى بىلەن يېزىلغان 2000 مىسرا ئەتراپىدىكى داستان . داستاندىكى ۋەقەلىك ئۈچ چوڭ قىسىمغا ئايرىلىپ بايان قىلىنغان . بىرىنچىسى مۇقەددىمە قىسمى بولۇپ ، بۇنىڭدا نەسرىي بايان ، بېيىت ، نەزمىلەر بولغاندىن تاشقىرى ، يەنە بىر كىچىك مۇقەددىمە ، بەش كىچىك ماۋزۇ ئورۇنلاشتۇرۇلغان ، ئاخىردا شائىرنىڭ داستاننى باشلاش توغرىسىدىكى كۆز قاراشلىرى بايان قىلىنغان . ئىككىنچى قىسىمدا داستاننىڭ ئاساسىي ۋەقەلىكى بايان قىلىنغان . بۇ ئىككى چوڭ بابتىن تەركىب تاپقان بولۇپ ، ئالدىنقى بابىدا تۆت بەتلىك نەزمە ، 16 ماۋزۇ ئورۇنلاشتۇرۇلغان . كېيىنكى بابىدا ئۈچ بەتلىك نەزمە ، 23 ماۋزۇ ئورۇنلاشتۇرۇلغان . ئۈچىنچىسى خاتىمە قىسمىدىن ئىبارەت . داستان مەسنەۋى (ئىككىلىك) شەكلىدە يېزىلغان .
«مۇھەببەتنامە ۋە مېھنەتكامە» — دوستلۇق ، ئىشق – مۇھەببەتكە بېغىشلانغان داستان بولۇپ ، ئۇنىڭ مەزمۇنىنى تۆۋەندىكى نۇقتىلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ :
(1) داستاندا «مۇھەببەت» سۆزىدىكى ھەرپلەرنى ئاجايىپ ئوخشىتىشلار بىلەن شەرھلەپ ، ساپ مۇھەببەتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ، مۇھەببەت قويغان كىشىنىڭ ئۆزىنى قانداق تۇتۇشى ، نېمىلەرگە دىققەت قىلىپ ، نېمىلەرنى قىلىشى ، يەنى ۋاپادار ، ساداقەتمەن ، ئىرادىلىك ، غالىب ۋە ئۈمىدۋار بولۇشى ، ئاخىردا مەقسىتىگە يېتىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان .
(2) ئەمگەك بىلەن مۇھەببەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى يېزىپ ، مۇھەببەت بولسا تاتلىق ، ئەمگەك بولسا ئاچچىق ، لېكىن ھەقىقىي ئەمگەكتىن ئىشق – مۇھەببەت پەيدا بولىدىغانلىقىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق ، ئەمگەكسىز ھەقىقىي مۇھەببەتنىڭ بولمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ كۆرسەتكەن .
(3) داستاندىكى سابا ، قىزىلگۈل ، بۇلبۇل قاتارلىق سىمۋوللۇق ئوبرازلار ئەسلىدە شائىرنىڭ ئوي – پىكرىدىن پەيدا بولغان كىشىلىك ئوبرازلار ، بۇلارنىڭ ئىسمى تەبىئەتتىكى غەيرىي ئىنسانىي شەيئىنىڭ نىشان بەلگىسى قىلىنغان . بۇ بەلگىلەرگە ئەسىر جەمئىيىتىنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىدىكى كىشىلەرنىڭ دۇنيا قارىشى ، ئەخلاق قارىشى ، پەلسەپىۋى قاراشلىرى ، ئىنسان ئەركىنلىكى قاراشلىرى مۇجەسسەملەشكەن . دېمەك ، داستان مېھنەت ئارقىلىق مۇھەببەت ۋىسالىغا يەتكىلى بولىدىغانلىقىنى ئوبرازلىق ئىپادىلەپ بەرگەن . يۇقىرىقى مەزمۇنلار شائىرنىڭ تەسەۋۋۇپ ۋە فانتىزم قارىشىنىڭ تەسىرىدە ئىپادىلەنگەن .
سابا ئوبرازى داستاندا بىر دانا يول باشلىغۇچى بولۇش ئالاھىدىلىكى بىلەن خاراكتېرلىنىدىغان ئوبراز . ئۇ كۆپنى كۆرگەن ، نۇرغۇن تەجرىبىلەرگە ئىگە ، ھەق – ناھەقنى پەرقلەندۈرەلەيدىغان زېرەك ئادەم . ئۇ ئەمگەكتىن ئۆزىنى قاچۇرغان كىشىلەرنى ئۆزىنىڭ ئەقىل – پاراسىتى ئارقىلىق مەسخىرە قىلىدۇ . ئۇ ئاڭ جەھەتتە ئۆز دەۋرىنىڭ ئىجتىمائىي ئۆي – پىكرىدىن يۇقىرى تۇرىدىغان شەخس بولغاچقا ، بۇلبۇلنىڭ مۇھەببىتىنى قىزىلگۈلگە ئېلىپ كېلىپ ، دوستلۇق ئەلچىسى رولىنى جارى قىلدۇرغان . سابا ئوبرازىدا ، يېتەكلەش ، ئادەمگەرچىلىك ، ۋاپادارلىق ، ئەمگەكنى سۆيۈش ، مۇھەببەتنى قەدىرلەش ، دوستلۇق قاتارلىق خاراكتېرلەر مۇجەسسەملەشكەن .
قىزىلگۈل ئوبرازى داستاندا ئىشق – مۇھەببەتنىڭ ، گۈزەل كەلگۈسىنىڭ ، خۇشاللىقنىڭ سىمۋولى قىلىنغان .
بۇلبۇل ئوبرازى داستاندا ئەلسۆيەر ۋىجدانلىق ياشلارنىڭ تىپىك ئوبرازى قىلىنغان .
يۇقىرىقى سىمۋوللۇق ئوبرازلار ئارلىقى ھىرقەتى يورۇقلۇق ، ئادالەت ، ئەمگەك ، مۇھەببەتكە بولغان مەدھىيىسى ، جاھالەت ، زۇلمەتكە ، زالىملارغا بولغان تەپرىتى ، يەنى ئىجتىمائىي ھاياتتىكى بىر – بىرىگە زىت بولغان ئىككى ئامىلغا بولغان ھېسسىياتىنى ئوبرازلىق ئىپادىلەپ بەرگەن .
9 . ئابدۇرېھىم نىزارى
ئابدۇرېھىم نىزارى ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى قەشقەردە دۇنياغا كەلگەن ، ئەسرىنىڭ ئاخىرلىرىدا قەشقەردە ۋاپات بولغان . ئۇ ئوقۇش ھاياتىدا ئانا تىلىنى ، ئەرەب – پارس تىللىرىنى ، ئۇيغۇر قەدىمكى مەدەنىيىتى ۋە ئەدەبىياتىنى ، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنى پۇختا ئىگىلەپ ، ئۆز زامانىسىنىڭ يۇقىرى بىلىملىك ئادىمى بولۇپ يېتىلگەن ھەم ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان .
«رابىيە ۋە سەئىدىن» داستانى
«رابىيە ۋە سەئىدىن» رېئالىستىك خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ كۈچلۈكلىكى بىلەن ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا يۈكسەك ئورۇن تۇتىدىغان تراگېدىيىلىك داستان . بۇ داستاندا تەسۋىرلەنگەن ۋەقە 1832 — 1833 – يىللىرى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ يامانيار يېزىسىدا يۈز بەرگەن . ئاپتور بۇ ۋەقە ئاساسىدا تارقالغان رابىيە ۋە سەئىدىن ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى ئىگىلەپ ، بۇلارنى مۇلاھىزىلەردىن ئۆتكۈزۈپ ، ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب بىلەن مەزمۇن ۋە بەدىئىيىلىك جەھەتتە زور تەسىرچانلىققا ئىگە بۇ داستاننى يېزىپ چىققان ، داستاندا ئىلغار رېئالىزم بىلەن ئىجابىي رومانتىزم مېتودى قوللىنىلغان .
يامانيار يېزىسى سۇبھانالار كەنتىدىكى تەلۋىچۇك دەرياسىنىڭ بويىدىكى بوستانلىق جايدا يەر – سۇ ئىگىسى بولغان ياقۇپباي ئائىلىسىدە رابىيە ، كەمبەغەل دېھقان ئىبراھىمئاخۇن ئائىلىسىدە سەئىدىن دۇنياغا كەلگەن . رابىيە بىلەن سەئىدىن كىچىكىدىن باشلاپلا بىر مەھەللىدە ئويناپ بىللە چوڭ بولغان ، دىنىي مەكتەپتە بىللە ئوقۇپ ، چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتقان . ئۇلار يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ بىر – بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ، ئۇلارنىڭ پاك مۇھەببىتىدىن خەۋەر تاپقان ئىبارھىمئاخۇن ئۇلارنى مۇرادىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن ياقۇپباينىڭ ئۆيىگە ئەلچى كىرگۈزگەن ، ئەمما تەلەپ رەت قىلىنغان . ياقۇپباي بولسا ، قىزى رابىيەنى ئۆز مەھەللىسىدىكى بايتوقاي بەگلىكىنىڭ زالىم بېگى جابىرغا بەرمەكچى بولغان . بۇنى ئاڭلىغان سەئىدىن مەشۇقى رابىيەنىڭ پىراقىدا مەجنۇن بولۇپ ، رابىيەنىڭ ئىسمىنى زىكرى قىلغان ھالدا ئالەمدىن ئۆتكەن . ياقۇپباي ئاخىر رابىيەنى مەجبۇرىي جابىرغا ياتلىق قىلغان . ئۆز مۇھەببىتىگە سادىق قىز رابىيە جابىرغا قولىنىڭ ئۇچىنىمۇ تۇتقۇزماي ، ئۆيىگە قېچىپ كېلىپ سىڭلىسى بىلەن سۇ ئەكېلىشنى باھانە قىلىپ ، ئاشىقى سەئىدىننىڭ تۇپراق بېشىغا بېرىپ ھەسرەتلىك ياشلارنى تۆكۈپ ، ئامراق سىڭلىسىنى باغرىغا بېسىپ خوشلىشىپ ، ئارقىدىن قەبرىستانلىقنىڭ يېنىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان تەلۋىچۈك دەرياسىنىڭ كاچكولىغا ئۆزىنى تاشلىغان . بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان كىشىلەر كەكە – كەتمەنلىرىنى كۆتۈرۈپ كېلىپ دەريانىڭ مۇزىنى چېقىپ رابىيەنى ئىزدىگەن بولسىمۇ تاپالمىغان ، كېيىنكى يىلى ئەتىيازدا مۇزلار ئېرىگەندە رابىيەنىڭ جەسىتى سەئىدىننىڭ قەبرىسىگە يېقىنلا جايدىن تېپىلغان . يۇرت ئەھلى مەسلىھەتلىشىپ «رابىيە بىلەن سەئىدىن ھايات ۋاقتىدا بىر – بىرىگە قوشۇلالمىدى ، ئەمدى روھى بىر يەردە بولسۇن» دېيىشىپ ، رابىيەنىڭ جەسىتىنى سەئىدىننىڭ قەبرىسىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىپ بىر جۈپ قەبرە ياسىغان . شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ مەقبەرە «قوشماق مازار» دەپ ئاتالغان .
نىزارى رابىيە بىلەن سەئىدىندىن ئىبارەت ئىككى ياشنىڭ پاجىئەلىك مۇھەببەت سەرگۈزەشتلىرىنى تىپىكلەشتۈرۈپ تەسۋىرلەش ئارقىلىق ، فېئودالىزم مۇھىتىدا ياشاپ ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانىي ئەركىنلىكىگە ۋە مۇھەببەت ۋىسالىغا يېتەلمىگەن ئاشىق – مەشۇقلارنىڭ ھۆرلۈك ، ھەققانىيەت يولىدىكى تىرىشچانلىقى ، زالىم كۈچلەرگە قارشى كۈرەشتىكى ئىرادىسى ، ئاخىرقى پاجىئەلىك ئۆلۈمى قاتارلىق ۋەقەلەرنى كەسكىن تراگېدىيىلىك مۇھىت ئىچىدە ئىپادىلەپ بەرگەن .
رابىيە داستاندىكى باش قەھرىمان بولۇش سۈپىتى بىلەن باشتىن – ئاخىر ئۆزىنىڭ فېئوداللىق تۈزۈم ۋە ئادەتلەرگە قارشى قەيسەر خاراكتېرى ، ۋاپادار ، ئىرادىلىك ، ساداقەتمەن ، باش ئەگمەس ، ۋىجدانلىق بولۇشتەك بىر قاتار پەزىلەتلىرى بىلەن ئالاھىدە گەۋدىلىنىپ تۇرىدىغان ئاساسىي ئوبراز . ئۇ فېئوداللىق تۈزۈم ۋە ئادەتلەرنىڭ ماددىي ، مەنىۋى ئىسكەنجىلىرىگە قارشى ئورنىدىن دەس تۇرغان ، ئۆز سۆيگۈسىگە سادىق ، ئىرادىلىك ، ۋاپادار ، ئىسيانكار ، ھەقىقىي مۇھەببەتكە ، ھۆرلۈككە ئىنتىلىدىغان ، ئۇنى قەدىرلەيدىغان ، ئادالەت ، سەمىمىيلىكنى تەشەببۇس قىلىدىغان باتۇر ، ۋىجدانلىق قىز . پاك مۇھەببەت ئىگىسى رابىيە داستاندا تارىخىي شەخس بولۇش بىلەن بەدىئىي يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلگەن .
«رابىيە ۋە سەئىدىن » داستانىدىكى ۋەقەلىك رېئال بولغان ۋەقە . ۋەقە كەسكىن تراگېدىيىلىك تۈس ئالغانلىقى بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ . شۇڭا ، داستاندا تەسىرلىك ئورۇندا تۇرىدىغىنى تراگېدىيىلىك ئالاھىدىلىكتىن ئىبارەت . داستاندا تراگېدىيىلىك ئاڭ ، تراگېدىيىلىك كەيپىيات كۈچلۈك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن . تراگېدىيىلىك ۋەقە ۋە تراگېدىيىلىك كۆرۈنۈشلەرنى تەسۋىرلەش داستاندا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ . داستاندىكى تراگېدىيە قەھرىمانلىرى ھەم تراگېدىيىلىك ۋەقەلەر داستاننىڭ تراگېدىيىلىك ئېستېتىك تۇيغۇسىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ ، داستاننى كۈچلۈك بەدىئىي سېھرىي كۈچكە ئىگە قىلغان . داستاندا ئىشلىتىلگەن نەپىس تىل ، مەل تەسەۋۋۇر داستاننىڭ تراگېدىيە ۋەقەلىكىنى ئادەتتىكى ھاياتتىن زور دەرىجىدە يۈكسەكلىككە ئىگە قىلغان .
10 . موللا بىلال نازىمى
موللا بىلال نازىمى 19 ئەسىر ئەدەبىياتىدا ئابدۇرېھىم نىزارىدىن كېيىن رېئالىستىك ئەدەبىياتنى داۋاملاشتۇرغان ، ساتىرا ژانىرى بىلەن تەنقىدىي رېئالىزم ئەدەبىياتىنى يېڭى سەۋىيىگە كۆتۈرۈشتە تۆھپە قوشقان رېئالىزمچى ، خەلقچىل شائىر .
ئۇنىڭ تولۇق ئىسمى موللا بىلال بىننى موللا يۈسۈپ ، نازىمى ئۇنىڭ ئەدەبىي تەخەللۇسى . ئۇ 1825 – يىلى غۇلجىدا تۇغۇلۇپ ، ھاياتىنىڭ كۆپ قىسمىنى شۇ يەردە تىرىكچىلىك قىلىش ، يېزىقچىلىق قىلىش بىلەن ئۆتكۈزگەن ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىنى ھازىر قازاقىستانغا تەۋە يەركەنت شەھىرىدە نامراتلىق ھەم ۋەيرانچىلىقتا ئۆتكۈزۈپ ، 1900 – يىلى ئەما بولۇپ ئالەمدىن ئۆتكەن .
موللا بىلال نازىمى كۆپ يىل ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ تۆۋەندىكى ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇرغان :
1) «غەزەليات» — لىرىك شېئىرلار توپلىمى بولۇپ ، شائىر بۇنى 1852 – يىلى 27 ياش ۋاقتىدا يازغان . «غەزەليات» 65 پارچە لىرىك شېئىرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . شائىر شېئىرلىرىدا مۇھەببەت تېمىسىنى ئاساس قىلىپ ، مىللىي خاراكتېر ، ئۆرپ – ئادەت ، فېئودالىزم جەمئىيىتىنىڭ بالايىئاپىتى ، خۇراپاتلىقنىڭ زىيىنى ، ئەركىنلىك ، باراۋەرلىك ، ئادالەت ، ئادىل پادىشاھ قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئىپادىلىگەن .
2) «غازات دەر مۈلكى چىن» — 1876 – يىلى يېزىلغان . بۇ داستاندا / 1864 – يىلى ئىلى رايونىدا يۈز بەرگەن فېئودال ئېكسپىلاتاتسىيىگە قارشى دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ جەريانى ئوبرازلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن . ئۇ رېئالىزملىق ئىجادىيەت مېتودى بىلەن يېزىلغان تارىخىي تېمىدىكى داستاندۇر . شائىر بۇ داستان ئارقىلىق رېئالىزملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلىنى يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرگەن ؛ خەلقپەرۋەرلىكنى ئەكس ئەتتۈرۈشنىڭ ئۈلگىسىنى ياراتقان .
3 ) «نۇزۇگۇم» — 1882 – يىلى يېزىلغان تراگېدىيىلىك داستان . ئۇنىڭدا ھۆرلۈك ۋە ئادالەت ئۈچۈن ئورنىدىن دەس تۇرغان قىز نۇزۇگۇمنىڭ شانلىق ئوبرازى يارىتىلغان .
4) «چاڭموزا يۈسۈپخان» — 1882 – يىلى يېزىلغان . ئۇنىڭدا 1838 – يىللىرى ئىلى رايونىنىڭ كەتمەن يېزىسىدا يۈز بەرگەن ۋەقە تېما قىلىنغان . بۇ داستان تەنقىدىي رېئالىزم مېتودى بىلەن يېزىلغان . داستاننىڭ ھەجۋى خاراكتېرى كۈچلۈك بولۇپ ، بۇ ئاپتورنىڭ «长帽子» (ئۇزۇن تەلپەك) دېگەن ئاتالغۇنى قوللىنىشىدا روشەن ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ .
موللا بىلال نازىمى داستاندا ، دىنىي تونغا ئورىنىۋالغان ئالدامچى ، ئاچ كۆز ، ساختىپەز ، ئىغۋاگەر يۈسۈپخاننىڭ ساختا قىلمىشلىرىنى ئۆتكۈر ھەجۋىي قىلىش ئارقىلىق ئېچىپ بېرىپ ، كەڭ خەلق ئاممىسىنى بۇنداق قىلمىشلاردىن ھەزەر ئەيلەشكە چاقىرغان .
يۈسۈپخان قويۇق ساتىرىك ۋە كومېدىيىلىك خاراكتېرگە ئىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك يارىتىلغان ئوبراز ، قان – قېنىغا سىڭىپ كەتكەن كەسپىي ئالدامچىنىڭ تىپى ، شۇنداقلا دىنىي تونغا ئورىنىۋالغان ھىيلىگەر جاللات .
تەكرارلاش سوئاللىرى
1 . «ئوغۇزنامە» ھەققىدە قانداق چۈشەنچە ھاسىل قىلدىڭلار ؟ ئوغۇزخان ئوبرازىنى تەھلىل قىلىڭلار .
2 . «ئوغۇزنامە» دىن پارچىلارنى پىششىق ئوقۇپ چىقىڭلار ؟
3 . مەڭگۈ تاش ئەدەبىياتى دېگەن نېمە ؟ ئۇلاردا نېمىلەر ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ؟
4 . «تونيوقۇق مەڭگۈ تېشى» ، «مويۇنچور مەڭگۈ تېشى» ھەققىدە نېمىلەرنى ئىگىلىدىڭلار ؟
5 . قوچۇ ئۇيغۇر شېئىرلىرىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى نېمىلەردىن ئىبارەت ؟
6 . يۈسۈپ خاس ھاجىپ ، مەھمۇد قەشقەرى ، ئەھمەد يۈكنەكىلەر كىم ؟
7 . «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ ئاساسىي مەزمۇنى نېمىلەردىن ئىبارەت ؟
8 . «قۇتادغۇبىلىك» تىكى پېرسوناژلار ئوبرازى توغرىسىدا سۆزلەپ بېرىڭلار ؟
9 . «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»تە قانداق ئەدەبىيات نەمۇنىلىرى بار ؟
10 . «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» تىكى شېئىر – قوشاقلارنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى ئىگىلىۋېلىڭلار ؟
11 . «ئەتەبەتۇلھەقايىق» تا قانداق مەزمۇنلار ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ؟
12 . نەۋائى ، ھىرقەتى ، ئابدۇرېھىم نىزارى ، موللا بىلالنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيىتى توغرىسىدا سۆزلەپ بېرىڭلار ؟
13 . «خەزائىنۇلمەئانى» ، «خەمسە نەۋائى» لارغا قانداق ئەسەرلەر كىرگۈزۈلگەن ؟
14 . «خەزائىنۇلمەئانى» دا ئاساسلىقى قانداق مەزمۇن ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ؟
15 . «سەددى ئىسكەندەر» ، «پەرھاد ۋە شېرىن» داستانىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى نېمىلەردىن ئىبارەت ؟
16 . ئىسكەندەر ، پەرھاد ۋە شېرىن ئوبرازلىرى توغرۇلۇق سۆزلەپ بېرىڭ ؟
17 . نەۋائىنىڭ ئەدەبىياتشۇناسلىق ، تىلشۇناسلىق ھەققىدىكى ئىجتىمائىي ، پەلسەپىۋى ئەسەرلىرى قايسىلار ؟
18 . «رابىيە ۋە سەئىدىن» داستانلىرىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ۋە رابىيە ئوبرازى توغرىسىدا نېمىلەرنى بىلىۋالدىڭلار ؟
19 . «رابىيە ۋە سەئىدىن» داستانى قانداق تراگېدىيىلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە ؟
20 . «غەزەليات» ، «نۇزۇگۇم» ، «غازات دەرمۈلكى چىن» ، «چاڭموزا يۈسۈپخان» قاتارلىق ئەسەرلەردە قانداق مەزمۇنلار ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ؟
مەنبە: ئالىي مەكتەپ تىل – ئەدەبىياتى. باش تۈزگۈچى: خەمىت زاكىر
شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2002 - يىل