باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 739 قېتىم كۆرۈلدى
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3990
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 20
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە20دانە
ئۆسۈش: 440 %
مۇنبەر پۇلى: 460 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-23
ئاخىرقى: 2012-03-28
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-20 19:56

گۈلۈمگە

گۈلۈمگە
گۈل ئىدىڭ بەرگىدە پورەكلەپ تۇرغان ،
يېقىملىق ھىد-پۇراق گۈپۇلدەپ ئۇرغان .
كۆڭۈلگە سەن ،ئۆزەڭ سالغان ئىشتىياق ،
كۆيدۈرۈپ يۈرەكنى ئۇيقۇدىن قويغان .
سېنى -دەپ ئۆرتىنىپ ئېيتتىم ناخشىنى ،
سارغىيىپ، ئاھ ئۇرۇپ تۆكۈپ كوز ياشنى .
ھەسرىتىم ،تەلمۈرۈپ كۆرسەم ئۇيالدىم،
گەپ ئاچماي ئۆتتۈممەن ساقلاپ ئاراشنى .
تاقەتتىن تالمىدىم ،سەبرىدىن ئۆچۇپ ،
ھەمنىيەت تۇيغۇلار كەتمىدى كۆچۇپ .
بىر تاتلىق ھىس بىلەن تۇتتۇڭ قولۇمنى ،
لىۋىڭدىن گۇل ئۈزۈپ ،سۆيدۈم چىڭ قۇچۇپ .
2
مەن سۆيگەن يار سېنى چىن ئىشقىم بىلەن ،
ئويغاق ئوي،ئۇركىمەس ساب لەۋزىم بىلەن.
مۇھەببەت مۇقەددەس ،ئىلاھى تۇيغۇ ،
ھىدىنى يوقاتماس نۇمۇس - ئار بىلەن .
بىز باستۇق يانمۇ - يان ئۇزۇن يوللارنى ،
ئۇچراتتۇق مۇز ياققان مۇشكۈل غۇللارنى .
ئادىشىپ،چىغىردا تىنەپ يۇرمىدوق ،
مات قىلدوق لايئىقىل بويۇنتاۋلارنى .
سۆيۈنۈپ، سۆيۈلدوق قېنىپ لەۋزىگە ،
ھەمدەرد ۋە ھەمراھەت يۈردوق مەنزىلگە .
ۋەدىگە گۇۋاھلىق ئالدوق قوياشتىن ،
ساداقەت ،سائادەت مەڭگەۈ يار بىزگە .
---رىسقى.
--شەھرى قاراماي .