باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 984 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: يامان تۈزەلمىگۈچە زامان تۈزەلمەس
سەدىچىن سىپىلىنى سوققانلار، ھون بوۋامدىن قورۇقق ..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7175
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 28
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە28دانە
ئۆسۈش: 500 %
مۇنبەر پۇلى: 640 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-18
ئاخىرقى: 2011-05-27
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-20 16:56

يامان تۈزەلمىگۈچە زامان تۈزەلمەس

يامان تۈزەلمىگۈچە زامان تۈزەلمەس

                                    يۈسۈپچان ئەلى ئىسلامى

بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئىلگىرى «بۇلاق» ژۇرنىلى تەھرىراتى خۇتۇن- قىزلار ھەققىدە بىر پارچە ماقالە يېزىپ بېرىشىمنى ھاۋالە قىلدى. بۇ مېنىڭ ھاياتىمدىكى تۇنجى ئىش بولۇپ، تېخى ماڭا مۇنچىلىك ئىشەنچ قىلىپ مەندىن ئەسەر تەلەپ قىلمىغانىدى. مەن گەرچە خېلى يىللاردىن بېرى ئۆز كەسپىمگە «يات» ھالدا ئۆزۈم قىزىقىدىغان ۋە شۇنى قىلسام بىر باشقا ئېلىپ چىقالايمەن، دەپ ئىشەنچ قىلغان ساھەلىرىم بويىچە بەزى ئىلمىي ئەمەكلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئۆزۈمنى ئىلىم دۇنياسىدا ياشاۋاتىمەن، دەپ ھېسابلىساممۇ، ئەمما شۇ ساھەنىڭ نەق ئۆزىدە ئىشلىمىگەنلىكىم ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە يەنىلا ئىلمىي ساھەنىڭ ئادىمى ئەمەس ئىدىم. قانداق يېزىش كېرەك؟ نېمىلەرنى يېزىش كېرەك؟ نەشر ئەپكارلىرىمىز خوتۇن - قىزلار ھەققىدە نېمىلەرنى باستى؟ قەدىمكى زاماندىكى خوتۇن - قىزلىرىمىزنىڭچۇ؟ خوتۇن - قىزلار مەسىلىسى زادى قانداق ھادىسە؟

قاتار تىزىلىپ تۇرغان بۇ سوئاللار مېنىڭ جاۋاب بېرىشىمنى كۈتۈۋاتاتتى. بۇ سوئاللارغا چوقۇم جاۋاب تېپىلىدۇ، دەپ ئويلىدىم. دېگەندەك جاۋابمۇ تېپىلدى. ماقالە جۈمە كۈنى يېزىلىشقا باشلىدى، جۈمە كۈنىدە تاماملاندى. بىراق ماقالىنىڭ باش قىسمى جامائەت بىلەن يۈز كۆرۈشۈۋاتقاندا ئاخىرقى قىسمى تېخى يېزىلماقتا ئىدى. ماقالە ئېلان قىلىنىپ ئاز كۈن ئۆتە - ئۆتمەي تۇرۇپ، ئۇنى ئايرىم كىتابچە قىلىپ نەشر قىلساق دېگۈچىلەر چىقتى. ئەپسۇس، بۇ تېخى ئۇنىڭ ۋاقتى ئەمەستى.

ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەندە مۇنداق بىر ئىش يۈز بەردى. بۇ 2003 - يىل 1 - ئاينىڭ 6 - كۈنى يەنى دۈشەنبە كۈنى ئىدى. ئادىتىم بويىچە سەھەر تۇرۇپ ناشتا قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئىشخانامغىمۇ كىرمەي مۇھەررىر ئابلىمىت ئىمىن ئەپەندى بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن تالا - تۈزنى ئايلانغاچ خەلق نەشرىياتىغا كەلدىم. نەشرىياتتىكىلەر تېخى تولۇق ئىشقا چۈشۈپ بولالمىغان بولۇپ، بەزى ئىشخانىلار ئوچۇق، بەزىلىرى ئېتىكلىك، بەزىلىرىدە بولسا تازىلىق قىلىنىۋاتاتتى. مەن كۆرۈشىدىغان كىشى تېخى كەلمىگەچ، بۈگۈن ھەممىدىن بۇرۇن ئىشىكى ئېچىلغان «بۇلاق» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىدە ساقلاپ تۇرۇشۇمغا توغرا كەلدى. بىرقانچە ماقالەم بىلەن قەدىناس بولۇشۇپ قالغان ژۇرنال مۇھەررىرلىرى مېنى قىزغىن قارشى ئالدى.

تۇيۇقسىز تېلېفون جىرىڭلاپ كەتتى.

— ۋە «بۇلاق»مۇ؟- دېدى تېلېفوننى ئېلىشىمغا بىر كىشى،- ژۇرنال مۇھەررىرلىرى بارمۇ؟

— ھازىرلا بار ئىدى، باشقا ئىشخانىلارغا چىقىپ كەتتىمىكىن، سەل توختاپ تۇرسىلا،- دېدىم مەن.

مەن يۇنۇس ئىلياس ئىدىقۇتلۇق، ئېيتىپ قويسىلا، ئۇلار كەلسە ماڭا تېلېفون قىلار.

ئارىدىن 1 - 2 مىنۇت ئۆتە - ئۆتمەي، تېلېفون يەنە جىرىڭلاشقا باشلىدى. ئەمدى مەن بۇ تېلېفوننى ئېلىش -  ئالماسلىق ھەققىدە ئارىسالدى بولۇۋاتاتتىم. تېلېفوننىڭ جىرىڭلىشى توختىمىغاچ ئالماي بولمىدى.

— «بۇلاق» ژۇرنىلىمۇ؟- تېلېفوندىن بىر قىزنىڭ ئاۋازى كېلىۋاتاتتى.

— ھەئە.

تېخى كەپنىڭ ئايىغى چىقماي تۇرۇپ مۇھەررىر كىرىپ كەلدى. مەن تېلېفون تۇرۇپكىسىنى ئۇنىڭغا سۇندۇم. ئەمما بۇ، ھايال قىلمايلا تېلېفوننى ماڭا سۇندى ۋە سىلىنىڭ تېلېفونكەن...

مەن ۋە ژۇرنال خادىملىرى ھەيران قالدۇق، تۇرۇپكىنى ئالدىم.

— سىلەر يۈسۈپجانمۇ؟- دېدى ئۇ. گەپ قىلىۋاتقىنى بايىقى قىز ئىدى. ئۇنىڭ ئاۋازى تىتىرەيتتى.

— ھەئە، مەن شۇ، سىز كىم؟

تېلېفوندا گەپ قىلىۋاتقان قىز تويۇقسىز ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتى. مەن ھەيرانلىق ئۈستىگە ھەيرانلىقتا، ئۇ بىر ياقتىن يىغلاپ، بىر ياقتىن سۆزلىمەكتە ئىدى.

— مەن سىلىنىڭ «بۇلاق» ژۇرنىلىدىكى ئاياللار ھەققىدە يازغانلىرىنى تۈنۈگۈن ئاخشام ئوقۇپ بىر كېچە ئۇخلىيالمىدىم،- دېدى ئۇ خۇددى بىرەر نەرسىدىن سۆيۈنگەندەك تەلەپپۇزدا ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:

— مەن دەل ئەنە شۇ سىلىنىڭ ماقالىلىرىدا تىلغا ئېلىنغان بىچارە قىز. ئۆزۈم جەنۇبىي شىنجاڭلىق، ئىسمىم ئابىدە. كىچىكىمدىنلا ئاشۇنداق يولغا كىرىپ قالغان. مەن ھازىر گۇۋاڭجۇدا، نېمە قىلىشىمنى بىلمەي قېلىۋاتىمەن...

— سىز گۇۋاڭجۇدا نېمە ئىش قىلىسىز؟

— گۇۋاڭجۇغا كەلگەنلەر نېمە ئىش قىلماقچى؟-دېدى ئۇ بىر ئاز خىجىل بولغاندەك ئاچچىق كىنايە ئارىلاش،- دەسلىپىدە ئويناپ ئىچىپ قالدىم، كېيىن بىرسى بىلەن... كېيىن...

ئۈچ ياشقا كىرگەن بالام بار ئىدى...

ئۇ گېپىنى داۋاملاشتۇرالماي قالدى. ئۇ ئەمدى ئۆزىدىن سەسكەنگەندەك قىلاتتى. مەن ئۇنىڭ تەلەپپۇزىدىن ئۇنى ھېچبىر جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئالتىشەھەرلىككە ئوخشىتالمىدىم. ئۇ، بىرخىل بۇزۇلغان ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئورتاق ئەدەبىي تىلىدا سۆزلەيتتى. مېنىڭچە ئۇ ئەمدى گەپ قىلمايتتى. ئۇ قايتا گەپ قىلمىسىمۇ، ئۇنىڭ قايغۇ- ئەلىمى، قورقۇنچىسى ئۈمىدى، ئىشەنچىسى ۋە ئارزۇسى ماڭا يېتىپ ئۆزى يېنىكلەپ قالغاندەك ئىدى. شۇ تاپتا خىيالىمدىن مۇنداق ئىشلار ئۆتۈشكە باشلىدى...

1976- يىلىنىڭ ئەتىياز پەسلى، بىر كۈنى بىر كىشى ئالدىمغا كىرىپ ھاياتىمدا زادىلا ئاڭلاپ باقمىغان ئاجايىپ بىدئەت ئىشتىن بىرنى مەلۇم قىلدى. ئۇ ئېيتىشىچە، بىر ئادەم بار ئىكەن، ئۇنىڭ تۇغۇلۇشىنلا ئەيبناك، ئاجىز بىر ئوغلى بولۇپ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇنى ئۆيلەپ قويۇپتۇ. ئەمما ئۇ پۇشتىدىن تۆرەلگەن ئاجىز، ئەيبناك، مېيىپ ئوغلىنىڭ ئەۋلاد قالدۇرالماسلىقىدىن ۋە ياكى كېلىنىنىڭ تالاغا قاراپ قېلىپ ئائىلىسىنىڭ يۈزىنى تۆكۈۋېتىشىدىن ئەنسىرەپ،كېلىنىنى تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن، كېلىنى بىلەن بىر ئۆيدە تۇرۇپ ئەر-خوتۇنچىلىق قىلىپ كەپتۇ. ئاغرىقچان، تەقۋادار قېينانا بۇنى سېزىپ قېلىپ توسقاندا، ئۇ دەيۈز ئۇنى بىرقانچە قېتىم تۇرۇسقا ئېسىپ ئۇرۇپتۇ. مەن بۇ ئىشتىن قاتتىق دەرغەزەپ بولدۇم، دەسلىپىدە ئۇ ماڭا ھەيۋە قىلدى، ھەتتا مېنىڭ كۆز ئالدىمدىلا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالماقچى بولدى، ئاخىر كېيىن خاتا قىلغانلىقىنى ئىقرار قىلىپ ئۆز گۇناھىغا توۋا قىلدى، ئۇنىڭ كېلىنىنى ھۆكۈم بىلەن مەجبۇرىي قويدۇرۇۋەتتىم...

1977- يىلى كۈز پەسلى ئىدى، تەشكىل ماڭا جىق گۇناھ قىلىپ تۇتۇتق بەرمەيۋاتقان بىر ئالدامچىنىڭ دېلوسىنى رازۋېدكا قىلىشىمنى تاپشۇردى. ئالدامچى شۇنداق كۆرۈمسىز سەت بىر مەخلۇق ئىدىكى، ئۇنى كۆرگەن ئادەم ئۇنىڭدىن يىرگىنەتتى. ھەيران قالدىمكى، ئۇ ئۆزىنىڭ ئەنە شۇنداق سەت چىرايى بىلەن چىرايلىق قىزلارنى ئالدايتتى. ئۇ، ئاۋۋال بىراۋنىڭ ئۆيىگە ئىشلەمچىلىككە كىرىدىكەن، كېيىن قىزلىرىنى ئالداپ ئەپچىقىپخوتۇنلايدىكەن ئاندىن كېيىن باشقا يۇرتلارغا ئاپىرىپ، تاشلايدىكەن، ياكى ساتىدىكەن، ئاندىن كېيىن يەنە قايتىدىن يېڭى-يېڭى جىنايەتلەرنى لايىھىلەيدىكەن. ئۇ ئۆزى قامالغان يۇرتنىڭ قاماقخانىسىغا كىرىپ قېلىشتىن بۇرۇن ئۆز يۇرتىدا نۇرغۇن جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، بىگۇناھ كىشىلەرگە زىيان - زەخمەت يەتكۈزۈپتۇ. ھەتتا قېرى دادىسىمۇ ئۇنىڭ بۇ يۇرتقا كەلمەسلىكىنى تىلەيدىكەن... كېيىن ئۇ گۇناھىغا تۇشلۇق جاجىسىنى يېدى!

70- يىللارنىڭ ئاخىرى بولسا كېرەك، جەمئىيەتتىكى قىزىق ئىشلارنى نە- نەلەردىن تېرىپ ئەپ كلېىپ ماڭا سۆزلەپ بېرىدىغان بىر بۇرادىرىم بار ئىدى. ئۇ ماڭا مۇنداق بىر ئىشنى ھېكايە قىلىپ بەردى: ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، دائىم يېنىغا يان قورال ئېسىپ يۈرىدىغان بىر ئادەم بار ئىكەن، ئۇنىڭ قىزى ئوغۇل ساۋاقداشلىرى بىلەن باغچىغا بېرىشقا ئۆگۈنۈپ قاپتۇ. بۇنىڭدىن دادىسى خاتىرجەم ئەمەسكەن، بىر كۈنى ئۇ، قىزىنىڭ باغچىغا ماڭغان كۈنىنى توغرىلاپ تۇرۇپ كەينىدىن بېرىپتۇ ۋە غەزىپىگە بەرداشلىق بېرەلمەي، قىزىغا قارىتىپ يان قورالدىن ئوق چىقىرىپتۇ. بىر پاي ئوقنىڭ ئېتىلىشى بىلەن بۇ باغچىدا ئادەم زاتى تۈگۈل، قۇش جان - جانىۋارلارمۇ تېزىپ كېتىپتۇ. ئويلاپ قالدىمكى، بىزنىڭ قورال تۇتقان ئادەملىرىمىز ئىچىدىنمۇ مانا مۇشۇنداق قەھرىلىك، مەرد، نوچى ئىنسانلار چىقىدىكەن. ئۇقسام، تەلىيىگە يارىشا قىزمۇ ھايات قاپتۇ، ئاتىمۇ تۈرمىگە كىرمەپتۇ...

ئۆزۈمچە يۇرت ئىچىدە خېلى ئابرويلۇق ھېسابلايدىغان بىر مويسىپىت بار ئىدى. كېيىن ئۇقسام ئۇنىڭ ھاراق ئىچمىسە تۇرالمايدىغان بىر يامان ئادىتى بار ئىكەن. ئۇ، ئوغۇللىرى، قىزلىرى چوڭ بولۇپ قالغاندا ھەتتا نەۋرىسى نەچچىگە يەتكەندىمۇ شۇنداق قىپتۇ، قۇدا-باجلىرى، كۈيئوغۇل، ئوغۇللىرى بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ ئىچىدىكەن، بىر كۈنى ئۇنىڭ ئۆيىدە تۇيۇقسىز جاڭجال چىقتى. قارىساق، كۈيئوغلى بىلەن ئوغلىنىڭ قولى ئۇنىڭ ياقىسىدا تۇرىدۇ، ئەتىسى بۇ ئۈچەيلەننى يۈز-كۆزلىرى يېغىر ھالدا سوتتا كۆردۇق...

مېنىڭ پات- پاتلا باشقا يۇرتلارغا بېرىپ سەيلە ساياھەت قىلىپ تۇرمىسام كۆڭلى ئارام تاپمايدىغان ئوغلى بار بىر ئاق كۆڭۈل ساۋاقدىشىم بار ئىدى. 80-يىللارنىڭ ئاخىرلىرى بولسا كېرەك، بىركۈنى ئۇنىڭ شۇ ئوغلى دادىسىدىن بىسورۇق بوينى يوغانلىق قىلىپ باشقا بىر شەھەرگە ئوينىغىلى بېرىپ، نادانلىقىدىن يامان ئادەملەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قاپتۇ. ئۇنىڭ تېپىش ھەركۈنلۈكى نەچچە مىڭلىغان، ئومىڭلىغان ئاھالە كىلىپ-كېتىپ تۇرىدىغان بۇ شەھەردە خۇددى دېڭىزدىن ئۈنچە-مەرۋايىت ئىزدىگەنگە ئوخشاش ئىش ئىدى، ئىنشائاللا، مىڭ بىر جاپا-مۇشەققەت چىكىپ، يان قوراللىق ۋە توك كالتەكلىك ئاغىنىلىرىمىزنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇنى يولۋاسنىڭ ئاغزىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقتۇق...

1995- يىلى يازدا رىزىقىم كۆتۈرۈلۈپ يىگىرمە نەچچە يىلدىن بېرى ئۇچامغا ئارتىپ كېلىۋاتقان ئېغىر پولات دۇبۇلغا- ساۋۇتلارنى چۆرۈۋېتىپ، يېتىم ئوغۇل، تۇل خوتۇنلارنىڭ دەردىنى تىڭشايدىغان بىر ساخاۋەتلىك ئىدارىگە كېلىپ قالدىم. مەن ئىشقا چۈشكەن بۇ يەر گەرچە شۇ نام بىلەن ئاتالمىسىمۇ، مېنىڭ تىلىمدا «ساخاۋەتخانا». ئۇ يەردە تۈرلۈك-تۈرلۈك ساۋابلىق ئىشلار بېجىرىلىدۇ، شۇ مەنادىن ئۇ ھېچقانداق يەرگە ئوخشىمايدىغان خاسىيەتلىك جاي، ئەمما قېرىشقاندەك ئۇ كىشىلەر ئانچە دىققەت قىلىپ كەيمەيدىغان، گېزى كەلگەندە ھەتتا ئەتىسى ئاخشاملىرى تەرىتى قىستاپ كېتىپ، خالاجاي تاپالماي قالغان ھاجەتمەنلەر ئالدىراشلىقىدا ئولتۇرۇپ قويىدىغان پىنھان بىر بۇلۇڭ كوچىغا جايلاشقان. مانا بۈگۈن ئۇنىڭ يوغان قوش قاناتلىق تۆمۈر دەرۋازىسى ئالدىدا تېخى ئاخششامقى تۈن قاراڭغۇسىدا ياندۇرغان مەستلەرنىڭ سېسىق قۇسۇقلىرى بىلەن گەندىلىرى ئاچچىق بەدبۇي پۇراق پىقىرىپ پوتەيدەك تۇرىدۇ.

مەن بۇ يەرگە كېلىشىم بىلەن تەڭلا دەرۋازا ئالدىدىكى ئۇزاق مۇساپىلەرنى بېسىپ كەلگەن بىر توپ دەردمەنلەر گۈلدۈرلىشىپ كېلىپ كۆرۈشۈش ئۈچۈن ماڭا قوللىرىنى ئۇزارتىشتى. بۇ يەرنىڭ ئادىتىدە بۇ يەردە ئىشلەيدىغانلار سىرتتىن كەلگەن دەردمەنلەر بىلەن ئۆزىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقان، يېقىن-يورۇق، قوشنا-قولۇملىرى، توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغ، رېستورنداش بۇرادەرلىرى ياكى باشلىقلىرى بىلەن كۆرۈشكەن چاغدىكىدەك قىزغىن تەبەسسۇم قىلىپ سالاملاشمايتتى. ئەكسىچە، بەزىدە ھەتتا ئۇلارنىڭ پېشى تېگىپ كەتكەن يەرلەر-ئىشخانا، ئورۇندۇق، ئۈستەللەر ئۇلتېرا بىنەشەرەڭلىك نۇر بىلەن دېزىنفېكسىيە قىلىناتتى. بۇ ئىدارىنىڭ ئىشخانىلىرى خۇددى ئۇنىڭ ئىش بىناسىغا ئوىشاشلا كونىراپ كەتكەن بولۇپ، ئورۇندۇق، ئۈستەل، كرېسلولارنىڭ بەزىسى 50-يىللاردىن، بەزىسى 60- يىللاردىن قالغان ۋە بەزىسى بولسا سەل-پەل يېڭىلانغان بولسا، زاماننىڭ تەلىپىگە يەنە 100 يىلدىمۇ يېتىشەلمەيتتى. بۇ يەردىكى زاھىر تۇرقىدىن ھاللىق «بايۋەچچە»لىكى چىقىپ تۇرىدىغان ئايرىم ساندىكى بىر قانچەيلەندىن باشقىلارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى ئاددىي-ساددا كېيىنگەن بولۇپ، تاشقى قىياپىتى قانچە ئاددىي بولسا، ئۇلارنىڭ ئىشخانىلىرىمۇ شۇنچە ئاددىي، ئۇنىڭ خېرىدارلىرى بولسا ئۇنىڭدىنمۇ ئاددىي ئىدى.

ئىشىكنى ئېچىشىم بىلەن تەڭلا ئىشىك تۈۋىدە تۇرغان ھېلىقى بىر توپ دەردمەنلەر بىر-بىرىدىن ئۆچىرەت قىزغىنشىپ دۇرۈكلىشىپ كىرگەن پېتى قويۇلغىنىغا ئۇزاق جاھان بولغانلىقتىن ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن كونا كرېسلوغا كېلىپ تىقىلىشىپ ئولتۇرۇشتى. بۇ يەرنى ساخاۋەتخانا دېگەندىن كۆرە، قارا تىل بويىچە مۇساپىرخانا، دېگەن تۈزۈك ئىدى. بەزى دەردمەنلەر يازنىڭ سەرتان ئىسسىق كۈنلىرىدە بوسۇغامنىڭ تۈۋىدىلا ئاسماننى يېپىنا، يەرنى تۈشەك قىلىپ تاڭنى ئاتقۇزسا، بەزى دەردمەنلەر قەھرىتان قىش كۈنلىرىدە لەپىلدەپ يېقىۋاتقان دەھشەتلىك قارغا قارىماي، يىراق سەھرا ۋە قىرلاردىن كېلىپ، ئۈمىدسىز كۆزلىرىنى بۇ تۇمانلىق شەھەرنىڭ مۇزلۇق كوچىلىرىغا تىككىنىچە ھاسىلىرىنى چوقۇپ-چوقۇپ ئاستا-ئاستا كۆزىدىن غايىب بولاتتى.

بۈگۈن كەلگەن دەردمەنلەر ئىچىدە ياش قورامى 40 بىلەن 45 نىڭ ئارىلىقىدا بىر ئايال زاتى بار. ئۇ ھېچكىمدىن ئۆچرەت تالاشمىدى، باشقىلارنىڭ گەپ - سۆزىگە قوشۇقمۇ سالمىدى. ئەكسىچە، بارلىق دەردمەنلەر دەردنى تۆكۈپ بولغۇچە سەۋر - تاقەت قىلىپ ئولتۇرۇپ ئۇلار كەتكەندىن كېيىن ئىشتىن چۈشەي دېگەن ۋاقتىمغا توغرىلاپ ئاندىن ئېغىز ئاچتى:

— مەن غۇلجىدىن كەلدىم ئەپەندىم،- دېدى ئۇ تىترەپ تۇرغان بىر جۈپ قولىدىكى قاتلىنىۋېرىپ پۇرلىشىپ، كىرلىشىپ قارىداپ كەتكەن بىر ۋاراق قەغەزنى ماڭا سۇنۇپ، — تۇتىيالىق بىرلا قىزىم بار ئىدى، باشقىلارنىڭ ئازدۇرۇشى بىلەن زەھەر چېكىپ زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىغا كىرىپ قالدى. ئىلتىپات قىلىپ بۇ بىچارە قىزىمنى قولۇمغا قايتۇرۇپ ئېلىپ بەرگەن بولسىلا.

بۇ ئايال ئىنتايىن پەرىشانىدى. قارىماققا، ئۇزاق يول يۈرۈپ بۇ يەرگە كەلگۈچە قاتتىق چارچىغان، ھارغان بولۇپ، قانداقتۇر بىر نەرسىنىڭ دەردىدە تولا ئويلاپ پۇچىلىنىپ ئەقلى-ھوشىنى يوقاتقاندەك قىلاتتى. ئاغدىن-باغدىن سۆزلەيتتى، لېكىن قىزى تۇرۇۋاتقان مەجبۇرىي زەھەرسىزلەندۈرۈش مەركىزىگە تونۇشتۇرۇپ بەردىم. ئۇ ئىشخانامدىن چىقىپ كېتىۋاتقاندا ئۈمىد بىلەن ئۈمىدسىزلىك ئارىلىقىدا تىڭىرقىغاندەك بولۇپ، ئارقىسىغا يېنىشلاپ-يېنىشلاپ بىر نەچچە رەت قاراپ قويدى. مەن كەينىدىن ئۇزىتىپ چىقتىم. بۇ مېنىڭ بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىنكى تۇنجى بولۇپ دەردمەنلەرگە ئەنە شۇنداق مۇئامىلە بولۇشۇم ئىدى. ئۇنىڭ چىرايى، زۇۋانى، كىيىم-كېچىكى، تەقى-تۇرقى، روھىي دۇنياسى، ئىشقىلىپ ھەممە نېمىسى ئاپامنىڭ، ئاچامنىڭ، خوتۇنۇمنىڭ ۋە قىزلىرىمنىڭكىگە ئوخشايتتى.

مەن شاھىد بولغان بۇ ئىشلار «گۇۋاڭجۇلۇق قىز» ئابىدە ھېكايىسىنىڭ باشلىنىشى بىلەن تەڭ ئىختىيارسىز ھالدا خىيالىمدىن ئەنە شۇنداق بىر-بىرلەپ تېز ئۆتۈپ كەتتى. دەرۋەقە، مەن شۇ ئىشلارنىڭ شاھىدى. مېنىڭ ھاياتىمدا مەن شاھىد بولغان ئىشلاردىن يەنە نۇرغۇنلىرى، قىزىقارلىقلىرى بار. شۇڭلاشقىمىكىن، ئۆزۈمچە كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىمنى، بېشىمدىن بىۋاسىتە ئۆتكەنلىرىنى چىنلىقى بىلەن خاتىرەمگە يېزىپ مېڭىشنى ئادەت قىلغانمەن، بۇنى بەزىلەر ياخشى ئادەت دېيىشىدۇ، مېنىڭچىمۇ شۇنداق. دەسلىپىدە مەن خاتىرىلىگەنلىرىمگە ئاساسەن بالىلارنىڭ كىچىكىدىن تارتىپ ئەخلاقلىق تەربىيىلىنىشى ھەققىدە يازدىم، كېيىن ئەر-خوتۇنلارنىڭ ئورۇنسىز باھانە-سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ، شەيتاننىڭ ئارقىسىغا كىرىپ، ئىناق ئائىلىلىرىنى بۇزۇپ بالىلىرىنى يېتىم قىلماسلىقى ھەققىدە يازدىم، ئۇنىڭدىن كېيىن زەھەر چەكمەسلىك ھەققىدە يازدىم. ئەمما يازغانلىرىمنىڭ ئوقۇرمەنلەردە قانچىلىك تەسىر قوزغىغانلىقىنى بىلمەيمەن. چىڭراق ئېيتقاندا، بۇلار مېنىڭ ئەڭ دەسلەپكى يېزىقچىلىق مەشىقلىرىم ئىدى.

«گۇۋاڭجۇلۇق قىز»نىڭ ئۆز تەقدىرى ھەققىدىكى يېغىسى غۇلجىلىق ئايالنىڭ بىچارە قىزى ھەققىدىكى يېقىسىغا بەك ئوىشايتتى. ئۇ يىغلاۋاتاتتى، ئەمما ھەممە ئۆز ئىشى بىلەن ئادىراش، ھېچكىم ئۇنىڭدىن ئەھۋال سورىمايتتى. ھەتتا ئۇ شۇنداق يېتىم ئىدىكى، ئۇنىڭ يىغىسىغا مۇساپىر، يېتىملەرنىڭ غەمگۈزارى بولمىش ئىمام سەيدى ۋەققاسمۇ سۈكەتتە ئىدى. سەيدى ۋەققاس ئۇنى تونۇشمايتتى، ئۇمۇ سەيدى ۋەققاسنى تونۇمايتتى. چۈنكى ئۇ ئۆزىگە سەيدى ۋەققاس-بۇ مەۋزەئى بۇزرۇك ھەققىدە سۆزلەپ بېرىدىغان ئاتىدىن مەھرۇم ئىدى.

— «بولاق» گۇاڭجۇغا بېرىپتۇ- دە - دېدىم ئىچىمدە ئۆز- ئۆزۈمگە شىۋىرلاپ.

بۇ يەردە ئاياللار ھەققىدە دېيىلىۋاتقىنى «ئىسلامىيەتتىكى ئاياللار ۋە 21 - ئەسىردىكى خوتۇن - قىزلىرىمىزنىڭ تەقدىرى» ناملىق ماقالە بولۇپ، ئۇ بۈگۈن ھەقىقەتەن بىر ئىنساننىڭ روھىيىتىنى قوقاسقا سېلىپ پۇچىلاۋاتاتتى. ئۇ شۇڭلاشقا تۈنۈگۈن بىر كېچە ئۇخلىيالمىدى، ئۇ شۇڭلاشقا بۈگۈن تاڭ يورۇشى بىلەنلا ماڭا تېلېفون بېرىشنى قارار قىلدى. «بۇلاق» ژۇرنىلىنىڭ ئىچ مۇقاۋىسىغا يېزىپ قويۇلغان تېلېفون نومۇرى ئۇنىڭ مەن بىلەن ئالاقىلىشىشىدىكى ئەڭ ئوبدان ۋاسىتە ئىدى، ئۇ «بۇلاق» قا تېلېفون بەرسە مېنى تاپالايتتى. ئۇ ھەممىنى ئۆزىنىڭ ئورۇنلاشتۇرغىنى بويىچە قىلدى، ئاخىرى مېنى تاپتى. ئۇ، مېنىڭدىن كۆپ نەرسىلەرنى سورىماقچى ئىدى. ئۇ مېنىڭدىن نېمىلەرنى سورايدىغاندۇ؟ ئۇ، مېنى تونۇمايتتى، ئەمما تونۇماقچى ئىدى. مېنىڭ كېسىپ - كېسىپ گەپ قىلىدىغان كەسكىن تەلەپپۇزۇم ئۇنى گاڭگىرىتىپ قويدىمىكىن- تاڭ! ئۇنىڭ يەنە ماڭا دەيدىغان نۇرغۇن گەپلىرى نېسى قالدى. پەمىمچە، ئۇ، مەن ھازىر تويۇق يولغا كىرىپ قالدىم، ئەتراپىمدا بىرتوپ ناچار، چاكىنا ئادەملەر بار، سىز مېنىڭ ئۆزىڭىز بىلەن پاكلىنىشىمغا رۇخسەت قىلىڭ. بېشىمنى كۆتۈرۈپ سىز بار تەرەپكە نەزەر سېلىشىمغا ئىجازەت بېرىڭ، خۇددى چاقنىغان قۇياش نۇرىدا قارا يىپ بىلەن ئاق يىپ قانداق ئايرىلسا، مېنىمۇ ئۇلاردىن شۇنداق ئايرىۋېتىڭ، سىز ماڭا ياردەم قىلىڭ، دېگەندەك قىلاتتى.

— شىنجاڭغا كېلەلەمسىز؟-دېدىم مەن ئۇنىڭغا.

— بارالايمەن،-دېدى ئۇ كەسكىن قىلىپ.

— قاچان كېلەلەيسىز؟

— بىر ھەپتىدىن كېيىن يولغا چىقالايمەن.

— شىنجاڭغا كەلگەندىن كېيىن تېلېفون بېرىڭ.

بىزنىڭ تېلېفوندىكى دىئالوگلىرىمىز تۈگىدى. ئۇ گەپلەرنى قىلىۋاتقان چېغىمدا قانداقتۇر تەنلىرىم شۈركىنىپ، ۋىجدانىم ئازابلىنىۋاتاتتى،  قانداقتۇر بۈگۈن نەپرەت بىلەن مۇھەببەت مەندە مۇجەسسەملەنگەنىدى. مەن 90 - يىلنىڭ ئاخىرىلىرىدا تېخى ئەمدىلا نەشىردىن چىقىپ كىتابخانىغا سېلىنغان «كۆز تەگكەن ماكان» ناملىق ئوچېرىكتىن مانا مۇشۇ قىزغا ئوخشاش ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە چىقىپ كېتىپ ئىچىش، ئويناش، چېكىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلاردىن كۆپىنچىلىرىنىڭ بولسا، شۇ يەردە ئۆلۈپ تۈگىشىپ كېتىدىغانلىقىنى ئوقۇپ، شۇلارغا ئىنساپ، تەۋپىق تىلىگەنىدىم. بۈگۈن بۇ قىزدىن شىنجاڭغا قايتىپ كېلەلەيدىغان - كېلەلمەيدىغانلىقىنى سورىشىمنىڭ سەۋەبى مانا شۇ ئىدى.

شۇ تاپتا خىيالىم مېنى بىردىنلا بۇ قىزنىڭ، ياق، يالغۇز بىر قىزنىڭلا ئەمەس، نۇرغۇن-نۇرغۇن قىزلارنىڭ جەننەت كەبى گۈزەل بۇ بەرىكەتلىك ئانا يۇرتىمىزدىن نېمىشقا ئۈركۈپ چىقىپ كېتىپ، قايتىپ كېلەلمەي مۇشۇنداق پاجىئەلەرگە مۇپتىلا بولىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبلىرىگە جاۋاب تېپىشقا زورلايتتى. راست، دېمىسىمۇ ئۇلار نېمە ئۈچۈن جەننەت كەبى بۇ يۇرتنى تاشلاپ باشقىلارنىڭ يۇرتلىرىغا كېتىدۇ؟ باشقىلارنىڭ يۇرتلىرى باي، گۈزەل، بىزنىڭ يۇرتىمىز نامرات، قاقاسلىقمۇ-يە؟ نۇرغۇن سۇئاللار ئالدىمغا قويۇلۇشقا باشلىدى. ئاخىرى سوئاللارنىڭ ئىچىدىن بىرىگە جاۋاب تاپتىم، جاۋاب شۇكى، بىزنىڭ يۇرتىمز نامرات ئەمەس، بەلكى ناھايىتى باي-باياشات، بەرىكەتلىك. بىزنىڭ يۇرتىمىز چۆل، قاقاسلىق ئەمەس، بەلكى ھۆر-پەرىلەر تولغان جەننەتتەك گۈزەل.

مېنىڭ بېيجىڭدا بىر خەنزۇ ئايال تونۇشۇم بار، ئۇ مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق بىر ئىلمىي جەمئىيەتتە ئىشلەيدۇ. ئۇ ئەزەلدىن شىنجاڭغا كېلىپ باقمىغان، ئۆتكەن يىلى 7- ئايدا يىغىن مۇناسىۋىتى بىلەن ئۈرۈمچىگە كەلدى ۋە يىغىن ئاخىرىدا شىخەنزە، بۇغدا كۆلى، تۇرپان، قەشقەر قاتارلىق جايلاردا ساياھەتتە بولدى. ئۇ بېيجىڭغا قايتقاندىن كېيىن «غەربكە ساياھەت» ناملىق بىر پارچە نەسر يېزىپتۇ ۋە ئۇنىڭغا يەنە «ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدا كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىم» دەپ بىر يان ماۋزۇمۇ قويۇپتۇ. ئۇ بۇ نەسردە مۇنداق دەپتۇ:

«بۇ جاينىڭ تاغ-دەريالىرى، ھېچ يەرگە ئوخشىمايدىغان گۈزەل مەنزىرىسى قانچىلىغان ئەدىب ۋە باھادىرلارنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلغاندۇ-ھە! ئۇلۇغ تەڭرى بۇ يەرگە شۇنچە كەڭ بىپايان زېمىننى، زۇمرەتتەك كۆپكۆك ئاسماننى، ھەيۋەتلىك سىرلىق قارلىق تاغلارنى، كۆز يەتكۈسىز ياپيېشىل يايلاقلارنى، تېخى ئادىمىزات ئاياغا باسمىغان چۆل-جەزىرىلەرنى، سۈپسۈزۈك مۇز تاغ سۇلىرىنى، تو-توپى بىلەن مەرىشىپ، ھۆكۈرۈشۈپ ئوتلاۋاتقان كالا، قويلارنى ئاتا قىپتۇ. بىز شەھەرلىكلەر قۇۋۇق، قەلئەلىرىمىزدىن چىقتۇق ۋە ئەنە شۇ چېكى يوق زۇمرەتتەك كۆك ئاسماندا سەير قىلىپ، ھەش-پەش دېگۈچىلا بۇ قوڭۇر تۇپراقلىق ئورمانلىققا-ئىپتىدائىي مەسۇم، سەبىي، سەپ، پاك تەبىئىي تۇپراققا قەدەم قويدۇق. بىز بۇ يەردە ھەممە غەمدىن خالاسلىنىپ ئەركىن نەپەس ئالدۇق. بېشىمىزدىن تارتىپ ئاياغلىرىمىزغىچە، ئىچىمىزدىن تارتىپ تېشىمىزغىچە، ئىشقىلىپ ھەممە نېمىمىزنى تازىلاپ ئادالىغاندەك بولدۇق.

بىز تۇرپان ۋە قەشقەر قاتارلىق جايلاردىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئۆرپ-ئادىتى، يېمەك-ئىچمىكىدىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇزاق تارىخى بىلەن مەزمۇنى مول مەمدەنىيەت ئەنئەنىسى ۋە ھېچكىمنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان ئۆرپ ئادەتلىرىنى كۆردۇق.

قەشقەردىكى ئەنئەنىۋى ئۇيغۇرلار ئايرىم قورۇ-جايلاردا ئولتۇرىدىكەن، ھەممە ئائىلىلەر گۈل باقىدىكەن. مۇسۇلمانلارنىڭ ياشاش ئۇسۇلى بىلەن تازىلىق ئادەتلىرى، مەسىلەن: ناماز ئوقۇشلىرى، بىر كۈندە بەش قېتىم تاھارەت ئېلىشى، ئوغۇل بالىنىڭ يەتتە ياشتا خەتنە قىلىنىشى قاتارلىقلاردا چوڭ بىر ئىلمىي ھېكمەت بار ئىكەن.

بۇ يەرنىڭ ئەڭ چوڭ بىر ئالاھىدىلىكى مىللەتلەرنىڭ كۆپلىكىدە ئىكەن. ھازىر بۇ يەردە مىللەتلەر كۆپىيىپ 47 گە يېتىپتۇ. ئۇيغۇرلار ئەسلىدە بۇ يەردىكى ئاساسلىق مىللەت بولسىمۇ، رايون ئوقۇمىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ئىچكى ئۆلكىلەردىكى نوپۇسنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېقىپ كىرىشىگە ئەگىشىپ، خەنزۇلار ھازىر ئاساسلىق تەركىب (مىللەت) بولۇپ قاپتۇ. بۇ يەرنىڭ ئاشلىق زىرائەتلىرى، كۆكتاتلىرى، يەل-يېمىشلىرى، قوي-كالا گۆشلىرىنىڭ تەمى ئۆزگىچە مەززىلىك ئىكەن. شۇنداق بولغاچقىمىكىن، خېلى كۆپ ساندىكى ئىچكى ئۆلكىلەردىن كەلگەنلەرنىڭ تاماق يېيىش ۋە تۇرمۇش ئادىتى بارا-بارا بۇ يەرگە ماسلىشىپ ئۆزگىرىۋېتىپتۇ.

بۇ يەردىكىلەر، قوي-كالىلىرىمىزنىڭ ئىچىدىغىنى مىنېرال سۇ، سۈمۈرىدىغىنى ساپ ھاۋا، يەيدىغىنى دورا ئۆسۈملۈكلىرى، چىچىدىغىنى ئالتە خىل تەركىبلىك ئەگرى سۇناي كۇمۇلىچى  دەيدىكەن.

ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ىېلى كۆپ سانلىقلار بۇ زېمىنغا چوڭقۇر مۇھەببەت باغلاپتۇ. پۇرسىتى كېلىپ ئەسلى يۇرت-ماكانلىرىغا كېتىدىغانلىرىمۇ كەتمەيدىغان بوپتۇ ياكى كەتمەپتۇ، ئۇلار ھەتتا ئۆزلىرىنى مۇشۇ يەرلىك بىز، دەپ ئاتىشىدىكەن، ئۇلار بۇ ئاتەش تۇپراقتىن مېھرىنى ئۈزەلمەيدىغان بوپتۇ».

يۇقىرىقىلار بېيجىڭلىق بىر تەتقىقاتچىنىڭ شىنجاڭغا تۇنجى كەلگەندىكى تەسىراتى. مەن بۇ مۆھتىرەم خانىمنىڭ مېنىڭ تۈزىتىشىمگە ئەۋەتكەن بۇ ماقالىسىنى پات-پات ۋاراقلاپ قويىمەن ۋە شۇنداق ئېسىل بۇ زېمىندىن يەنە نېمىشقا بەزىلەر باشقا يەرلەرگە كېتىدىغاندۇ؟ دەپ ئويلاپ قالىمەن. بىزدە بەزىلەر چەتئەلگە چىقىېلىپلا كەلمەيدۇ، بۇ يەردە تۇرۇۋاتقانلارنىڭ بولسا كەتكىسى كېلىدۇ. بولۇپمۇ ئېچىۋېتىلگەن دېڭىز بويى رايونلىرىغا كېتىۋاتقان مودا قىزلار تېخىمۇ شۇنداق. بۈيۈك ئالىم مەھمۇد قەشقەرى: «يۇرت قالۇر، تۆرۈ  قالماس» دېگەن بىزدە ھازىر يۇرتمۇ، تۆرۈرمۇ ئوخشاشلا تاشلىنىپ قېلىۋاتىدۇ.

مۇسا جاراۇللاھ ھەزرەت مۇنداق دېگەن:

«تەبىئەتنىڭ جامالى، گۈزەللىكى كۆزى بار ئەقلى بار، ئىنساننى مەپتۇن ئېتەر، ھەر شەيئىدىن مۇستەغنى  سۇلتان ئېتەر. ئورمان، باغ ئارىسىندە يېشىل ئوت، ئاقار سۇ كانارىندە  يۈزى ياكى ئەقلى گۈزەل بىر ئىنسان سۆھبىتىدە يەر يۈزىنى، نىھايىتى يوق فازانى  كۆكلەرنى، يۇلتۇزلارنى تاماشا ئەتمەك ئەڭ بۈيۈك بىر لەززەتتۇر، ئەڭ بۈيۈك بىر سائادەتتۇر. مېنىڭ ئېتىقادىم ۋە ھېسسىياتىم شەيلەردۇر ».

بىز قەدىمكى يايلاق ھاياتىنى تاماملاپ زېمىن تۇتۇپ ئولتۇراقلىشىپ دېھقانچىلىق قىلىشقا ئادەتلەنگىنىمىزدىن ئېتىبارەن، ناھايىتى ئاز ساندىكىلىرىمىزنى ھېسابقا ئالمىغاندا، كۆپىنچىلىرىمىز ئەنە شۇ كىشىنى مەپتۇن ئېتىدىغان تەبىئىي يايلاقتىن، ئورماندىن، يېشىللىقتىن ئايرىلىپ قالدۇق. قالغانلار قالدى، كەتكەنلەر كەتتى. گەرچە بىز تىنماي ئاشۇ يېشىللىقنى ئىزدىگەن، بەرپا قىلغان بولساقمۇ، مىڭ ئەپسۇس، جارۇللاھ ھەزرەتلىرىدەك ئېتىقاد دەرىجىسىگە كۆتۈرەلمىدۇق. «ئىنساننىڭ زاىرە ئەمالى قەلبىنىڭ تەرجىمىسى» دېگەن گەپ بار. دەرھەقىقەت، بېيجىڭلىك بۇ مۆھتىرەم خانىمنىڭ قەلەم بىلەن پۈتكىنى دەل شۇ قەلبنىڭ بەرگىنى ئىدى. ۋەھالەنكى، بىزنىڭ بەزى قىزلىرىمىز بۇ پاك زېمىنغا شۇنچىلىك كۆيەلمىدى ۋە ئۇنى شۇنچىلىك سۆيەلمىدى.

مەن بېيجىڭدىن كەلگەن بۇ خانىمنى ھەمراھلىرى بىلەن ئۈرۈمچىدىن ئۇزىتىپ قويۇپ ئۈچ ئاي ئۆتكەندە سەلجۇق تۈركىلىرىنىڭ قەدىمكى پايتەختى كونيا شەھىرىدە شەرق تەسەۋۋۇپ ئەدەبىياتىنىڭ پىر ئۇستازى، داڭلىق شائىر مەۋلانە جالالىدىن رۇمى (1207-1273) ھەزرەتلىرىنىڭ قەبرىسىنى تاۋاپ قىلىۋېتىپ، ۋەتەننى بىر قېتىم كۆرۈشنى تۇتىيا بىلىپ، ئۇنىڭ ئىشقى پىراقىدا كۆيۈپ پۇچىلىنىپ چۇل-چۇل بولۇپ كېتىۋاتقان، ياش قۇرامى مېنىڭ قىزلىرىمچىلىك كېلىدىغان تەقۋادار بىر ئۇيغۇر قىزىنى ئۇچرىتىپ قېلىپ، مەھمۇد قەشقەرىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا ئېيتقان بايىقى سۆزىنى شۇ قىزنىڭ ئەمەلىيىتىدە كۆرگەندەك بولدۇم. ئۇ، كونيادا ئوقۇۋېتىپتۇ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن مۇئەللىمە بولىدىكەن. گەرچە ئۇنىڭ كىندىك قېنى ئاناتولىيىگە تۆكۈلگەن بولسىمۇ، ئانا يۇرتى تەكلىماكاننى زادى ئۇنتۇپ قالماپتۇ. ئۇ، ئويغۇرچىنى شۇنداق پاساھەتلىك سۆزلەيدىكەن. ئۇ، تەكلىماكان ۋادىسىدىكى قەدىمكى يۇرتلارنى كۆرسەم، دېگەن ئارزۇ بىلەن شېرىن خىياللار دۇنياسىدا ياشايدىكەن. مەن ئۇنىڭ ۋەتەنگە بولغان بۇنچىۋالا سېغىنىشىنى چۈشەنگىنىمدىن كېيىن، ۋەتەن خەلقنىڭ سالىمىنى ئۇنىڭغا يەتكۈزدۇم، ئۇنىڭ ئوقۇشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىشىنى ئۈمىد قىلدىم، كەلگۈسىدە پۇرسەت بولغاندا ۋەتەنگە كېلىپ كۆرۈپ كېتىشىنى تەۋسىيە قىلدىم، ۋەتەننىڭ ئۇچقاندەك تېز ئىلگىرىلەۋاتقان تەرەققىياتىنى ئۇنىڭغا تونۇشتۇردۇم. مېنى ئەنقەرەدىن كونياغا زىيارەتكە ئاپارغۇچى ساھىبخان ۋە ئارقاداشلىرىمدىن مۇستافابەي، ئىرپانبەي، خلمۇھەممەدبەيلەر بىز «ئاتا-بالا» بۇ ئىككىيلەننىڭ تاساددىپىي ئۇچرىشىشىدىن شۇنداق خۇشال بولۇشتىكى، ئۇنى دەرھال ئىززەت-ئېكرام بىلەن «قۇرغۇي» ماركىلىق كىچىك ماشىنىغا ئولتۇرغۇزۇشتى. بىز ئۇنىڭ يول باشلىشىدا مەۋلانە جالالىدىن رۇمنىڭ زاماندىشى ۋە دىندىشى مەشھۇر تەسەۋۋۇپ پەيلاسوپى شەمسىدىن تەبرىزى (ۋاپاتى 1247- يىللار)نىڭ قەبرىسىنى يوقلىدۇق. 12- ئەسىردىن 14- ئەسىرگىچە بولغان سەلجۇلار ۋاقتىدىكى شارافىدىن جامەسى. ئەلائىددىن كەيقۇباد جامەسى (جامە ئىچىگە ئەلائىددىن كەيقۇباد، سۇلتان مەسئۇد، قىلىچ ئارىسلانخان، رۇكۇنىددىن سۇلايمان ۋە غىياسىددىن كەيخۇسراۋ قاتارلىق سەلجۇق سۇلتانلىرى دەپنە قىلىنغان) ۋە قاراتاي مۇزىي قاتالرىق ئاسارائەتىقىلەرنى زىيارەت قىلدۇق. ئاندىن مەۋلانە جالالىدىن رۇمى قەبرىسى يېنىغا كېلىپ دەرۋىش بەينىڭ «مەۋلانە سۇفراسى» دا تۈرك غىزالىرى بىلەن غىزالاندۇق. ئايرىلىدىغان چاغدا ئۇ قىزنىڭ قانداق ھېسسىياتتا بولغانلىقىنى مەن ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن ئۇنىڭ ماڭا يازغان مەكتۇبىدىن بىلدىم. ئۇنىڭ ۋەتەنگە بولغان مۇھەببىتى بېيجىڭلىق خانىمنىڭ بىزنىڭ بۇ يەرگە بولغان مۇھەببىتىدەكلا ئىسسىق ئىدى.

— بۈگۈن خۇددى مۆجىزىگە ئوخشاش بىر ئىش يۈز بەردى-ھە، يۈسۈپجان ئاكا،-دېيىشتى «بۇلاق» ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرلىرى ھەيرانلىقتا.

— شۇنداق، مۆجىزىگە ئوخشاش ئىش يۈز بەردى. سىزلەر مېنى ئاياللار ھەققىدە ماقالە يېزىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلمىغان بولسىڭىزلار، مەن يازمىغان بولسام، ماقالەم «بۇلاق»تا ئېلان قىلىنمىغان بولسا، «بۇلاق» گۇاڭجۇغا بارمىغان بولسا بەلكىم بۇ مۆجىزىگە ئوخشاش ئىش يۈز بەرمىگەن بولار ئىدى.

بىز شۇنچىلىكلا سۆزلەشتۇق. گەرچە ھەممىمىز ناشتىلىق قىلغان بولساقمۇ، بۇ بىزگە يەنە ئۆزگىچە بىر ناشتىلىق بولدى. شۇنداق بولدى. شۇنداق قىلىپ، بىز ئۇ كۈنى قايتىدىن بىر كۈنگە ئەمەس، پۈتكۈل 2003- يىلىغا يېتىپ ئاشقاندەك بىر ناشتىلىق يېدۇق. بۇ ناشتىلىق زەھەردەك ئاچچىق ۋە ھەسەلدەك تاتلىق ئىدى.

مەن بۇ مەسئۇلىيەتچان ۋە ئەستايىدىل مۇھەررىرلەر بىلەن خوشلىشىپ نەشرىياتتىن ئايرىلدىم ۋە ماڭىدىغان چاغدا ئۇلارغا ناۋادا بايىقى قىز شىنجاڭغا قايتىپ كېلىپ تېلېفون بېرىپ قالسا مېنى خەۋەرلەندۈرۈشنى تاپىلىدىم ۋە مۇنداق دەپ سۆزۈمنى تۈگەتتىم:

— بىز ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىككى ئىش قىلىپ قويايلى، بىرى، ئۇنى يامان يولدىن تەزدۈرۈپ ياخشى يولغا باشلايلى، يەنە بىرى، ئۇنىڭ بىز ئورۇنداپ بېرەلىگىنىدەك قانداق تەلەپلىرى بولسا ئورۇنداپ بېرەيلى!

«گۇاڭجۇلۇق قىز»نىڭ تېلېفون ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قىلغان-ئەتكەنلىرىگە توۋا قىلىشى رەسۇلىللاھ زامانىسىدىكى گۇناھكار ئايال ھەمىدەنىڭ ئەھۋالىغا ئەجەب ئوخشايدىكىنا؟

مەن تېخى پىچىرلىشىمنى تۈگەتمەي تۇرۇپ،

— شۇنداق، ئوخشاشلىقى بار ئوغلۇم،-دېگەن توساتتىن بىر ئاۋاز پىكىر خىيالىمنى بۆلدى.-بىراق، رەسۇلىللاھ دەۋرى بىلەن بىزنىڭ دەۋرىمىزدە 1000 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتتى، ئوخشىمايدىغىنى مانا مۇشۇ، شۇڭا ئۇنىڭغا رەھىم قىلغىنكى، ھەرگىز «ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك» قىلما!

بۇ ئاۋاز گۈلدۈرمامىدەك جاراڭلىق ئىدى، بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئاسمانغا قارىدىم، كۆڭلۈمدە ئويلىغان خىياللىرىمنى بىر-بىرلەپ بىلىۋالغان ھەم ماڭا خىتاب قىلىۋاتقان بۇ زات مەن بايا كۆرگەن مۇقەددەس قەبرە شەيخىدەك بېشىغا سەللە يۆگىمىگەن، ئەكسىچە ئەپەندىمچە چاچ قويۇپ، ئۇچىسىغا غەربچە كاستوم كىيگەن، كۆزىگە كۆزەينەك تارتىپ بوينىغا كالىستۇك تاقىغان ئۆزى جۈدەڭگۈ، يۈزى سوزۇنچاق، بۇرۇتلۇق كەلگەن مۇسا جارۇللاھ ھەزرەتلىرى ئىدى.

— ئېيتقانلىرى بەرھەق ئۇستاز،-دېدىم مەن نېمە قىلارىمنى بىلمەي ئالدىراش ئۇنىڭغا ئېگىلىپ.

— مەن 30-يىللاردا قەشقەرنى كۆرمەك ئۈچۈن ئاتايىتەن بۇ بەرىكەتلىك زېمىنغا كەلگەنمەن،-دېدى ئۇ، ئۇ بىزنىڭ بۇ يەرلىكلەرنىڭ تەپەككۇرىغا ئوخشىمايدىغان بىرخىل تەپەككۇر بىلەن سۆزلەيتتى.

— مەن قەشقەرگە كەلگەندە پۈتكۈل قەشقەر شەھىرى تەۋرەپ كەتتى. باي-بايۋەچچىلەر، ئالىم-ئۆلمالار، بەگلەر ۋە ئەمەلدارلار مېنىڭ خىزمىتىنى قىلىۋېلىش غەرىزىدە پايپېتەك بولۇپ كېتىشتى، ئەمما مەن بىر-بىرلەپ رەت قىلدىم ۋە:

— ئى ئۇلۇغلار! ماڭا مۇنچە قىلىشنىڭ سەۋەبى نېمە؟!... ماڭا پەقەت ئۇشبۇ ئەرىزانە قەشقەرنى زىيارەت قىلىشقا پۇرسەت بەرسىڭىزلەرلا بولدى،-دېدىم. شۇنىڭ بىلەن مەن رەستىلەرنى ئايلىنىشقا باشلىدىم. مېنىڭ كەينىمدىن بىرەر يۈزگىچە يۇرت كاتتىسى سۆرۈلۈپ كېلىۋاتاتتى، ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن بولسا يەنە نۇرغۇن پۇقرالار ئەگىشىپ كەلمەكتە ئىدى. مەن ئايلىنا-ئايلىنا ئاخىرى بىر پاھىشەخانىنىڭ ئالدىغا كېلىپ قالدىم شۇ چاغدا بۇ يەردە پاھىشەخانىلار جاھىلىيەت دەۋرىدىكىدەك ئوچۇق-ئاشكارا تىجارەت قىلىدىكەن. مەن دەسلىپىدە بىر ئاز ئىككىلەندىم، كېيىن پاھىشەخانىغا ئۈسۈپلا كىردىم. بۇنى كۆرگەن يۇرت كاتتىلىرى بىر ھازاغىچە ئۆزئارا دە-تالاشقاندىن كېيىن ئامالسىز مېنىڭ ئارقامدىن پاھىشە خانىغا كىرىشتى. بۇنى كۆرگەن پاھىشە ئاياللار چەكچىيىپ قاراپلا قالدى. سىرتتىكى ئاۋام پۇقرالارمۇ: نېمە ئالامەت بۇ؟! دەپ ھەيران بولۇپ ھەم قىزىقىپ، پاھىشەخانىنىڭ ئالدىغا ئولىشىۋېلىشتى.

— ئەي، سىڭىلچىقىم! نېمە سەۋەبتىن تېنىڭىزنى ساتىسىز؟! ھالبۇكى، سىز ۋەسىزلەرگە ئوخشاش قىز-خاتۇنلىرىمىز بىزنىڭ بارلىقىمىز، ئار-نومۇسمىز ۋە ئەڭ قىممەتلىك كىشىلىرىمىز ئىدىڭىزلەرغۇ! سىزلەر مىللەتنىڭ بىر قانىتى ئەمەسمۇ؟!-دەپ سورىدىم بىر پاھىشە ئايالدىم.

بۇنى ئاڭلىغان پاھىشە ئايال بىر چىڭقىلىپ پاڭڭىدە يىغلاپ تاشلىدى ۋە:

— جاھان قاتتىقچىلىق! ئامالسىز بۇ يولغا كىرىپ قالدۇق... بىزنى قۇتقۇزىدىغان ئەرەنلەر يوق!!-دېدى. بۇنىڭ بىلەن پاھىشە ئاياللارنىڭ ھەممىسى دەسلەپتە مىشىلدىشىپ، كېيىن بولسا ئۈن سېلىپ يىغىلغىلى تۇردى. مەن يەنە سورىدىم:

— ئەي سىڭىلچىقلىرىم! سىزلەر پاھىشە قىلغاندىن كېيىن بويىڭىزلەرنى سۇغا سالامسىزلەر؟

— بەزىدە سالالايمىز، بەزىدە سالالمايمىز،-دېدى پاھىشە ئاياللار.

مەن بىردەم ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن مۇنداق دېدىم:

— بۇنىڭدىن كېيىن پاھىشىنى داۋام پاھىشىنى داۋام ئېتىۋېرىڭىزلەر. ئەمما ھەر قېتىم پاھىشە قىلغاندا جەزمەن بويىڭىزلەرنى سۇغا سېلىڭىزلەر، مانا مۇشۇ تەرىپىگە دىققەت قىلسىڭىزلارلا، باشقا ئاقىۋەتكە سىزلەر مۇناسىۋەتسىز!

شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ ئەتراپىمدا تۇرغان پۈتكۈل يۇرت كاتتىلىرى ھەيرانۇس ھەس بولۇپ كېتىشتى ۋە ياقىلىرىنى تۇتۇشۇپ:

— يا ئىباراخۇدايا خۇداۋەندىكېرەم! بۇ قانداق پەتىۋا، بۇ قانداق گەپ ئۆزى! بۇ قاندقمۇ پۈتكۈل ئىسلامىيەت دۇنياسىغىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل روھىيە دۇنياسىغىمۇ مەشھۇر بولغان مۇتەپەككۇر ئالىمنىڭ سۆزى بولسۇن! بۇ قانداقمۇ ئۆلەمائى ئىسلامنىڭ سۆزى بولسۇن!-دېيىشىپ ماڭا لەنەت ئوقۇشتى. ئاۋام پۇقرالار ھەيران قېلىشتى. مەن كۈلدۈم-دە، مۇنداق دېدىم:

— سىزلەر كەبى يۇرت كاتتىلىرى بار بۇ ئەزىز يۇرتتا خاتۇن-ئاجىزەلەر مانا مۇشۇنداق يولغا كىرگەنىكەن، ئۇشبۇ ئەمەلىيەتكە مۇشۇندا دېمەي يەنە نېمە دېگۈلۈك! ئالاھ ئاتا قىلغان شۇنچە كۆپ پۇل-مېلىڭىزلەرنى ئېقىن سۇ كەبى ئىسراپ قىلىپ ئەيىش-ئىشرەتكە سەرپ قىلىشقا ئۇنىغان كۆڭۈللىرىڭىز نۆۋىتىدە يوقسىزلۇق ۋە قاتتىقچىلىقنىڭ دەستىدىن مۇشۇ يولغا كىرىپ قالغان قىز-خاتۇنلىرىڭىزلەرگە مەكتەپ ئېچىپ ئىلىم تارقىتىش ئۈچۈن سەرپ قىلىشقا، ئۇلارنىڭ شىكەستىلەنگەن غېرىب كۆڭۈللىرىگە ئۈمىد پەنەرلىرىنى يېقىشقا ئۇنۇماپتۇ. يەنە جاۋاب بېرىڭىزلەركى، ئاللاھ ئاتا قىلغان شۇنچە زور ھۇقۇق ۋە ككپ پۇل-مېلىڭىزلەرنى بۇ دۇنيادا مانا مۇشۇنداق پاھىشەخانىلارنى يوق قىلىدىغان ئەڭ خەيرلىك ئىشلارغا ئىشلەتمەي ۋە سەرپ قىلماي گۆرىڭىزلەرگە ئەكىتەلەيتتىڭىزلەرمۇ؟! مۇشۇنىڭدەك بۇزۇلۇشلارغا ئاللاھ تائالا ھەر ئىككى ئالەمدە ھەربىرىڭىزلەردەك يۇرت كاتتلىرىدىن قاتتىق ھېساب ئالىدۇ!

مېنىڭ ئىككى قولۇم تېخىچە كۆكسۈمدە تۇراتتى. جارۇللاھ ھەزرەتلىرى بولسا قەشقەر تۆرىلىرى بىلەن قىلىشقان سۆھبىتىدىن مېنى ۋاقىپلاندۇرۇپ بولۇپلا كۆزدىن غايىب بولغانىدى.

— بۈگۈن بىز يولۇقۇۋاتقان مۇشۇنداق ئەھۋالنى كېيىنكىلەرگە ئىبرەت قىلىش ئۈچۈن جارۇللاھ ھەزرەتلىرى بۇنىڭدىن 70 يىل بۇرۇن ئەنە شۇنداق ھەل قىلغانىكەن-دە! شۇ تاپتا ئالدىمغا قويۇلغان سوئاللارنىڭ جاۋابلىرى بىر-بىرلەپ تېپىلىۋاتقاندەك قىلاتتى.

ئەگەر ئادەم ئادەمدەك ياشاپ زەھەرنى رەت قىلسا، زەھەر ئادەمدىن بۇرۇن يوقىلىدۇ، ئەگەر ئادەم زەھەردىن بۇرۇن يوقىلىدۇ. بۇنىڭدىن ئون يىل ئىلگىرى بىر كىتابىمدا ، «زامان تۈزەلسە يامان تۈزىلەمدۇ» ياكى «يامان تۈزەلسە، زامان تۈزىلەمدۇ» دېگەن مەسىلىدە بەزىلەرنىڭ «زامان تۈزۈلسە يامان تۈزىلىدۇ» دېگەن پىكرىگە زىت ھالدا «ئۇنداقتا زاماننى كىم تۈزەيدۇ؟» دېگەن سوئالنى قويۇپ، «زاماننى تۈزەش» بىلەن «ياماننى تۈزەش»نىڭ دېئالېكتىكىلىق مۇسىۋىتىنى يېشىپ، يامانلارنى بەدەل تۆلەش ئارقىلىق تۈزىگەندە ئاندىن زاماننىڭ تۈزىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدىم. بۈگۈن ئالدىمغا «زامان» ۋە «يامان» مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى شۇنىڭ شاخچىسى بولغان بىر جاننىڭ ھاياتلىق-ماماتلىق مەسىلىسى قويۇلغانىدى.

بۈگۈن بىر ئادەمگە قىيامەت بولماقتا ئىدى. مەن ئۇنىڭ قىيامەتتىن قۇتۇلۇپ يورۇق دۇنياغا چىقىشنى تىلىدىم.

ئادەم ئۆلىدۇ، ئەمما ئۆلۈمنىڭ مەنىسى ئوخشىمايدۇ، مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامۇ مۇنداق دېگەن: «بەش نەرسە كېلىشتىن بۇرۇن بەش نەرسىنى غەنىيمەت بىل. ئۆلۈشتىن بۇرۇن ھاياتلىقىڭنى، ئاغرىقتىن بۇرۇن سالامەتلىكىڭنى، مەشغۇلىيەتتىن بۇرۇن بوش ۋاقتىڭنى، قېرىلىقتىن بۇرۇن ياشلىقىڭنى، پېقىرلىقتىن بۇرۇن باي ۋاقتىڭنى». بۇ بەش نەرسىنىڭ قەدىر-قىممىتى بۇلار كېتىپ ئورنىغا زىتلىرى كەلگەندىن كېيىن بىلىنىدۇ. بۇنى ھەركىم ئۆز تەجرىبىسى بىلەن بىلىدۇ. ئەمما بۇنىڭغا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ، غەمخورلۇق بىلەن يۈرۈۋېرىدۇ، شۇ جەھەتتىن بولسا كېرەك، رەسۇلىللاھ بۇلارنى ئۈممەتلىرىگە خاتىرىلىتىدۇ ۋە غەپلەت قىلماسلىققا تەنىبھ قىلىدۇ.

ئادەم بالىسى بۇ دۇنيادا ھەمىشە مۇشەققەت بىلەن ھايات كەچۈرىدۇ ۋە بولغان-بولمىغان ۋەقەلەر بىلەن ھەسرەتلىنىپ ۋاقىت ئۆتكۈزىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئىنسانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزىنىڭ ئەخلاقىنى گۈزەللەشتۈرۈشكە، ھەقىقىي ئىلىم-مەرىپەتنى قولغا كەلتۈرۈشكە قادىر بولالايدۇ. ماددىي ۋە مەنىۋى سائادەتكە ئېرىشەلمەيدۇ، ئۆمۈرلىرى بوش نەرسىلەر، قۇرۇق خىيال ۋە ئەمىدلەر بىلەن ئۆتۈپ كېتىدۇ. ھايات توختىشى بىلەن ئادەم بالىلىرىنىڭ ئەمىلىمۇ توختايدۇ. ئىككى ئۈچ تۈرلۈك نەرسىدىن باشقا، ئارقىسىدىن بارىدىغان ھېچ ساۋابلىقى قالمايدۇ. ئۇلار بۇ دۇنيادا تۇرۇپ ئۇ دۇنياغا ئۆزىنىڭ ئالدى-ئارقىسىدىن بېرىپ تۇرىدىغان ساۋابلىق ياخشى ئىشلارنى قىلىپ قالدۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆلۈپ كېتىشتىن ئىلگىرى «ھايات»نى غەنىيمەت بىلىش، قانداقلىكىن بولسمىسۇن ياخشى نىيەت، پاك كۆڭۈل بىلەن بۇ دۇنيادا بىر ساۋابلىق ياىشى ئىش قالدۇرۇشى لازىم. ساۋاب ۋە ياخشىلىقنىڭ چوڭ-كىچىكى يوق، ئاز-كۆپلۈك قىلمايدۇ.

ئىنسانىيەت تارىخىدا ئەزەلدىن ياخشىلىق بىلەن يامانلىق ئارىسىدىكى رەھىمسىز كۈرەش زادى توختىغان ئەمەس. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر بولۇشتىن بىر نەچچچە مىڭ يىل ئىلگىرى مىسىرلىقلار ئۆلگۈچىلىرىگە ئۇ دۇنيا ھاتايىدا كېرەكلىك نەرسىلىرىنى تەييارلايتتى. ئۆلۈكنىڭ كېپىنىگە شېئىر ۋە پەندى-نەسىھەت مەزمۇنىدىكى كىتابلارنى قوياتتى. ئۇلار ئىبادەتخانىلىرىغا ئادالەت، ھېساب بېرىش، توۋا قىلىش ۋە جازا مەزمۇنلىرىدىكى رەسىملەرنى سىزاتتى. ئەينى چاغدا ئىندىئانلار ئەڭ چوڭ قانائەت «ئۇ دۇنيا»دا، يامان ئادەملەرنىڭ روھى بىرنەچچە مىڭ يىل، ھەتتا بىرنەچچە مىليون يىل قىينالغاندىن كېيىن باشقا جانلىقلارغا ئالمىشىدۇ، تاكى ئۇ ھەقىقەتنى تونۇپ، تەن ۋە روھنى پاكلاپ، يامانلىقلارنى ياخشىلىققا ئۆزگەرتكەندىن كېيىن «ئۇ دۇنيا» مەنزىلىگە يېتەلەيدۇ، دەپ قارايتتى. پرېسىيىدىكى ئاتەشپەرەسلەرمۇ ياخشىلىق بىلەن يامانلىق، قاراڭغۇلۇق ئىلاھى بىلەن يورۇقلۇق ئىلاھى ئارىسىدىكى كۈرەشلەرنى ئىنكار قىلمايتتى. مۇسا ئەلەيھىسسالام بىلەن ئەيسا ئەلەيھىسسالاملارنىڭ دىنلىرى مەڭگۈلۈك ھايات ۋە خۇدانىڭ خۇرسەنلىكى ۋە غەزىپى ھەققىدىمۇ بايان قىلغانىدى.

1- ئاينىڭ 6- كۈنىدىن تاكى بۈگۈنكى كۈنگىچە توپتوغرا بەش ئايغا يېقىن ۋاقىت ئۆتتى. ئەمما «گۇاڭجۇلۇق قىز»دىن ھېپبىر خگۋەر يوق. تېلېفونمۇ كەلمىدى، ئۆزىمۇ كۆرۈنمىدى، بىر ھەپتىدىن كېيىن يولغا چىقالايمەن، دېگەن بۇ قىز ئۈن-تىنسىزلا يوقاپ كەتتى. ئەمما ئارىدىن 20 كۈن ئۆتكەندە يانى 1- ئاينىڭ 26-كۈنى شۇنداق بىر غەلىتە ئىش يۈز بېرىپ، ئۈرۈمچىدە ئادىلە ئاتلىق بىر قىز پەيدا بولدى. شۇ كۈنى ئۇنى «ئۈرۈمچى سەھەر گېزىتى»نىڭ مۇخبىرى كاڭ شىڭ شىمىن ساقچىخانىسىدىن تېپىۋېلىپ خوتەننىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنىغا ئاپىرىپ بەردى ۋە 29- كۈنى «ئۇنىڭ ئۆيىنى كىم بىلىدۇ؟» دەپ ماقالە يازدى. ئارقىدىنلا ئۈرۈمچى شىمىگو رايونلۇق خەلق ئىشلار ئىرادىسى ئۇنى داۋالىتىش ئۈچۈن خوتەن ئىش بېجىرىش ئورنىدىن ئۈرۈمچى شەھەرلىك دوستلۇق دوختۇرخانىسىغا يۆتكەپ كەتتى. 31- كۈنى شىنجاڭ گېزىتىدە مۇخبىر تۇرسۇنگۈلنىڭ «قىزچاق، سىز كىم؟ ئۆيىڭىز نەدە؟» ماۋزۇلۇق ماقالىسى ئېلان قىلىندى، قىزغا ۋاقتىنچە «ئىگە» بولىدىغان ئادەم چىقتى.

ئەسلىدە «گۇۋاڭجۇلۇق قىز» ئادىلەنى تۇرپانلىق نامەلۇم بىر ئايال گۇۋاڭجۇدىن ئۈرۈمچىگە بىللە ئالغاچ كېلىپ، شىمىن ساجچىخانىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىپلا كېتىپ قالغانىدى. نېمىشقىكىن ساقچىخانا خادىملىرى خوتەننىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئىش بېجىرىش ئورنىغا تېلېفون بېرىپ ئۇنى ئېلىپ كېتىشنى بۇيرۇدى. خوتەن ئىش بېجىرىش ئورنى بۇ تەساددىپىي بۇيرۇقنى ئىلىك ئالمىدى، شۇ تۈپەيلى بۇ ئىككى ئىدارە ئوتتۇرىسىدا دەتالامۇ كېلىپ چىقتى. ئاخىرى خوتەن ئىش بېجىرىش ئورنى مەسئۇلى «ئۈرۈمچى سەھەر گېزىتى» ئىدارىسىگە تېلېفون بېرىپ ئۇلاردىن يۇرتى، ئاتا-ئانىسى ۋە كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان بۇ قىزنى كېگىتكە يېزىشنى تەلەپ قىلدى شۇنداق قىلىپ، «ئۈرۈمچى سەھەر گېزىتى» مۇخبىرى كاڭ شىڭ بۇ قىزنى زىيارەت قىلىپ شىمىن ساقچىخانىسىغا كەلدى ۋە بۇ «گۇاڭجۇلۇق قىز» ھەققىدە خەۋەر يازغان تۇنجى مۇخبىر بولۇپ قالدى.

بۇ قزىنىڭ تويۇقسىز ئۈرۈمچىدە پەيدا بولۇپ قېلىشى مەندە بۇنىڭدىن 20 كۈن ئىلگىرى ماڭا گۇاڭجۇدىن تېلېفون بەرگەن قىز شۇ بولۇشى مۇمكىنمۇ يە؟! دېگەن گۇماننى پەيدا قىلدى. چۈنكى، گۇاڭجۇدىن ماڭا تېلېفون بېرىلگەن ھېلىقى كۈنى بىر تۇيغۇمدا ئۇ كوچىدىكى ئاممىۋى تېلېفون بوتكىسىدىن تېلېفون بېرىۋاتقاندەك، بىر تۇيغۇمدا ئۆزىگە قولايسىز بولغان ئەنسىز بىر مۇھىتتا سۆزلەۋاتقاندەك، بىر تۇيغۇمدا ئەتراپىدا ۋاراڭ-چۇرۇڭلار ياكى بىر كىچىك بوۋاقنىڭ يىغىسىدەك بىر ئاۋاز ئاڭلانغاندەك قىلاتتى. شۇڭا شۇنىڭدىن كېيىن مەندە قانداقتۇر ئۇ قىزغا بىرەر پىشكەللىك كېلىدىغاندەك، بىرسى زىيانكەشلىك قىلىپ قويىدىغاندەك خىيال پەيدا بولۇشقا باشلىغانىدى.

«گۇاڭجۇلۇق قىز» ئادىلەنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك دوستلۇق دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بېرىلىپ داۋالىتىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى گېزىتتىن كۆرگەندىن باشلاپ بۇ قىزنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەشكە باشلىدىم. ئۇنىڭ بەزى يەرلىرى ماڭا تېلېفون بەرگەن قىزنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشىسا، بەزى يەرلىرى ئوخشىمايتتى. زىددىيەتلىك ئىدى.

4-ئاينىڭ 7- كۈنى، يەنى گۇاڭجۇدىن تېلېفون كېلىپ ئۈچ ئاي بىر كۈن ئۆتكدە مەن خوتەن ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ مەسئۇلى يالقۇن ئەپەندى بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشىپ ئادىلەنىڭ ئەھۋالىنى بىر-بىرلەپ سورىدىم. ئەتىسى يەنى 8- كۈنى ئۇنىڭ ھاۋالىسى بىلەن «ئۈرۈمى يېغىۋاتقان قار، يامغۇر مەينەتچىلىككە قارىماي مېنى ئىزدەپ كەلدى، 9- كۈنى شىنجاڭ گېزىتىنىڭ مۇخبىرى تۇرسۇنگۈل كەلدى. يالقۇن ئەپەندىنىڭ، كاڭ شىڭنىڭ ۋە تۇرسۇنگۈلنىڭ ئەھۋال تونۇشتۇرۇشى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ بۇ قىزغا قانچىلىك ھېسداشلىق قىلغانلىقىنى بىلىپ، ئۇلرغا كۆپ رەھمەت ئېيتتىم. ئۇلارنىڭ ئەھۋال تونۇشتۇرۇشىچە، قزى يېڭى كەلگەندە ئۈستىۋېشىغا خېلى پۇزۇر كىيىنگەن بولۇپ، ئۇ كىيىملەر پۇزۇرلىقىغا قارىماي مەينەت ۋە بەتبەشىرە ئىدى، ئۇ ئەس-ھوشىنى پۈتۈنلەي يوققا، چوڭ-كىچىك تەرىتىنى تۇتالمايتتى. بەدەنلىرىدە جاراھەت ئىزلىرى كۆپ ئىدى. قانداقتۇر بىر نەرسىدىن قورقۇپ كەتكەندەك بولۇپ چۆچۈپلا تۇراتتى، تاغدىن-باغدىن سۆزلەيتتى. بەزىدە ئىسمىنى ئادىلە دېسە، بەزى ئابىدە دەيتتى.

مۇخبىر كاڭ شىڭ بىلەن تۇرسۇنگۈلنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ ئىگىلىشچە، بۇ قىز دەسلىپىدە ئۆز يۇرتىدىن چىقىپ ئۈرۈمچىگە كەلگەن ۋە بۇ يەردىكى خۇسۇسىيلار ئاچقان بىر ئۇسۇل مەكتىپىدە ئۇسۇل ئۆگەنگەن، ئاندىن كېيىن تۇرپانغا بارغان، ئاندىن كېيىن تۇرپانلىق xx نىڭ باشلىشى بىلەن نەنجىنگە بارغان، ئاندىن ئۇ يەردىن گۇاڭجۇغا بارغان.

— بۇ قىز بىلەن بىللە ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بارغان يەنە 13 نەپەر قىز بار، بۇلار جەمئىي 14 نەپەر قىز. ئۇلار نامدا ئويۇن قويغىلى بارغان، ئەمما ئويۇن قويمىغان،-دېدى مۇخبىر كاڭ شىڭ ئەھۋال تونۇشتۇرۇۋېتىپ،- ئۇ ئىچكىرىگە بېرىپ نېمە ئىش قىلغانلىقىنى زادى ئېيتمىدى، قانداقتۇر بىر نەرسىنى يوشۇرۇۋاتقاندەك قىلىدۇ...

مەن كاڭ شىڭنىڭ ئەھۋال تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلا ۋېتىپ بۇنىڭدىن 25 يىل ئىلگىرى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بىر ۋىلايەتتە ئۆزۈم تەكشۈرگەن ھېلىقى قىزلارنى ئالداپ سېتىش دېلوسىنىڭ داۋامىنى رازۋېدكا قىلىۋاتقاندەك بولدۇم...

رازۋېدكىمىز داۋام قىلماقتا، ئەسەر يېزىلماقتا...

مۇقەددەس قەبرە شەيخى يەنە پەيدا بولدى.

— نېمىشقا ئۇ قىز توغرىسىدا يازمايسەن ئوغلۇم،-دېدى ئۇ يەنە شۇ ئاۋۋالقى گۈلدۈرمامىدەك ئاۋازى بىلەن.

— يازدىم، شۇ تۈپەيلىدىن ئۇ مەن بىلەن تونۇشۇپ قالغان، مەنمۇ ئۇنىڭ بىلەن تونۇشۇپ قالغان.

— يېزىشىنىغۇ يازدىڭ، ئەمما تولۇق يازمىدىڭ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «ئالىم بول، ياكى تەربىيىلىگۈچى بول، ياكى ئىلىمنى ئاڭلىغۇچى بول، ياكى ئالىمنى دوست تۇتقۇچى بول، بەشىنچىسى بولۇپ قالما، يەنى نادان بولما، ھالاك بولىسەن،» دېگەنىدى. قولۇڭدىن كەلسە، ئىمكان يار بەرسە ئالىم بول، بۇ ئىش نېسىپ بولمىسا، ئوقۇغۇچى ياكى ئىلىم ئىزدىگۈچى بول، بۇنىڭغىمۇ مۇيەسسەر بولالمىساڭ، ئىلىم مەجلىسلىرىدە ئىلىم تەڭشىغۇچى بول، بۇنىڭغىمۇ يېتىشەلمىسەڭ، ئىلىمنى سۆيگۈچى بول. ئەمما ئىلىمنى دۈشمەن كۆرگۈچى بولما، چۈنكى، ھالاكلىق ئۇنىڭدىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە: «قەلەم دۇنيانىڭ ئىززىتى ۋە ئاخىرەتنىڭ شەرىپىدۇر» دېگەن. سەن تىلغا ئالغۇچىلىكى يارمۇ، يوق دېگەنلەر ئۈستىدە ئويلىشىپ ئولتۇرماي، ئەقلىڭ بىلەن تەپەككۇر قىلىپ ھەرقانداق ۋەقەنى چىنلىقى بىلەن ياز! چۈنكى، سېنىڭ ۋەزىپەڭ خان، پادىشاھلارغا ھەمدۇ سانا ئوقۇپ، ئۇلارنىڭ يامان قىلىقلىرىنى يېپىش ئەمەس، بەلكى بولغان ۋەقەلەرنىڭ ھەممىسىنى تارىخ قىلىپ يېزىپ ئۇنى كېيىنكىلەرگە قالدۇرۇشتۇر. شۇنداق قىلالىساڭ، تارىخ ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ مەيلى قانداق ئېسىل ياكى پەس كىشى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، سېنىڭ ئۈگۈت-نەسىھەتلىرىڭدىن مەنپەئەت ئېلىپ، گۈزەل ئەخلاق بىلەن يامان قىلىقنىڭ نېمىلىكىنى بايقىۋالالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە ھەرقايسى پادىشاھ، خان ئوردىلىرىنىڭ جاھانغا ئايان بولغان ئەلنى باشقۇرۇش ئۇسۇللىرىنى ئەينەك قىلىپ ئۆزىنى ئىدارە قىلالايدۇ. ئىنسانلارنى ياخشى ئىش قىلىشقا ئۈندەپ يامان قىلىقتىن تەزدۈرەلەيدۇ.

سەن ئىنسانلارنىڭ ھەقىقىي دوستى، ئۇلارنىڭ دائىم سەن بىلەن سۆھبەت قۇرغىسى كېلىدۇ، بىراق سەن ئۇنىڭدىن بىخەۋەر پىنھان يۈرىسەن. ياز! ياز! يازغىن ئوغلۇم! يازغانلىرىڭدىن ياخشىلارنىڭ كۆڭلى سۆيۈنۈپ، يامانلارنىڭ تىلى تۇتۇلسۇن! چۈنكى، سېنىڭ يولۇڭ توغرا يول!!

مەنبە: تەكلىماكان ئۇيغۇر تورى
 

سەن ئەتتىگەندە كەچنىڭ، كەچتە ئەتىنىڭ غىمىنى يىمە!
ئەتە نىمە بولىشىڭنى بىلمەيسەن.
سەن ئۆتكەن كۈننىڭ غىمىنى يە!
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7233
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 6
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە6دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 80 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-21
ئاخىرقى: 2011-06-20

تەربىيىۋى ئەھمىيىتى زور تېمىلارنى يوللاۋاتىسىز، قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن!!!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7487
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 160
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە160دانە
ئۆسۈش: 180 %
مۇنبەر پۇلى: 1812 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-20
ئاخىرقى: 2011-09-25
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-20 21:26

تەربىيىۋى ئەھمىيىتى زور تېمىلارنى يوللاۋاتىسىز، قولىڭىزغا دەرت
ayding kiqa uqur markizi
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7494
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 58
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە58دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 630 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-21
ئاخىرقى: 2011-12-10
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-22 07:53

تەربىيىۋى ئەھمىيىتى ناھايىتى چوڭقۇر ئىكەن .
ئايدىڭ كېچە توي- فىلىم ئىشلەش مەركىزى