باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 681 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: مەختۇمسۇلا ھەققىدە يېڭى ھىكايە
ئەي قىز،گۈزەللىك ئىزلەپ گۈزەللىكىڭنى يوقاتما!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 155
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 176
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە176دانە
ئۆسۈش: 420 %
مۇنبەر پۇلى: 1434 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-04
ئاخىرقى: 2011-09-13
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-19 22:29

مەختۇمسۇلا ھەققىدە يېڭى ھىكايە

ئەسكەرتىش: بۇ يازما general تەرىپىدىن پەندى نەسھەت بۇ رايونغا يۆتكەلدى(2011-05-20)
مەختۇمسۇلا ھەققىدە يېڭى ھىكايە

ئەلقىسسە،چىن تۆمۈر باتۇر سىڭلىسى مەختۇمسۇلانىڭ ئالمىسىنى كۆزىگە بىرلا سۈرتۈپتىكەن كۆزى ئېچىلىپتۇ ،ئاكا-سىڭىل ئىككىسى شۇندىن باشلاپ خاتىرجەم ، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈپتۇ....كۈن ئۆتۈپتۇ،ئاي ئۆتۈپتۇ،تالاي يىللار ئۆتۈپتۇ... بىر كۈنى چىن تۆمۈر باتۇر سىڭلىسى مەختۇمسۇلاغا شۇنداق دەپتۇ:
_سىڭلىم،مەن بۈگۈن ئوۋغا چىقىشنى ئويلاشتىم..مەن ئوۋدىن كەلگۈچە مۈشۈكنى پەش دىمەڭ، ئۆگزىگە چىقماڭ -دەپ جىكىلەپتۇ..
مەختۇمسۇلا ئاكىسىغا ئاق يول تىلەپ ئۇزۇتۇپ قالغاندىن كېيىن،خېلى كۈنگىچە ئاكىسىنىڭ سۆزىنى ئېسىدە ساقلاپ ئۆگزىگە چىقماپتۇ. بىر كۈنى ،ئاكىسىنىڭ يولىغا تەقەززا بولغان مەختۇمسۇلا ئۆگزىگە چىقىپ ئاكىسى كەتكەن تەرەپكە شۇنداق قاراپ ھەيرەتتە قاپتۇ._نىمىدۇ ئۇئىگىز،ئىگىز پەلەككە تۇتاشقان نەرسە.
مەختۇمسۇلا قىزىقىش ئىچىدە ئۆگزىدىن چۈشۈپ،شۇ غەلىتە نەرسە كۈرۈنگەن تەرەپكە يول ئاپتۇ...خېلى ئۇزۇن ماڭغاندىن كېيىن ئاجايىپ بىر شەھەرگە كېلىپ قاپتۇ..ئاسمانپەلەك ئىمارەتلەر، غۇيۇلداپ ئۆتۈشۈپ تۇرغان ماشىنىلار مەختۇمسۇلانى ھەيرەتتە قالدۇرۇپتۇ.دۇنياغا تۆرىلىپ بۇنداق نەرسىلەرنى كۆرۈپ باقمىغان مەختۇمسۇلائۆزىنى ئۇنتىغان ھالدا پۇتى سۆرىگەن تەرەپكە مېڭىۋېرىپتۇ...توۋا دەپتۇ ،مەيدە،يوتىلرىنى ئاران ياپقان كىيىملەرنى كىيگەن قىز-چوكانلارنى كۆرگەن مەختۇمسۇلا .
_ئاكام ئورمانلىقنىڭ ئىچكىرىسىدە يوپۇرماقلار بىلەن يۆگىنىپ،يېرىم يالىڭاچ يۇرىدىغان،ئادەم گۆشى يەيدىغان ياۋايى قەبىلە توغرىلىق ھىكايە سۆزلەپ بېرىدىغان ،بۇلار شۇلارمىدۇ؟ئەمما ئۇلاريېرىم يالىڭاچ بولغان بىلەن يوپۇرماق ئىشلەتمەپتۇ. چاچلىرىمۇ غەلىتە،بەزىسىنىڭ قارا،بەزىسىنىڭ سېرىق. بەزىلىرىنىڭ چېچىدا يەتتە خىل رەڭنىڭ ھەممىسى بار.
مەختۇمسۇلا ھەممە نەرسىگە قىزىقىش،ھەيرانلىق، تۆۋە قىلىش ئىچىدە قاراپتۇ، بىر چاغدا قارىسا ئالدىدا نۇرغۇن كىشىلەر توپلىشىپ نىمىگىدۇ بىر نەرسىگە قىزىقىپ قاراپ تۇرغىدەك . مەختۇمسۇلامۇ مەدداھلار جەڭ نامە سۆزلىۋاتقان بولسا كېرەك دەپ ئاڭلاش ئىستىگىدە توپ ئىچىگە قىستىلىپ كىرىپتۇيۇ ،كۆزلىرىگە ئىشەنمەي قاپتۇ..بىر يىگىت چىرايلىق ،كۆزلىرىدىن ھايا ،ئەخلاق تۆكۈلۈپ تۇرغان بىر قىزنى ئۇرۇپ-تىللىغۇچە سۆرەپ ماڭغۇدەك،قىز ئەتراپقا ئۈمۈت ئىلتىجا ئىچىدە ياردەم تىلىۋاتقۇدەك،ئۇنىڭ < ئەركەك بارمۇ؟مېنى بۇ نائەھلىنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلدۇرىۋېلىڭلار> دىگەن نىداسى يۈرەكنى لەرزىگە سالسىمۇ ئەمما ئەتراپتا ئولىشىپ تۇرغان شۇنچە بىجىرىم ئەرلەر خۇددى قىززىق سېرىك نومۇرىنى كۆرىۋاتقاندەك ئىپادىسىز تۇرغىدەك.. ئاھ خۇدا ..دەپتۇ مەختۇمسۇلا شۇ تاپتا ئاكام بولغان بولسا ...تۇيۇقسىز توپ ئىچىدىن قولۇڭنى تارت دىگەن شىردەك ھۈكۈرگەن ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ.چىرايىدىن ئاكىسىغا ئوخشاش جاسارەت چىقىپ تۇرغان تەمبەل بىر ئارسلان يىگىت توپ ئىچىدىن سەكرەپ چىقىپ، ھىلىقى نائەھلىنىڭ قولىدىن قىزنى قۇتۇلدۇرۋاپتۇ...< پاھ .كارامەت ئىش بولدى_> دەپ ئويلاپتۇ مەختۇمسۇلا.- بىزدە جەسۇرلۇق ، مەردانىلىق تۈگەپ كەتمەپتۇ_، مەختۇمسۇلا ئۇ يىگىتكە ئاللادىن نۇسرەت تىلەپ توپتىن ئايرىلىپتۇ. .....لېكىن ئۇ ياخشى -يامان، رەزىللىق بىلەن ھەققانىيەت، ئاقكۆڭۈللۈك بىلەن قارانىيەت گىرەلىشىپ كەتكەن بۇ جەمىيەتتە ئۇ قاباھەتنىڭ ئۆزىگە يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى تۇيماپتۇ.
-سىڭلىم،
مەختۇمسۇلا كەينىگە قاراپ يېىندا مۇلايىم چىراي بىر ئايالنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپتۇ.
_سىز باشقا شەھەردىن كەلگەن ئوخشىمامسىز؟يالغۇز كەلدىڭىزمۇ؟ بۇ يەردە بىرە ئورۇق-تۇققىنىڭىز يوقمۇ؟
مەختۇمسۇلا بۇ چوكاننىڭ كەينى-كەينىدىن سورىغان سوئاللىرىغا نىمە دەپ جاۋاپ بېرىشنى بىلمەي تېڭىرقاپ قاپتۇ،چۈنكى ئۇ ئاكىسىدىن باشقا كىشى بىلەن پاراڭلىشىپ باقمىغىنىغا تالاي يىللار بولغان ئىدى.
-ئۇنداقتا ئۆيدىن قېچىپ چىقىپسىزدە،بارار جايىڭىز يوق ئوخشىمامدۇ.
مەختۇمسۇلا ئۈن سۈرمەپتۇ،ئۆزىنىڭ ئاكىسىنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي ئۆيدىن ئايرىلغىنىنى بۇ چوكاننىڭ قانداق بىلىپ قالغانلىقى مەختۇمسۇلانى تېخىمۇ ھەيران قاپتۇ.
-يۈرۈڭ سىڭلىم،خالىسىڭىز مېنىڭ ئۆيۈمدە بىر نەچچە كۈن تۇرۇڭ،قالغان ئىشلارنى كېيىنچە دىيىشەرمىز.
مەختۇمسۇلا بۇ ناتۇنۇش شەھەردە بىرە كۈن تۇرۇپ،ئاكىسى كەلگىچە ئورمانلىققا قايتىپ كېتىش ئۈچۈن رايىشلىق بىلەن ئۇنىڭ كەينىدىن مېڭىپتۇ.ئازراق ماڭغاندىن كېيىن ناتۇنۇش چوكان مەختۇمسۇلانى رەڭگا-رەڭ چىراقلار چاقناپ تۇرغان،بىر-بىرىگە ئېسىلىشىپ،ئەسەبىلەرچە توۋلىشىۋاتقان ياشلار بىلەن تولغان قانداقتۇ غەلىتە بىر جايغا باشلاپ كەپتۇ.
قاراڭغۇ ئىسلاشقان ئورۇندۇقلاردا قەدەھ سوقۇشتۇرۇۋاتقان قىز-ئوغۇللار،دۇنيانى ئۇنتۇپ پىقىراۋاتقان ئالاماننى كۆرۈپ چۆچىگەن مەختۇمسۇلابۇ يەردىن چىقىپ كەتمەكچى بولۇپ مېڭىشىغا بايىقى چوكان يولىنى توساپتۇ.
-نەگە خېنىم؟-ئۇنىڭ بايىقى مۇلايىملىقىدىن ئەسەرمۇ يوق ئىكەن.
-ئۆيۈمگە كېتىمەن.
-بايا تېخى ئۆيۈم يوق دىگەن ئىدىلىغۇ؟
-مەن ،مەن ئۇنداق دىمىدىم.بۇ يەر بەك غەلىتە ئىكەن .خۇددى جىنخانىدەكلا ..
-ھا،ھا،ھا...بۇ يەرگە سىزنى بىر كىم باغلاپ ئەكەلمىدى ،ئۆزلىرى خالاپ كەللە..ئۇنداق ئاسان ئىش يوق.
مەختۇمسۇلا ئۇنىڭ سۆزىگە پىسەنت قىلماي چىقىپ كەتمەكچى بولۇپتۇ.ئايال ئىشارەت قىلغان ئىكەن قاياقدىندۇ ئىككى ئەر پەيدا بولۇپ مەختۇمسۇلاغا ئېتىلىپ .ئۇنىڭ تالاي ئەسىرلەردىن بۇيان سالماي كىيگەن كۆينىگىنى سالدۇرۇپ ،تالاي شاھزادىلەرنى كۆيدۈرۈپ تاشلىغان سۇمبۇل چاچلىرىنى كەسمەكچى بولۇشۇپتۇ.
-ئىپلاس ،نائەھلىلەر.
مەختۇمسۇلا دەر-غەزەپكە كەپتۇ.
يەتتە باشلىق يالماۋۇز -ئىنسان بولمىسىمۇ ئۇنىڭ ئېتىقادىغا ھۆرمەت قىلغان ئىدى.قالماق شاھزادىسى يات دىندا بولسىمۇ ئۇنىڭغا پاك مۇھەببىتىنى بەرگەن ئىدى،مەختۇمسۇلا ئۆز قەۋمىدىن،دىنىدىن،بىر تىلدىن بولغان بۇ كىشىلەرنىڭ ئادىمىيلىككە ياد ھالدا قىلىۋاتقان پەسكەشلىكىگەلەنەت ئوقۇپتۇ.پۈتۈن جان-جەھلى بىلەن قارشىلىق قىلىپ ئېتىقادى،غورۇرىنى ساقلاپ قالماقچى بولۇپتۇ.قىزنىڭ ۋۇجۇدىدىكى غەزەپ-نەپرەت،كۈچ-قۇدرەتتى چۆچىگەن بۇ بىر توپ مەلئۇن كەينىگە داجىپتۇ..مەختۇمسۇلانىڭ كۆزىدىن ئوت يېنىپتۇ..ئۇ تۆت ئەتراپتىن قاپساپ كېلىۋاتقان چىل بۆرىلەرگە پاكلىقىنى،چىن ئېتىقادىنى تارتقۇزۇپ قويماسلىق ئۈچۈن دېرىزىدىن سىرتقا ئۆزىنى ئېتىپتۇ،چۈنكى ئۆلۈملا ئۇنىڭ ئۈچۈن بىردىن بىر پاكلىق يولى ئىدى
.....

مەنبە:قىلىمىم
ۋەتەن دەپ توۋلىدىڭ ئىمانىڭ قېنى ؟
قەلەملەر تەۋرەتتىڭ ، ۋىجدانىڭ قېنى ؟
تاڭلارنىڭ ئىشقىدا گۈلخانمەن دېدىڭ،
كۆڭلۈڭ ئاسمىنىدا چولپانىڭ قېنى ؟

ئابدۇقادىر جالالىدىن
ئۆلۈم مۆئمىنلەر ئۈچۈن يىتەرلىك ۋەز-نەسىھەتتۇر.
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6385
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 215
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە215دانە
ئۆسۈش: 870 %
مۇنبەر پۇلى: 2773 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-04
ئاخىرقى: 2011-12-21

                                                                               چىن تۆمۈر باتۇر ئۆيىدە بارمۇ؟
                                                                               كاپ-كاپ كۈچۈكى يېنىدا بارمۇ؟
                                                                               .............................................
                                                                               ............................................
       بۇ ھېكايە ھەققەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ،ھازىرقى دەۋىردىكى يالماۋۇزلار ئۇنىڭدىن ئېشىپ چۈشۇپتۇ،ئۇ يالماۋۇز ئۇچۇن ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلالىغان بۇلسا،ئەمدى شۇ يالماۋۇز كىشلىرىمىز تەرىپىدىن دىنىنى،ئەخلاقىنى ،نۇمۇسىنى ئەركىنلىكتىنمۇ مۇھىم ئۇرۇنغا قۇيۇپتۇ.مۇشۇنداق ياخشى تېمىنى ھېچكىم ئۇقۇمىغان چېغى....ھەققەتەن ھازىېقى زاماندىكى تەسۋىرلەش كۈچى ھەققەتەن ياخشى ئېلىپ بېرىلىپتۇ.اللە ئەجرىڭىزنى بەرسۇن....
كۇز بەزىدە سوزلەيدۇ،ئېغىز سۇزلىيھلمىگەن چىنلىكنى،ئەمما يىتەلمەيدۇ يۇرەكتىكى چىنلىققا.
دوستلىشىش
salamgulja
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1838
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 203
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە203دانە
ئۆسۈش: 150 %
مۇنبەر پۇلى: 2182 سوم
تۆھپىسى: 4 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-12
ئاخىرقى: 2012-01-06
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-20 20:02

مۇشۇ ئەجدادلىرىمنىڭ ئسمىنى ئىغىزىمغا ئىلىشنمۇ قورقۇپ قالدىم،باشقا مىللەتلەر ئاڭلاپلا قالسا ئۆزىنىڭكى قىلىۋالىدىكەن!تۇمارىسنى نەدىن ئاڭلاپ قالدىكى تاغدىكى پادىچىلار بىزنىڭ دەۋاپتۇ.ئەمدى چىن تۆمۇر باتۇرنىمۇ،مەختۇم سۇلانىمۇ.......ئويلىمايچۇ تىنىمنى تىتىرەك بىسىۋاتىدۇ!!!