جۆيلۈش
بىر توغراق،
ياش تۆكىدۇ تەكلىماكاندا،
قاغجىرىغان،ئەمما
ئىرادىلىك يۈرىكى
ئۈسەر توغراق غولىغا،
تىپىچەكلەپ يېڭى ئارماندا.
بىر قاغا،
قونالغۇ قىلماقچى بولۇپ،
كېلىپ قوندى توغراققا.
ئاچچىقىدا سىلكىدى بوران،
توغراق مەزمۇت شېخى لىڭشىدى،
ئىڭراپ كەتتى قاغا بىردىنلا،
سۇندى قۇرام تۇغراق شاخلىرى.
بىر يانتاق،
ئۈنۈپ چىقتى توغراق يېنىغا،
سىلكىنىدۇ سەلكىن شامالدا،
تىكىنىنى سانجىپ توغراققا،
ئۇنىڭ سۈيى توغراقتىن كېلەر،
يۇيىنىدۇ توغراق يېشىدا،
كۈلەر تەشتەك گۈلىگە قاراپ،
ياشار قۇرۇق توغراق بويىدا.
2010-يىلى.
بىز مۇشۇنداق
<<ئىڭە>>دەپ تۇغۇلغان شۇ چاغدىن باشلاپ،
ئامال يوق ئۆلۈمگە قەدەم تاشلايمىز.
قاقاھلاپ كۈلسەكمۇ بەزىدە دوستلار،
بەزىدە مىشىلداپ كۆزنى ياشلايمىز.
بەزىدە ئىشىمىز بولار ئوڭۇشلۇق،
بەزىدە ئولتۇرۇپ باشنى قاشلايمىز.
تاللانسا سەھنىگە قۇم سانىغانلار،
بىز نادان ئادەملەر شېغىل تاسقايمىز.
بولغاچقا،ئاتالمىش،غۇرۇرى كۈچلۈك،
ئازراقلا ئىشلارغا چوڭنى سەنلەيمىز.
يوتقانغا قارىماي سۇنىمىز پۇتنى،
كىچىكنى ياراتماي،چوڭنى چەنلەيمىز.
تەسەللىي ئىزدەيمىز<<خام سۈت ئەمگەن>>دەپ،
خاتا يوللاردىن زادى يانمايمىز.
<<نەزىرىمىز ئۈستۈندۇر،نەرخىمىز ھەم پەس>>،
ئاتىمىز ياتقاندا زادى ياتمايمىز.
ئاپتۇر:تاش
2009-يىلى ئاتۇش شەھىرىدە يېزىلدى.
گېنېرالنىڭ ئىزاھاتى: ئىككى شېئىرىڭىزنى بىرلەشتۈرۈپ قويدۇم.[ بۇ يازمىنىgeneral 2011-05-19 17:55قايتا تەھرىرلىدى ]