باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1422 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: مۇھەببىتىمگە يازغان ئاخىرقى خەت
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7416
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە2دانە
ئۆسۈش: 120 %
مۇنبەر پۇلى: 120 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-16
ئاخىرقى: 2011-05-16
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-16 11:43

مۇھەببىتىمگە يازغان ئاخىرقى خەت

مۇھەببىتىمگە يازغان ئاخىرقى خەت

             
   <<ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،نۇربىيە،
         ياخشىمۇسىز،قانداق ياخشى تۇرۋاتقانسىز؟ئۈيىڭىزدىكىلەرمۇ تىنىچلىقتۇ؟يارىڭىز ساقايدىمۇ؟ تىنىڭىزنىڭ سالامەتلىگى ئەسلىگە كىلۋاتقاندۇ؟دادىڭىز،ئاكىڭىز يەنە سىزگە ئاشۇنداق زەردە سۆزلەر بىلەن گەپ قىلامدۇ؟بەلكى ئۇلار سىزنىڭ مۇشۇ ئەھۋالىڭىزنى بىلگەندىن كىيىن،سىزگە ئۇنچە ئازاپ سالمىغاندۇ دەپ ئويلايمەن.سىزنىڭ يارىڭىزنىڭ تىزراق ساقىيشى مېنىڭ ئەڭ ئەنسىرىگەن ئىشىم بۇلۇپ قالدى.ئاللاھ  ھەر ئىككىيلەنگە شىپالىق بەرسۇن،سىزنىڭ تىزراق ساقىيىپ كىتىشىڭىزنى ئۇلۇغ ئاللاھتىن تىلەيمەن،ئامىن!!!
          بۈگۈن ئانامدىن سىزنىڭ ئانىڭىزنىڭ(ئەسلى قېيىن ئانام دىمەكچى ئىدىم،بىراق تەقدىر بىزنى قوشماپتۇ،شۇڭا توغرا چۈشىنەرسىز.) مېنى يوقلاپ دوختۇرخانىغا كەلگىنى ئاڭلىدىم،ئانىڭىزنى دوختۇرلار ئايرىش بۈلىمىگە كىرگۈزمەپتۇ. ئانىڭىزنىڭ كىلىشى مېنى يەنە سىزنى ئەسكە سالدى،شۇڭا مەن مۇشۇ كىسەل كارۋىتىدا جان تالىشىپ تۇرۇپ،بۇ خەتنى يېزىۋاتىمەن.بۇ بەلكى مېنىڭ سىزگە يازغان ئاخىرقى خېتىم بۇلۇپ قېلىشى مۈمكىن.ئانىڭىز مېنى دەرىزە سىرتىدا تۇرۇپ كۈرۈپ،ساقىيىشىمنى تىلەپ دۇئا قىلىپتۇ.مەن سىزنىڭ يىغلاپ يۈرۈپ ئانىڭىزنى بۇ يەرگە ئەۋەتكىنىڭىزنى بىلىمەن،دادىڭىزنىڭ مەيلىچە بولسا مېنى كۆرەرگە كۈرى يوق.شۇنداقتىمۇ ئانىڭىزنىڭ مېنى يوقلاپ كىلىشى بۇ ئائىلىڭىزدىكلەرنىڭ مېنى كەچۈرگەنلىكىدىن بۇلىشى مۈمكىن دەپ ئويلىدىم،دېمىسىمۇ بۇرۇن ئائىلەڭلىدىكىلەر بىزنىڭ ئىشىمىزنى ئوقمىغاچقا،ئانچە گەپ-سۆز قىلمىغان بىلەن،كىيىنچە مەھەللىڭىزدىكى پىتنىغور غەيۋەتغورلارنىڭ قۇتىرتىشى بولمىغان بولسا،دادىڭىز سىزنى خورلىمىغان،سىز ئۆيدىن قېچىپ چىقمىغان،بىز بىللە قاچمىغان،بىزمۇ بۇنداق بالا-قازاغا دۇچار بولمىغان بۇلاتتۇق.......بۇمۇ بەلكى ئاللاھنىڭ بىزگە قىلغان بىر ئېغىر چاقچىقىدۇ.....قەدىرلىك نۇربىيە،سىنىڭ ئائىلەڭدىكىلەر سېنى ھەقىقەتەنمۇ بەكلا ياخشى كۈردىكەن.قىزنىڭ ئىپپەت-نۇمۇسى ئاتا بولغۇچىنىڭ يۈزى،ئائىلىنىڭ ئىناۋىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىشتۇر.....ئەگەردە ئاللاھ بىزگە بىرگە بۇلۇشنى نىسىپ قىلغان بولسا چۇقۇم سېنى ئاتاڭنىڭ ئالدىدىن نىكاھ بىلەن ياندۇرۇپ ئېلىپ كەلگەن بۇلاتتىم....ئەپسۇس بۇ بەخىت ماڭا نىسىپ بولمىغان ئوخشايدۇ.
           قەدىرلىك نۇربىيە،ئاتاڭنىڭ قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى بىلسەڭ سەن ئۈچۈن قىلىنغان ئىكەن.بىز تېغى ساددا بۇنى تۇلۇق چۈشەنمەپتۇق.... ئاتاڭ ھەرگىزمۇ ساڭا يامان بولسۇن دىمەيدۇ،دىمەك ئائىلەڭ سېنى سۈيىدىكەن،ئەلۋەتتە مەنمۇ سېنى چىن دىلىمدىن سۈيىمەن،بۇنىڭغا ئۇلۇغ ئاللاھ گۇۋاھتۇر.مەن بۇتۆت ئايدىن بېرى( بەش ئاي ھۇشسىز يېتىپ،ھۇشۇمغا كەلگەندىن بېرى دىمەكچىمەن.)بۇ سېنىڭ خەۋرىڭنى تۇنجى قېتىم ئاڭلىشىم بولغاچقا ناھايتى خۇشال بولدۇم ۋە ناھايتى ئەپسۇسلاندىم.خۇشال قىلغان ئىش شۇكى،سېنىڭ ۋەقە يۈز بىرىپ بەش ئايدا تامامەن ماڭالىغۇدەك بولغانلىقىڭ بولدى،بۇ مېنىڭ ھاياتقا بولغان ئىشەنچىمنى تېخىمۇ ئاشۇردى.بىراق ئانامنىڭ ئاغزىدىن سېنىڭ تۇيۇڭنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا بۇلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ،كۆزلىرىمگە ياش تولدى،ھازىر بولسا ئۆمىلەپ بولسىمۇ بېرىپ،ئاتاڭغا،ئاناڭغا،ئاكىللىرىڭغا يالۋۇراي دىگەن ئىدىم.بىراق بۇنىڭغا ئىمكانىيەت بولمىدى.مېنى كەچۈرشىڭنى تىلەيمەن،ھەم بۇنىڭغا مېنىڭ ماغدۇرۇممۇ يەتمەيدۇ....ھازىر سېنىڭ بەخىتلىك بۇلىشىڭنى ئۇلۇغ ئاللاھتىن تىلەيمەن.سېنىڭ توي خەۋرىڭنى ئاڭلاپ ناھايتى ئەپسۇسلاندىم،بىراق ئامال يوق.ئۇلۇغ ئاللاھتىن سېنىڭ بەختىڭنى تىلەيمەن.....            
         مەن بۇ بىر نەچچە كۈندىن بېرى سېنىڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن كۈنۈمنى دائىما ئويلايدىغان بۇلۇپ قالدىم.بىز مۇھەببەتلىشىپ يۈرگەن كۈنلەر ھەقىقەتەن شىرىن كۈنلەر ئىدى.ئەمدى شۇ كۈنلەر مېنىڭ ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىدىكى ئەڭ گۈزەل خاتىرلەردىن بۇلۇپ قالدى.مەن مۇشۇ ياتقان پېتى مەڭگۈ يېتىپ قېلىشىم ياكى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆلۈپ كىتىشىم مۈمكىن،بىراق مېنىڭ ئۆلۈم ئالدىدا سېنى بىر كۆرۈش ئارزۇيۇم بار،بۇنىڭغا نىسىپ بۇلالامدىم-يوق بىلمەيمەن.بىر تۇرۇپ ئويلاپ قالدىم،ئاتاڭنىڭ ئويلىغىنىمۇ بىر جەھەتتىن ياخشىكەن.سەندەك ئون گۈلىنىڭ بىرىمۇ تۇزىمىغان قىزنىڭ مەندەك مېيىپ ئۈچۈن خازان بۇلىشى بۇ بەكمۇ ئېچىنىشلىق بىر پاجىئەدۇر.....بەلكىم بۇ خەتلەرنى كۈرۈپ مېنى يات كۈرۈپتۇ دىيىشىڭ مۈمكىن،راست،بىز بۇرۇن ئاشىق-مەشۇق ئىدۇق،تاپقىنىمىزنى ئاياشمايتۇق،خۇددى تاھىر-زۆھرە،لەيلى-مەجنۇن،پەرھات-شىرىندەك مەڭگۈلۈك ئاشىقلاردىن بۇلىشنى تىلەيتۇق.....ئۇلۇغ ئاللاھ بىزنى بۇ دۇنيادا ئاشىق-مەشۇق قىلىپتۇ،خۇدا بۇيرىسا ئۇ ئالەمدە نىكاھىمىزنىڭ قۇشۇلىشىغا نىسىپ قىلغاي.شۇنداقتىمۇ بىزنى تەقدىر مۇشۇنداق رەھىمسىزلەرچە ئايرىغان بولسىمۇ،بىر-بىرىمىزگە سالغان ئوتلۇق مۇھەببىتىمىز تېخى ئۆچكىنى يوق،شۇنداقتىمۇ سېنىڭ مەندەك تۆت كۈنلۈكى قالغان بىر مېيىپ ئۈچۈن،ياشلىق باھارىڭنى،ھاياتىڭنى نابۇت قىلىشىڭنى خالىمايمەن.
         سەن ئەمدى يېڭى بىر ھاياتقا قەدەم تاشلايسەن.توي دىمەك___ بۇ بەخىتنىڭ ئالتۇن دەرۋازىسى دىمەكلىكتۇر.سەن بۇ بەخىتنى قەدىرلە،تۇرمۇشنى قەدىرلە،يولدىشىڭنى قەدىرلە،تويدىن كىيىن يولدىشىڭغا سادىق بولغىن،مەن ئۆلسەممۇ سېنىڭ يولدىشىڭنىڭ باغرىغا باش قويغىنىڭنى كۈرۈپ ياتاي.بۇ مېنىڭ سەندىن كۈتىدىغان ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم.سەن شۇ يېڭى ھاياتلىق يولۇڭدا يولدىشىڭنىڭ سۆزىنى ئۆزۈڭنىڭ نىشانەڭ قىلىپ،ئۇنىڭ گىپىدىن چىقمىساڭ بەخىت ساڭا كۈلۈپ باقىدۇ.سەن تۇيۇڭدىن كىيىن مېنى،مەن بىلەن ئۆتكۈزگەن كۈنلىرىڭنى ئۇنتۇلۇپ كەت.چۈنكى مەن ھامان بۇ دۇنيادىن ماڭغان ئادەم،مېنى ئەسلىشىڭنىمۇ خالىمايمەن.مېنى ئەسلەپ ئۆزۈڭنى،تۇرمۇشىڭنى،يولدىشىڭنى قىينىشىڭنى خالىمايمەن.مەندەك بىر بىتاپ كىشىنىڭ سېنىڭ ئەسلىشىڭگە ئەرزىمەيمەن......ھە راسىت،سەن توي بولغان كۈنى ماڭا بىر تال باغاق ئەۋەتكىن.شۇ بىرتال باغاق ماڭا قالدۇرغان ئەڭ ياخشى سوۋغاڭ بولۇپ قالغۇسى.........مەن ساڭا بىر كۇپلىت شېئىر قالدۇراي،بۇ مېنىڭ سېنىڭ تۇيۇڭغا قىلغان سوۋغام بولسۇن.

                                             مۈمكىن ئەمەسكەن بىر ئۈمۈر كۈلۈش
                                             مۈمكىنغۇ ۋە لىكىن بىر ئۈمۈر سۈيۈش
                                             ئاشىقلار قالمامدۇ ھەسرەتتە__ داغدا
                                             بولمىسا دۇنيادا سۈيۈش__سۈيۈلۈش

             ئاخىردا سېنىڭ تىنىڭنىڭ مەڭگۈ سالامەت،ئىشلىرىڭنىڭ مەڭگۈ ئۇتۇقلۇق،تۇرمۇشۇڭنىڭ بەخىتلىك،تۇيۇڭنىڭ ھەشەمەتلىك،يولدىشىڭ بىلەن مەڭگۈ كۈلۈپ بەخىتلىك ياشىشىڭلارنى تىلەيمەن.مېنى ئۇنتۇلۇپ كەتكىن،شۇندىلا تۇرمىشىڭ بەخىتلىك ئۈتىدۇ.......   كىسەل كارۋىتىدا يېتىپ يازغان بۇ خەتلىرىمنىڭ كۆپۈنچىسىنى بەلكىم ئۇقىيالماسلىقىڭ مۈمكىن،شۇنداقتىمۇ بۇمېنىڭ ساڭا يازغان ئەڭ ئاخىرقى خېتىم بۇلۇپ قېلىشى مۈمكىن.شۇڭا قىينالساممۇ يازدىم.مازاق قىلماي ئۇقىشىڭنى ۋە مەن بايا دىگەندەك مەڭگۈ بەخىتلىك ئۈتىشىڭنى تىلەيمەن.   خەيىر-خوش،ئامان بولغىن.
     
                                                             ئۈلۈم ئالدىدىكى دوستۇڭ:ئەلىدىن>>

______________________ ھەقىقەت____________________________
يوللىغۇچى:ھەقىقەت                         مەنبە:ئۆز ئىجادىيتىم
ھەقىقەت مەڭگۈ پارلايدۇ..
كۆرەش ياشىسۇن !!! ....
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6307
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 121
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە121دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 1280 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-02-28
ئاخىرقى: 2011-12-03

بۇ راسىتما .....؟       
ئىزىڭدىن تىكەن ئۈنسە  ئەجدادىڭنىڭ  پۇتى يارا !!!..........
دوستلىشىش
samanyoli
شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇكى،،،،،،،،،،،،،،
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5487
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1453
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1453دانە
ئۆسۈش: 7020 %
مۇنبەر پۇلى: 19499 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-05
ئاخىرقى: 2012-01-08
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-16 21:48

ھا،،،ھا،ھا،،،ما باللانى ،،،،،بىر دەم سىز دەپ بىر دەم سەن دەپ يېزىۋېتىپسىلەرغۇ ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،تېخى ما گەپلەرنى،،،،،،،،،،،،،خورلىمىغان،سىز ئۆيدىن قېچىپ چىقمىغان،بىز بىللە قاچمىغان،بىزمۇ بۇنداق بالا-قازاغا دۇچار بولمىغان  ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،
قاچقان بىر بۇزۇقنى ئالغىلى تۇرغان قانداق لاتا نىمىدۇ ئۇ،،،،   
ھەر بىر قىيىنچىلىقنىڭ كەينىدە بىر ئاسانچىلىق  بار
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2851
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 509
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە509دانە
ئۆسۈش: 120 %
مۇنبەر پۇلى: 5337 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-10
ئاخىرقى: 2011-10-20
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-17 13:48

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى samanyoli نىڭ 2011-05-16 21:48 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
ھا،،،ھا،ھا،،،ما باللانى ،،،،،بىر دەم سىز دەپ بىر دەم سەن دەپ يېزىۋېتىپسىلەرغۇ ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،تېخى ما گەپلەرنى،،،،،،،،،،،،،خورلىمىغان،سىز ئۆيدىن قېچىپ چىقمىغان،بىز بىللە قاچمىغان،بىزمۇ بۇنداق بالا-قازاغا دۇچار بولمىغان  ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،
قاچقان بىر بۇزۇقنى ئالغىلى تۇرغان قانداق لاتا نىمىدۇ ئۇ،،،،   

قىرنىدىشم بىرسى سىلگە كۆلىگىدەك گەپ يازماپتۇ. كشنى مازاق قىلغانىدە گەپنى قىلماي تىما ئىگسنىڭ كۆڭلىنى چۈشۇنەيلى ئاللاھ  ئىنساننى ئىنسانىغا بۇلغان ئاشقىلىق ئوتىنى ئنسانغا سالمىسۇن  قاۋانىدەك جەزبىىدار شىر يۇرەك ئوغۇل بالىنى  ۋىجىداننى يۇقاتقان ئەرزىمەس بىر ئىنسانىنىڭ ھالىغا چۈشۇردۇ. ئاشىقلىق ئوتىنى ۋاقىتى كەلگەنىدە ئاتا- ئانا مىھىرىنى ئىنسان قەلبىدىن پاكىز سۇپۇرۋتەلەيىدۇ.  ئاللاھ ساقىلسۇن ئنىسانغا ئاشىق بۇلۇشىدىن ئاللاھ بىر ئۆزۇڭىدىن باشقىغا ئاشق قىلمىغىن ئامىن.
دوستلىشىش
ياۋاگۈل
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7374
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 49
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە49دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 490 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-13
ئاخىرقى: 2011-11-30
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-17 14:05

بەك ياخشى چىقپتۇ. بۇ نىڭ راس بۇپ قېلشنى ئەمەس پەقەت سىزنىڭ خىيالىڭىز بۇلۇشنى ئۇمۇد قىلمەن. ھەر كىمگە بەخىت ،تېنىگە سالامەتلىك يار بولسۇن.
ئۈمىدسىزلىك شەيتاننىڭ ئىشى،بىغەملىك ھايۋاننىڭ&a ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7385
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 107
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە107دانە
ئۆسۈش: 240 %
مۇنبەر پۇلى: 1275 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-14
ئاخىرقى: 2011-06-29
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-17 15:06

بۇ تېمىنىڭ نېمىشقا يوللانغانلىقىنى مەن تازا چۈشىنەلمىدىم.لېكىن دوستۇم،بۇنىڭدىن كېيىن بىر نەرسە يازسىڭىز"ئاللاھنىڭ چاقچىقى"دېگەندەك سۆزلەرنى ئىشلەتمىسىڭىز! بۇ پەقەت مېنىڭ شەخسىي پىكرىم خالاس،ئارتۇقچە ئويلىمىغايسىز!
ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە ئاللاھتىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ.
http://muttakiyn.blogbus.com/
Just believe in allah
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4736
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 270
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە270دانە
ئۆسۈش: 420 %
مۇنبەر پۇلى: 3029 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-12
ئاخىرقى: 2012-01-05
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-17 15:37

نىمە دىسەم بۇلا ؟...............................
بۇ دۇنيا ئۈچۈن قايغۇرۇش دىلدىكى قاراڭغۇلۇقنىڭ ئىپادىسى.
ئاخىرەت ئۈچۈن قايغۇرۇش دىلدىكى نۇرنىڭ ئالامىتى--ئوسمان رادىيەللاھۇ ئەنھۇ.
دوستلىشىش
ياۋاگۈل
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7374
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 49
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە49دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 490 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-13
ئاخىرقى: 2011-11-30
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-17 17:11

بەزىلەر ئۆزىمىز بىر نەرسە يازمايمىز ، يازغانلاردىن قۇسۇر ئىزدەشكە ئۇستا. مەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە ھەمىمىز دىققەت قىلايلى .يازغانلارغا سوغاق سۇ سەپمەيلى.
شۈكرى.اللە
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6386
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1113
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1113دانە
ئۆسۈش: 1100 %
مۇنبەر پۇلى: 11943 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-05
ئاخىرقى: 2012-01-07
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-17 23:12

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى samanyoli نىڭ 2011-05-16 21:48 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ھا،،،ھا،ھا،،،ما باللانى ،،،،،بىر دەم سىز دەپ بىر دەم سەن دەپ يېزىۋېتىپسىلەرغۇ ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،تېخى ما گەپلەرنى،،،،،،،،،،،،،خورلىمىغان،سىز ئۆيدىن قېچىپ چىقمىغان،بىز بىللە قاچمىغان،بىزمۇ بۇنداق بالا-قازاغا دۇچار بولمىغان  ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،
قاچقان بىر بۇزۇقنى ئالغىلى تۇرغان قانداق لاتا نىمىدۇ ئۇ،،،،   

سىزگە شۇنداق كۈلكۈلۈك تۇيۇلۇپ كەتكەن ئوخشىمامدۇ
اللە خالىسا بۇ ئۈممەت ئۆزى يوقاتقان ئىززەتنى ئۆزى قايتۇرىۋالىدۇ