قان بىلەن سۇغۇرۇلغان قىلىچ
( تارىخي رۇمان )
1-باب قۇملۇقتىكى مالچى
تەكلىماكاننىڭ بىر چېتىگە جايلاشقان بۇ كىچىككىنەمەھەللە بىر قىسىم يەركەندىن ۋە قەشقەردىن كۆچۇپ كەلگەن كىشلەر ئولتۇراقلىشىپ بەرپا قىلغان كىچىكلا بىر مەھەللە ئىدى. گەرچە مەھەللە كىچىك بولسىمۇ كىشىلىرى مۇساپىر بولغاچقا ناھايتى ئۆم-ئىناق ئىدى.مەھەللىنىڭ شەرىق تەرىپى بوك باراقسان يۇلغۇنلۇق، غەرىپ تەرىپى كىچىك-كىچىك ئېرىقلارۋەتېرىلغۇ يەردىن تەركىپ تاپقان ئىدى.مەھەللى-نىڭ ئەتىراپىنى تۇغراق قاپلاپ تۇراتتى.مىڭيىلللاردىن بېرى ياشاپ كىلۋاتقان قەدىمىي تۇغراقلار خۇددى ئانىسىنىڭ كەينىدىن ئەگىشىىپ يىغلاشقان باللىلارنىڭ بۇرنىدىن چىققان پوتلغا ئوخشاش تۇغراقتىن چىققان تۇغرىغىلار نى چىقىرىشىپ قۇيۇپ،
ھە بىزسىلەرنى قۇغدايمىز دەپ كۇلۇپ تۇراتتى.شۇڭا كىشلەر بۇ جاينى<ئامانتوغراق>دەپ ئاتاشقان ئىدى. ئامانتۇغراقتىن يېرىم كۇنلۇك يەردە تاغئۆستەڭ دەيدىغان يەنە بىرمەھەللە بار ئىدى، يېزىنىڭ بايلىرى مۇشۇ يەرگە ئۇرۇنلاشقانىدى. ئامانتۇغراق بىلەن تاغئۆستەڭ ئارلىقدا كىچك بىر ئېقىن باربۇلۇپ تاغ ئۆستەڭگە سۇ باراتتى.ئامانتۇغراقنىڭ باغلىرىدىن ھەر خىل مىۋىلەر ،قۇغۇن قاپاقلار چىققاتتى.بۇيەر خۇدا بەرىكەت ياغدۇرغان زىمىن ئىدى.
1931-يىلىنىڭ تۇنجى كۈنى بۇزىمىندا تۇنجى قار ياغدى. ئەتىراپنىڭ ھەممىسى ئاپئاق تونغا پۇركەنگەنىدى.قۇرۇپ كەتكەن قۇمۇش پۇپەكلىرى قاردا پاختا كەمپىتكە ئوخشاپ قالغانىدى.پايانسىز قۇملۇققا ياغقان قاردا قۇملۇق ئاق دېڭىزغا،قەلبىدە ھىچقانداق كىر قالمىغان ئادەەمنىڭ قەلبىگە ئوخشايتتى.تۇغراقلارنىڭ باشلىرىغا چۇشكەن قار تۇغراقنى ئاق پوسما كىيۋالغان كىچىك بالىلارغا ئوخشاپ قالغانىدى.كىشلەرنىڭ ئۆيلىرىدىن چىقۋاتقان كۈكۈش ئىس قارغا ئاسمانغا تىرەپ قۇيۇلغان ياغاچ تۇۋرۇككە ئوخشايتى.
تاڭ سەھەردە ئىشەككە ئۇتۇن ئارتىپ جاڭگالدىن چىقىپ كىلۋاتقان راخمان مۇللا ئۆز-ئۆزىگە سۆزلەۋاتاتتى.گەرچە يېنىدا ئىشەكتىن باشقا بىرەرسى بولمىسىمۇ ساراڭدەك تاغدىن-باغدىن سۆزلەيتى.
-جۇدۇنى يوقلا چۇشتىيا بۇ نەس باسقۇر قار....خەپ،ھۈي،ئەجەپ توڭلىدىمما؟ ئا..ئاغزىمما...گەپ...گەپكە كەلمەيۋاتىدا.... خەپ...خەپ....بۇندىن كىيىنپۇل بەرسىمۇ جاڭگالغا بارماسمە......
راخمان مەھەللىگە كىرگەندە مەسچىتتىن چىققان جامائەت مەسچىت ئالدىدا دۇئا قىلۋاتاتتى.راخمان
تارتىنغاندەك ئىشەكنى دالدىغا تارتتى ۋە مەسچىت يېنىدىكى قېرى جىگدىگە باغلاپ قۇيۇپ جامائەت بىلەن كۇرۇشكە ماڭدى،
-ھەراخمىناخۇن، جاڭگالغا بارغان ئوخشىمامسىلە-
راخمان جامائەت بىلەن كۇرۇشۇپ بولغاندىن كيىن،ئىمام ئاخۇنۇم شۇنداق دەپ باشتىلا ئېغىز ئاچتى.
-ھە،.ئىمام ئاخۇنۇم، ئەمدى قىش كىلىپ قالدى،ئۇتۇن بولمىسا توڭلاپ قالىدىغان ئوخشايمەن،سوغۇق بولسىمۇ ئۇتۇن ئەكىلۋالاي دەپ بارغان نەدىن بىلەي بۇ قانىڭ يېغىپ كىتىشىنى...
-راخمىناخۇن ئۆيلىنۋېلىڭلا...ئەتىگەندە تەرىتىڭلىغاسۇمۇبولسا ئىسىتىپ بىرىدۇ،تامىقىڭلانى ئىسىق يەيسىلە،قانداق دىدىم جامائەت-دىدى مەھەلىنىىڭ مەزىنى جامائاتكە بىر قۇر قارىۋىتىپ .
-مەزىناخۇن توغرا دەيدۇ،سىنى ئۆيلەپ قويمىساق بولماس-دىدى مەھەللىدىكى ساۋۇت باي راخمانغا قاراپ .جامائەت بىر ئېغىزدىن راس-راس دىيىشىپ تارقاشقا باشلىدى. راخمان ئىشىكىنى يىشىپ ئۈيىگە ماڭدى.قوشنىسى مامۇت ئۇنىڭ قىشىدا ياندىشىپ ماڭغاچ:
-ھە راخمان،بۇگۇن كىچىنى جاڭگالدا ئىشەك بىلەن ئۆتكۇزدۇم دە،قاچانمۇ تاشلاسە مۇشۇ ئەسكى قىلىقىڭنى،خۇتۇن ئالساڭ خۇتۇنۇڭنى ئۆيدە قۇيۇپ يەنە كىچىسى ئىشەك يوقلاسەنمايا؟.....
-نەدە ئىشەك چىچاڭشىپ تۇرالمىدى شۇڭا ئۇزاق ھەپىلىشەلمىدىم،سۇغۇق راسا چىقتىغۇ بۇكىچە،ھەي،يوق خۇتۇننىڭ گىپىنى قىلماي قىم ماڭە....ئادەم توڭلاپ تۇرغاندا.....ۋۈي ..ۋۈۇي ....
-خۇتۇن دىگەن مۇشۇنداق سوغوقتا تازا ئەسقاتىداۋەتاز،ياخشى كۆڭلۇم بىلەن دەۋاتسام......
-ئەمسە ئاۋۇ خۇتۇنۇڭنىڭ سىڭلى نۇر ئامىنەنى ماڭا ئىلىپ بىرەلەمسە......
-ۋاي قاندا قىلىسە ئۇ ھازازۇلنى،ئۇنىڭ بىلەن تۇي قىلساڭ مەن يامان بولمامدىم ،قاندا ساراڭ ماۋا...
-سەن شۇندا دىگەن بىلەن ئۇ ناھايتى چىرايلىق ،ئاڭلىسام ئاشقا بەك ئۇستىمىش،ماڭا باتۇر شۇنداق دەپبەگەن....
-باتۇنىڭ گېپىگە كىرگەن ئتمۇ بىر ھەپتە غىڭشىداۋە...
-نىمە بولسا مەيلى،قاندا دەپ باقامسە...ماقا دىسە ئەلچى كىرگۈزۈپلا مەنما توي قىلۋالاي،ماڭا قىلغان ياخشىلىقىڭ بولسۇن....
-داۋاملىق شۇندا دەيسە،كونىلا<با تاۋىقىم،يان تاۋىقىم،بېرىپ يانمىساڭ،سۇن تاۋىقىم>دەپتىكە،ئىكىمىزنىڭ تاۋىقىمىز سۇنمىسۇن دەيما،قوشنا تۇساق ،كىيىن مەن يامان بولۇپ قالىمە،قاندا دىدىم؟.....
-خاتىرجەم بول،ئەمسە ساڭا قالدى،خوش-دەپ راخمان ئۈيىگە كىرىپ كەتتى.مامۇت:
-يانا شۇ قوتو ئىشىكىم ياخشىكەن دەيسەھەقاچان،سەن ھاڭگىغا خۇتۇن پايلاپ بۇلالماس -دەپ ئۆيىگە كىرىپ كەتتى.
-ھە كەلدىڭما؟ ئۇتۇننى چۇشۇرۋىتىپلا ئوتتۇرا ئۆستەڭ مەھەللىسىگە بىر بېرىپ كەلگىن،ئاخشام غۇجامنىڭ ئۈيىدىن ئادەم كەپتىكەن.غۇجام سىنى بىر كىلىپ كەتسۇن دەپتىكەن -دىدى راخمان بىلەن بىللە مال باقىدىغان قاراشقا 30نەچچە ياشقا كىرىپ قالغانلاردەك كۇرنىدىغان پاكار،ئۇرۇق كەلگەن بۇيىل 21ياشقا كىرگەن ئەخمەت دىگەن بالا.
-ماقا،مەن بەك توڭلاپ كەتتىم،سەن ما ئۇتاننى چۇشۇرۋىتىپ ئىشەككە ئوت سەپ بە،ئاندىن بى گەپ بۇلا-راخمان شۇنداق دەپ ئۆيگە كىرىپ كەتتى.
ئەخمەت ئىشەككە ئوت سېلىپ بەرگەندىن كىين ئۆيگە كىرىپ راخماننىڭ قېشىغا باردى.راخمان كىرىپلا ئىسىسق كاڭ تۈۋىگىلا يوتقان-كۆرپىنى سېلىپ ياتقانىدى.سىرىتتىن كىرگەن كىشى دەماللىققا بىرنەرسىلەرنى كۈرەلمەي قالاتتى.ئۆي ئىچى شۇنداق سېسسىق پۇراققا تولغانىكى،كىشىنىڭ دىمىقىنى ئېچىشتۇراتتى.ئىشىكنىڭ ئۇدۇلىدىكى تامغا ئۇيۇلغان
تام مەش،ئۇنىڭ يېنىغا كاڭ ياسالغان،كاڭ ئۈستىدە بىرقانچە يوتقان-كۆرپە،تۇپادەستىدىن ئەسلىرەڭگى يۇقالغان ئىككى پارچەكىگىز،ئىشىكنىڭ كەينىدەيوغان قىلىپ ياسالغان لاي كۈپ بار ئىدى.
-ماللارغا بىر نىمە سېلىپ بەرگەنسە،ھە؟-راخمان بېشىنىمۇ كۈتۈرمەي ئەخمەتتىن سۇرىدى.-ھە سەپ بەدىم،بۇگۈن مال چىقارمايلىمىكىن دەيمە،سەن غۇجامنىڭكىگە بارساڭ مەن يالغۇز قىيلىنىپ قالغۇدەكمەن.ئەگەردە چىقا دىسەڭ چىقىراي،باغ ۋە يۇلغۇنلۇقتا بېقىپ تۇرامەن؟!!....ئەخمەت كىچىك باللار دادىسىغا تەلمۇرگەندەك تەلمۇرۇپ سۇرىدى.-ھەبوپتۇ،بۇگۈن چىقاماي ئوت سەپ بىرىپ تۇ،مەن غۇجامنىڭ ئۆيىگە بېىرىپ كىلەي،غۇجام نىمە دەيدۇ؟بىز تېغى بىلمەيمىز،مال جىق سەن يىتىشىپ بولالماي قالساڭ ماللار يۈتۈپ كەتسە بولمايدا،ھە،ئىشەككە ئوت سەپ بەگەنسە؟،ھىلى غۇجامنىڭكىگە مىنىپ بارمىسام بولمايدا؟.-ھە،سەپ بەدىم،خاتىرجەم بول،ماللاغا ياخشى قارايمەن.
-ئەمسە مەن ماڭدىم،قويلارغا ئوت سېلىپ بىرىشنى ئۇنتۇپ قالما،جىما؟ -ھەماقا،ئۇنتۇپ قالمايمەن،پاتراق قايتىپ كىلەسەن جىما،يېتىۋەرمەي،-دىدى ئەخمەت راخمانغابىر خىل مەيۈس ھالەتتە قاراپ . -بىلىمەن،ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە بالدۇر كىلەمەن،شۇنچە جىق مالنى ساڭا تاشلاپ قويسام ،غۇجام قۇلىقىمدىن تارتىيدۇ مېنى-راخمان غۇدىراپ ئىشىكىنىڭ كاسىسىغا تاياق سالدى .
راخمان ئىشەككە تەتۇر مېنۋېلىپ ئۆزىنىڭ كىچىك ۋاقتىنى ئويلاپ ماڭدى.دىمىسىمۇ ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى ئەسلىمىسى ھەقىقەتەنمۇ بەك گۈزەل بولىدۇ،راخماننىڭ ئائىلىسى بۇرۇن بۇ ئوتتۇرا ئۆستەڭدىكى خېلى باي سانىلىدىغان سايىت باينىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى.سايىت باي ئۈلۈپ كەتكەندىن كىيىن جىن شۇرىننىڭ يەرلىك ھۈكۈمەتكە ئەۋەتكەن چىرىك ئەمەلدارلىرى بۇلارنىڭ مال-دۇنيا،مال-چارۋىللىرىنى مۇسادىرە قىلىۋېلىپ بۇ ئائىلىنى خانىۋەيران قىلۋەتتى.راخماننىڭ ئىككى ئاكىسىنى يەرلىك ھەربىيلەر ئەسكەرلىككە زورلىغاندا،ئۇلار قارشىلىق قىلغاچقا ئېتۋەتكەنىدى.راخماننى ئەسكەرلىككە تۇتۇپ ماڭغاندا موللا مىراپ بېگى ئەللەك سەر ئالتۇن خەجلەپ يۇرۇپ،ھەربىيلەرنى بىر كۈن مېھمان قىلىپ يۈرۈپ قۇتۇلدۇرۋالغانىدى.ھەربىيلەرنىڭ باشلىقى<سىزنىڭ يۈزىڭىزنى قىلىپ بۇبالىنى قۇيۋەتكەن بىلەن مەن ساننى توشقۇزالمىسام يەنە كىلىمەن>>دەپ پوپوزا قىلىپ قۇيۇپ كەتكەنىدى.بۇ راخماننىڭ ئەسلىمىسىدە قالغان ئەڭ چوڭ شاپائەت ئىدى.راخماننىڭ ئانىسى ئىككى ئوغلىنىڭ دەردىدە ساراڭ بۇلۇپ قالغان بۇلۇپ بۇنىڭدىن بىر يىل ئىلگىرى قاتتىق سۇغۇقتا قېتىپ قالغانىدى.راخمان دادىسى تۇگەپ كەتكەندىمۇ،ئىككى ئاكىسنى ئېتۋەتكەندىمۇ بۇنچىلىك قاتتىق يىغلاپ باقمىغانىدى.ئانا دىگەننىڭ ھامان بىر ئىللىق دۇنيادە،قانداق بالا ئانىسىنىڭ ئۈلىمىگە يىغلىماي قاراپ تۇرالايدۇ.شۇ چاغلاردا ھەممە كىشى راخمانغا كۈيۈندى،بۇلۇپمۇ ئەيسا خەلپەم بەكراق كۈڭۈل بۇلۈپ ئۆز بالىسىدەك كۆردى.خالپەمىنىڭ چوڭ ئۇغلى ئابدۇسەمەت بەگنىڭ دۇكىنىدا ھۇنەر ئۇگەندى.كىينىنچە خەلپەمنىڭ مېلىنى باقىدىغان پەيزاۋاتلىق مالچسنى ئەسكەرلىككە تۇتۇپ كەتكەندىن بېرى ئۇ خەلپەمنىڭ مېلىنى بېقىۋاتاتتى.بۇ راخماننىڭ كاللىسىدا ساقلانغان بىر خىل ئۆچمەنلىكنىڭ ئىپادىسى ئىدى.
راخماننىڭ ئىشىكى يىنىك پۇشۇلداپ ئوتتۇرا ئۆستەڭگە كىرىپ كەلگۇچە ئۇ بىر نەرسىلەرنى سەزمىگەنىدى،خىيال بىلەن مەھەللىگە كىرىپ كەلگەندە كىشلەرنىڭ سالىمى ئۇنى خىيالدىن ئويغاتتى.ئۇ خەلپەمنىڭ دەرۋازىسىدىن كىرىپ كەلگەندە كۈن چۈش بۇلاي دىگەنىدى.شۇنداقتىمۇ ئۇ ئالدىرماي ھويلىغا كىردى.خەلپەمنىڭ ئۆي خىزمەتچىسى نۇرمەمەت ئۇنى خەلپەم بار ئۆيگە باشلىدى. ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىغا بىر ئۇتۇن مېشى قۇيۇلغان،بىر چەتتە كاڭ قىلىپ ياسالغان سۇپا،ئۇنەڭ ئۈستىگە خۇتەننىڭ ئانارگۈلى چۈشۈرۈلگەن گىلىمى سېلىنغان،بۇلۇڭغا بىر نەچچە يوتقان-كۆرپە رەتللىك قىلىپ تىزىپ قۇيۇلغانىدى.
_ھە،كىلە بالام،كىلە ماۋۇ جايغا كىلىپ ئولتۇرغىن ھە،يېقىندىن بۇيان مەن سەل ئالدىراش بۇلۇپ قېلىپ ئۇياققا ئۈتەلمىدىم.شۇنداقتىمۇ دىمىسەم بولمايدىغان بىر گەپ بولغاچقا،ئادەم ئەۋەتكەنىدىم،ئەسلى سېنى بۇيىل ئۆيلەپ قۇياي دەپمۇ ئويلىغانىدىم،ئاكاممۇ بۇ گەپنى ئاڭلاپ ناھايتى خۇشال بولغانىدى،بىراق ئامبال مەھكىمىسىدىن ئاڭلىساق بۇ جىن شۇرىن جاناپلىرى يېڭىچە بىر خىل ئۇسۇل بىلەن قۇمۇلدىكى تۈمۈر خەلپىنىڭ قالدۇق قىسىملىرىنى تۈگىتىش ئۈچۈن ھەر بىر ناھىيگەبەگكە بەش مىڭ تۇياقتىن قوي سېلىق ساپتۇ،ئامبال شۇنداق دېگەچكە بىزمۇ بەكلا ئېغىر كۆردۇق،يەنە بىر خەۋەرگە قارىغاندا ئەسكەر ئەۋەتىپ مال-چارۋىلارنى بۇلايدىكەن.شۇڭا ئاكام ئىككىمىز مەسلىھەتلەشكەن ماللارنى قىرغىز يايلىقىغا چىقىرۋىتەيلى دىيىشكەن.شۇڭا ساڭا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن چاقىرۋىدىم،ئەمدى بالام سىلەرگە تەس بۇلىدىغان بولدى دە؟
-خاتىرجەم بۇلۇڭ خەلپە ئاتا،جېنىمىزنى تىكىپ بولسڭمۇ بۇ ماللارنى ساقلاپ قالىمىز.بىراق بۇ قىشتا تاغقا چىقارساق قانداق بۇلا؟
-ئەمدى ئامال يوق بالام،بۇدوبىزنىڭ بىلەن ئاكامنىڭ مېلىنى قوشساق يەتتە-سەككىزمىڭ بۇلۇپ قالىدىكەن،ئاكاممۇ بەش مالچىسى بىلەن بىللە ماڭىدىغان بولدى،ئۆگۈنلۈككە تاغقا ماڭىمىز،شۇڭا سىلەر تەييارلىق قىلىپ تۇرساڭلا ،ئەتە مەن ئادەم ئاپىرىپ مالنى تاغقا ئېچىقىشىپ بىرىمەن.گەپ شۇنداق بولسۇن ئەمسە،بېرىپلا تەييارلىق قىلارسىلە،ھە بالام!-خەلپەم شۇنداق دەپلا گەپنى ئۈزۈپ باشقا ئىشلارغا تۇتۇش قىلىش تۇغرىسىدا ئوتتۇرانچى ئوغلى ئابدۇسېمى بەگكە ئىش تاپشۇردى.راخمان كەتمەكچى بولغاندا خەلپەم ئۇنى چۇشلۇك تاماققا تۇتۇپ قالدى.ئۇ تاماقتىن كىيىن ئىشىكىگە مېنىپ خەلپەم بىلەن خوشلاشتى.خەلپەم ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئۇزۇنغىچە قاراپ قالدى.خەلپەم ئىچىدە<خۇدا ئۇنىڭ ئائىلىسىگە سىڭايان قارىدى،شۇنداقتىمۇ مەن ئۈلۈپلا كەتمىسەم ئۇنى چۇقۇم ئۆز قۇلۇم بىلەن ئۆيلەپ قۇيىمەن،شۇنداق قىلساملا ئاندىن سايىت باينىڭ قېشىغا خاتىرجەم بارالايمەن،دوستۇم سايىتاخۇن خاتىرجەم بۇلۇڭلا بالاڭلىنى قىيىن كۈنگە قويمايمەن،سىلىنىڭۇ ياتقان يېرىڭلا جەننەتتە بولغاي،ئامىن!!>دەپ دۇئا قىلغاچ ئۆيگە قايتىپ كىردى.
راخمان ئىشىكىگە مىنىۋېلىپ يەنە ھەرخىل خىياللار بىلەن مەھەللىگە قانداق كىلىپ قالغىنىنى بىلمەيلا قالدى.
-ھە راخمان ئاكا، غۇجام نىمە دەيدۇ؟!!-ئەخمەت ئۇنىڭ ئاغزىغا تەلمۈرۈپ قارىدى،بىراق راخماننىڭ ئاغزى ھىچبىر مىدىرلايدىغاندەك ئەمەس ئىدى.ئەخمەتنىقڭ ئىچى پۇشۇپ كەتكەن بولسا كىرەك،يانچۇقىدىن مۇخىرىكىنى چىقىرىپ تاماكا يۆگەپ بىر نەچچىنى شۇرىغاندىن كىيىن راخمانغا تەڭلىدى.راخمان گەپقىلماي تاماكىنى قاتتىق-قاتتىق بىر نەچچىنى شۇراپ تۈگەتكەندىن كىيىن،ئەخمەتكە قاراپ :
-غۇجام مالنى قىرغىز يايلىقىغا چىقىرىمىز دەيدۇ،ھەي،ماللار ئەمدىلا تۇغۇشقا باشلىغانىدى،بۇ سوغوقتا يايلاققا چىقارساق بىزغۇ بىر ئامال قىلىمىز،بىراق مال-چارۋىلارغا بەكمۇ زەپ بۇلىدىغان بولدى،دە.!!!
-ئاكا،غۇجام ئۇندا دىسە سەن گەپ قىلمىدىڭما؟بۇ قاراپ تۇرۇپلا زىيانغا ئۈزىنى ئۇرغانلىقتە؟ھەي،...........
-بولدى،بۇيالغۇزلا غۇجامنىڭلا گىپى ئەمەسكەن،مىراپ بېگى ۋەباشقا بىر نەچچە بايمۇ بۇ قېتىم بىراقلا ماللىرىنى تاغقا چىقىرىدىكەن.ھەممە مال يىگىرمە مىڭدىن ئاشىدىغان ئوخشايدۇ!بۇ مالدىن تاغقا چىققۇچە نەچچە مىڭى ئۈلىدىغان گەپ،بۇ زۇر زىيان،بىراق غۇجامنىڭ گېپىگە قارىغاندا،شۇنداق قىلمايمۇ ئامال يوق ئوخشايدۇ!شۇڭا بۇگۈن سەن ئۈزۈڭنىڭ تەييارلىقىنى ياخشى قىلارسەن،مال -چارۋا بەك كۆپ،ئادەم ئاز،سەل جاپا تارتىشىمىز مۈمكىن،ھە،ئەمسە ماغا ئوت تاشلاپ بىرىپ تەييارلىق قىلغىن-دېدى راخمان.ئەخمەت سىرىتقا قاراپ ماڭدى.ئۇنىڭچە بۇ تاغ يولى بىر ئۇزۇن سەپەردىن ئىبارەت ئىدى.بىراق ئەخمەت ئۆگزىدە مالغا ئوت تاشلىغاچ<< بۇنداق كۈڭۈللۈك سەپەر مۇشۇنداق قاتتىق سوغوقتا بولغىنى بەكمۇ يامان بىر ئىش .دىمىسىمۇ قاتتىق سوغوقتا تاغقا چىقىش بەكمۇ خەتەرلىك بىر ئىش .ئامال يوق،بۇدىگەن بەگنىڭ بۇيرۇقى دە،بەگ دېمەك___ھۈكۈمەت دېمەك،قانۇن دېمەك،پۇل دېمەك.كىم بار بۇ جاھاندا ھۈكۈمەت بىلەن ئوينىشالايدىغان،بۇ ئۈزىنىڭ بېشىغا پىت سالغانلىقتە،ئونىڭ ئۈستىگە مال ئۆلسە باينىڭ ئۈلىدۇ،ماللاي دىگەن خەقنىڭ چاكىرى،مالاي دىگەن بايلار نىمە دىسە شۇنى جان پىدا قىلىپلا ئورۇنلاپ بەرسىلا بۇلىدۇ،بۇ مالايلارنىڭ خىزمىتى ۋەبۇرچى،مەنمۇ باشقىلارغا ئوخشاش بېگىم بۇيرىغان ئىشنى ئۇرۇنلىساملا بۇلىدۇغۇ؟!!!،قالغىنى بىلەن مېنىڭ نىمە كارىم!!!!!>>دەپ ئويلىدى.
ئارىدىن بىر كۈن ئۈتۈپ، ئەتىسى قاق سەھەردە دېگەندەك مۇللا مىراپ بېگى ،ئەيسا خەلپەم ۋەبىر نەچچە كىشى يەركەن مەھەللىسىگە كىرىپ كەلدى.مىراپ بېگىملەر مەھەللىگە كىرىپ كەلگەندە،راخمان ئۆگزىدە مالغا ئوت تاشلاپ بىرۋاتاتتى.راخمان بېگىملەرنى كۈرۈپ چۈشمەكچى بولغاندا،مىراپ بېگى ئۇنىڭغا ئاۋۋال سالام قىلىپ ،ئۇنى تۇسۇپ قويدى:
-ھە بولدى،بالام،ئەتىگەندىلا ماللارغا ئوت سېلىپ تەييارلىقنى قىلمىغان ئوخشىمامسىلە بالام،ھە بولدى،سەن ماللارغا ئوتنى سېلىۋەر،يول يىراق ماللار سوغوقتا ئۈزۈلۈپ قالىدۇ،شۇڭا بىز سېنى ئاۋارە قىلماي ئۆزىمىز ئۆيگە كىرىۋىرەيلى، سەن ئىشىڭنى قىلىپ بۇلۇپ،ئاندىن كىرەرسەن.-دىدى.راخمان بېگىمگە بىر مۇنچە ئۆزرەئىيتىپ -بىز باكا بولغۇچە ماللا ئازراق ئوت يىۋالسا يولدا قىيلىنىپ قالمايمىز،شۇڭا.......ئارقىدىنلا خەلپەم راخمانغا قاراپ :-ھەبالام، سەن ئىشىڭنى قىلىۋە،بىزنى ئەخمەتجان بالام كۈتەلەيدۇ،ئىشىڭنى قىلىپ بۇلۇپ كىرەسەن-دېدى.
-ماقا،سىلەر ئۆيگە كىرگەچ تۇرۇڭلا،مەن ھازىرلا كىرىمەن-دەپ بەگكە ئۆزرە ئىيىتقاندىن كىيىن،ھويىنىڭ ئوتتۇرىسىداتۇرغان ئەخمەتكە قاراپ ۋارقىرىدى-ھوي،ئەخمەت،قاراپ تۇرماي بېگىمنى ئۆيگە باشلاپ چاي تۇتقاچ تۇمامسە......راخماننىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ،ئەخمەت سەل ئىسىگە كەلگەندەك بۇلۇپ،بىگىمنى ئۆيگە باشلاپ كىرىپ كەتتى.راخمان ئىشىنى تۇگىتىپ كىرگەندىن كىيىن،مىراپ بېگىم ۋەخەلپەملەر ئۆيگە ئەزىز مېھمان كىرگەندەك ھەممىسى ئورنىدىن تۇرۇپ كۈرۈشۇپ چىقتى.بۇنى ئوتتۇرا ئۆستەڭدىن كەلگەن بىر نەچچە دېھقان كۈرۈپ،راخمانغا ھەۋەس قىلىشتى.دىمىسىمۇ راس ئەمەسمۇ؟بۇ ئامانتۇغراقتا كىم با،بەگمۇ قۇپۇپ قارشى ئالىدىغان،بۇ باشقا بىر كىشىگە كەلسىمۇ زۇر بەخىتىتە،ھەرقانداق كىشى پەخىرلىنىدىغان بىر ئىش.
ئۇلار شۇنداق دىيىشىپ تاغقا قاراپ ماڭدى.ماڭغادىمۇ ئاز ئەمەس ئەللىك-ئاتمشچە كىشى ماڭدى.ئۇلار ئۈچ كۈن مېڭىپ قىرغىز يايلىقىغا كەلگەندە،يەتتە مىڭ تۇياق مالدىن ئايرىلغانىدى.بىراق مىراپ بېگى بۇنىڭغا ئانچە پىسەنىت قىلىپ كەتمىگەنىدى.بىراق باشقا بايلارنىڭ بۇ ماللارغا ئىچى ئېچىشتى. ئۇلار شۇنداق قىلىپ يەتتە مىڭ تۇياق مالنىڭ بەدىلىگە تاغقا ئېلىپ چىقىشتى ۋە قىرغىز مالچىلارغا تاپشۇرۇپ قايتىپ چۈشۈپ كەتتى.....
خەلپەم تاغدىن چۈشۈپ بىر ھەپتىگىچە تالا تۈزگە چىقالماي ياتتى.ھەممە ئىشلارنى چوڭ بەگزادە ئابدۇسەمەت بەگ ئۇرۇنلاشتۇرۇپ يۈردى.بىر كۈنى خەلپەم ئابدۇسەمەت بەگنى چاقىرىپ،ئۆزىنىڭ ۋەدىسى بۇيىنچە راخماننىڭ تۇيىنى قىلىپ قۇيۇش تۇغرىسىدىكى ئويىنى ئىيتتى.ئابدۇسەمەت بەگ بىر ھازا ئويلانغادندىن كىيىن،خەلپەمگە ئويلىغىنى ئىيتتى: ___دادا،سىزنىڭ ئويلىنىنىڭىزمۇ توغرا،ئابدۇراخماننىڭ توي ئىشنى مەنمۇ بەك ئويلانغان ئىدىم.ھازىر ھاۋا سەل سوغوق.بولسا ئابدۇراخماننىڭ تويىنى يازدىراق قىلساق دىمەكچى ئىدىم.بىراق سىز مۇنداق دىگەندىكىن مەن ئەتىلا تويغا تەييارلىق قىلاي.سىز بۇنىڭدىن خاتىرجەم بۇلۇڭ،ئەمسە مەن چىقاي___دەپ چىقىپ كەتتى.ئەتىسىدىن باشلاپ خەلپەمنىڭ ھويلىسىدا بىر خىل جىدېىيچىلىك باشلىنىپ كەتتى.ئابدۇ سەمەت بەگ راخمانغا يۇقارقى مەھەللىدىكى ساۋۇت باينىڭ كەنجى قىزىنى دىيىشىپ توينى ئۇلۇغ جۈمەگە دىيىشتى،جۈمە كۈنى راخماننىڭ تويى ئۆتكۈزۈلدى.كىشلەر تەبرىكلەپ كىلىشتى.بۇ تويغا ھەتتا ناھىينىڭ باشلىقلىرىمۇ قاتناشتى.بۇ تويغا يورت -يورتنىڭ مۇزىكا سازچىللىرى،ئۇسۇلچىلىرى،ناخشا-مۇقامچىلىرى تەكلىپ قىلىنىپ كىلىنىپ توينىڭ نامىنى يۇرت-يورتقا تارقاتتى.بەزى ئەمەلدارلار مىراپ بېگىنىڭ يۈزىنى قىلىپ كەلسە، بىر قانچىسى باكارلىق يىمەك -ئىچمەك ۋە ئويون تاماششانى دەپ كەلگەنىدى،كىشلەر بۇ تڭيغا نىمە مەخسەت بىلەن كەلسۇن،ھەممىسى ئۆزىنىڭ ئارزۇيىغا يىتىپ قايتىشتى.
راخماننىڭ تويى ئۈچۈن خەلپەم ۋە مىراپ بەگ خېلى كۆپ چىقىمدار بولدى،بىراق ئۇلار بۇنىڭدىن رازى بولغانىدى.ئەل ئارىسىدىمۇ بۇ توينىڭ نامى بىېر مەزگىل يوقالمىدى.مىراپ بەگ ۋە خەلپەم بۇ توي بىلەنلا بۇ يورتقا ئۆزىنىڭ بۇ جاينىڭ خۇجايىنى ئىكەنلىكىنى ئەلگە تۇنۇتتى،تويغا ئون بىر ئېرىقنىڭ كىشىللىرى چاقىرىلدى.توي يەتتە كىچە كۈندۈز قىلىنىپ ،خەلىققە كاتتا توي ئۆتكۈزۈپ بىرىلدى.
_______________ ھەقىقەت __________________
يوللىغۇچى:ھەقىقەت مەنبە:ئۆز ئىجادىيتىم