باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 4286 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: جۇڭگو-پاكىستان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى
دەرىجە: كۇلۇب باشلىقى
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 12
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 189
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە189دانە
ئۆسۈش: 3311 %
مۇنبەر پۇلى: 4297 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-28
ئاخىرقى: 2012-03-31
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-15 12:06

جۇڭگو-پاكىستان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى

     جۇڭگو-پاكىستان ،دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىغىنىڭ 60 يىللىغىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن ئىلىپ بېرىلغان فوتو كۆرگەزمىسى  ،8-ماي كەچقۇرۇن،پاكىستاننىڭ ئىسلامئابات  شەھىرىگە جايلاشقان ،جۇڭگو-پاكىستان دوستلۇق ئۆيىدە داغدۇغىلىق ئۆتكۈزىلدى.
مەزكۈر پائالىيەتكە ،پاكىستان باش مىنىستىرى يۈسۈف رىزا گىلانى قاتنىشىپ ئىچىلىش مۇراسىمىنىڭ لىنتىسىنى كەستى .

باش مىنىستىر گىلانى بىلەن باش ئەلچى  ليۋ جىيەن لىنتا كەسمەكتە

   شۇ كۈنى  مەملىكىتىمىزنىڭ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق  باش ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرغان،جۇڭگو-پاكىستان ،دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىغىنىڭ 60 يىللىغىنى تەبرىكلەش ،پائالىيىتىدە دىيارىمىزدىن بارغان سەنئەت -ئۆمەك تاللانغان نومۇرلارنى كۆرسىتىپ،پائالىيەتنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى.

پائالىيەت مەيدانىدىن كۆرۈنىشلەر
 
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 964
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 95
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە95دانە
ئۆسۈش: 250 %
مۇنبەر پۇلى: 1219 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-14
ئاخىرقى: 2012-01-31
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-05-22 22:03

ئۇ ئۇيغۇرلار پاكىستان بىلەن دۆلىتىمىزنىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئوينايدۇ.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 964
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 95
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە95دانە
ئۆسۈش: 250 %
مۇنبەر پۇلى: 1219 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-14
ئاخىرقى: 2012-01-31
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-22 22:37

بۇ مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئارقا كۆرۈنىشىنى تەھلىل قىلىپ باقايلى .ئالدى بىلەن بىن لادىننى ئامېرىكا ئارمىيىسى باكىستان تەۋەلىكىگە يۇشۇرۇنچە كىرىپ ئۇ دۇنياغا ئۇزاتتى .بۇ ئىش پاكىستان ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەرگە چوڭ بېسىم ئېلىپ كەلدى . مۇشۇنداق شارائىتتا ئۇلار جۇڭگونى پەش قىلىش ئارقىلىق ئامېرىكا ۋە ھىندىستاننى چەكلەش مەقسىدىگە يەتمەكچى ..ھەم دۆلەت ئىچىدىكى قارشى كەيپىياتنى تۈگەتمەكچى .
       ئەينى يىللىرى كوسوۋا ئۇرۇشىدا دۆلىتىمىز ئەلچىخانىسىنىڭ بومباردىمان قىلىنغانلىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز .بىراق شۇ ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ۋاقىتتا ئەلچىخانىنىڭ ئىچىدە ئامېرىكىنىڭ يوگۇسلاۋىيىدە چۈشۈپ كەتكەن كۆرۈنمەس ئىقتىدارغا ئىگە  f-117تىپلىق ئايروپىلان پارچىلىرىنىڭ جىددى تەتقىق قىلىنىۋاتقانلىقى ئەمدى ئاشكارا بولدى . بىن لادىننى تۇتۇش ھەركىتىدە تىيۇلىن زەربىدارلار ئەترىتى كاشىلىغا ئۇچرىغان بىر تىك ئۇچار ئايروپىلاننى ئۆزىلىرى  پارتىلىتىۋىتىپ كەتكەن .بۇ تىك ئۇچارنىڭ  تېخى ئاشكارىلانمىغان ،رادارغا چۈشمەسلىك ۋە ئاۋاز -شاۋقۇن چىقارماسلىقتەك ئالاھىدە ئايروپىلانلىقى ئاشكارىلىنىپ قالدى .بەلكىم بۇ يېقىنچىلىقنىڭ ئارقىسىدا شۇنداق بىر ھەربى تېخنىكىغا مۇناسىۋەتلىك سودا بوپقېلىشىمۇ مۇمكىن .
        پاكىستان جۇڭگودىن مەلۇم بىر تىپتىكى ئايروپىلاننى خېلى جىق ساندا سېتىۋالماقچى . چۈنكى ھىندىستان تاراتقۇلىرى : ئامېرىكىلىقلار رۇخسەتسىز پاكىستانغا كىرىپ تېررورچىلارنى يوقاتسا بولغانىكەن ،بىزمۇ رۇخسەتسىز پاكىستانغا كىرىپ بومباي تېررورلۇق ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك تېررورچىلارنى يوقاتساق نېمىشقا بولمايدۇ دەپ پو ئاتقان . پاكىستان بۇ ئارقىلىق ھىندىستاننى بىزگە چېقىلساڭ ئىككى بېقىنىڭدىن ھۇجۇمغا ئۇچرايسەن دەپ ئاگاھلاندۇرماقچى ...
ئۇيغۇرلار سەھنىدە قوشۇمچە رولغا چىققانىكەن ،جۇڭگو -پاكىستان مۇناسىۋەتلىرىدە داۋاملىق قوشۇمچە رولغا چىقىۋىرىدۇ . ياخشى كۈننىڭ يامىنى بولۇپ ،دۆلىتىمىزنىڭ ئارقا ھويلىسى بولغان پاكىستان بىرەر تەرەپتىن ھۇجۇمغا ئۇچراش ئېھتىماللىقى كۈچىيىپ كەتسە ،ئۇ يەردىكى ئۇيغۇر تېررورچىلارنى يوقىتىش ،دۆلىتىمىزنىڭ پاكىستاننى قوغداش ئۈچۈن قوشۇن كىرگۈزۈشىگە سەۋەبكار بوپقېلىشىمۇ مۇمكىن .
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 964
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 95
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە95دانە
ئۆسۈش: 250 %
مۇنبەر پۇلى: 1219 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-14
ئاخىرقى: 2012-01-31
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-22 23:14

شۇنداق .ھازىر بارلىق ئۇچقۇچى ھەيدەيدىغان ئايروپىلانلار پېنسىيىگە چىقىشقا قەدەم قويدى . ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار مودا بولىۋاتىدۇ . ئامېرىكا بۇلتۇر قۇبۇل قىلغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان مەشغۇلاتچىلىرى ئۇچقۇچىلاردىن كۆپ ئىكەن .