باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1204 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: گەنسۇ تىيەنجۇدا پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بەردى
قاراقاش
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2872
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1614
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1614دانە
ئۆسۈش: 19850 %
مۇنبەر پۇلى: 26508 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-11
ئاخىرقى: 2012-05-04
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-14 00:36

گەنسۇ تىيەنجۇدا پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بەردى

ئەسكەرتىش: بۇ يازما kangsay تەرىپىدىن قانۇندىن مەسلىھەت بۇ رايونغا يۆتكەلدى(2011-05-14)



گەنسۇ تىيەنجۇدا پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ كۆپلەپ ئادەم ئۆلدى ۋە يارىدار بولدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گەنسۇ ئۆلكىسى تىيەنجۇ (天祝) تېبەت ئاپتونۇم ناھىيىسىدىكى بىر يېزا ئامانەت-قەرز كوپراتىپىدا بۈگۈن ئەتىگەن يامان نىيەتتىكى قاتتىق پارتلىتىش دېلوسى يۈز بېرىپ، كۆپلەپ ئادەملەرنىڭ ئۆلىشى ۋە يارىدار بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
دەسلەپكى ئىگەللەشكە ئاساسلانغاندا، بۇ ئەتىگەن بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 9 ئەتراپىدا، تىەنجۇ ناھيىسى ئامانەت بىرلەشمە قەرز كوپىراتىپىنىڭ بارلىق خادىملىرى يىغىن ئېچىۋاتقاندا، بىرى «گاز بومبا» پارتلاتقان. ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەر شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا دېيىشىچە، پارتلاش مەيدانى ناھايىتى ئېچىنىشلىق بولۇپ، بەزىلەر بىنانىڭ 4-قەۋىتىدىن بىۋاستە سەكرەپ چۈشكەن، يەنە نۇرغۇن يارىدار بولغان خادىملار قۇتقۇزۇپ چىقىلغان، پۈتۈن ناھىيىدىكى قۇتقۇزۇش ماشىنلىرى يارىدارلارنى توشۇغان. ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەرنىڭ دېيىشىچە، ھازىر ناھىيىنىڭ پۈتكۈل يوللىرى قامال قىلىنغان، ساقچى ۋە دوختۇرلار پۈتۈن كۈچى بىلەن يارىدارلارنى قۇتقۇزۇۋېتىپتۇ.

ئەڭ يېڭى ئۇچۇردا دېيىلىشىچە، 19 ئادەم ئېغىر يارىدار بولغان، 40 نەچچە ئادەم يېنىك يارىدار بولغان.
گەنسۇ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى شەھەر پروگىراممىسى مۇخبىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋەقەنىڭ سەۋەبى ئىلگىرى ئومۇمنىڭ پۇلىنى قالايمىقان ئىشلىتىپ خىزمەتتىن ھەيدەلگەن بىر ئەر ئالدىن تەييارلىۋالغان بېنزىننى يىغىن زالىغا ئېلىپ كىرىپ ئوت ياققان، كۆپلىگەن ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، ئېھتىمال نەچچە ئون ئادەم ئېغىر يارىدار بولىشى مۇمكىن ئىكەن.

ۋەتەندۇر بەخىت ،ۋەتەندۇر تەخىت .
ۋەتەنسىز ئامىتىڭ مازغاپ.