باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1052 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: مۇتەپەككۇرنىڭ ھېكايىسى (سەل يالغان)
ئويلانماقتىمەن...
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 475
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 706
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە706دانە
ئۆسۈش: 1723 %
مۇنبەر پۇلى: 8305 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-29
ئاخىرقى: 2012-01-08
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-13 00:19

مۇتەپەككۇرنىڭ ھېكايىسى (سەل يالغان)

ساڭا قاراشتىن خىجىل بولىۋاتىمەن
   
    سەن تۆنۈگۈن ئاشخانا ئالدىدا ماڭا يەنە ئۇچراپ قالدىڭ. ساڭا ئۇدۇل قاراشقا پېتىنالماي، باشقا تەرەپكىراق قارىۋېلىپ، خىجىل بولغان ھالدا ئامالسىز سالام قىلدىم. چۈنكى، سېنىڭ كىيىۋالغان كىيىمىڭ مېنىڭ كۆزۈمنى خىجىل قىلىپ قويدى، پۈتۈن يەلكەڭنى يېپىۋالغان كەڭرى يېيىلغان چاچلىرىڭ مېنىڭ يۈرىكىمنى خىجىل قىلىپ قويدى. ھازىر مەن سەن بىلەن ئۇزۇنراق پاراڭلىشىشتىن خىجىل بولاتتىم. شۇڭا ئارتۇق گەپ قىلىشمايلا خوشلاشتىم. ئۆتۈپ كېتىۋاتقىنىڭدا بولسا، كەينىڭدىن قارىغىنىمچە ھاڭۋېقىپ قالدىم. گەرچە سەن بۇرۇنقىدىن خېلىلا چوڭ بولغان بولساڭمۇ، كىيىمىڭ كىچىكلەپ كېتىپتۇ، ئۇسقانلىرىڭ يوغىنىغان بولسىمۇ، پادىچىلار ئىشتىنىڭ بۇرۇنقىدىنمۇ تارىيىپ پاچاقلىرىڭنى قىستاپ قويۇپتۇ. يول مېڭىشىڭ بارا- بارا سېنىڭ بوۋاق ۋاقتىڭدىكىگە ئوخشاپ قېلىۋاتامدىكىن، بەدەننى تولغاپ مېڭىشلىرىڭدىن قەلبىم ئازاپلىنىپ، يۈرىكىم ئاغرىپ كەتتى.
_ سەن بىلەن بىللە ئوقۇۋاتقىلى خېلى ۋاقىت بولۇپ قاپتۇ. بەزىدە بىر سىنىپتا ئوقۇدۇق، بەزىدە پاراللىل ئوقۇدۇق، يەنە بەزىدە بىر مەكتەپتە ئوقۇدۇق. ھەر بىر قېتىم مەكتەپ ئاتلىغاندا، سېنىڭ قىياپىتىڭمۇ زامانغا ماس ھالدا دەرىجە ئاتلاپ ماڭدى، قەلبىمدىكى ئوبرازىڭمۇ ماس ھالدا ئۆزگىرىپ ماڭدى.
_ تۇلۇقسىزدىكى چاغلاردا سىنىپتا قىزلار بىلەن بىللە ئولتۇرۇشتىنمۇ خىجىل بولاتتىم. قاراشتىنمۇ ئەيمىنەتتىم. شۇ سەۋەبتىن، ئۈچ يىل جەريانىدا سەن بىلەن ئانچە كۆپ گەپ قىلىشىپ باقمىدىم. ئۇ چاغلاردا كۆپ قىسىم قىزلار ياغلىقنى چىڭڭىدە چىگىپ چاچلىرىنى باشقىلارغا كۆرسەتمەيدىغان. لېكىن، سېنىڭ چاچلىرىڭنىڭ ياغلىقنىڭ كەينىدىن ساڭگىلاپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، سېنىڭ ئىتىقادىڭدىن سەل گۇمان قىلغان ئىدىم.
_ تولۇق ئوتتۇرىغا چىققاندا بىر سىنىپقا تەقسىم قىلىندۇق.تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ناھىيە بازىرىدا ئىدى. ناھىيە بازىرىغا يۆتكىلىشىمىز بىلەن تەڭ، سېنىڭ كىيىنىش ئۇسۇلۇڭدىمۇ ئۆزگىرىش بولدى. بۇرۇنقى ئۇزۇن يوپكاڭ قىسقىرىدى، يوپكا ئىچىگە كېيىدىغان كەڭ ئىشتىنىڭ پايپاق ئىشتان دەمدۇ نىمە، شۇنداق بىر تار ئىشتانغا ئۆزگەردى.
_ ئۇ چاغلاردا ماڭىمۇ خېلى ئەقىل كىرىپ قالغان چاغلار ئىدى. مىللىتىم قىزلىرىنىڭ مەدەنىيىتىنى ئۇنتۇپ كېتىشىگە قاراپ تۇرالمايتتىم. شۇڭا ساڭا ئاز- تولا نەسىھەت قىلىدىغان بولدۇم. ئەتىگىنى سەھەر تۇرۇشقا پايدىلىقكەن دىدىڭمۇ ياكى سىنىپتىكى باشقا قىزلاردىن خىجىل بولدۇڭمۇ ئېنىق ئۇقمايمەن، قانداقلا بولمىسۇن ئەتىگىنى بىر ۋاق بولسىمۇ ناماز ئوقۇدۇڭ. قىسقا بولسىمۇ يوپكاڭنى تاشلىمىدىڭ.
_ ئۈچ يىلنى ئاشۇنداق تۈگىتىپ، ئالىي مەكتەپكە ئىمتاھان بەردۇق. ئىمتاھان بىلەن تەڭ، ئۈستۈمدىكى يۈكنىمۇ بىللە قوشۇپ تاشلىۋېتەي دىدىڭمۇ بىلمىدىم، ئىمتاھاندىن كېيىنكى يازلىق تەتىلدە سېنىڭ يوپكاڭنىڭ تاشلىنىپ بولغانلىقىنى كۆردۈم. شۇ چاغدىن تارتىپلا بازارلاردا سېنى كۆرسەم سالاملىشىپ بىللە سەل ئۇزاقراق تۇرۇپ قېلىشتىن خىجى بولىدىغان بوپقالدىم. چۈنكى مەھەللە ئىچىدە ئۇنداق زامانىۋىي قىزلار يوق ئىدى. قىز ئوغۇللار ئايرىم بىر يەردە پاراڭلىشىدىغان ئىشلارمۇ ئۇچرىمايتتى.
_ شۇنداق قىلىپ مەن ئالىي مەكتەپكە ئوقۇشقا كەلدىم. ئاڭلىسام سەن ياخشى مەكتەپكە ئۆتەلمىگەنلىكتىن، شەھەردە بىر يىل قايتا ئوقۇماقچى بوپسەن.
_ بىر يىلدىن كېيىن، مەن تەييارلىقنى ئوقۇپ بولۇپ باشقا مەكتەپ رايونىغا يۆتكىلىپ كەتتىم. ئاڭلىسام سەن بۇ قېتىم مەن ئوقۇۋاتقان مەكتەپكە ئۆتۈپ، بۇلتۇر مەن ئوقۇغان مەكتەپ رايونىغا تەييارلىق ئوقۇش ئۈچۈن كەپسەن. ئەمما، مەن سېنى ئىزدىمىدىم، چۈنكى مەن سېنىڭ ئالدىڭدا سەن بىلەن پاراڭلىشىپ تۇرۇشتىن خىجقل بولاتتىم.
ـ كېيىن بىرسى، مۇشۇ مەكتەپتىكى بىر يۇرتلۇق ئوقۇغۇچىلار «يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى كۈتىۋېلىپ، كونا ئوقۇغۇچىلارنى ئۇزىتىپ قويۇش يىغىلىشى» قىلىدىكەنمىز خەۋەرنى يەتكۈزدى. ئەمما، مەن بۇ گەپنى ئاڭلىمىغانغا سېلىۋېلىپ يىغىلىشقا بېرىشتىن ئۆزۈمنى قاچۇردۇم. چۈنكى مەن ئالدىنقى يىلى مەن بۇ مەكتەپكە يېڭى كەلگەندە ئۆتكۈزۈلگەن كۈتۈۋېلىش پائالىيىتىگە قاتناشقانىدىم. ئۇ كۈنىدىكى كۆز ئالدىمدىكى ئىشلار مېنى مەڭگۈ بۇنداق پائالىيەتكە قاتناشمايمەن، دەيدىغان قاراشقا كەلتۈرۈپ بولغان ئىدى.
ـ ساڭا نىمىشقا سىلەرنى كۈتۈۋالىدىغان بۇ يىغىلىشقا قاتناشمىغانلىقىمنى ئېيتىپ بېرەي:
ـ مەن تۇنجى كەلگەن يىلى كونا ئوقۇغۇچىلار بىزنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن رېستۇران بولايدىغانلىقىنى، ھەممىمىز ئوقۇغۇچى بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، بىر- بىرىمىزگە ئېغىرچىلىق سالساق بولمايدىغانلىقىنى، شۇڭا ھەر بىرىمىز 30 يۈەن چىقىرىدىغانلىقىمىزنى ئېيتتى. بىر شەنبە كۈنى كەچتە شەھەر مەركىزىدىكى بىر رېستۇرانغا بارىاىغان بولدۇق. شۇ يىلىمۇ بىز بىلەن كەلگەن يۇرتلۇق بىر نەچچە قىز بار ئىدى. شۇلار بىلەن بىللە بارماقچى بولۇپ، ئۇلارنى ساقلاپ تۇردۇق، ئۇلار چىققان چاغدا تونۇيالمىغىلى تاسلا قالدىم. ئاجايىپ ياسانغان ئىدىكى، ئۇلارنىڭ ئۇنداق« چىرايلىق» ياسىنىپ باققىنىنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم. كەچتە كۈن ئولتۇرۇشقا يېقىن رېستۇرانغا يېتىپ باردۇق. كونا- يېڭى ئوقۇغۇچىلار بولۇپ 40 تەك ئوقۇغۇچى يىغىلىپتىمىز. بىردەمدىن كېيىن ئويۇن باشلاندى، مۇزىكىلار قويۇلۇ، قىز ئوغۇللار ئارىلاش ئۇسسۇللار ئويناشقا باشلىدى. بۇ مەنزىرىگە قاراپ ئىچىم پۇشۇشقا باشلىدى. سائەتكە قارىسام ناماز شام بولۇپ قاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن بىلىندۈرمەي، سىرتقا چىقىپ كەتتىم. ناماز شامنى ئوقۇپ بولۇپ كوچىدا بىردەم خىيال سۈرۈپ يۈرگەندىن كېيىن يەنە قايتىپ كىردىم. بۇ قېتىم كىرگەندە كۆزۈمگە چېلىققان مەنزىرىلەر تېخىمۇ دەھشەت ئىدى. قىز ئوغۇللار بىر - بىرى بىلەن تانسا ئويناۋاتاتتى. بەزىلىرى تاماكىلىرىنى شورىشىپ ئولتۇراتتى. بىر ئىشنى كۆرۈپ ئاجايىپ ھەيران قالدىم ــ بىز بىلەن بىر يىلدا ئوقۇشقا كەلگەن بىر قىزنىڭ ئاكىسى شۇ يىلى بىز ئوقۇۋاتقان مەكتەپنى پۈتتۈرەتتىكەن. ئىككىلىسى بۇ قېتىملىق يىغىلىشتا باركەن، بەزىدە ئاكىسى سىڭلىسى بىلەن تانسا ئوينىسا، بەزىدە سىڭلىسى باشقا ئوغۇللار بىلەن ئوينايتتى، يەنە بەزىدە ئاكىسى باشقا قىزلار بىلەن ئوينايتتى. توۋا! دەپ قالدىم. ئۇلاردىكى ھايا- نۇمۇس نەگىمۇ كەتكەندۇ؟ ئاكا- سىڭىل بىر- بىرىدىن نۇمۇس قىلمامدىغاندۇ؟
ـ تېخىمۇ ئەجەپلىنەرلىك ئىش ئويۇن ئاخىرلاشقاندا يۈز بەردى. كەچ سائەت 9 دىن ئېشىپتىكەن، بەزى قىزلار ئەمدى تارقىلايلى، ياتاقنى سائەت 10 دا تاقايدۇ، تېزراق قايتمىساق ياتاققا كىرەلمەيمىز دېگىلى تۇردى. بەزى چوڭ ياشتىكى ئوغۇللار قەتئىي ئۇنىمىدى: - ئۇنداق ئىش يوق، ئويۇننىڭ قىزىقى ئەمدى باشلىنىدۇ، ياتاققا كىرەلمىسەڭلار بىز ئىشىكنى ئاچقۇزۇپ بېرىمىز، بولمىسا باشقا جايدىن ياتىدىغان يەر تېپىپ بېرىمىز. ھاراق ئەكىرىمىز. ئۇلار شۇنداق پاراڭلار بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغىلى تاس قالدى.
ھېلىقى قىزنىڭ ئاكىسى بۇ پىكىردە ئەڭ چىڭ تۇردى. بىز قەتئىي قايتمىساق بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ تۇرۋېلىپ، رېستۇراندىن قايتىپ چىقتۇق. كېيىن بىر نەچچىمىز بىللە قايتتۇق، باشقىلار نەگە كەتتى، ئۇنى بىلمىدۇق. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇنداق يىغىلىشقا ئىككىنچى بارماسلىق ئىدىيىسىگە كەلدىم.
ــ ئاڭلاۋاتامسەن؟ مانا مۇشۇنداق بۇزۇقچىلىقلارغا قاراپ تۇرۇشقا قەتئىي چىداپ تۇرالمايمەن. شۇ يەرگە بېرىشتىن بۇرۇن شۇنداق بولىدىغانلىقىنى بىلگەن بولسام، ئۇنداق يەرگە ھەرگىز بارمايتتىم. شۇڭا بۇ قېتىم باھانە تېپىپ، يىغىلىشقا بارمىدىم. يازدا تەييارلىقنى پۈتتۈرگەندە، بىر سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلار يىغىلىش ئۆتكۈزگەن ئىدى، شۇ چاغدىمۇ بارمىدىم.
ـ بەزىدە سەن بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم. قارىسام، ھېلىقى قىسقا يوپكاڭمۇ تاشلىنىپ بوپتۇ. بېشىڭدىكى كىچىك ياغلىقنىڭ ئورنىغا بىر پوسما چىقىپتۇ. مەن ساڭا قاراشتىن خىجىل بولىدىغان بولۇپ قالدىم. شۇڭا سەن بىلەن ئانچە ئالاقىلاشمىدىم.
ـ ئاڭلىسام، تەييارلىقنى پۈتتۈرۈپ، بىز تۇرىۋاتقان مەكتەپ رايونىغا يۆتكىلىپ كەپسەن. ئەمما، نەچچە ئايغىچە ئۇچرىتىپمۇ باقماپتىمەن،كۆرۈشۈپ قوياي دەپ سېنى بىرەر قېتىممۇ ئىزدىمىدىم. چۈنكى، سەن بىلەن كۆرۈشۈشتىن خىجىل بولاتتىم. قۇربان ھېيت كۈنى بىر نەچچە ساۋاقداش بىلەن بىللە مەكتەپ ئىچىدە ئۇچراپ قالدىڭ. نىمىشقا بىرەر قېتىممۇ ئىزدەپ قويمىغانلىقىمنى سورىدىڭ.
ـ مەن تېخى سېنى ھازىرمۇ بۇرۇنقى مەكتەپ رايونىدا، دەپ ئويلاپ يۈرۈپتىمەن. بۇ يەرگە يۆتكىلىپ كەپ بولغانلىقىڭنى بىلمەپتىمەن، بۇ مەۋسۈمدە باشقا ساۋاقداشلار بىلەنمۇ ئانچە كۆپ ئالاقىلاشمىدىم. ھازىر بىر دوستۇمنىڭ يېنىغا بارماقچى ئىدىم، كېيىن كۆرۈشەيلى، خوش!
ـ شۇنداق دىگىنىمچە سىلەر بىلەن تېزلا خوشلاشتىم. بۇ قېتىم سېنىڭ بېشىڭدىكى پوسمىمۇ يوق تۇراتتى، يېنىڭدىكى باشقا ساۋاقداشلىرىممۇ ياغلىقنى ئېلىپ تاشلاپتۇ. بارغانسىرى زامانغا ماسلىشىپ كېتىۋېتىپسىلەر.
ـ ئاۋۇ ئىككىسىدىن نىمىشقا ياغلىقنى ئېلىۋەتتىڭلار دەپ سورىسام نىمە دىگەنلىكىنى بىلەمسەن؟ ئارىمىزدا مۇنداق پاراڭلار بولغان:
ـ ياغلىقنى نىمە دەپ ئېلىۋەتتىڭلار؟
ـ بىز پارتىيەگە قاتنىشىشقا ئىلتىماس قىلغانتۇق، خانىم ياغلىقىمىزنى ئېلىۋەتمىسەك، ئىلتىماسنى قۇبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى، شۇڭا ئامال بولمىدى.
ـ پارتىيەگە قاتنىشىشىڭلارمۇ مەجبۇرىيمىتى؟
ـ ئۇغۇ مەجبۇرىي ئەمەستى، لېكىن، خانىم پارتىيىگە كىرسەڭلار خىزمەت تېپىشىڭلار ئاسان بولىدۇ، كېيىنلىكىڭلارنى ياخشى بولسۇن دىسەڭلار پاري\تىيەگە قاتنىشىۋېلىڭلار دەيدۇ.
ـ سىلەر مەكتەپتە كادىر بولۇشنى تەمە قىلىپ ئوقۇۋېتىپتىكەنسىلەردە؟ كەلگۈسىدە مائاشنى جىق ئالىمەن دەپ، ھازىر كىيىمىڭلارنى ئازلاتقىلى تۇرۇپسىلەر.
ئۇلار ئېغىزلىرىنى چاينىشىپ تۇرۇپ قالدى.
(ئەمەلىيەتتە سەنمۇ شۇ كەلگۈسىدىكى مۇقىم خىزمەت بىلەن مائاشنى دەپ ئوقۇۋاتىسەنغۇ دەيمەن).
مېنىڭ سىلەر بىلەن ئالاقىلاشمايۋاتقانلىقىمنىڭ سەۋەبىنى ئەمدىغۇ چۈشەنگەنسەن؟
مەن بۇ خىل قىياپىتىڭلارغا قاراپ، ئالدىڭلاردا تۇرۇشتىن بەك خىجىل بولۇپ كېتىدىكەنمەن. نەچچە ۋاقىتتىن بېرى سىلەرنى ئانچە ئىزدىمەي، كۆرۈشۈشتىن ئۆزۈمنى تارتىشىمنىڭ سەۋەبى دەل مۇشۇ.
ـ تۆنۈگۈن سەن بىلەن ئۇچرىشىپ قالغاندىن كېيىن كاللامغا قانداق خىياللار كەلگەنلىكىنى بىلەمسەن؟
ـ ئاشۇ ئۆزىنى ياساشنى، «گۈزەللىكى»نى باشقىلارغا كۆرسىتىشنى ئۆگىنىپ قالغان بۇ قىزلار بىزنىڭ يۇرتتىن كەلگەن ھە! توۋا! ئۈچ يىل ئىلگىرى بۇنداق قىياپەتتىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى، بۇلارنىڭ زامان بىلەن ماس قەدەمدە ئىلگىرلىشى نىمىدىگەن رېتىملىق! بىزنىڭ يۇرتتىن مۇشۇنداق ئادەملەرنىڭ چىقىپ قېلىۋاتقىنىغا ھەيرانمەن! بۇ بىزنىڭ يۇرتنىڭ يۈزىگە كەلتۈرگەن نۇمۇس ئەمەسمۇ؟ مۇشۇلار مەكتەپ پۈتتۈرسە يۇرتقا مۇشۇ ھالىتىدە بارىدۇ- ھە! مۇشۇنداق قىزلارنىڭ بەزىلىرى ئوقۇتقۇچى بولىدۇ تېخى! مۇشۇ ئەقىدە- ئىتىقادنى ئۇنتۇغان، خىزمەتنى، ئازغىنە مائاشنى دەپ ئوقۇغان قىزلار ئوقۇتقۇچى بولۇپ قالسا، ئۇلارنىڭ قولىدىن قانداق ئادەم يېتىشىپ چىقار؟ ئۆزلىرىنىڭ روھىنى تەربىيىلىيەلمەيۋاتقان مۇشۇ قىزلار كەلگۈسىدە ئىنسان روھىنىڭ ئىنژىنىرى بولارمۇ ياكى بۇزغۇنچىسىمۇ؟؟؟

ئاپتور: مۇتەپەككۇر
2011- يىل 4- ئاينىڭ 3- كۈنى كەچ

دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4555
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1098
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1098دانە
ئۆسۈش: 5220 %
مۇنبەر پۇلى: 14714 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-08
ئاخىرقى: 2012-01-08

ئاللا رەھمەت قىلسۇن ،قىزلىرمىزغا ھىدايەت تىلەيلى.
بۇ زادى نېمىدۇ؟
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1913
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1225
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1225دانە
ئۆسۈش: 790 %
مۇنبەر پۇلى: 13116 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-14
ئاخىرقى: 2012-01-08
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-13 10:30

نۇرغۇن قىزلىرىمىز بېشىڭدىكىنى ئال  دېسە،ياق  دەپ  تەڭ  تۇرالايدۇ،بىراق مانا مۇشۇنداق ئۆز مەيلىگە قويۇپ بەرسە،بەك ئاسانلا
سىرتقى مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ كېتىدۇ.تۇرۇپ ئويلاپ قالىمەن،ئىدىيىنى قۇل قىلىش ھەرىكىتىنىڭ يىڭى زاماندىكى ئۆزگىچە ئىپادىسىنى دەل مۇشۇنداق كىشىلىرىمىزدىن كۆرىۋالغىلى بولىدىكەن.ھەممىمىز بەك دىققەت قىلمىساق،ئۆزىمىزمۇ بىلمىگەن ھالدا ئۆزگىرىپ كېتىدىكەنمىز.
سىلەر بىزگە نېمىنى تىلىسەڭلار ئاللاھ سىلەرگە ئۇنى ھەسسىلەپ بەرسۇن!ئامىن!!!
svkvtni taj kilip takiwalay!!!
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6837
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 57
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە57دانە
ئۆسۈش: 150 %
مۇنبەر پۇلى: 684 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-31
ئاخىرقى: 2011-05-25
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-13 10:47

ئەسسىلامۇئەلەيكۈم:
گەرچە سەل يالغاننى ئارلاشتۇرۇپ يازغان بولسىڭىزمۇ پىكىرلىرىڭىز ياخشى چىقىپتۇ. ئۇلۇغ ئاللاھ قەلىمىڭىزگە بەركەت ئاتا قىلغاي ئامىن!!!
بەلكىم مەكتەپ ھاياتىدا تۈرلۈك يىغلىشلار بولۇپ تۇرسا كىرەك. مانا بىزنىڭ ئەتراپىمىزدىمۇ بار، مەنمۇ دەسلەپتە مەكتەپكە كەلگەندە شۇنداق سورۇنلار ئۇچراتتىم بۇرۇن مەكتەپكە كىلىشتىن بۇرۇن ئۇنداق سورۇنلارنى ئۇچرىتىپ باقمىغاچقىمۇ تۈنجى قېتىملىق شۇ <يۇرۇتداشلار يىغىلىش سورۇنى>غا مەنمۇ بارغاندا ئاشۇنداق بىر قىسىم نامۇۋاپىق قىلىقلارنى كۆرۈپ بىئارام بولغان ئىدىم. ئۇ ۋاقىتتا بىزدىن يۇقىرى قاراردىكىلەرنىڭ <گىپىنى چوقۇم ئاڭلاش> دىگەن ئىدىيە ھەممىسىدە بولغاچ بىز كىچىكلەردىن گەپ قىلىدىغان، شۇ ئىشلارنى توسىدىغانلار چىقمىغان ئىدى. مەن ئۇنداق سورۇندا يەنى ھاراق سورۇنىدا ئولتۇرۇپ باقمىغاچقىمۇ شۇ ھاراق پوتولكىللىرى تىزىلغاندا پەقەت چىداپ تۇرالماي چوڭنى چوڭ دىمەي گەپ تاكاللىشىپ ئۇلارنى رەنجىتىپ جايىللىقىمنى قىلىپ ئاغزىنى ئېچىپ بولغان ھاراقلارنى تاشلىۋىتىشكە سەۋەپچى بولغان ئۇندىن كىيىن ئىككى قېتىملىق يۇرۇتداشلار يىغىلىشىغا بارمىغان ئىدىم لىكىن كىيىن ئويلاپ باقسام بۇ قىلغىنىم بىر ھىساپتا خاتامۇ بولۇپ قالىدىكەن چۈنكى مەن ئويلىدىمكى شۇ سورۇنغا ئەينى ۋاقىتتا ماڭا ئوخشاش سورۇننىڭ ماھىيىتىنى بىلمەي كەلگەن كىچىك ئىنى-سىڭىللىرىمىز بولۇپ قالسا بىر قىسىم <زامانىۋى>چوڭلىرىمىزنىڭ كەينىگە كىرىپ كىتىپ قالسا بەلكىم ئۇلاردىمۇ بەزى ناچار ھالەتلەر شەكىللىنىپ قېلىشىنى يوق دىگىلى بولمايتى. شۇ سەۋەپ ئۇندىن كىيىنكى ھەر قېتىملىق يىغىلىشقا باردىم ھەم سورۇندا ئامال بار ئۇلارنىڭ گەپ-سۆزلىرىگە گەپ قوشۇپ خېلى ئىشەنچىسى ۋە ھۆرمىتىگە ئىگە بولدۇم .ئەلھەمدۇلىللاھ!!!شۇندىن كىيىن  ئۇلاردىمۇ ئازدۇر-كۆپتۇر ئۆزگىرىش بولدى. مانا شۇندىن بېرى ئىنشائاللا يۇرۇتداشلار يىغىلىشى شۇنداق ياخشى، پاكىز ئېلىنىپ بىرىلىۋاتىدۇ............
بۇ ئىشلارنى سۆزلىشىمدە باشقا مەقسەت بولماستىن بەلكىم شۇنداق سورۇنلاردىكى ۋە ئەتراپىمىزدىكى بىر قىسىم نامۇۋاپىق قىلىق-ھەركەتلەر بەلكىم بىزنىڭ كىچىككىنە قىلغان سۆزىمىز ۋە ھەركىتىمىز سەۋەبى بىلەن خاراكتىرى ئۆزگىرەپ ياخشى تەرەپكە يۈزلىنىشى مۇمكىن. شۇڭا ھەر بىرىمىز ئۆزىمىزنىڭ قۇربى يەتكەن دائىرىدە مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىش تىرىشايلى، سەل قارىغان ئىش بەلكىم بىز سەۋەپلىك ياخشى نەتىجىگە ئىرىشىپ قېلىپ ئۇلۇغ رەببىمىزنىڭ كاتتا مۇكاپاتىغا ئىرىشىشىمىزگىمۇ سەۋەپ بولغۇسى.
ئۇلۇغ ئاللاھ ئاچا-سىڭىللىرىمىزغا ئىنساپ، كامىل ئىمان ئاتا قىلىش بىلەن ھەممىمىزنىڭ بىلىپ-بىلمەي قىلغان گۇناھلىرىنى مەخپىرەت قىلغاي ئامىن!!!
سۈكۈتنى تاج قىلىپ تاقىۋالاي!!!
ھەق گەپ ئاچچىق بولسىمۇ ھەق سۆزلىگىن
دەرىجە: سەھىپە مەسئۇلى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 65
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 13
ئومۇمىي يازما: 1676
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1676دانە
ئۆسۈش: 5125 %
مۇنبەر پۇلى: 19322 سوم
تۆھپىسى: 29 كىشى
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-31
ئاخىرقى: 2011-06-30
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-13 11:12

مىنى مۇشۇنداق مۇھىتقا ئۇچراشتۇرمىغان ئاللاھقا شۇكرى. ئۇنداق مۇھىتتا ئادىمىي  شەيتانلار ۋە جىندىن بولغان شەيتانلارنىڭ ۋەسۋەسە قىلىشى بىلەن ئىتقادى خېلى چىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ جەمىيەتتىكى ئورنى (دىننىي ئورنى) خېلى يۇقرى كىشىلەرمۇ ئېزىپ كىتىدىكەن. مەن بىلەن باشلانغۇچتا بىر سىنىپتا  ئوقۇيدىغان بىر ساۋاقدىشىم بۇ يىل خىزمەتكە چىقىپتۇ. ئۇنى كۆرسەم قاراشقا خىجىل بۇلىمەن. خىزمەت شۇنداق يېرىم يالىڭاچ يۇرۇشكە قىستامدىغاندۇ ياكى ئۆزىچىلا <چىرايلىق> بۇلۇش ئۈچۈن شۇنداق يېرىم يالىڭاچ كىينىشنى ياخشى كۇرەمدىغاندۇ؟ ھەي............ بۇنداق ئىشلارنى ئويلىسا ئادەمنىڭ ئىچى بەكمۇ ئاچچىق بۇپ قالىدۇ...........
ئاللاھتىن ئۇلارغا شەرمى-ھايا، ئىمان،ۋە ھىدايەت تىلەيلى.
all praise to allah , the lord of the worlds
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1232
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1369
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1369دانە
ئۆسۈش: 330 %
مۇنبەر پۇلى: 14530 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-27
ئاخىرقى: 2012-01-07
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-13 11:24

دىنى سۇس ئادەم قىلىۋىرىدۇ بۇنداق ئىشلارنى ،،،
گىپىمىز ئىتىقادلىق كىشىلەر توپىدا بولغىنىدا ، ئەنە شۇ مۇھىتتا تۇرىۋەرسە ، بارغانسىرى مۇھىتنى ئوزرە قىلىدۇ ئوزىگە ،، دەسلەپتە ئىھتىياج ، ياكى مەجبۇرلىنىش تۇپەيلى شۇنداق كىيىنگىنىدىن قەلبىدە بىر خىل ئوزرە پەيدا بولىدۇ ،، ئوزرىلىك ھالەت ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشسا ئوزرە ئوز خۇسۇسىيىتىنى يوقىتىشكە باشلايدۇ ، ئوزىنى بەزلەيدىغان باھانىلەرنى تاپىدۇ ،،،
ئەقىدىلىك مۇسۇلمانلار ئۇچۇن ھەي ھەجەپ بوپ قالدى دىگەن ھالەتتىكى گۇناھنىڭ داۋاملىشىشى بەكمۇ خەتەرلىك ئىكەن ،
چۇنكى مۇشۇ خىل داۋاملىشش ساھابىلەر كوزىگە قادالغان مىختەك بىلىدىغان گۇناھلارنى بارا بارا سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە پاشا چاققانچىلىكمۇ بىلىنمەيدىغان ھالەتكە كەلتۇرۇپ قويىدىكەن ،،،، ئىشەنمىسىڭىز ئوزىڭىزگە قاراپ ۋە مۇھىتقا بىر قاراپ بىقىڭ سىز مۇھىتقا قانچىلىك تەسىر قىلىپسىز ، مۇھىت سىزگە قانچىلىك تەسىر قىلىپتۇ ،،،،،،
دىندىن خالىي مۇھىتتا يۇرگەنلەر بۇنى تىخىمۇ ئىنىق ھىس قىلىپ يىتىدۇ ،،،
باھالاش خاتىرىسى:
  • مۇنبەر پۇلى:+1(saifulla) جىڭ گەپ.
  • مۇنبەر پۇلى:+2(era13) ئەھمىيەتلىك ..
  • ئويلانماقتىمەن...
    دەرىجە: چولپان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 475
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 3
    ئومۇمىي يازما: 706
    ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە706دانە
    ئۆسۈش: 1723 %
    مۇنبەر پۇلى: 8305 سوم
    تۆھپىسى: 1 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-06-29
    ئاخىرقى: 2012-01-08
    6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-13 17:01

    3-قەۋەت (سۈكۈت) نىڭ يازمىسىغا

    ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام!
    «سەل يالغان»  دەپ قويسام  توقۇپ يازدىمىكىن دەپ قالدىڭلارما؟   نەچچە يىللىق ئىشنى ئەسلەپ يازغاچقا، خاتا ئەسلەپ قالغان جايلىرىم بولۇشى مۇمكىن، دەپ شۇنداق دەپ قويغانتىم
    دوستلىشىش
    تاھىربەگ
    تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
    دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 9
    ئومۇمىي يازما: 2103
    ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2103دانە
    ئۆسۈش: 4840 %
    مۇنبەر پۇلى: 25108 سوم
    تۆھپىسى: 172 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-06-06
    ئاخىرقى: 2012-01-08
    7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-13 22:04

    ئۇيغۇردىن ھىكايە يازمىغان مەن قالدىممۇ نىمو .....
    ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
    دوستلىشىش
    تاھىربەگ
    تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
    دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 9
    ئومۇمىي يازما: 2103
    ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2103دانە
    ئۆسۈش: 4840 %
    مۇنبەر پۇلى: 25108 سوم
    تۆھپىسى: 172 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-06-06
    ئاخىرقى: 2012-01-08
    8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-13 22:06

    چاقچاق قىپ قويدۇم ...

    زادى تېگىدىن تەۋھىددە چىڭ بولمىسا ئاسانلا  لەنىتى ئىبلىسنىڭ ئازدۇرۇشلىرىغا ئۇچقاپ كىتىدۇ ....
    ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ