باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 973 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: نەۋرۇز(غەزەل)
سەھرانى سۆيىمەن!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5001
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1018
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1018دانە
ئۆسۈش: 2360 %
مۇنبەر پۇلى: 7298 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-19
ئاخىرقى: 2012-03-28
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-12 23:02

نەۋرۇز(غەزەل)

نەۋرۇز
(غەزەل)

زىمىستان قىش-سوغوقلارنى سۈرۈپ كەلدىڭ بۈگۈن نەۋرۇز،
سەھەردە پارلىغان كۈندەك كۈلۈپ كەلدىڭ بۈگۈن نەۋرۇز.

ئېرىپ قارلار،ئەگىز ئاقتى ئېرىق-ئۆستەڭدە شىلدىرلاپ،
قېلىن مۇزلارنى دادلىتىپ،شۈمۈپ كەلدىڭ بۈگۈن نەۋرۇز.

ئېتىزغا چىقتى دېھقانلار،يۈرەكتەك پارلىدى كەتمەن،
ئاۋامنىڭ شادلىقى ئىچرە چۈمۈپ كەلدىڭ بۈگۈن نەۋرۇز.

ناۋا قىلدى يىگىت-قىزلار،كۆڭۈل ئىزدەپ چىمەنزاردا،
گۈزەللىكنى گۈزەل قىزدەك سۆيۈپ كەلدىڭ بۈگۈن نەۋرۇز.

دەرەخ كۆكەردى،ئوت ئۈندى،زېمىن كەيدى يېشىل توننى،
تەبىئەت ئىشقىدا چوغدەك كۆيۈپ كەلدىڭ بۈگۈن نەۋرۇز.

ساما سالدى قىران ياشلار يېشىل مەخمەل پاياندازدا،
مانا شۇنداق ناۋا-مەشرەپ تۈزۈپ كەلدىڭ بۈگۈن نەۋرۇز.

مۇھەممەد يازدى بىر نەزمە يېڭىچە بىر خۇشاللىقتا،
گۈزەللىككە گۈزەل نامە پۈتۈپ كەلدىڭ بۈگۈن نەۋرۇز.

2010-يىلى ئۈرۈمچى.
1.يولۋاس يولۋاسنى يېمەيدۇ،پەقەت ئادەملا ئادەم بىلەن ئۆزىنى سەمرىتىدۇ. _تاگور
2.ئۆزىنى ئىپادىلىيەلمىگەن كىشى قۇل دېمەكتۇر._ئا.مۇھەممەتئىمىن
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 10
ئومۇمىي يازما: 2354
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2354دانە
ئۆسۈش: 5240 %
مۇنبەر پۇلى: 29026 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-03-30

پاھ  ....  ئىسىل ،ئىسىل ....
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ