چېڭدۇ پاقىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.
چېڭدۇ شەھىرىنىڭ ئەڭ ئاۋات كوچىلىرىدىن بىرنى، قانچە ئون مىڭلىغان پاقا بېسىپ كەتتى.
تىرناقچىلىك چوڭلۇقتىكى قارا قۇمچاقلار كوچىنىڭ ھەممىلا يېرىدىلا ھەرىكەت قىلىشقا باشلىدى.
مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، پاقىلارنىڭ بېسىپ كېتىشى يەر تەۋرەشتىن دېرەك بېرىدىكەن.
ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ خۇراپىيلىقتىن باشقا بىر نەرسە ئەمەس ئىكەن.
مۇتەخەسسىسلەر پاقىلارنىڭ كۆچىشىنىڭ يەر تەۋرەش بىلەن پەقەتلا مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
قارا قۇمچاقلارنىڭ بۇنچىۋالا دەرىجىدە كۆپىيىپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى، قاتتىق ھۆل يېغىندىن كېيىن يولنىڭ قارشى تەرىپىگە جايلاشقان دەريانىڭ ئەتراپىدىكى ياۋا ئوت چۆپلەرنىڭ ئېلىۋېتىلىشى ئىكەن.
“青蛙叫 大雨到” پاقا ئاۋازى بىلەن يامغۇر كەلدى ،دەپ كونىلار چۈشەندۈرۈپ چىڭدۇدا يامغۇر يېغىشى مۈمكىنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.مەنبە :بۇ ئادرىستىن بىرلەشتۈرۈلدىhttp://cd.qq.com/a/20110511/000024.htm