مۇڭغۇلىيە خەلقى ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ ۋەتەن ئۇرۇشىغا ئۇمۇميۈزلۈك ياردەم بەردى.1941-يىلىلا 65 مىليون تۈگرۈك قىممىتىدىكى 140 ۋاگون ماددىي ئەشيا،تاشقى سودا بانكىسى ئارقىلىق ئىككى مىليون 500مىڭ تۈگرۈك،100مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ھەمدە 300 كىلوگىرام ئالتۇن ياردەم قىلدى.
سوۋېت ئىتتىپاقى بۇ پۇل ۋە ماددى ئەشيا ئارقىلىق 52 تانكا،ھاۋا ئارمىيە چوڭ ئەترىتىگە كېرەكلىك كۈرەشچى ئايرۇپىلان سېتىۋالدى.1941-يىلدىن 1942-يىلىغىچە مۇڭغۇلىيە خەلقى يەنە سوۋېت ئارمىيەسىگە 35 مىڭ ئات يەتكۈزۈپ بەردى.
سوۋېت ئىتىپاقى ئارمىيەسى ۋە خەلقى مۇسكىۋانى قوغداش ئۇرىشىغا ئاتلانغاندا ،مۇڭغۇلىيە خەلق ئارمىيەسى ئىككى كوزىر ئاتلىق پولكىنى بىۋاستە قاتناشتۇردى.بۇ ئىككى پولىكتا 10مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر بولۇپ،ئاتلىرى ئەڭ ياخشى ،قوراللىرى خىل ئىدى.موسكىۋانى قوغداش ئۇرۇشى غەلىبە قىلغاندىن كىيىن ،ناتسىست گېرمانىيەسىگە قارشى ئومۇمىي ھۇجۇم باشلاندى.مۇڭغۇل ئاتلىق پولكى سەپنىڭ ئالدىدا يۈرۈپ10 نەچچە قېتىملىق ئۇرۇش ۋەزىپىسىنى غەلىبىلىك ئۇرۇنلاپ،<<ئات ئۈستىدىكى باتۇرلار>>دەپ شۆھرەت قازاندى. ئۇلار تاكى بېرلىنغىچە ئۇرۇش قىلىپ باردى.
سوۋېت ئىتىپاقى 1945-يىلى 9-ئاۋغۇست ياپونىيەگە ئۇرۇش قوزغىغاندا ،مۇڭغۇلىيە ھۆكىتىمۇ بىرلا ۋاقىتتا ياپونىيەگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى.مىليون كىشىلىك سوۋېت ئىتىپاقى قوشىنى غەرىپ،شىمال،شەرىق ئۈچ يۆلىنىش بويىچە ياپونىيە كانتون ئارمىيەسىگە ھۇجۇم قىلدى.ئاساسىي ھۇجۇم يۆلىنىش ئارمىيەسى مۇڭغۇل بايقال يۆلىنىش ئارمىيەسى مۇڭغۇل شەرقىي تامساقبۇلاقتىن ياي شەكىل ھاسىل قىلىپ ھۇجۇمغا ئۆتتى.
مۇڭغۇلىيە ئارمىيەسىنىڭ 5-،6-،7-،8-ئاتلىق دېۋىزيەلىرى جۇڭگو چېگراسىدىكى دۇلدىن جاڭبېيغىچە ئۇرۇنلاشقان ياپون ئارمىيەسى بىلەن ئىچكى مۇڭغۇلدىكى قورچاق ئارمىيەگە شىددەتلىك ھۇجۇم قىلىپ،سەككىز كۈندە جاڭبېى ،دۇلۇن،چىفىڭ قاتارلىق جايلارنى ئىشغال قىلدى.
مۇڭغۇل ئاتلىق قوشۇنلىرىنىڭ قەھىرمانلىق بىلەن جەڭ قىلىشى سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىنى قاتتىق تەسىرلەندۈردى.ئۇلار:<<مۇڭغۇل چەۋەبدازلىرى قورقماس ،تىز پۈكمەس،جەڭگىۋارلىق جەھەتلەردە چىڭگىزخان باتۇرلىرىنى ئەسلىتىدۇ>>دەپ ماختاشتى.
1945-يىلى 14-سېنتەبىردە ،سوۋېت ئىتتىپاقى پىرېزدىيومى مۇڭغۇلىيە ئارمىيەسىنىڭ يىراق شەرىق ئۇرۇشىدىكى زور تۆھپىسىنى مۇكاپاتلىدى،مۇڭغۇلىيە خەلق ئارمىيەسىدىكى 21 ئوفىتسىرغا سوۋېت ئىتتىپاقى ئوردىنى بەردى.بۇ ئوفىتسىرلار كىيىن مۇڭغۇلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئوتتۇرا ،يۇقىرى قاتلىمىدا غۇللۇق كىشىلەردىن بولۇپ قالدى.
<<كونە خەۋەرلەر گېزىتى>>دىن ئىلىندى