مەن باغداش تورىدىكى بىر تېمىدا بوۋىسىنىڭ ئۆزى چۈشەنمەيدىغان ئەرەپچىنى ئوقۇغىنىغا ئەپسۇسلانغان نەۋرىسىگە تەربىيە بېرىش(ئۆزىنىڭ قىلغىنىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىش ئۈچۈن) نەۋرىسىنى كۆمۇر توشۇۋاتقان سېۋەت بىلەن سۇ توشۇشقا سالغانلىقى،نەتىجىدە بوۋاينىڭ نەرۋىسى سۇ توشۇشتىن ئىبارەت مەقسىتىگە يېتىلمەي قالغان بولسىمۇ ئويلىمىغان يەردىن سېۋەتنىڭ پاكىزلىنىپ(يۇيۇلۇپ) قالغانلىقى،بوۋاينىڭ بۇ نەتىجە ئارقىلىق ئۆزىنىڭ نادانلىقىنى ئەپچىللىك بىلەن پەردەزلىگەنلىكى سۆزلىنىپتۇ.
بۇ تېمىدىكى سېۋەت بىلەن سۇ توشۇش ،تولىمۇ ياخشى ئوخشىتىش بولۇپتۇ،دىمىسىمۇ« بەندە ئاللاغا بىر غېرىچ يېققىنلاشسا ئاللا بۇ بەندىگە بىر غۇلاش يېققىنلىشىدۇ»
گەرچە بوۋاي ئەرەپچىنى بىلمىسىمۇ ئاللانى ياد ئېتىپ تۇرۇشىمۇ بىر ئىبادەتتۇر.شۇ سەۋەپلىك بۇ خىلدىكى (بوۋايدەك)كىشىلەر ياخشىلار تەرەپتارلىرىدۇر.
لېكىن بىز بۇ مىسالنى ئىچكىرىلەپ تەھلىل قىلساق:سىۋەت ئەسلى كۆمۇر توشۇيدىغان قورال،بۇ قورالنى ئۆز ئورنىدا ئىشلەتمەي،سۇ توشۇشقا ئىشلەتسەك كۆزلىگەن مەقسىتىمىزگە ئىرىشەلمەيمىز بىراق سىۋەتنى يۇيۇپ قويۇمىز. دىمەكچى بۇ يەردە بىز سىۋەت ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇق .سىۋەت بىزگە پايدا يارىتىپ بەرمىدى. توۋۋا دەيمەن! ئەمدى بىز سېۋەتكە خىزمەت قىلغانلىغىمىزدىن پەخىرلىنىنەمدۇق؟! ئەسلى ئىنسان بارلىق نەرسىلەرنى ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىشى كېرەكتىغۇ!! شۇنداق بولىۋاتىدۇ،بىز نادانلىق تۇپەيلى ئۆزىمىزنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۈچۈن ئۇرۇنۇشقىمۇ پېتىنالماس بولۇپ قالدۇق.
بىز ئۆزىمىزدىكى نادانلىقنى يوپۇرۇشقا(يېپىشقا) شۇنچىلىك ئۇستا بولۇپ كەتتۇقكى ھىچ كىممۇ بىزدىكى بۇ نادانلىقنى ئەيىپلەشكە،توغرىسىنى كۆرسۇتۇشكە پېتىنالمايدۇ.چۈنكى بىز ئۆزىمىزدىكى نادانلىقلارنى ئاجىزلىقلارنى دىننى تونلار بىلەن،ئۇلۇق شەخىسلەرنىڭ ناملىرى بىلەن،ئۆزىمىزمۇ چۈشەنمەيدىغان قانداقتۇر بىر سىرلىق ئاڭلىسا تولىمۇ يېقىملىق تىللار ئاھاڭلار بىلەن پەردەزلەپ بولغانمىز. بىزگە كىمكى تىل تەككۇزسە،خاتايىمىزنى كۆرسەتسە ئۇلارنى شۇنداق توم تاياقلار بىلەن ئۇرۇمىزكى.ئۇلار ۋاھابى.....ئۆرۇپ-ئادەتلەرنى بۇزغۇچى دىگەندەك يوغان ئۆڭكۇرلەرگە مەجبۇرى ئىتىرىلىپ،زۇۋانى تارتىلىدۇ.....................
ئەي!نادانلىق بىزدىن نېرى تۇرساڭ بولمامدۇ،يا بىز سېنىڭ قېرىندىشىڭ بولمىساق؟! بىزنىڭ سېنىڭدىن ئايرىلمىغىمىز نىمە دىگەن تەستۇ؟! ئايرىلايلى دىسەكلا سېنىڭ بىزگە دىگۈزىدىغان باناڭ(سەۋەپلىرى) تولا! دىخاننىڭ خەت تونۇماسلىقى نادانلىق ھېساپلىنىدۇ، مېنىڭچە ئەڭ چوڭ نادانلىق زىيالىلارنىڭ نادانلىقىدۇر.
ئەڭ قىزىق بولغىنى بۇ نادانلار باشقىلارنى نادان دەپ ئەيىپلەيدۇ.ئەمىلىيەتتە بۇ نادانلار ئۆرۇپ-ئادەتلەرنى چۈشەنمەيدۇ،ئانا تىلنى قەدىرلەيلى دەپ ئەسەرلەر يازىدۇ-يۇ "ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم"نىڭ ئورنىغا سىزگە سالام دەپ قويغان كىشىگە كۆزلىرى چىقىپ كەتكۇدەك ئالىيىپ قارىشىدۇ.
--مۇنۇ كەپپۇت مۇسۇلمانچە ئەمەسكەنغۇ نىمىشقا بۇنى مۇسۇلمان ماگىزىنىدا ساتىسىلەر؟
--بۇ ئەسلى مۇسۇلماننىڭ ۋاقتىنچە ئىچكىرىدە ئىشلەۋاتىدۇ،پات ئارىدا ئۇرۇمچىدە چوڭ زاۋۇت قۇرىيدۇ.
--نىمىشقا يالغان گەپ قىلىسەن؟
--تىرىكچىلىك ئۈچۈن-دە!.
--يالغان سۆزلىمىسەڭ تىرىكچىلىك قىلغىلى بولمامدىكەن؟
--پايدا ئالىمىز دەپ شۇ؟ يا سەن ماڭا قىيىن كۇنلەردە ياردەم قىلامتىڭ؟!
--سەن نىمىشقا ئۇنىڭ يامان گېپىنى قىلىسەن؟
--ئۇ ئەسكى تۇرسا.
--گېپىڭ بولسا ئۇنىڭ ئۆزىگە دىمەمسەن،ئۇنىڭ غەيۋىتىنى قىلساڭ مەسىلە ھەل بولمىسا يە؟
--غىجىل بولمامدىم
--ئۇنىڭ غەيۋىتىنى قىلىشتىن غىجىل بولمايسەن......
--نىمىشقا ماڭا چوڭچىلىق قىلىسەن؟
--شۇنىمۇ سوراش كېتەمدۇ،مەن دىگەن بايدە(ياكى ئەمەلداردە)
--باي بولساڭ،ئەمەلدار بولساڭ نىمە بولۇپتۇ،سەنمۇ ئادەمغۇ!؟ ئادەمدەك مۇئامىلە قىلمامسەن!
--سەن كىمتىڭ؟! ماڭا تەربىيە بەرگۇدەك؟
--سەن نىمىشقا مېنىڭ گۆشىمدىن ئالماي مۇنۇ قاسساپنىڭ گۆشىنىلا ئالىسەن؟ خوشنىدارچىلىقنىڭ يۈزى يوقمۇ؟ يا مەن ھارام گۆش ساتمىسام؟
--گۆشقۇ ھالال،بىراق قاسساپ ھاراممىكىن دەيمىنا؟!
--تۇزۇك گەپ قىل جۇمۇ؟مەن قانداق ھارام بولاي
--تاماكا چېكىدىغان تۇرساڭ،تاماكا چەكمىسەڭ ئەلۋەتتە سېنىڭكىنى ئالاتتىم.
--ئەمدى شۇ مەنمۇ چەكمەي دەيمەن،ئادەت يامانكەن.
--نىمىشقا نەزىر،ئۆلۇم.....لەردە پۇل قويسا ئالىسىز قارىم،
--ئالمىساق خەق چاقىدىكەن.
--شۇنداقمۇ مۇسۇلمان دىگەن بىر ئاللادىنلا قورقىدىغان بولىدىغان.......................
--نىمىشقا ھە دىسىلا خەقنىڭ ئەيىۋىنى سۆزلەيسىز،
--ئىللەت تۇزەلمەي ،مىللەت تۇزەلمەس دىگەن گەپ بار ئەمەسمۇ،
--سىز يارىنى تاتىلاپ ساقايتالامسىز،يا ئەخلەتنى ئاسمانغا ئېتىپ گۇل-چېچەككە ئايلاندۇرالامسىز
توۋۋا دەيمەن ئادەم نادان بولسا مۇشۇنداقمۇ ساراڭ نادان بولۇپ كېتەرمۇ.خۇددى دوكتۇرلارنىڭ دوكتۇر ئاشتى بولغۇنىدەك.
مەنبە : تۇرمۇشۇمىزدىن