باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1137 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: دىھقانلارمارشى،بوران114
kozumdin yokila
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 177
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 138
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە138دانە
ئۆسۈش: 1576 %
مۇنبەر پۇلى: 2031 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-03-27
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-11 16:18

دىھقانلارمارشى،بوران114

دىقان بىز ،كەرەملىك ئاللا ياراتقان،
دىقان بىز ،كەتمەندە دۇنيانى باققان،
دىقان بىز ،ئەمگەكتەشۆھرەتلەر قۇچقان،
دىقان بىز،قىش-يازدا ئۆستەڭنى چاپقان،
دىھقان بىز ،جاپاكەش ھەممىگە ياققان،

بارىمىز ھاشارغا،بىر پۇڭ ھەق ئالماي،
سىكىرتار تىللىسا،جاۋاپمۇ قىلماي،
بىې چىمدىم ئۇرۇقنى ئىسراپمۇ قىلماي،
خوش دەيمىز،نىمدىسە ئۇرماي-تىللماي،
ئاشۇنداق مۇلايىم،يۇۋاش دىھقان بىز،

يەرلەرگە سۇ قويۇپ قىلىمز ئوسا،
تىلەيمىز خۇدادىن،مول-ھوسۇل بولسا،
بىز شۇنداق ساقاللىق،باشلقلار كوسا،
دەرت تۆكۈپ بارساق،چىرايلق سورىسا،
خوشلۇقتا قايتقان،كەڭ قوساقلار بىز،


ياغاچ-تاش ،شاخ-شۇمبا كىسمىز باغدىن،
پارنىكنىڭ پۇلىسى قىستايدۇ-ياندىن،
تۆت كۈندە تەرگەن تاش ئۆتمىسە ساندىن،
جەرىمانەبەك تولا ،ئۆتتىغۇ جاندىن،
سىياسەت بەك ياخشى،كۆنۈپ كەتكەن بىز،

ئوغۇتىنى ئۆزىمىز ئالالمىساق يا،
ئۇرۇقنى تاللاپ سالالمىساق يا،
باھانى كىلىشىپ ساتالمىساق يا،
كىچىسى خاتىرجەم ياتالمىساق يا،
غورىگىل تۇرمۇشقا چۆكۈپ كەتكەن بىز،

قوينى بىز باقىمىز،يىيەلمەيمىز گۆش،
دۈمبمىز ئىگەرلىك،مەيدىمىزدە تۆش،
ئەمەلگە ئاشارمۇ،كىچە كۆرگەن چۈش،
ئامال يوق بىز شۇنداق قەپەزدىكى قۇش،
سايرىساق ھۇقۇشتەك سەت ئاۋازىمىز،


سىلقلار ئازايدى،كۆپەيدى ئالۋاڭ،
ئالۋاڭنى ئۈزىمىز،دىھقان بىز گالۋاڭ،
بەزلەيدۇ،ئاكىمىز،بولدى ۋايسىماڭ،
باشقىلار قۇم سانار،سىزلەر تاش ساناڭ،
تاش ساناپ تاشتەك قۇرۇپ كەتكەن بىز،

تىريمىز ھەر يىلى،بۇغداي- قوناق-ماش،
سەي-كۆكتات، لازا ھەم-شوخلا كۆك ئوتياش،
بىز شۇنداق سىخى،مۆئمىنگە قاياش،
بولدى قىل،شىلغىلى گۆشىمۈ يوق ئاداش،
ئورۇقلاپ،شالاقلاپ چۇۋۇق ھالىمىز،
 
ئەتتىگەندە كەنىتتە مەجلىس ئاچىدۇ،
سىكىرتار-دادۈيجاڭ شالىنى چاچىدۇ،
بوغالتىر گەدەنگە ھىساپ قوشىدۇ،
دەرت-ئەلەم يۈرەككە لىقلا توشىدۇ،
پۇل غىمى،ئۆي غىمى،ئويغا قالىمز،
 
ئۇلاغلار مەرىشەر سامان بەرگىن دەپ،
بالىمىز يىغلايدۇ،كيىم پۇلى دەپ،
باشلىقلار تويمايدۇ ھەققىمىزنى يەپ،
يۇقۇرنىڭ ياردىمى بىزگە بەرمەس نەپ،
پۇل ئالماي ھۆججەتكە ئىمزا قويىمىز،
 
تاڭىدۇ، بىزلەرگە توخۇ-چۈجىنى،
قاغا چوقۇيدۇ چۈجە كۆزىنى،
قىسۋالدى مەركەزنىڭ بەرگەن تۇزىنى،
يورۇق قىلىمىز كەنىت يۈزىنى،
دەرمان يوق -ئارماندا ياشاۋاتىمىز،
 
تىراكتۇر باشلقنىڭ،ئۇرۇقلۇقمۇ ھەم،
سۇلىياۋمۇ شۇنىڭكى ،دىگىنى-دىگەن،
بىرمو يەر يەتتەپۇڭ،ئاشقىنى ئىرىق ۋە تىگەن،
ئەمەلدار دىھقاننىڭ ھەققىنى يىگەن،
شۇندىمۇ شۈكىرى قىپ كىتپ بارىمىز،
 
مەركەز ئاچتى شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى،
مۇزاكىردە قىلدىغۇ دىھقان غىمىنى،
خوش بولدۇق ئاڭلاپ يىغىن روھىنى،
شاتلىققا تولسۇن دىھقان سورۇنى،
پارتىيە-ھۆكۈمەت باش پاناھىمىز،
 
ياشغىن پارتىيەم،گۈللىگىن جوڭگۇ،
دىھقاننىڭ قەلبىدە ئەبەدى -مەڭگۈ،
سەن بولغاچ دىھقىنىڭ شوخ ياشايدىغۇ،
نائەھلى-ھارامخور زىندانغا سولاندىغۇ،
سەھەردىكى قۇياشتەك پارلاۋاتىمز،
 
مەنبە؛كەنتىم  ،،يەكەن،،،بوران114





دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6326
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 227
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە227دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 2430 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-01
ئاخىرقى: 2012-03-28

بىزنىڭ  مەھەللىدىكى  جامائەتلەرنىڭ  كوڭلىدىكى  گەپلەر  ئىكەن ،،  ئوبدان يېزىپسىز ،، رەھمەت سىزگە
سەھرانى سۆيىمەن!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5001
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1018
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1018دانە
ئۆسۈش: 2360 %
مۇنبەر پۇلى: 7298 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-19
ئاخىرقى: 2012-03-28
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-11 18:01

نېمە دەي؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟بوران114 :پىكرىڭىزنى قوللاشقا بولىدۇ.مەن مۇنبەردە خېلى بولدى شېئىر توغرۇلۇق سۆزلەۋاتقىلى.سىزگىمۇ شۇ گەپنى دەي. مۇخەممەس ئەنئەنىۋى شېئىرلىرىمىزنىڭ يېزىش بىر قەدەر تەس بولغان،ئاپتۇردىن تىلغا بايلىقنى تەلەپ قىلىدىغان،غەزەل ژانىرى بىلەن بەھىر ،ۋەزىن جەھەتتە ئوخشاش بولغان بىر تۈرى. بەھىرلەرگە دىققەت قىلالمىغان بولسىڭىزمۇ مۇخەممەسنىڭ قاپىيىسىگە دىققەت قىلغان بولسىڭىز بىرقەدەر ياخشى چىققان بولاتتى.
مۇخەممەس تۆۋەندىكى شەكىلدە يېزىلىدۇ:
ئا،
ئا،
ئا،
ئا،
ئا.
بىرىنجى كوپلىتى چۇقۇم مۇشۇنداق يېزىلىشى كېرەك. سىزنىڭ بىرىنجى كوپلىتتىكى قاپىيە بوپتۇ.قالغان كوپلىتلىرى
ب،
ب،
ب،
ب،
ئا.

س،
س،
س،
س،
ئا.
مانا بۇنداق داۋاملىشىدۇ.بۇندىن كېيىن بارلىق مۇنبەرداشلار دىققەت قىلىپ ،مۇنبىرىمىزنىڭ باشقا مۇنبەرلەر نىڭ كەينىدە قالماسلىقى ئۈچۈن تىرىشايلى!!!!!!!!!
[ بۇ يازمىنىتاش 2011-05-11 21:54قايتا تەھرىرلىدى ]
باھالاش خاتىرىسى:
  • مۇنبەر پۇلى:+2(general) ئەستايىدىل ي ..
  • 1.يولۋاس يولۋاسنى يېمەيدۇ،پەقەت ئادەملا ئادەم بىلەن ئۆزىنى سەمرىتىدۇ. _تاگور
    2.ئۆزىنى ئىپادىلىيەلمىگەن كىشى قۇل دېمەكتۇر._ئا.مۇھەممەتئىمىن
    سەھرانى سۆيىمەن!
    دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5001
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 1018
    ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1018دانە
    ئۆسۈش: 2360 %
    مۇنبەر پۇلى: 7298 سوم
    تۆھپىسى: 2 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-12-19
    ئاخىرقى: 2012-03-28
    3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-11 18:07

    مەنمۇ بىر ئۆگەنگۈچى. شۇنداقتىمۇ بىر پارچە شېئىرىمنى مىسال كەلتۈرەي ،ھېچ بولمىسا قاپىيىگە دىققەت قىلىشىمىزغا پايدىسى بولار:
    ئىشەندۇققۇ بەزىدە باخشى،داخان، رەمچىگە،
    ئايانماستىن بارنى تۆكتۇق يۈزسىز قېرى دەللىگە،
    ئاچچىق ساۋاق بەردى ھايات يەتمەك بولساق پەللىگە،
    كىسەل تارتساق سەۋەپ قىلماي،گۇناھ ئارتتۇق تەڭرىگە،
    ئەجەپ موھتاج بولۇپ قالدۇق"قوتورلۇق"تىن رەندىگە.


    نېمە بولدى بىلمىدىم،تۇققان تۇرۇپ ياتلاشتۇق،
    بىرىمىزنى بىرىمىز چاقتۇق ياكى دادلاشتۇق،
    يېنىپ ھەسەت ئوتلىرى كۆرەلمىدۇق،قەستلەشتۇق،
    شۇ سەۋەپتىن ئۆزگىلەر ئالدىدا ھەم پەستلەشتۇق،
    ئادىمىيلىك،غۇرۇرنى قويىۋەتتۇق رەنىگە.


    قان-قېرىنداش مىراس دەپ ،خوراز كەبى چوقۇشتۇق،
    كۆكلەپ قالسا بىراۋلار ئۈستىدىن گەپ توقۇشتۇق،
    چوڭ ئىشلارغا كۆز يۇمۇپ ،كىچىك ئىشقا سوقۇشتۇق،
    قالدى مىللىي ئەنئەنە،"غەرب"بىلەن تۇنۇشتۇق،
    شەرمىي-ھايا ئەخلەقنى تۇتىۋەتتۇق رەندىگە.


    ئۆگەندۇق بىز تاماكۇ،خىروئىنغا ھەم ئاققا،
    چىلىشىپمۇ قالدۇق ھەم چىۋىن كەبى ھاراققا،
    مەستلىك بىلەن تۇتۇلدۇق نەچچە قېتىم تاياققا،
    ھەم بەزىدە كىرىمىز نامۇۋاپىق ياتاققا،
    شۇڭا نۇرغۇن كىسەلنىڭ قۇلى بولدۇق مەيلىگە.

    .........................
    1.يولۋاس يولۋاسنى يېمەيدۇ،پەقەت ئادەملا ئادەم بىلەن ئۆزىنى سەمرىتىدۇ. _تاگور
    2.ئۆزىنى ئىپادىلىيەلمىگەن كىشى قۇل دېمەكتۇر._ئا.مۇھەممەتئىمىن
    دوستلىشىش
    天山的野花
    بىلمەسلىكتىن قورقىما،تىرىشماسلىقتىن قورق!
    دەرىجە: رەسمىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6963
    جىنسى : ئايال (قىزچاق)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 253
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە253دانە
    ئۆسۈش: 1010 %
    مۇنبەر پۇلى: 3555 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-04-08
    ئاخىرقى: 2012-03-29
    4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-16 08:30

    ئەسلىى شائېرلار بۇ يەردە ئىكەن ئەمەسمۇ،تېخىمۇ تىرىشىڭلار