باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1274 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئۈچ مىكىياننى يىللىق باھالاش
دوستلىشىش
samanyoli
شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇكى،،،،،،،،،،،،،،
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5487
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1706
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1706دانە
ئۆسۈش: 7950 %
مۇنبەر پۇلى: 22707 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-05
ئاخىرقى: 2012-03-28
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-10 15:11

ئۈچ مىكىياننى يىللىق باھالاش

يەنە يىللىق خىزمەت باھالاش ۋاقتى باشلاندى. كاتەكلەر ئىچىدىكى بىر كاتەكنىڭ خوجىسى بولغان خوراز تەۋەلىكىدىكى مۇئاۋىن ۋەزىپىدىكى خورازلاردىن تەشكىللەنگەن «مىكيانلارنى يىللىق باھالاش رەھبەرلىك گورۇپپىسى»نى قۇرۇپ چىقتى. رەھبەرلىك گورۇپپىنىڭ باشلىقلىقىنى خوجىدار خوراز، مۇئاۋىن باشلىقلىقىنى مۇئاۋىن خوجىدار خوراز ۋە سىياسى ئىشلارغا مەسئۇل خوراز ئۈستىگە ئالدى. ئەزالىرى بولسا مۇئاۋىن خوجىدارنىڭ مۇئاۋىن خوجىدار خورازلىرى ئۈستىگە ئېلىشتى. ( چۈنكى بۇ كاتەكتە بارى يوقى ئۈچ مىكيان، ئوخشاشمىغان ۋەزىپىدىكى رەھبەر خورازدىن ئالتە يەتتىسى بار ئىدى) يىللىق باھالاشقا رەھبەرلىك قىلىش گورۇپپىسىدىكىلەر يىغىن ئاچتى، يىغىنغا خوجىدار خوراز رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇنداق پىكىرگە كىلىشتى.
سېرىق مەللەك مىكيان:--- بۇ يىلدا گەرچە يىل بۇيى بىر دانىمۇ تۇخۇم تۇغمىغان بولسىمۇ، لىكىن بەزى ئەتىگىنى تاساددىپى ۋاق تۇرۇپ قالغىنىمدا، (ھەتتا بارلىق چۆجىلەر ئىشقا كىرشىپ بولغاندا) ئاكتىپلىق بىلەن ماڭا ۋاكالىتەن بىر نەچچە قېتىم ئۈنلۈك قىچقىرىپ مىنى ئويغۇتۇپ قويدى، مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ كۈندىلىك خىزمەتلەرگە ئاتلىنىپ بولغۇچە، مەن خىزمەت قىلدىغان ئورۇننى پاكىز تازلاپ، مىنى ئىسسىق سۇ بىلەن تەمىنلەپ، ماڭا بىر كۈن پاكىز مۇھىتتا خىزمەت قىلىش شارائىتى ھازىرلاپ بەردى. يەنە تېخى بۇ يىل چاغاندا ئائىلەمگە بېرىپ تۇققان يوقلايمەن دەپ 45 كۈن رۇخسەت سوراپ، دەل 44 كۈن بولغاندا قايتىپ كىلىپ ئەسلىدىكى ۋاقىتتىن بىر كۈن بۇرۇن ئىشقا چىقتى. شۇڭا بۇ مىكيان ئىلغار بۇلۇپ سايلىنىدۇ.
قارا مىكيان:--- بۇ يىللىق تۇخۇم تۇغۇش خىزمىتىدە گەرچە ياخشى تۇخۇملارنى تۇغالمىغان بولسىمۇ، لىكىن ناچار تۇخۇملارنى تۇغۇپ باقمىدى. ئۇ ھەر كۈنى باشقا مىكيانلار دان ئىزلەپ چىقىپ كەتكەن ۋاقتتىمۇ، خىزمەت تۈزۈمىگە ئاڭلىق بويسۇنۇپ، كاتەكتىن ئايرىلماي، كاتەكتە ياخشى گۈزەتچىلىك قىلىپ، كۈن بۇيى تورغا چىقىپ، يىراقتىكى تۇققانلىرى بىلەن كۆرشۈپ، تۇققان يوقلاش ئۈچۈن رۇخسەت سورىماي، خىزمەتكە تەسىر يەتكۈزمىدى. ھەم سىرتتا دان ئىزدەپ، چۆجە باقىمەن دەپ ئاۋارە بولماي، ھەر ۋاقىت ئوبرازىغا تەسىر يەتكۈزمەي، تاجىسىنى قىزارتىپ، تىرناقلىرىنى چىرايلىق ياساپ، پەيلىرىنى پارقىرتىپ يۈردى. قاچان ئىزدەپ كەلسەم شۇ ۋاقىتتا كاتەكتە «ھازىر» بولدى. شۇڭا بۇ مىكيان ئىلغار بۇلۇپ سايلىنىدۇ.
يۇقۇردىن بىزگە بىر نەپەر مىكياننى مەجبۇرى لاياقەتسىز سايلاش ۋەزىپىسى چۈشۈردى. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا بىز چار مىكياننى تەپسىلىراق باھالاپ باقايلى--- دەپ يانچۇق خاتىرسىنى قۇلغا ئالدى.
چار مىكيان:-- بۇ يىل جەمئى 363 دانە تۇخۇم تۇغدى. لىكىن ئايرىم- ئايرىم ھالدا 2- ئاينىڭ 1- كۈنى، 5-ئاينىڭ 6- كۈنى، 10- ئاينىڭ 11- كۈنى كەنجى چۈجىسىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى باھانە قىلىپ، دوختۇرخانىغا ئالدىراپ، ئۈچ دانە يۇمشاق شاكاللىق تۇخۇم تۇغدى. مەزكور مىكيان تېخى ھەر قېتىم تۇخۇم تۇققاندىن كىيىن ئۆزىچە يۇغان ئىش قىلدىم دەپ ئويلامدۇ قانداق ؟!كاتەكنى بېشىغا كىيىپ، « قى قىق قىق! جى جىق جىق » دەپ مەغرۇرلىنىدۇ. بۇ تەكەببۇرلۇقنىڭ ئىپادىسى بولماي نىمە؟! بۇندىن كىين دىققەت قىلشى كېرەك. بۇلۇپمۇ ئۆتكەن يىلى 12- ئاينىڭ 25- كۈنى ھېلىقى كىسەلچان كەنجى چۆجىسىنىڭ ۋاپاتىنى دەپ مەندىن رۇخسەت سورىماي بىر كۈن كاتەككە كەلمىدى. ئەتسى يۇقۇرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر كاتىكىمىزگە كىلىپ، تۇخۇم تۇغۇش ۋە ئارخىپلارنى ئىشلەش خىزمىتىمىزنى تەكشۈرۈپ كەلگەن ئىدى. ئۇنىڭ قۇلدا «مىكيانلارنىڭ قۇشۇن قۇرلۇشى» دىگەن مۇھىم ئارخىپ بار بۇلۇپ،  مەزكور مىكياننىڭ شۇ كۈندىكى ئىپادىسى ئىنتايىن ناچار، كەيپىياتى ياخشى ئەمەس، يۇقۇردىن تەكشۈرۈش كەلگەندە فورما كىيىپ كىلىش تەكتلىنىپ تۇرسىمۇ چۆجىسىنىڭ ۋاپاتىنى دەپ، ھازدارنىڭ كىيىمنى كىيىپ، رەڭگى رويىنى سارغايتىپ،پەيلىرى پۇرلاش كاتەككە كىلىپ ، رەھبەرلەرنىڭ ئالدىدا يۈزىمىزنى تۆكتى. شۇڭا بۇ مىكيان يۇقارقى سەۋەبلىرى تۈپەيلى لايەقەتسىز بۇلۇپ، باھالىنىپ، ئىككى يىلغىچە 13- ئايلىق يەم خەشىكى بېرىلمەيدۇ. ھەم ئىككى يىلغىچە مۇنەۋەر مىكيان بۇلۇپ باھالىنىش سالاھيىتى بىكار قىلىندۇ.
ئاخىرى بۇ يىللىق باھالاش ئەنە شۇنداق ئاخىرلىشىپ، ھېلىقى تۇغۇمچان بىچار چار مىكيان « لاياقەتسىز» بۇلۇپ باھالاندى.

«روشەنگۈل ئەركىن» ۋە «ئابدۇرېھىم ھۈسەن» تەرجىمىسى
« ئاقسۇ گېزىتى»نىڭ 2009- يىلى 11- مارتتىكى سانىدىن ئېلىندى
دوستلىشىش
كاپىتان
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7316
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 10
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە10دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 100 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-10
ئاخىرقى: 2011-05-12

چوڭقۇر مەنىلىك ئېسىل ئەسەركەن~~~ھەقىقەتەت ياخشى يېزىپتۇ!!!

تېما ئىگىسىگە رەخمەت.
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6326
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 241
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە241دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 2430 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-01
ئاخىرقى: 2012-03-28
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-10 20:55

ياخشى ئەسەركەن
شۈكرى.اللە
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6386
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1408
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1408دانە
ئۆسۈش: 1190 %
مۇنبەر پۇلى: 14963 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-05
ئاخىرقى: 2012-03-09
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-11 01:33

قىززىق گەپكەن
اللە خالىسا بۇ ئۈممەت ئۆزى يوقاتقان ئىززەتنى ئۆزى قايتۇرىۋالىدۇ
سەھرانى سۆيىمەن!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5001
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 564
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە564دانە
ئۆسۈش: 2360 %
مۇنبەر پۇلى: 7298 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-19
ئاخىرقى: 2012-03-20
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-11 18:13

بۇنداق ئەسەرلەرنى داۋاملىق قارشى ئالىمىز!!!!!!!!!!
1.يولۋاس يولۋاسنى يېمەيدۇ،پەقەت ئادەملا ئادەم بىلەن ئۆزىنى سەمرىتىدۇ. _تاگور
2.ئۆزىنى ئىپادىلىيەلمىگەن كىشى قۇل دېمەكتۇر._ئا.مۇھەممەتئىمىن