دۇنيادا ياشاش سەن ئۆز-ئۆزۇڭگە بىر تايانچا ، 
          ئەگەر چىقساڭ توغرا يولدىن ھەمرا بولۇر ساڭا بۇزۇقچا. 
          ھايات لەززىتى:غايە ،ئۇمىد،قىزىقىش بولمسا سەندە ، 
          قۇرۇپ تۆكۇلگەن غازاڭ ئىچىدە پەقەت سەن بىر ياپراقچا.   
       
        ئىنسان ياشايدۇ ھاياتتا،نۇرغۇن جەۋرى-جاپا تارتىپ، 
        ئەگەر قىلسا ئەجىر باردۇر،ئاللاھنى ئۆزىگە تارتىپ. 
        ۋاي-ھالىكىم!بۇنى بىلسە بىزنىڭ نادان خەلىقىمىز، 
        ياشار ئىدى بىر ئۆمۇر جەننەتكە ئۇمۇد تارتىپ. 
       قىزلار گۇزەل ھايا بىلەن ، 
      ئىنسان گۇزەل پاكلىق بىلەن . 
      ئائىلە گۇزەل ئىناقلىق  بىلەن، 
      دۇنيا گۇزەل مېھر-مۇھابەت بىلەن. 
      
     سەن بەرمىسەڭ ئەقىلنى ماڭا ، 
     بىلەلمەيتىم قەدىرىڭنى ئاللاھ. 
     سەن بەرگەچكە ئەقىلنى ماڭا ، 
     بىلەلىدىم مەۋجۇتلىقىڭنى مانا.