ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار!
ئاخبارات-ئۇچۇر تورلاشقان ، كومپىيوتۇرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ جاھاننىڭ ھەممە يېڭىلىقىدىن خەۋەردار بولغىلى بولىدىغان بۈگۈنكى كۈندە، جىنىس رىكوتى ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئانچە ھەيران قالارلىق ئىش بولمىسا كىرەك . لىكىن دىيارىمىزدىن چىققان جىنىس رىكوتى ۋە جىنىس رىكوتى ئەزىمەتلىرى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار ناھايىتى بەك ئاز . خەلقارا ۋە دۆلىتىمىزدە بۇ تۇغرولۇق قامۇس ، تور ئۇچۇرلىرى خېلى مۇكەممەل. مەسلەن < بەيدۇ ، گوگىل> دىگەندەك تورلاردىن،خالىغان جىنىس رىكورتى ئۇچۇرنى كىرگۈسىڭىزلا مۇناسىۋەتلىك ھەممە ئۇچۇرنى تاپقىلى بولىدۇ . بەلكىم بۇ
بىزدە يېڭى بىر باشلىنىش بولسا كىرەك!
مۇنبەرداشلار ئۆزلىرى بىلىدىغان دىيارىمىز جىنىس رىكورىتلىرىنى يازسا ، بەلكىم بىرەر قامۇس مۇنبەردىلا شەكىللىنىپ قېلىشى مۇمكىن! بۇنىڭدىن كىيىنكى ئۇيغۇر جىنىس رىكوتى ھەققىدە بىر باشلىنىش بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس. مەن ئۆزۈمدىن باشلاي:
2005-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى سەمەت ئىمىن ئىگىزلىكى 16.16مىتىر ،ئېغىرلىقى 63كىلوگىرام كىلىدىغان پولاتتىن ياسالغان ئىگىزلەتكۈچتە مېڭىپ جىنىس رىكوتى ياراتتى.