توك دەزمىلىنى ئۇزاق ۋاقىت ئىشلەتكەندە ئاستىنقى قىسمىدا بىر قەۋەت كۈيۈپ كەتكەن دات پەيدا بولۇپ قالىدۇ. توك دەزمىلىنى توكتىن ئېلىۋىتىپ سۇۋۇتقاندىن كىيىن ،ئاستىنقى قىسمىغا ئازراق چىش پاستىسى سۈركەپ،ئاندىن يۇمشاق ،پاكىز لۆڭگىدە يېنىك سۈرۈتسە،كۈيۈك دېتى شۇ ھامان چىقىپ كېتىدۇ.
قول چېراغنىڭ نۇر قايتۇرۇش ئەينىكى ۋاقىت ئۇزارغانسېرى قارىيىپ كېتىدۇ،داكىغا چىش پاستىسىدىن ئازراق تەككۈزۈپ يىنىك سۈرۈتسە ،نۇر قايتۇرۇش ئەينىكى پارقىراپ يېڭى پېتىگە كىلىدۇ.
كىيىم ئىشكاپنىڭ ئەينىكى داغ بولۇپ قالسا ،تىۋىتلىق رەخ پارچىسىغا ئازراق چىش پاستىسى ئىشلىتىپ سۈرۈتسە ،داغ شۇ ھامان چىقىپ كېتىدۇ.
يۇمشاق داكىغا ئازراق چىش پاستىسىنى تەككۈزۈپ چاي دېغى چۈكۈپ قالغان ئىستىكاننى ئېيىتسا ،چاي دېغى تىزلام چىكىپ كىتىدۇ.
سىياھ قەلەم بىلەن خاتا يېزلىپ قالغان خەتنى ئازراق چىش پاستىسى سۇۋاپ بىرلا سۈرۈتسە،پاكىز چىقىپ كېتىدۇ.