باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 868 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: (مىسران) ئالما دەرىخى ھىكايىسى
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7289
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 7
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە7دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 112 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-08
ئاخىرقى: 2011-05-13
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-05-08 17:54

(مىسران) ئالما دەرىخى ھىكايىسى

  تۆۋەندىكى يازمىنى بىر چاغدا تور ئارلاۋىتىپ كۆرۈپ قىلىپ تەرجىمە قىلىپ قويغانىدىم.بۈگۈن ئانىلار بايرىمى ۋە كەڭساي مۇكاپاتلىق تەرجىمە ئەسەرلەر پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن يوللاپ قويدۇم.ھەرقايسىمىزنىڭ ئانىلار بايرىمىغا مۇبارەكلەر بولسۇن،ئاللاھىمدىن جېمى ئانىلارنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن،تېنىنىڭ سالامەت،كۈنلىرىنىڭ باياشات ئۆتۈشىنى تىلەيمەن!
 
   ئالما دەرىخى ھىكايسى

    بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا،بىر تۈپ ناھايىتى باراخسان ئالما دەرىخى بار ئىكەن.بىر كىچىك بالا بۇ دەرەخنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىكەن.دائىم دىگۈدەك ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئوينايدىكەن،يامىشىپ چىقىپ مىۋىلىرىنى يەيدىكەن.ئۇنىڭ سايىسىدا ئۇخلايدىكەن،بۇ ئالما دەرىخىمۇ بۇ  بالىنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىكەن.
كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن بۇ بالا چوڭ بولۇپ،دەرەخنىڭ تۈۋىدە كۆپ ئوينىمايدىغان بولۇپ قاپتۇ.بىر كۈنى بۇ بالا دەرەخ تۈۋىگە كەلگىنىدە دەرەخ سۇلغۇن ھالەتتە بالىغا :" كېلىپ مېنىڭ قىشىمدا ئوينىمامسەن ؟" دەپ سوراپتۇ."مەن ئەمدى چوڭ بولۇپ قالدىم كىچىك ئەمەسمەن،سېنىڭ قېشىڭدا جىق ئوينىيالمايمەن" دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ ۋە :"مەن باشقا ئويۇنچۇق تېپىپ ئوينىسام بولاتتى...بۇنىڭ ئۈچۈن پۇل كېرەك" دەپتۇ. "ئەپسۇس،مەندە پۇل يوق..ئەمما سەن مېنىڭ ئالمىلىرىمنى سېتىپ پۇل قىلساڭ بولىدۇ" دەپتۇ.بۇ بالا خوشاللىق بىلەن ئالمىلارنىڭ ھەممىسىنى ئۈزۈپ ساتقىلى ئېلىپ كېتىپتۇ،كېيىن ئالما ئۈزگىلىمۇ كەلمەپتۇ..بۇ دەرەخ يەنە قايغۇرۇپتۇ...
   كۈنلەرنىڭ بىرىدە بالا يەنە قايتىپ كەپتۇ.دەرەخ ناھايىتى خوش بولۇپ :"كەل...مەن بىلەن ئوينا ! " دەپتۇ. "مەن بەك ئالدىراش..ئائىلەمنى بېقىش ئۈچۈن خىزمەت قىلمىسام بولمايدۇ..مەن بىر ئۆي سېلىشىم كېرەك ياردەم قىلالامسەن ؟؟" دەپتۇ بالا..."كەچۈر مەندە ئۆي يوق،سەن مېنىڭ شاخلىرىمنى كېسىپ ئۆي سالغىن..." دەپتۇ دەرەخ.شۇنىڭ بىلەن بالا خوشاللىنىپ بۇ دەرەخنىڭ شاخلىرىنى كېسىپ ئېلىپ كىتىپ ئۆي ساپتۇ.دەرەخمۇ بالىنىڭ خۇشاللىقىدىن ھوزۇرلىنىپتۇ.ئەمما بالا شۇ پېتى يەنە كەلمەپتۇ...دەرەخ يەنىلا يالغۇز قاپتۇ..قايغۇرۇپتۇ....
ئىسسىق ياز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە بالا يەنە يېنىپ دەرەخ تۈۋىگە كەپتۇ.دەرەخ خوش بولۇپ :"كەل.. مەن بىلەن ئوينا ! " دەپتۇ."يىشىم چوڭلاپ كېتىۋاتىدۇ..بىر كېمە ئېلىپ ساياھەت قىلىپ كىلەيمىكىن دىگەن.."دەپتۇ بالا."مېنىڭ غولۇمنى كېسىپ كېمە ياسا...يىراقلارغا سەپەر قىلالايسەن.." دەپتۇ دەرەخ.شۇنىڭ بىلەن بالا دەرەخنى تۈۋىدىن كېسىپ كىمە ياساپ يىراقلارغا كېتىپتۇ....كەلمەپتۇ.....
   نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن بۇ بالا ئاخىرى قايتىپ كەپتۇ."كەچۈر بالام..مېنىڭ ساڭا بەرگۈدەك ئالمىلىرىم قالمىدى.." دەپتۇ دەرەخ كۆتىگى."ئالمىلىرىڭنى يىگۈدەك چىشلىرىم قالمىدى..." دەپتۇ بالا مەيۈسلىنىپ.."سەن يامىشىپ ئوينايدىغان شاخلىرىممۇ قالمىدى.." دەپتۇ دەرەخ.."قېرىپ كەتتىم،مەن يامىشالمايمەن.." دەپتۇ بالا خۇرسۇنۇپ... "مېنىڭ ساڭا بەرگۈدەك ھېچنىمەم قالمىدى..ئەمدى پەقەت مۇشۇ قۇرۇشۇپ قالغان كۆتىگىم قالدى.." دەپتۇ دەرەخ ياشلىرىنى تۇتالماي.."ماڭا ئەمدى ھېچنىمەڭ لازىم ئەمەس...مەن ئارام ئالغۇدەك يەر بولسىلا بولاتتى" دەپتۇ بالا."ياخشى... ئەمىسە كېلىپ مۇشۇ كۆتىكىمدە ئولتۇرۇپ ئارام ئال" دەپتۇ دەرەخ...
بالا كۆتەكتە ئولتۇرۇپتۇ...كۈلۈمسىرەپ تۇرغان مەڭزىدىن ئىسسىق ياشلار ئېقىپتۇ..

''تەرجىمە ئەسەر،ئاپتورى نامالۇم.خەنزۇچە نامى 苹果树的故事''
 
    بۇ بىر ھېكايە خالاس،دەرەخ بولسا بىزنىڭ ئاتا-ئانىمىز...بىز كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا ئاتا-ئانىمىز بىلەن ئوينايمىز.. ئەمما چوڭ بولغاندا ئۇلاردىن ئايرىلىپ كېتىمىز.بىرەر نەرسىگە ئېھتىياجىمىز چۇشكەندە ياكى قىيىن مەسىلىلەرگە يولۇققاندىلا ئۇلارنى ئىزدەيمىز.شۇبھىسىزكى ئاتا-ئانىلىرىمىز بىزدىن ھېچنىمىسىنى ئايىمايدۇ،بىز بەلكىم يۇقۇرقى قىسقا ھېكايىدىكى بالا دەرەخكە رەھىمسىزلىك قىپتۇ...دىيىشىمىز مۇمكىن.ئەمما ئاتا-ئانىمىزغا بىز قانداق مۇئامىلە قىلىۋاتىمىز؟!
[ بۇ يازمىنىمىسران 2011-05-08 18:12قايتا تەھرىرلىدى ]
دوستلىشىش
تۇمارىس
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7298
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە2دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 20 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-08
ئاخىرقى: 2011-05-08
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-05-08 21:18

مەن بۇ يازمىنى بۇلتۇر ئىچكى توردا بىر ئاكىمىزنىڭ سۈرەت بىلەن بىرگە قوشۇپ تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قويغىنىنى كۆرگەن ئىدىم. شۇ ۋاقىتتىلا شۇنداق تەسىر قىلغان.  ياخشى تەرجىمە قىلىپسىز... توغرا ئاتا- ئانا پەرزەنت ئۈچۈن تۈگىمەس مېھىر بۇلىقى! مەيلى قەيەردە، مەيلى كىم بولايلى ئاتا- ئانىمىزنى قەدىرلەيلى! بۈگۈنكى بارلىق ئۇلۇغ ئانىلارنىڭ بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن!